شېرىك قانداق بولىدۇ؟

شېرىك قانداق بولىدۇ؟

شېرىك قانداق بولىدۇ؟ قۇرئان كەرىمدە يەھۇدى خىرىستىيانلار ’’ ئەھلى كىتاپ‘‘ دەپ تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ نېمىشقا ’’مۈشرىك‘‘ ھېساپلىنىدۇ؟

  تەشرى ھەققى يەنى دىننىڭ ئەمرى ۋە چەكلىمىرىنى بىلدۈرۈش ھەققى يالغۇز ئاللاھقا مەخسۇس ۋە ھالال ھارامنى تەيىن قىلىش نۇپۇزى پەقەتلا ئۇنىڭغا ئائىت بولسىمۇ، يەھۇدى ۋە خىرىستىيانلارنىڭ ئەھبار ۋە روھبانلىرى ھالال ۋە ھارامنى ئۆزلىرى تەسبىت قىلغانلىقى سەۋەبىدىن ئاللاھقا رەب ئىسمىغا شېرىك قوشقان بولىدۇ. ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگىمۇ ئۇ ئەھبار(يەھۇدى ئالىمى) ۋە روھبانلىرى(خىرىستيان ئالىمى)نىڭ ھالال قىلغانلىرىنى ھالال، ھارام قىلغانلىرىنى ھارام قوبۇل قىلىپ ئىشەنگەچكە مۈشرىك بولغان بولىدۇ. جانابى ھەق ئۇلارنىڭ بۇ شېرىك قوشۇشلىرىنى تۆۋەندىكچە بايان قىلماقتا:

اتَّخَذُواْ أَحْبَارَهُمْ وَرُهْبَانَهُمْ أَرْبَابًا مِّن دُونِ اللّهِ وَالْمَسِيحَ ابْنَ مَرْيَمَ وَمَا أُمِرُواْ إِلاَّ

لِيَعْبُدُواْ إِلَهًا وَاحِدًا لاَّ إِلَهَ إِلاَّ هُوَ سُبْحَانَهُ عَمَّا يُشْرِكُونَ

  ”يەھۇدىلار ئاللاھنى تاشلاپ ھاھاملىرىنى، خىرىستىيانلارمۇ راھىپلىرىنى ۋە مەريەم ئوغلى ئىيسانى رەبلىرى قىلىۋالدى. ھالبۇكى، ئۇلارغا يىگانە ئىلاھقا ئىبادەت ۋە قۇللۇق قىلىشلىرى ئەمىر قىلىنغانتى. ئۇنىڭدىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر. ئۇ بۇلارنىڭ شېرىك قوشقان نەرسىلىرىدىن مۇنەززەھتۇر(پاكتۇر).“ (تەۋبە سۈرىسى9 :30-31 )

بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرى ھەققىدە شۇنداق بىر ھەدىسمۇ مەۋجۇتتۇر:

  ئىمام ئەھمەد ۋە تىرمىزى ۋە ئىبنى جەرىرى تەبەرى، ئادىي بىن خاتەم (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ)دىن رىۋايەت قىلدىكى: ” ئادىي بىن خاتەم رەسۇلۇللاھ(سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم)نىڭ يېنىغا بوينىدا كۆمۈشتىن بىر كىرىس ئاسقان ھالدا كىرىپ كەلدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ئۇ پەيىتتە:

اتَّخَذُواْأَحْبَارَهُمْ وَرُهْبَانَهُمْ أَرْبَابًا مِّن دُونِ اللّهِ

’’يەھۇدىلار ئاللاھنى تاشلاپ ھاھاملىرىنى، خىرىستىيانلارمۇ رەبلىرىنى ۋە مەريەم ئوغلى ئىيسانى رەبلىرى قىلىۋالدى.“ ئايىتىنى ئوقۇۋاتاتتىئادىي دىدىكى رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامغا: ئۇلار ئەھبار ۋە روھبانلىرىغا ئىبادەت قىلمايدۇ. دىدىم. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام: شۇنداق، ئىبادەت قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ ئەھبار ۋە روھبانلارغا ئىتتىبا قىلىدۇ يەنى ئەگىشىدۇ.  دېمەك ئۇلارنىڭ بۇلارغا ئىبادەتلىرى مۇشۇنداقتۇر دىدى.

  بۇ ئايىتى كەرىمە ۋە ھەدسى نەبەۋىنىڭ ئىپادىسى بىلەن ئەھبار ۋە روھبانلار تەۋرات ۋە ئىنجىلنىڭ ئەھكامىغا مۇخالىپ ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن ۋە خەلىقنىڭمۇ بۇ نوقتىدا ئۇلارغا ئىتتىبا قىلىپ ئەگىشىشى بىلەن ئاللاھنىڭ ئۇلۇھىيەت، رۇبۇبىيەت ۋە ھاكىمىيەتكە ئوخشاش سۈپەتلىرىگە شېرىك قوشقان بولىدۇ. نىتەكىم، ئايىتى كەرىمىنىڭ ئاخىرى ’’ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك قوشقان نەرسىلىرىدىن پاكتۇر.‘‘ ئىپادىسى بىلەن ئۇلارنىڭ مۈشرىك بولغانلىقىنى ئىپادە قىلىدۇ.

  ھەرقانچە قىلغان تەقدىردىمۇ يەھۇدى ۋە خىرىستىيانلار دۇنيالىق بەزى مۇئامىلىلەر جەھەتىدىن ئەھلى كىتاپ ھېساپلانسىمۇ، ئېتىقاد ۋە ئاخىرەتلىك مۇئامىلىلەر جەھەتىدىن قۇرئاننىڭ نەزىرىدە مۈشرىك قوبۇل قىلىنغاندۇر. بۇ سەۋەپ تۈپەيلى ئاللاھ جەللە جەلالۇھۇ بىر قانچىلىغان ئايەتتە ئەھلى كىتاپنى ئىمان ۋە تەۋھىتكە دەۋەت قىلىدۇ.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.