ئىككىنچى مىسال: باشتا بۇخارى، مۇسلىم، سەھىھ كىتابلار سەھىھ نەقىل بىلەن خەۋەر بېرىدۇكى، ھەزرەتى جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ ئەنسارى بايان قىلىدۇ: «بىز مىڭ بەشيۈز كىشى، ھۇدەيبىيە غازىتىدا ئۇسساپ كەتتۇق. رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام قىربا دېيىلىدىغان تېرىدىن قىلىنغان بىر تۇلۇم سۇدىن تاھارەت ئالدى، ئاندىن قولىنى ئىچىگە تىقتى. كۆردۈمكى بارماقلىرىدىن بۇلاقتەك سۇ ئېقىۋاتاتتى. مىڭ بەشيۈز ئادەم ئىچىپ، تۇلۇملىرىنى ئۇ قىربادىن تولدۇرۇۋېلىشتى.» سالىم ئىبنى ئەبى جائدە جابىردىن: «قانچە كىشى ئىدىڭلار؟» دەپ سورىغاندا، جابىر: «يۈزمىڭ كىشى بولغان تەقدىردىمۇ يېتەتتى، ئەمما بىز ئونبەش يۈز (يەنى مىڭ بەشيۈز) ئىدۇق.» دېگەن. مانا شۇ ئوچۇق مۆجىزىنىڭ راۋىلىرى مەنەن مىڭ بەشيۈز قەدەردۇر. چۈنكى ئىنساننىڭ فىترەتىدە يالغانغا يالغان دەيدىغان بىر مايىللىق بار. ساھابىلەر بولسا، راستچىللىق ۋە توغرىلىق ئۈچۈن جان ۋە مېلىنى، ئاتا–ئانىلىرىنى، ھەمدە قەۋم ۋە قەبىلىلىرىنى پىدا قىلىپ، راستچىللىق ۋە ھەق ئۈچۈن پىدائىي بولغان تۇرۇقلۇق؛ ھەم «مەندىن، بىلىپ تۇرۇپ يالغان بىر ئىشنى خەۋەر بەرگەن ئادەم جەھەننەم ئوتىدىن جايىنى ھازىرلىسۇن!» مەنىسىدىكى ھەدىسى شەرىفنىڭ تەھدىدىگە قارشى، يالغاننى كۆرۈپ تۇرۇپ سۈكۈت قىلىشلىرى مۇمكىن ئەمەستۇر. مادەم سۈكۈت قىلدى؛ دېمەك ئۇ خەۋەرنى قوبۇل قىلدى ۋە مەنە جەھەتتىن ئىشتىراك قىلىپ تەستىق قىلدى دېگەنلىكتۇر