قۇرئان نېمىنى تەلىم بىرىدۇ؟
” راھمانى زۈلجامال، ئىنسانغا قۇرئاندىن تەلىم بەردى. قۇرئان بولسا، باشتا تەۋھىد ۋە ھاشىر جىسمانى بىلەن بىرلكتە باشقا ئىماننىڭ رۈكۈنلىرىنى ۋە ئىسلامىيەتنىڭ ئاساسلىرىنى، كائىناتنىڭ ئىلاھى ئىسىملارغا قانداق ئەينەك بولىدىغانلىقىنى، كائىنات تىلىسىم–سىرلىرىدىن ۋە ئالەملەرنىڭ يارىتىلىش مۇئامما–مەخپىيەتلىكلىرىدىن بولغان: « كائىنات ۋە ئىنسان دېگەن نېمە؟ قەيەردى كىلىپ قەيەرگە كىتىپ بارىدۇ؟ ۋەزىپىسى نېمە؟» دېگەندەك سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى، ئىنسانلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەت سائادىتىگە تۈرىتكە بولىدىغان ۋە ھوقۇقۇللاھ يەنى ئاللاھ ھەق–ھوقۇقىنى ۋە ھوقۇقى ئىباد يەنى قۇل ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلاھى ئەھكاملارنى بىرلىكتە تەلىم بېرىۋاتىدۇ. “
سوئال: « پۈتۈن ساماۋى كىتاپلار ئىچىدە، قۇرئاننىڭ ۋەجھى تەھسىسى يەنى خاسلاشتۇرۇش سەۋەبى نېمە؟»
ئەلجاۋاب: چۈنكى، كائىناتنىڭ تىلىسىم–سىرلىرىنى ۋە ئالەملەرنىڭ يارىتىلىش مۇئامما–مەخپىيەتلىكلىرىنى، ئەڭ مۈكەممەل بىر شەكىلدە كەشىپ ۋە ھەل قىلغان، باشتا تەۋھىد ۋە جىسمانى ھاشىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىماننىڭ ئەركانلىرىنى ۋە ئىسلامىيەت ئاساسلىرىنى، تەپسىلاتلىق تۈردە دەرىس بەرگەن؛ رۇبۇبىيەت دائىرىسىنىڭ كامالىتى بىلەن شۇئۇناتىنى ۋە ئۇبۇدىييەت–قۇلچىلىق دائىرىسىنىڭ ۋەزىپىلىرىنى ۋە ئەھۋاللىرىنى دەرىس بەرگەن؛ كامىل ئىبادەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى تەرىپلەپ بەرگەن؛ پۈتۈن زامانلارغا ۋە ماكانلارغا خىتاپ قىلغان؛ پۈتۈن مۇقەددەس كىتاپلارنى مەنە جەھەتىدىن ئۆز ئىچىگە ئالغان؛ ئۇ كتاپلارنىڭ بۇزۇلۇپ ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇ جەھەتتە ئۇ كىتاپلارنىڭ توغرا قىسمىنى تەستىق قىلغان؛ خاتالىقلىرىنى تەسھىھ قىلىپ تۈزەتكەن ۋە شەرىئەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان؛ قىرىق جەھەتتىن مۆجىزلىك بولغان؛ دىنى، دۇنياۋى ۋە ئاخىرەتلىك بولغان ئاساسلارنى ئۆز–ئىچىگە ئالغان؛ ۋە جىن بىلەن ئىنسانلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك سائادىتىنى غايە–نىشانى قىلغان يالغۇز مۇقەددەس كىتاپ–قۇرئاندۇر.