نەفىس ۋە مال-مۈلكىنى جانابى ﷲقا سېتىش، ھەمدە ئۇنىڭغا قۇل ۋە ئەسكەر بولۇشنى قانداق چۈشىنىمىز؟

ئالتىنچى سۆز

بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيم

﴿اِنَّ اللّهَ اشْتَرَى مِنَ الْمُؤْمِنِينَ اَنْفُسَهُمْ وَاَمْوَالَهُمْ بِاَنَّ لَهُمُ الْجَنَّةَ*

   نەفىس* ۋە مالمۈلكىنى جانابى ﷲقا سېتىش، ھەمدە ئۇنىڭغا قۇل ۋە ئەسكەر بولۇشنىڭ نەقەدەر چوڭ مەنپەئەتلىك بىر تىجارەت، نەقەدەر شەرەپلىك ئالى بىر دەرىجە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشنى خالىساڭ، شۇ تەمسىلىي ھېكايىنى ئاڭلا:

   بىر زامان بىر پادىشاھ ئۆز خەلقى ئارىسىدىن ئىككى ئەسكەرگە ھەر بىرسىگە ئامانەت قىلىپ بىردىن دېھقانچىلىق مەيدانى بېرىدۇئىچىدە زاۋۇت، ئۈسكىنە، ئات، قورال، سايمان تۈرىدىن ھەممە نەرسە باربىراق بورانچاپقۇنلۇق بىر جەڭ زامانى بولغانلىقتىن، ھېچبىر نەرسە ئورنىدا مۇقىم تۇرۇپ قالالمايدۇ، يا ھالاك بولىدۇ، يا ئۆزگىرىپ زاۋال تاپىدۇ. پادىشاھ ئۇ ئىككى ئەسكەرگە بەكمۇ يۈكسەك مەرھىمىتى بىلەن ئەڭ يېقىن ئادىمىنى ئەۋەتىپ ئىلتىپاتلىق بىر پەرمان بىلەن دېدى:

  -«قولۇڭلاردىكى ئامانىتىمنى ماڭا سېتىڭلار، بىھۇدە زايا بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن مەن مۇھاپىزەت قىلىپ بېرەي، ھەم جەڭ تۈگىگەندىن كېيىن تېخىمۇ مۇكەممەل شەكىلدە سىلەرگە قايتۇرۇپ بېرىمەن. ھەم بۇ ئامانەت خۇددى ئۆز مېلىڭلاردەك ناھايىتى چوڭ ھەق بېرىمەن. ھەم ھەر مال، ئۈسكۈنە ۋە زاۋۇتلاردىكى سايمانلارمۇ مېنىڭ نامىمدىن مېنىڭ ئىشخانىلىرىمدا قوللىنىلغاچقا ھەققى بىردىن مىڭغا چىقىدۇ، بارلىق بۇ پايدىنى سىلەرگە بېرىمەن. ھەمدە سىلەر ئاجىز ۋە پېقىرسىلەر، ئۇ چوڭ ئىشلارنىڭ چىقىملىرىنى تەمىنلىيەلمەيسىلەر، پۈتكۈل لازىمەتلىك ۋە دەسمايىلەرنى مەن ئۈستۈمگە ئالىمەن، پۈتۈن كىرىم ۋە مەنپەئەتنى سىلەرگە بېرىمەن. شۇنداقلا بۇلار ۋەزىپىدىن بوشىنىش ۋاقتىغىچە ئۆزۈڭلاردا قالىدۇ. مانا بەش جەھەتتىكى پايدا ئۈستىگە پايدا

  ئەگەر ماڭا ساتمىساڭلار، ھېلىمۇ كۆرۈپ تۇرىۋاتىسىلەركى، ھېچكىم ئۆز قولىدىكى نەرسىلىرىنى مۇھاپىزەت قىلالمايۋاتقىنىدەك، سىلەرنىڭمۇ قولۇڭلاردىن چىقىدۇ، بىھۇدە زايا بولىدۇ. ھەم ئۇ يۇقىرى ھەقتىن مەھرۇم قالىسىلەر. ھەم ئۇ نازۇك ۋە قىممەتلىك سايمانلارغا، سەزگۈر ۋە كۆپ ئىقتىدارلىق تارازىلارغا قوللىنىلىدىغان ئېسىل ماتېرىياللار ۋە مەشغۇلىيەتلەر بولمىغانلىقتىن تامامەن قەدرقىممىتىنى يوقىتىدۇ. ھەمدە تەمىنلەش ۋە مۇھاپىزەت قىلىش كۈلپىتى ئۆز بېشىڭلارغا قالىدۇ. ھەمدە ئامانەتكە خىيانەت جازاسى كۆرىسىلەر. مانا بەش جەھەتتىكى زىيان ئۈستىگە زىيان

  ئەمدى ئۇ ئامانەتنى ماڭا سېتىش بولسا، ماڭا ئەسكەر بولۇپ مېنىڭ نامىمدىن پايدىلىنىش دېمەكتۇر. نەتىجىدە ئەھمىيەتسىز ۋە باشباشتاق ئەسكەر بولۇشتىن قۇتۇلۇپ، شانلىق بىر پادىشاھنىڭ خاس، ئەركىن، يۈكسەك مەرتىۋىلىك ئەسكىرى بولىسىلەر

  ئۇلار شۇ ئىلتىپاتلىق پەرماننى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇ ئىككى ئادەمدىن ئەقلى جايىدا بولغىنى دېدى:

  –باش ئۈستىگە، مەن خۇشاللىق بىلەن ساتىمەن، پادىشاھقا مىڭ رەھمەت.

  يەنە بىرى نەفسى پىرئەۋنلاشقان، مەنمەنچى ۋە مەست يۈرىدىغان بىر ھاكاۋۇر بولغاچقا، گويا مەڭگۈ شۇ دېھقانچىلىق مەيدانىدا قالىدىغاندەك، دۇنيانىڭ زاۋال ۋە پىراقلىرىدىن خەۋىرى يوق ھالدا دېدى:

  –ياق! كىمكەن ئۇ پادىشاھ؟ مەن مۈلكۈمنى ساتمايمەن، كەيپىمنى بۇزىدىغان ئىشنى قىلمايمەن

  بىر مۇددەت ئۆتكەندىن كېيىن بىرىنچى ئادەم شۇنداق بىر مەرتىۋىگە چىقتىكى، ھەر كىم ئۇنىڭ ھالىغا تەلپۈنەتتى. پادىشاھنىڭ ئىلتىپاتىنى قازانغان ھالدا ئۇنىڭ خاس سارايلىرىدا سائادەت بىلەن ياشىدى. يەنە بىرى بولسا شۇنداق بىر ئەھۋالغا گىرىپتار بولدىكى، ھەر كىم ئۇنىڭغا ئېچىنىدۇ، ھەم «خوپ بولدىدېيىشىدۇ. چۈنكى خاتالىقىنىڭ جازاسىنى كۆرۈپ ھەم سائادىتى ۋە مۈلكى كەتكەن، ھەم جازا ۋە ئازاپ چېكىۋاتاتتى.

  ئەي ھاۋايى ھەۋەس ئىچىدىكى نەفسىم! شۇ مىسالنىڭ دۇربۇنى بىلەن ھەقىقەتنىڭ يۈزىگە قارا!

  شۇ پادىشاھ بولسا، ئەزەل ۋە ئەبەد سۇلتانى بولغان رەببىڭدۇر، ياراتقۇچىڭدۇر. ئۇ دېھقانچىلىق مەيدانى، زاۋۇتلار، سايمانلار، تارازىلار بولسا، سېنىڭ ھاياتىي دائىرەڭگە تەئەللۇق بولغان مۈلۈكلىرىڭ ۋە شۇ تەئەللۇقاتلىرىڭ ئىچىدىكى بەدەن، روھ، قەلبىڭ، ھەمدە ئۇلار ئىچىدىكى كۆز ۋە تىل، ئەقىل ۋە خىيالدەك ئىچكىسىرتقى ھېستۇيغۇلىرىڭدۇر. ئۇ پادىشاھقا ئەڭ يېقىن زات بولسا، پەيغەمبەردۇر. ئۇ پەرمان بولسا، ھىكمەتلىك قۇرئاندۇركى، شۇ مەزكۇر چوڭ تىجارەتنى ﴿اِنَّ اللّهَ اشْتَرَى مِنَ الْمُؤْمِنِينَ اَنْفُسَهُمْ وَاَمْوَالَهُمْ بِاَنَّ لَهُمُ الْجَنَّة دېگەن ئايەت بىلەن ئېلان قىلىدۇ. ئۇ دولقۇنلۇق جەڭ مەيدانى بولسا، بۇ بورانچاپقۇنلۇق دۇنيا يۈزىدۇركى، توختىماستىن ھەرىكەتتە ۋە بۇزۇلۇپ زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشتا بولۇپ، ھەر ئىنساننىڭ ئەقلىگە شۇ پىكىرنى بېرىدۇ: «ھەقىقەتەن ھەممە نەرسە قولىمىزدىن چىقىدىكەن، زاۋال تېپىپ يوقىلىدىكەن. ئەجەبا دائىمى قالدۇرۇپ باقىيلاشتۇرۇشقا چارە يوقمىدۇ؟» دەپ ئويلىنىۋاتقاندا، بىردىنلا قۇرئاننىڭ ساماۋى ساداسى ئاڭلىنىدۇ ۋە دېيىلىدۇ:

 -«ئەلۋەتتە بار، ھەمدە بەش جەھەتتە پايدىلىق بولغان راھەت ۋە ئېسىل چارىسى بار

  سوئال: ئۇ چارە نېمىدۇر؟

  جاۋاپ: ئامانەتنى ھەقىقى ئىگىسىگە ساتماق. بۇ سېتىشتا بەش جەھەتتە پايدا ئۈستىگە پايدا بار:

  بىرىنچى پايدا: فانى (ئۆتكۈنچى) مالمۈلۈك باقىيلىق قازىنىدۇ. چۈنكى قەييۇمى باقى بولغان ئۇلۇغ ﷲغا تاپشۇرۇلغان ۋە ئۇنىڭ رازىلىقى يولىدا سەرپ قىلىنغان شۇ زاۋال تاپقۇچى ئۆمۈر، باقىغا ئۆزگىرىپ باقى مېۋىلەر بېرىدۇ. ئۇ ۋاقىت، ئۆمۈر مىنۇتلىرى خۇددى ئۇرۇقلاردەك سىرتقى جەھەتتىن چىرىپ يوقىلىدۇ. بىراق باقى ئالەمدە، بەختسائادەت چېچەكلىرىنى ئاچىدۇ ۋە مېۋە بېرىدۇ. بەرزەخ (قەبىر) ئالىمىدە پارلاق، گۈزەل مەنزىرىلەر ھاسىل قىلىدۇ.

   ئىككىنچى پايدا: جەننەتتەك بىر ھەق بېرىلىدۇ.

  ئۈچىنچى پايدا: ھەر ئەزا ۋە تۇيغۇلارنىڭ قەدرقىممىتى بىردىن مىڭغا چىقىدۇ. مەسىلەن، ئەقىل بىر قورالدۇر. ئەگەر جانابى ﷲقا ساتماي، ئەكسىچە نەفس نامىدىن ئىشلەتسە، شۇنداق بىر ئازاپلىق، ئەزگۈچى، قىينايدىغان بىر قورال بولىدۇكى، ئۆتكەن زاماننىڭ قايغۇلۇق ئەلەملىرى ۋە كېلەچەك زاماننىڭ قورقۇنچلۇق ئەندىشىلىرىنى سېنىڭ بۇ بىچارە بېشىڭغا يۈكلەيدىغان زىيانداش بىر تۇيغۇ دەرىجىسىگە چۈشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئازغۇن ئادەم ئەقىلنىڭ قىيناپ ئازاپلىشىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كۆپىنچە يا مەستلىككە يا ئويۇنكۈلكىگە بېرىلىدۇ. ئەگەر ھەقىقىي ئىگىسىگە ساتساڭ، يەنى ئۇنىڭ نامى بىلەن قوللانساڭ، ئۇ ئەقىل شۇنداق تىلسىملىق بىر ئاچقۇچ بولىدۇكى، شۇ كائىناتتىكى چەكسىزلىگەن رەھمەت خەزىنىلىرىنى ۋە ھىكمەت دەستۇرلىرىنى ئاچىدۇ ۋە نەتىجىدە ئۆز ئىگىسىنى، ئەبەدى سائادەتكە تەييارلايدىغان بىر رەببانى مۇرشىد (ئىلاھىي رەھبەر) دەرىجىسىگە چىقىدۇ.

  يەنە مەسىلەن: كۆز بىر ئەزا بولۇپ، روھ بۇ ئالەمنى ئۇ دەرىزە ئارقىلىق سەيىر قىلىدۇ (كۆرىدۇ). ئەگەر جانابى ﷲقا ساتماي ئەكسىچە نەفس نامىدىن پايدىلانساڭ، ئۆتكۈنچى، داۋامسىز بولغان گۈزەللىكلەرنى، مەنزىرىلەرنى كۈزىتىپ شەھۋەت ۋە نەڧسانى ھەۋەس ئۈچۈن بىر نۇمۇسسىز خىزمەتكار بولىدۇ. ئەگەر كۆزنى سانئى بەسىرگە** ساتساڭ، يەنى ئۇنىڭ نامىدىن، ئۇنىڭ رۇخسىتى دائىرىسىدە پايدىلانساڭ، ئۇ چاغدا بۇ كۆز، شۇ چوڭ كائىنات كىتابىنىڭ بىر مۇلاھىزىچىسى، شۇ ئالەمدە ئىلاھىي سەنئەت مۆجىزىلىرىنىڭ بىر كۆزەتكۈچىسى ۋە شۇ يەر شارى باغچىسىدىكى رەھمەت چېچەكلرىنىڭ ھىكمەت شىرنىلىرىنى يىغىدىغان مۇبارەك بىر ھەرىسى دەرىجىسىگە چىقىدۇ.

  يەنە بىر مىسال: تىلدىكى تەم تېتىش سېزىمىنى ھىكمەتلىك ياراتقۇچىسىغا ساتمىساڭ، ئەكسىچە نەفس ۋە ئاشقازان نامىدىن قوللانساڭ، ئۇ چاغدا ئاشقازان ئېغىلى ۋە قورساق فابرىكىسى ئۈچۈن بىر ئىشىك باقار دەرىجىسىگە چۈشىدۇ. ئەگەر كەرەملىك رىزىق بەرگۈچىسىگە ساتساڭ، ئۇ چاغدا تىلدىكى تەم سېزىمى ﷲنىڭ رەھمەت خەزىنىلىرى ئۈچۈن ئىختىساسلىق بىر نازارەت قىلغۇچى، ئىلاھىي قۇدرەتنىڭ تائام مەنبەلىرى ئۈچۈن بىر شۈكۈر قىلىدىغان بىر مۇپەتتىش دەرىجىسىگە چىقىدۇ.

  شۇڭا ئەي ئەقىل دىققەت قىل! ئەزگۈچى بىر قورال نەدە، كائىناتتىكى مەۋجۇدات سىرلىرىنىڭ ئاچقۇچىسى نەدە؟ ئەي كۆز ياخشى قارا! ئاددى نۇمۇسسىز خىزمەتكار نەدە؟ ئىلاھىي كۈتۈپخانىنىڭ مۇتەخەسسىس نازارەتچىسى نەدە؟ ئەي تىل ياخشى تېتىغىن! بىر ئېغىلنىڭ ئىشىك باقارى ۋە دەرۋازىۋىنى نەدە؟ رەھمەت خەزىنىلىرىنىڭ يۈكسەك نازارەتچىسى نەدە؟

  يەنە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قورال ۋە ئەزالارنى سېلىشتۇرۇپ پىكىر يۈرگۈزسەڭ چۈشىنىسەنكى، ھەقىقەتەن مۆئمىن جەننەتكە لايىق، كاپىر بولسا جەھەننەمگە مۇۋاپىق بىر ماھىيەتكە ئىگە بولىدۇ. بۇلارنىڭ شۇ خىل قىممەتكە ئىگە بولۇشلىرىنىڭ سەۋەبى، مۆئمىن ئىمان نەتىجىسىدە ياراتقۇچىسىنىڭ ئامانىتىنى ئۇنىڭ نامىدىن ۋە ئىزنى دائىرىسىدە پايدىلانغانلىقىدۇر، كاپىر بولسا ئامانەتكە خىيانەت قىلىپ نەفس نامىدىن قوللانغانلىقىدىندۇر.

  تۆتىنچى پايدا: ئىنسان زەئىپتۇر، بالالىرى بەك كۆپپېقىردۇر، ئېھتىياجى چەكسزئاجىزدۇر، ھايات يۈكى بەك ئېغىرئەگەر ھەممىگە قادىر ﷲقا تايىنىپ تەۋەككۈل قىلمىسا، ئۇنىڭغا ئىشەنچ باغلاپ تەسلىم بولمىسا ۋىجدانى ئازاپ ئىچىدە قالىدۇ. مېۋىسىز بىر ھاياتتا مۇشەققەتلەر، ئەلەملەر، ئۆكۈنۈشلەر ئۇنى بوغىدۇ، يا مەست ياكى يىرتقۇچ بىر ھايۋان قىلىدۇ. (دېمەك، ﷲقا تەۋەككۈل ۋە تەسلىم ئارقىلىقلا ھەقىقى لەززەتكە ئېرىشىدۇ.)

  بەشىنچى پايدا: پۈتۈن ئۇ ئەزالارنىڭ ۋە قوراللارنىڭ ئىبادەت، تەسبىھلىرى ۋە يۈكسەك ھەقلىرى، سەن ئەڭ مۇھتاج بولغان چاغدا جەننەت يېمىشلىرى سۈپىتىدە ساڭا بېرىلىدىغانلىقىغا، زەۋق ۋە كەشف ئەھلى، ئىختىساس ۋە مۇشاھەدە ئەھلى (ئەۋلىيا، ئەسفىيالار) بىردەك پىكىردىدۇر.

  مانا بۇ بەش جەھەتتىكى پايدىلىق تىجارەتنى قىلمىساڭ، شۇ پايدىلاردىن مەھرۇم قېلىش بىلەن بىرگە، بەش جەھەتتە زىيان ئۈستىگە زىيان تېپىۋالىسەن:

  بىرىنچى زىيان: شۇنچىلىك ياخشى كۆرىدىغان مالمۈلۈك، بالاچاقا، بەكمۇ سۆيگەن نەفس، ھەۋايى ھەۋەس، ھەمدە مەپتۇن بولغان ياشلىقىڭ ۋە ھاياتىڭ ھەممىسى زايا بولۇپ يوقىلىدۇ، سېنىڭ قولۇڭدىن چىقىدۇ. بىراق گۇناھلارنى، ئەلەملەرنى ساڭا تاشلاپ بوينۇڭغا يۈكلەيدۇ.

  ئىككىنچى زىيان: ئامانەتكە خىيانەت جازاسىنى تارتىسەن. چۈنكى ئەڭ قىممەتدار قوراللارنى، ھېستۇيغۇلارنى ئەڭ قىممەتسىز نەرسىلەرگە سەرپ قىلىپ ئۆزۈڭگە زۇلۇم قىلدىڭ.

  ئۈچىنچى زىيان: پۈتۈن ئۇ قىممەتدار بولغان ئىنسانىي تۈزۈلمىلىرىڭنى، ھايۋانلىقتىن تېخىمۇ پەس دەرىجىگە چۈشۈرۈپ ﷲنىڭ ھىكمىتىگە ئىسيان ۋە زۇلۇم بىلەن مۇئامىلە قىلدىڭ.

  تۆتىنچى زىيان: ئاجىز ۋە پېقىرلىقىڭ بىلەن بىرگە، ئۇ ئىنتايىن ئېغىر ھايات يۈكىنى زەئىپ بېلىڭگە يۈكلەپ، زاۋال ۋە پىراق كاچىتى ئاستىدا دائىم پەرياد بىلەن قىينىلىسەن.

 بەشىنچى زىيان: ئەبەدى ھاياتنىڭ ئاساسلىرى ۋە ئاخىرەتلىك سائادەتنىڭ لازىمەتلىرىنى تەمىن قىلىش ئۈچۈن بېرىلگەن ئەقىل، قەلب، كۆز ۋە تىلدەك ئېسىل رەھمانىي ھەدىيەلەرنى، جەھەننەم ئىشىكلىرىنى ئاچىدىغان يىرگىنچلىك سۈرەتكە ئايلاندۇرۇپ قويماقتۇر.

  ئەمدى شۇ سېتىش مەسىلىسىگە قاراپ باقايلى. ئەجەبا كۆپلىرى سېتىشتىن قېچىۋاتقانغا قارىغاندا ھەقىقەتەن ئۇ قەدەر ئېغىر بىر ئىشمۇ؟ ياق، قەتئىييەن ئۇنداق ئەمەس. ھېچ ئۇ قەدەر ئېغىرلىقى يوقتۇر. چۈنكى ھالال دائىرىسى كەڭرىدۇر. لەززەتلىنىشكە يېتەرلىكتۇر، ھارامغا كىرىشكە ھېچ ھاجەت يوقتۇر. ئىلاھىي پەرزلەر بولسا يەڭگىلدۇر، ئازدۇر. ﷲقا قۇل ۋە ئەسكەر بولۇش ئۇ قەدەر لەززەتلىك بىر شەرەپتۇركى، تەرىپ قىلغىلى بولمايدۇ. ۋەزىپىمىز بولسا، پەقەتلا بىر ئەسكەردەك ﷲ نامىدىن ئىشلەشتۇر، ﷲ نامىدىن باشلاشتۇر. ﷲ نامىدىن بېرىشتۇر، ﷲ نامىدىن ئېلىشتۇر. رۇخسىتى ۋە قانۇنى دائىرىسىدە ھەرىكەت قىلىشتۇر. شۇنداق قىلىپ خاتىرجەملىك تېپىشىمىز لازىم. خاتالىق سادىر قىلىساق ئىستىغفار قىلىشىمىز لازىم. يا رەب! قۇسۇرىمىزنى ئەپۇ قىل، بىزنى ئۆزۈڭگە قۇل قوبۇل قىل، ئامانىتىڭنى قەبز قىلىش (ئېلىش) زامانىغا قەدەر بىزنى ئامانەتكە سادىق قىل. ئامىن! دەپ، ئۇنىڭغا يالۋۇرىشىمىز لازىم

———————————————————–

*ﷲ مۆئمىنلەردىن جانلىرىنى ۋە ماللىرىنى جەننەتنى بىرىش بەدىلىگە سېتىۋالىدۇ. (سۈرە تەۋبە: 111)

**نەفىس: جېنى، ئۆزى، ھاياتى ؛ شەھۋەت ۋە غەزەپ سېزىملىرىنىڭ مەنبەسى؛ بەدەننىڭ ھېسسى ئىستەكلىرى.-ت**

***بەسىير: كۆرۈشنى ياراتقان، ھەر نەرسىنى ھەقىقىتى بىلەن كۆرۈپ تۇرغۇچى؛ سانىئ : ھەممە نەرسىنى سەنئەت بىلەن ياراتقان مۇقەددەس سەنئەتكار ().ت

Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak. Gerekli alanlar * ile işaretlenmişlerdir