.يا رەببى! خائىنلارنىڭ ئويۇنلىرىنى بۇزۇۋەت

.يا رەببى! خائىنلارنىڭ ئويۇنلىرىنى بۇزۇۋەت

يا رەببى! خائىنلارنىڭ ئويۇنلىرىنى بۇزۇۋەت!

  يا رەببى! ئىچىمىزدىكى ۋە سىرىتتىكى دۈشمەنلىرىمىزنىڭ، مۇسۇلمانلارغا قارشى خائىنلارچە مەقسەتلىرىنى، ئۆزىنىڭ بېشىغا ئۆرۈپ قوي!

  يا رەببى! مۇسۇلمانلارغابۇ خائىنلارچە پىلانئويۇنلارنى پەرىق ئېتەلەيدىغان ۋە بۇ ئۇيۇنلارنىڭ ئىچىدىكى بىر پارچىسى بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىپ، باسىرەتئۆتكۈر نەزەر بىلەن ھەرىكەت قىلالايدىغان شۇئۇر ۋە ئىزئان يەنى ئەقىلئىدراك ۋە پەمپاراسەت بەرگىن! دۇنيانى ئورىۋالغانئازغۇنلۇق، دىنسىزلىك ۋە يىگانە ھەق دىن بولغان ئىسلامىيەتنى بۇزۇپ تاشلاش ۋە باغلىنىپ بويسۇنغۇچىلىرىنى ئازدۇرۇۋىتىش قاتارلىق ئاپەتلەردىن، ۋەتىنىمىزنى ۋە ئىسلام دىيارلىرىنى مۇھاپىزەت قىلغىن! بۇ ئاپەتنى ئىچىمىزدە، بولۇپمۇ ياشلىرىمىز ئارىسىدا يېيىشقا تىرىشىۋاتقانلارغا، سەن پۇرسەت بەرمە يا رەببى !

  يا رەببى! ھەبلۇللاھىل مەتىن يەنى ئاللاھنىڭ مۇستەھكەم ئارغامچىسى دېيىلىدىغان قۇرئاننىڭ ئەتراپىدا، ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىرلىكىنى ۋە ھەم نەپەس بىللە بولىشىنى تەمىن قىلغىن! دۇنيانىڭ قايسى دىيارىدا بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىختىلاپ مەسىلىلىرىنى بىتچىت قىلىۋەتكىن! شەخسى مەنپەئەتلىرىنى، مەسلەك ۋە مەشرەپلىرىنى نەزەرگە ئالماستىن، ئۇخۇۋۋەتقېرىنداشلىق ۋە شۇئۇرپاراسىتى بىلەن بىرئۈممەت ئىكەنلىكىنىڭ قەدىرىگە يىتىپ، ھەرىكەت قىلىشلىرىنى ناسىپ قىلغىن!

  يا رەببى! ھەممىمىزنىڭ قەلىپلىرىنىمۇھەببەتۇللاھ، مۇھەببىتى رەسۇلۇللاھ ۋە مۇھەببىتى كەلامۇللاھ بىلەن قۇۋۋەتلەندۈرۈپ بەرگىن ۋە بۇيسۇندۇرۇپ بەرگىن! ئامىن.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.