ھەممەنەرسە-ھەممە كىشى بۇنىڭ تەمىنى تېتىيدۇ؟

ھەممەنەرسە-ھەممە كىشى بۇنىڭ تەمىنى تېتىيدۇ؟

ئۆلۈم دېگەن نىمە؟

  ئۆلۈم بىر ئەمرى ئىتىبارىيدۇر. زاھىر جەھەتتىن ۋۇجۇدى كۆرۈنمەيدۇ، ئەمما ھەقىقەتتە ئەڭ كۈچلۈك ۋۇجۇت ساھىبىدۇر. مەنىۋى ئالەمدە ئۆلۈم، بىر ئارسىلانشىر ۋەياكى بىر قوچقار شەكلىدىدۇر. پۈتۈن ئىنسانلارنى، پۈتۈن جىنلارنى، پۈتۈن زىھايات(جانلىقلار)نى، ھەتتا پۈتۈن ئالەمدىكى مەۋجۇداتلارنى، ئەجىلى كەلگەندە يەرگە يىقىتىپ ئۆلتۈرىدۇ. شۇنداق بولغاندا، ئۆلۈم باشتا ئىنسان ئاندىن پۈتۈن زىھاياتلارنى مەغلۇپ قىلىدىغان بىر كۈچتۇر. ھېچ قانداق بىر نەرسە قارشى تۇرالمايدۇ، ئالقىنىدىن قۇتۇلالمايدۇ، ئۇنىڭغا مەغلۇپ بولىدۇ. ئەگەر مەنىۋى ئالەملەرگە ئېچىلغان بىر كۆزىمىز بولغان بولسا ئىدى، ئۇ ئالەمنى سەيىر قىلالىغان بولساقتۇق، شۇ ئاندا ئۆلۈم بىر ئارسىلاندەك ۋەياكى بىر قوچقاردەك ھەركىشىنىڭ يېنىدا تەييار تۇرغىنىنى مۇشاھىدە قىلغان يەنى كۆرگەن بولاتتۇق. ھەر كىشىنىڭ يېنىدا بىر ئارسىلان تۇرىۋاتىدۇ ۋە ساقلاۋاتىدۇ. ئەجەل كەلگەن ھامان، بىئىزنىللاھ يەنى ئاللاھنىڭ ئىزنىرۇخسىتى بىلەن دەرھال ئۇنى ياقىسىدىن ئالىدۇدە ئۆلتۈرىدۇ. ئۆلۈم تەجەسسۈم يەنى جىسمى بىلەن، ھەر نەرسىنىڭ يېنىدا، ھەتتا ئوتنىڭ ۋە قوياشنىڭ يېنىدا تۇرىدۇ. ئەجەللىرى كەلگەن ھامان يەرگە يىقىتىدۇ ۋە ھەرقاندىغىنىڭ ئىشىنى تۈگىتىدۇ.

  ئۆلۈم، ھەر زامان سېنى قوغلايدۇ. پەيتى كەلگەندە، سېنى پەنچىسى بىلەن ۋەياكى مۈڭگۈزى بىلەن ئۆلتۈرىدۇ. ئاللاھ، ئۆلۈمنى ئالەمدىكى مەۋجۇداتلارنىڭ بېشىغا مۇساللات يەنى ھوجۇم قىلغۇزغان. ئۇنىڭدىكى كۈچنىمۇ ئۇ زاتى زۈلجەلال بولغان ئاللاھ بەرگەندۇر. جانابى ھەق قىيامەت قوپقاندىن كېيىن، ئۆلۈمنى ھەشىر يەنى قايتا تىرىلىش مەيدانىنى تىترىتىدىغان بىر قوچقار ۋەياكى ئارسىلانشىردەك ئەكىلىدۇ. پۈتۈن ئىنسانلارنى چاقىرىدۇ. مەلەكلەرگە، ئۆلۈمنىڭ بېشىنى كىسىشلىرىنى ئەمىر قىلىدۇ: « كۆزۈڭلار ئالدىدا، ھەممىڭلارنى مەغلۇپ قىلغان ئۆلۈم بۇ ئىدى. مانا ئۆلۈمنى كۆز ئالدىڭلاردا كەستىم. بۇنىڭدىن كىيىن ئەمدى ئەبەدى ھەرگىز ئۆلۈم يوقتۇر. كىم دۇنيادا نېمە قىلغان بولسا، ئۇنىڭ جازاسىنى ۋەياكى مۇكاپاتىنى ئەبەدى ھالەتتە كۆرىدۇ. » دەپ بۇيرۇيدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئاخىرەت ئالىمىدە ئەبىدى بىر ھايات باشلىنىدۇ.

  ئەھلى كۈفۈر ۋە زالالەت ئۈچۈن، ئەڭ بۈيۈك بالائۆلۈمنىڭ ئۆلتۈرىلىشى بولىدۇ. چۈنكى، جەھەننەمدە ئەبەدى قالىدىغانلىقىنى چۈشىندۇ. ئەھلى ئىمان ئۈچۈنمۇ ئەڭ بۈيۈك خوش بىشارەت، ئۆلۈمنىڭ ئۆلتۈرىلىشىدۇر. چۈنكى، ئۇلارمۇ جەننەتتە ئەبەدى قالىدىغانلىقىنى چۈشىندۇ. شۇنداق قىلىپ، پۈتۈن ئالەم، ئۇ كۈن ئۆلۈمدىن قۇتۇلغان بولىدۇ. بۇ مەۋجۇداتنى ئايرىلىش ۋە زاۋاللىققا مەھكۇم قىلغان ئۆلۈم، شۇ سۇرەتتە كۆزدىن غايىپ بولىدۇ ۋە ئالەم راھەتلىككە ئېرىشىدۇ.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.