ھەيرانلىق قوزغايدىغان بىر مۇئامىلە

ھەيرانلىق قوزغايدىغان بىر مۇئامىلە

  ھەيرانلىق قوزغايدىغان بىر مۇئامىلە: مەلۇمدۇركى ھەر يەردە مەرىپەت ئەھلى، مەرىپەت ۋە ئىلىم نۇقتىسىدا مۇھاكىمە قىلىدۇ. قەيەردە ۋە كىمدە مەرىپەت ۋە ئىلىم كۆرسە، مەسلەك ئېتىبارى بىلەن ئۇنىڭغا قارىتا بىر دوستلۇق ۋە ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. ھەتتا دۈشمەن بىر ھۆكۈمەتنىڭ بىر پروفېسورى بۇ مەملىكەتكە كەلسە، مەرىپەت ئەھلى ئۇنىڭ ئىلىم ۋە مەرىپىتىگە ھۆرمەت قىلىپ ئۇنى زىيارەت قىلىشىدۇ ۋە ھۆرمەتلىرىنى ئىپادىلىشىدۇ. ھالبۇكى ئەنگىلىيەنىڭ ئەڭ يۈكسەك ئىلمىي مەجلىسىنىڭ ئىسلام جەمئىيىتىدىن سورىغان ئالتە سوئالىغا ئالتە يۈز كەلىمە بىلەن جاۋاب بېرىشىنى خالىغان ۋاقىت، بۇ يەردىكى بىلىممەرىپەت ئەھلىلىرىنىڭ ھۆرمەتسىزلىكىگە دۇچار بولغان بىر ئەھلى مەرىپەتكى: ئۇ ئالتە سوئالغا ئالتە كەلىمە بىلەن جاۋاب بەرگەن، ئەجنەبىيلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم بىلىشكەن ۋە پەيلاسوپلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق دەستۇرلىرىغا ھەقىقىي بىلىم ۋە مەرىپەت بىلەن قارشى چىقىپ غەلىبە قازانغان، قۇرئاندىن ئالغان مەرىپەت ۋە ئىلىم قۇۋۋىتىگە تايىنىپ ياۋروپا پەيلاسوپلىرىغا جەڭ ئېلان قىلغان، ھۆررىيەتتىن ئالتە ئاي بۇرۇن ئىستانبۇلدا ھەم ئۆلىمالارنى، ھەم مەكتەپ ئەھلىلىرىنى مۇنازىرىگە دەۋەت قىلىپ ئۆزى ھېچ سوئال سورىماستىن ئۇلارنىڭ سوئاللىرىغا نۇقسانسىز جاۋاب بەرگەن(ھاشىيە)، پۈتۈن ھاياتىنى بۇ خەلقنىڭ سائادىتى ئۈچۈن بېغىشلىغان، يۈزلەرچە رىسالىنى بۇ مىللەتنىڭ تۈركچە بولغان تىلى بىلەن نەشىر قىلىپ بۇ مىللەتنى نۇرلاندۇرغان، ھەم ۋەتەنداش، ھەم دىنداش، ھەم دوست، ھەم قېرىنداش بىر ئەھلى مەرىپەتكە قارشى ئەڭ زىيادە ئەلەم بەرگەن، ئۇنىڭغا ئاداۋەت قىلغان، بەلكى ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلار بىر قىسىم بىلىممەرىپەت دائىرىسىگە مەنسۇپ بولغانلار بىلەن ئاز بىر قىسىم ۋەزىپىدار موللىلاردۇر.

  مانا كەل، بۇ ھالغا نېمە دەيسەن؟ مەدەنىيەتمىدۇر؟ مەرىپەتپەرۋەرلىكمىدۇر؟ ۋەتەنپەرۋەرلىكمىدۇر؟ مىللەتپەرۋەرلىكمىدۇر؟ جۇمھۇرىيەتپەرۋەرلىكمىدۇر؟ ھاشا! ھاشا! ھېچبىر نەرسە ئەمەس. بەلكى بىر ئىلاھىي تەقدىردۇركى، ئۇ ئەھلى مەرىپەت بولغان ئادەمنىڭ ھۆرمەتلەر يۈزىسىدىن ئىلمى رىياغا كىرمەسلىكى ۋە ئىخلاسنى قازىنىشى ئۈچۈن دوستلۇق ئۈمىد قىلغان يەردىن ئاداۋەت كۆرسەتتى

خاتىمە

  ئۆز پىكرىمچە ھەيران قېلىنىدىغان ۋە شۈكۈرگە سەۋەب بولغان بىر دەخلىتەئەررۇز:

 بۇ پەۋقۇلئاددە مەنمەنچى بولغان ئەھلى دۇنيانىڭ مەنمەنچىلىك ئىشىدا ئۇ قەدەر سەزگۈرلۈكلىرى باركى، ئەگەر ئىدراكلىرى بىلەن بولغان بولسا، كارامەت دەرىجىسىدە ياكى چوڭ بىر دانىشمەنلىك دەرىجىسىدە بىر مۇئامىلە سانىلاتتى. ئۇ مۇئامىلە بۇدۇر: ئۆز نەفسىم ۋە ئەقلىم مەندە ھېس قىلمىغان بىرئاز مەنمەنچىلىك ۋەزىيىتىنى، ئۇلار مەنمەنچىلىكلىرىنىڭ سەزگۈرلۈك تارازىسى بىلەن ھېس قىلىشىۋاتقاندەك، شىددەتلىك بىر شەكىلدە مەن ھېس قىلمىغان مەنمەنچىلىكىمنىڭ قارشىسىغا چىقىشىۋاتىدۇ. بۇ سەككىزتوققۇز يىلدا سەككىزتوققۇز قېتىملىق تەجرىبەم باركى، ئۇلارنىڭ ماڭا قارشى قىلغان زالىملارچە مۇئامىلىلىرىدىن كېيىن ﷲنىڭ تەقدىرىنى ئويلىنىپ «نېمە ئۈچۈن بۇلارنىڭ مېنى ئازاپلىشىغا رۇخسەت بەردى» دەپ تەپەككۇر قىلىپ نەفسىمنىڭ ھىيلىلىرىنى ئىزدەيتتىم. ھەر قېتىم يا نەفسىم ئىدراكسىز ھالدا مەنمەنچىلىككە فىترىي(تەبىئىي) شەكىلدە مايىل بولغان ۋە ياكى بىلىپ تۇرۇپ مېنى ئالدىغانلىقىنى چۈشىنەتتىم. ئىلاھىي تەقدىر ئۇ زالىملارنىڭ زۇلۇمى ئىچىدە ئادالەت كۆرسىتىپتۇ دەيتتىم. جۈملىدىن: بۇ يازدا قېرىنداشلىرىم ياخشى بىر ئاتقا مىندۈرۈشتى، بىر سەيلىگاھقا باردىم، ئىدراكسىز ھالدا نەفسىمدە ھاكاۋۇرلارچە بىر ھۇزۇر ئارزۇسى ئويغاندىئەھلى دۇنيا شۇنداق شىددەتلىك شەكىلدە ئۇ ئارزۇيۇمنىڭ قارشىسىغا چىقتىكى، پەقەتلا ئۇ يوشۇرۇن ئارزۇنىلا ئەمەس، بەلكى كۆپلىگەن ئىشتىھالىرىمنىمۇ كەستى. ھەتتا ئالايلۇق، بۇ قېتىم رامىزاندىن كېيىن بۇرۇنقى زاماندىكى ناھايىتى چوڭ ۋە ئۇلۇغ بىر ئىمامنىڭ بىزگە قارىتا غەيبىي كارامىتى بىلەن كۆرسەتكەن ئىلتىپاتىدىن كېيىن قېرىنداشلىرىمنىڭ تەقۋا ۋە ئىخلاسلىرى، زىيارەتچىلەرنىڭ ھۆرمەت ۋە مۇھەببەتلىرى ئىچىدە (مەن بىلمەستىن) نەفسىم ئىپتىخاركارانە، گوياكى شۈكۈر قىلىش پەردىسى ئاستىدا رىياكارانە مەنمەنچىلىك بىر ھالىتىگە كىرىشنى خالىدى. بىردىنلا بۇ ئەھلى دۇنيا چەكسىز دەرىجىدە سەزگۈرلۈك بىلەن ۋە ھەتتا رىياكارلىقنىڭ زەررىلىرىنىمۇ ھېس قىلىدىغان بىر شەكىلدە ماڭا چېقىلىشتى. مەن جانابى ﷲقا شۈكۈر قىلىۋاتىمەنكى، بۇلارنىڭ زۇلۇمى ماڭا بىر ئىخلاس قازىنىش ۋاستىسى بولدى.

﴿رَبِّ اَعُوذُ بِكَ مِنْ هَمَزَاتِ الشَّيَاطِينِ وَاَعُوذُ بِكَ رَبِّ اَنْ يَحْضُرُونِ﴾

اَللّهُمَّ يَا حَافِظُ يَا حَفِيظُ يَا خَيْرَ الْحَافِظِينَ اِحْفَظْنِى وَ احْفَظْ رُفَقَائِى مِنْ شَرِّ النَّفْسِ وَ الشَّيْطَانِ وَ مِنْ شَرِّ الْجِنِّ وَ اْلاِنْسَانِ وَ مِنْ شَرِّ اَهْلِ

الضَّلاَلَةِ وَ اَهْلِ الطُّغْيَانِ آمِينَ آمِينَ آمِينَ

﴿سُبْحَانَكَ لاَ عِلْمَ لَنَا اِلاَّ مَا عَلَّمْتَنَا اِنَّكَ اَنْتَ الْعَلِيمُ الْحَكِيمُ﴾

*(ھاشىيە): يېڭى سائىد دەيدۇكى: شۇ ماقامدا كونا سائىدنىڭ ئىپتىخاركارانە شۇ سۆزلىرىگە مەن قوشۇلمايمەن. بۇ رىسالىدە سۆزنى ئۇنىڭغا بەرگەنلىكىمدىن توختىتالمايۋاتىمەن. مەنمەنچىلەرگە قارشى بىر ئاز مەنمەنچىلىكىنى كۆرسەتسۇن دەپ سۈكۈت قىلىۋاتىمەن.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.