ئاخىرەتلىك ھەمشىرىلىرىم بولغان ئاياللار سەمىگە

ئاخىرەتلىك ھەمشىرىلىرىم بولغان ئاياللار سەمىگە

بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيم

ئەھلى ئىمان ئاخىرەتلىك ھەمشىرىلىرىم بولغان ئاياللار

قاتلىمى بىلەن بىر سۆھبەت

  بەزى ۋىلايەتلەردە ئاياللار قاتلىمىنىڭ سەمىمىي ۋە ھارارەتلىك بىر شەكىلدە نۇرلار بىلەن ئالاقىدارلىقلىرىنى كۆرگەن ۋە مېنى لاياقىتىمدىن كۆپ ئۈستۈن كۆرۈپ، ئىشەنچ بىلەن نۇرلارغا ئائىت دەرسلىرىمگە بېرىلگەنلىكلىرىدىن خەۋەردار بولغان ۋاقىتلىرىمدا، مۇبارەك ئىسپارتاغا ۋە مەنىۋى مەدرەسەتۇززەھراغا* ئۈچىنچى قېتىم كەلگىنىمدە ئاڭلىدىمكى ئۇ مۇبارەك ئاخىرەتلىك ھەمشىرىلىرىم بولغان ئاياللار تائىپىسى مەندىن بىر دەرس كۈتۈۋېتىپتۇ، خۇددى ۋەز تەرىقىسىدە مەسچىتلەردە مەندىن بىر دەرس ئاڭلايدىغاندەك مېنى ساقلاۋېتىپتۇ. ھالبۇكى، مەن تۆتبەش جەھەتتە كېسەلچانمەن. ھەمدە پەرىشان، ھەتتا سۆزلەشكە، ھەتتا بىر نەرسە ئويلىنىشقىمۇ ئىقتىدارسىز ھالەتتە تۇرغىنىمدا بۇ كېچە شىددەتلىك بىر ئەسكەرتىش بىلەن قەلبىمگە كەلدىكى: مادەم** ئون بەش يىل بۇرۇن ياشلارنىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن «ياشلار رەھبىرى»نى ئۇلار ئۈچۈن يازدىڭ ۋە ناھايىتى كۆپ پايدىسى بولدى. ھالبۇكى ئاياللار تائىپىسى ياشلاردىن بەكرەك شۇنداق بىر رەھبەرگە بۇ زاماندا تېخىمۇ مۇھتاجدۇر. مەنمۇ بۇ ئەسكەرتىشكە قارىتا بەكمۇ پەرىشانلىقىم، زەئىپلىكىم ۋە ئاجىزلىقىم بىلەن بىللە، «ئۈچ نۇكتە» بىلەن بەزى زۆرۈر ماددىلارنى ناھايىتى قىسقا بىر شەكىلدە ئۇ مۇبارەك ھەمشىرىلىرىمگە ۋە مەنىۋى ياش ئەۋلاتلىرىمغا بايان قىلىمەن.

  بىرىنچى نۇكتە: رىسالەئى نۇرنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر ئاساسى شەپقەت بولغانلىقتىن، ئاياللار تائىپىسى شەپقەت قەھرىمانلىرى بولغانلىقى جەھەتتىن رىسالەئى نۇر بىلەن فىتراتدىن (يارىتىلىشىدىن) تېخىمۇ زىيادە ئالاقىداردۇر. ئەلھەمدۇلىللاھ، بۇ فىترىي (تەبىئىي) ئالاقىدارلىق كۆپ يەرلەردە ھېس قىلىنىۋاتىدۇ. بۇ شەپقەتتىكى پىداكارلىق ھەقىقىي بىر ئىخلاسنى ۋە ھەق كۈتمەيدىغان بىر پىداكارلىق مەنىسىنى ئىپادە قىلغانلىقتىن ھازىرقى زامانىمىزدا بەكمۇ كۆپ ئەھمىيىتى بار.

  شۇنداق، بىر ئانا ئۆز بالىسىنى خەتەرلەردىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھېچبىر ھەق خالىماستىن روھىنى پىدا قىلىشى ۋە ھەقىقىي بىر ئىخلاس بىلەن، فىترىي ۋەزىپىسى ئېتىبارى بويىچە ئۆزىنى بالىسى ئۈچۈن قۇربان قىلىشى كۆرسىتىدۇكى، ئاياللاردا ناھايىتى يۈكسەك بىر قەھرىمانلىق بار. بۇ قەھرىمانلىقنىڭ يۈكسىلىشى بىلەن ھەم دۇنياۋى ھاياتىنى، ھەم ئاخىرەتلىك ھاياتىنى قۇتقۇزالايدۇ. بىراق بەزى بۇزۇق جەريانلار سەۋەبلىك ئۇ قۇۋۋەتلىك ۋە قىممەتلىك ھېس تەرەققى قىلمايدۇ ياكى سۇيىئىستېمال قىلىنىدۇ. يۈزلىگەن مىساللىرىدىن بىر كىچىك مىسالى شۇدۇر:

  ئۇ شەپقەتلىك ئانا، بالىسىنىڭ دۇنياۋى ھاياتتا خەتەرگە يولۇقۇپ قالماسلىقى ۋە پايدامەنپەئەتكە ئېرىشىشى ئۈچۈن ھەر قانداق پىداكارلىقنى نەزىرىگە ئالىدۇ ۋە ئۇنى ئۇ بويىچە تەربىيە قىلىدۇ. «بالام باشلىق بولسۇن» دەپ بارلىق مۈلكىنى بېرىدۇ، قارىيلىق مەكتىپىدىن چىقىرپ ياۋرۇپاغا ئەۋەتىدۇ. بىراق بۇ بالىنىڭ ئەبەدىي ھاياتى خەتەرگە يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى ئويلىمايدۇ. دۇنيا تۈرمىسىدىن قۇتقۇزۇشقا تىرىشىدۇ، جەھەننەم تۈرمىسىگە چۈشۈپ قېلىشىنى نەزەرگە ئالمايدۇ. فىترىي شەپقەتكە تامامەن زىت ھالدا، ئۇ مەسۇم بالىسىنى ئاخىرەتتە ئۆزىگە شاپائەتچى قىلىشنىڭ ئورنىغا دەۋاگەر قىلىۋالىدۇ. ئۇ بالا: «نېمە ئۈچۈن مېنىڭ ئىمانىمنى قۇۋۋەتلەندۈرمەي بۇ ھالاكىتىمگە سەۋەب بولدۇڭ؟» دەپ شىكايەت قىلىدۇ. دۇنيادىمۇ ئىسلام تەربىيەسىنى دەل ئالمىغانلىقى ئۈچۈن ئانىسىنىڭ ئۇ ھەيران قالارلىق شەپقىتىگە قارىتا لايىق شەكىلدە جاۋاب قايتۇرالمايدۇ، ھەتتا كۆپ سەۋەنلىك ئۆتكۈزىدۇ. ئەگەر ھەقىقىي شەپقەتنى سۇيىئىستېمال قىلماي، بىچارە بالىسىنى ئەبەدىي تۈرمە بولغان جەھەننەمدىن ۋە ئەبەدىي ھالاكەت بولغان ئازغۇنلۇق ئىچىدە ئۆلۈشتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ئۇ شەپقەت سىرى بويىچە تىرىشسا، ئۇ بالا قىلغان پۈتۈن ياخشى ئەمەللەرنىڭ ھەممىسى ئانىسىنىڭ ئەمەل دەپتىرىگە يېزىلىش بىلەن بىللە؛ ئانىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ھەر ۋاقىت ياخشى ئەمىلى ئارقىلىق روھىغا نۇر يېتىشتۈرۈپ تۇرغىنىدەك، ئاخىرەتتىمۇ دەۋاگەر بولۇش ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن شاپائەتچى بولۇپ ئەبەدىي ھاياتتىمۇ ئۇنىڭغا مۇبارەك بىر پەرزەنت بولىدۇ.

شۇنداق، ئىنساننىڭ ئەڭ بىرىنچى ئۇستازى ۋە تەسىرى كۈچلۈك مۇئەللىمى ئۆز ئانىسىدۇر. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن ئۆز شەخسىمدە قەتئىي ۋە دائىم ھېس قىلغان بۇ مەنىنى بايان قىلىمەن:

  مەن بۇ سەكسەن يىللىق ئۆمرۈمدە، سەكسەن مىڭ زاتتىن دەرس ئالغان بولساممۇ، قەسەم قىلىمەنكى ئەڭ ئاساسلىق، تەۋرەنمەس، ھەمدە ھەر ۋاقىت ماڭا دەرسىنى يېڭىلاپ تۇرغاندەك ھېس بەرگەن مەرھۇم ئانامدىن ئالغان ئۇ تەلقىن ۋە مەنىۋى دەرسلەر، خۇددى ماددى بەدىنىمگە تىرىلغان ئۇرۇقلاردەك تەبىئىتىمدە يەرلەشكەن. باشقا دەرسلىرىمنىڭ ئۇ ئۇرۇقلارنىڭ ئۈستىگە بىنا قىلىنغانلىقىنى ئەينەن كۆرىۋاتىمەن. دېمەك مەرھۇم ئانامنىڭ بىر يېشىمدىكى تەبىئىتىمگە ۋە روھىمغا سىڭدۈرگەن دەرس ۋە تەلقىنلىرىنىڭ، ھازىر بۇ سەكسەن يېشىمدا كۆرگەن ھەقىقەتلەر ئىچىدە بىردىن ئاساسى ئۇرۇق بولغانلىقىنى كۆرمەكتىمەن.

  جۈملىدىن: مەسلىكىمىزنىڭ تۆت ئاساسىدىن ئەڭ مۇھىمى بولغان شەپقەت قىلىش ۋە رىسالەئى نۇرنىڭمۇ ئەڭ چوڭ ھەقىقىتى بولغان ئىچ ئاغرىتىش ۋە مەرھەمەت كۆرسىتىشنى ئۇ ئانامنىڭ شەپقەتلىك ھەرىكەت ۋە ھاللىرىدىن، ھەمدە ئۇ مەنىۋى دەرسلىرىدىن ئالغانلىقىمنى روشەن كۆرمەكتىمەن. شۇنداق، بۇ ھەقىقىي ئىخلاس بىلەن ھەقىقىي بىر پىداكارلىق ئېلىپ يۈرگەن ئانا شەپقىتى سۇيىئىستېمال قىلىنىپ، مەسۇم بالىسىنىڭ ئالماس خەزىنىسى ھۆكمىدىكى ئاخىرىتىنى ئويلانماستىن، ۋاقىتلىق فانىي شىشە ھۆكمىدىكى دۇنياغا ئۇ بالىنىڭ مەسۇم يۈزىنى بۇراش ۋە مۇشۇ شەكىلدە شەپقەت كۆرسىتىش ئۇ شەپقەتنى سۇيىئىستېمال قىلغانلىقتۇر.

  شۇنداق، ئاياللارنىڭ شەپقەت جەھەتتىكى بۇ قەھرىمانلىقلىرىنى ھېچبىر ھەق ۋە ھېچبىر جاۋاب خالىماستىن، ھېچبىر شەخسىي مەنپەئەت، ھېچبىر رىياكارلىق مەنىسى بولماستىن روھىنى پىدا قىلىدىغانلىقىغا، ئۇ شەپقەتنىڭ كىچىككىنە بىر نەمۇنىسىنى ئېلىپ يۈرگەن بىر توخىنىڭ چۆجىسىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن شىرغا ئېتىلىشى ۋە روھىنى پىدا قىلىشى ئىسپات بولىدۇ.

  ھازىر ئىسلام تەربىيەسىدە ۋە ئاخىرەتلىك ئەمەللەردە ئەڭ قىممەتلىك ۋە ئەڭ زۆرۈر ئاساس ئىخلاستۇر. بۇ خىل شەپقەتتىكى قەھرىمانلىقتا ئۇ ھەقىقىي ئىخلاس باردۇر.

  ئەگەر بۇ ئىككى نۇقتا ئۇ مۇبارەك تائىپىدە تەرققىي قىلسا ئىسلام دائىرىسىدە ناھايىتى چوڭ بىر سائادەتكە سەۋەب بولىدۇ. ھالبۇكى ئەرلەرنىڭ قەھرىمانلىقى جاۋابسىز بولمايدۇ. بەلكى يۈز جەھەتتە جاۋاب خالايدۇ. ھېچ بولمىسا شانشەرەپ خالىشىدۇ. بىراق بەكمۇ ئەپسۇس، بىچارە مۇبارەك ئاياللار تائىپىسى زالىم ئەرلىرىنىڭ شەرلىرىدىن ۋە ھۆكۈمرانلىقلىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن باشقا بىر تەرزدە، زەئىپلىك ۋە ئاجىزلىقتىن كەلگەن باشقا بىر تۈردىكى رىياكارلىققا كىرىشىۋاتىدۇ.

  ئىككىنچى نۇكتە: مەن يالغۇزلۇقتا بولغان ۋە ئىجتىمائىي ھاياتتىن ئۆزۈمنى تارتقان بولساممۇ، بۇ يىل بەزى رىسالەئى نۇر ئوقۇغۇچى قېرىنداشلىرىم ۋە ھەمشىرىلىرىمنىڭ يۈزخاتىرىسى ئۈچۈن دۇنياغا قارىدىم. مەن بىلەن كۆرۈشكەن كۆپىنچە دوستلاردىن ئۆزىنىڭ ئائىلىۋى ھاياتلىرى توغرىسىدا شىكايەت ئاڭلىدىم. «ئەيۋاھ!- دېدىم، ئىنساننىڭ، بولۇپمۇ مۇسۇلماننىڭ بىر قورغىنى ۋە بىر خىل جەننىتى، ھەمدە كىچىك بىر دۇنياسى ئائىلە ھاياتىدۇر. بۇمۇ بۇزۇلۇشقا باشلىدىمۇ؟» دېدىم. سەۋەبىنى ئىزدىدىم. بىلدىمكى خۇددى ئىسلامىيەتنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىغا ۋە نەتىجىدە دىنى ئىسلامغا زىيان بېرىش ئۈچۈن ياشلارنى يولدىن چىقىرىش ۋە ياشلىق ھەۋەسلىرى ئارقىلىق كەيپساپاغا يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن بىرئىككى كومىتېت مەشغۇل بولىۋاتقىنىدەك، ئوخشاشلا بىچارە ئاياللار تائىپىسىنىڭ غاپىل قىسمىنىمۇ خاتا يوللارغا يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن بىرئىككى كومىتېتنىڭ جىددى بىر سۈرەتتە پەردە ئارقىسىدا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. ھەمدە بىلدىمكى، بۇ ئىسلامىيەت خەلقىگە يەنە بىر دەھشەتلىك زەربە بۇ جەھەتتىن كېلىۋاتىدۇ. مەنمۇ ھەمشىرىلىرىم بولغان سىلەرگە ۋە ئىچىڭلاردىكى مەنىۋى ئەۋلاتلىرىم بولغان ياشلارغا قەتئىي بايان قىلىمەنكى، ئاياللارنىڭ ئاخىرەتلىك سائادىتىدەك دۇنياۋى سائادەتلىرىنىمۇ، تەبىئىتىدىكى يۈكسەك ھېسلىرىنىمۇ بۇزۇلۇشتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ يىگانە چارىسى، پەقەت ۋە پەقەت ئىسلامىيەت دائىرىسىدىكى دىنىي تەربىيەدۇر! روسىيەدە ئۇ بىچارە تائىپىنىڭ قانداق ئەھۋالغا چۈشۈۋاتقانلىقىنى ئاڭلاۋاتىسىلەر. رىسالەئى نۇرنىڭ بىر پارچىسىدا دېيىلگەنكى، ئەقلى بېشىدا بولغان بىر ئادەم ئايالىغا بولغان مۇھەببەت ۋە سۆيگۈسىنى بەشئون يىللىق فانىي ۋە سىرتقى ھۆسنىجامالىغا بىنا قىلمايدۇ. بەلكى ئاياللارنىڭ ھۆسنىجامالىنىڭ ئەڭ گۈزەل ۋە دائىمىي تەرىپى بولغان شەپقىتىگە ۋە ئاياللىققا مەخسۇس گۈزەل ئەخلاقىغا سۆيگۈسىنى بىنا قىلىش لازىم. شۇندىلا ئۇ بىچارە قېرىپ قالغان ۋاقىتتىمۇ يولدىشىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتى داۋام قىلىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئايالى پەقەتلا دۇنيا ھاياتىدىكى ۋاقىتلىق بىر ياردەمچى ھەمراھ ئەمەس، بەلكى ئەبەدىي ھاياتىدا ئەبەدىي ۋە سۆيۈملۈك بىر ھاياتىي رەپىقىسى بولغانلىقتىن، قېرىغىنىدا تېخىمۇ زىيادە ھۆرمەت ۋە مەرھەمەت بىلەن بىربىرىگە مۇھەببەت كۆرسىتىشى لازىم كېلىدۇ. ھازىرقى «مەدەنىي تەربىيە» پەردىسى ئاستىدىكى ھايۋانلارچە ۋاقىتلىق بىر يېقىنلىقتىن كېيىن ئەبەدىي بىر ئايرىلىشقا يۈز تۇتقان ئۇ ئائىلە ھاياتى يىلتىزىدىن بۇزىلىدۇ.

  رىسالەئى نۇرنىڭ بىر پارچىسىدا شۇنداق دېيىلگەن: ئەبەدىي ھەمرايىنى يوقىتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن تەقۋادار ئايالىنى تەقلىد قىلىپ، ئۆزىمۇ تەقۋادار بولىدىغان ئادەم نېمە دېگەن بەختىيار! يولدىشىنى دىندار كۆرۈپ، ئەبەدىي دوستى ۋە ھەمراھىنى يوقىتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئۆزىمۇ كامىل دىندار بولۇشقا تىرىشىدىغان ۋە دۇنياۋى سائادىتى ئىچىدە ئاخىرەتلىك سائادەتنى قازىنىدىغان ئايال نېمە دېگەن بەختلىك! كەيپساپا يولىدا ماڭغان ئايالىغا ئەگىشىپ، ئۇنى ۋاز كەچۈرۈشكە تىرىشمايدىغان، ھەتتا ئۆزىمۇ ئىشتىراك قىلىدىغان ئادەم نېمە دېگەن بەختسىز! يولدىشىنىڭ گۇناھكارلىقىغا قاراپ، ئۇمۇ باشقا بىر شەكىلدە ئۇنى تەقلىد قىلىدىغان ئايال نېمە دېگەن بەختسىز! بىربىرىنىڭ ئوتقا تاشلىنىشىغا ياردەم قىلىدىغان، يەنى مەدەنىيەت فانتازىيەلىرىگە بىربىرىنى قىزىقتۇرىدىغان ئەرئاياللارغا ۋەيل بولسۇن! (ۋاي ھالىغا!)

  رىسالەئى نۇرنىڭ مانا بۇ مەزمۇندىكى جۈملىلىرىنىڭ مەنىسى شۇدۇركى: بۇ زاماندا ئائىلە ھاياتىنىڭ، دۇنياۋى ۋە ئاخىرەتلىك سائادىتىنىڭ ۋە ئاياللاردىكى يۈكسەك ھېسلارنىڭ تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئاساسى، پەقەتلا شەرىئەت دائىرىسىدىكى ئىسلامىي ئەدەپئەخلاقلار بىلەنلا بولالايدۇ.

  ھازىر ئائىلە ھاياتىدىكى ئالاھىدە نۇقتا بۇدۇركى، ئايالى يولدىشىدىن يامانلىق ۋە ساداقەتسىزلىك كۆرسە ۋە ئۇمۇ يولدىشىغا قارشى ئايالنىڭ ئائىلىۋى ۋەزىپىسى بولغان ساداقەت ۋە ئىشەنچنى بۇزسا، ئەينەن ئەسكەرلىكتىكى ئىتائەتنىڭ بۇزۇلىشىدەك ئۇ ئائىلە ھاياتىنىڭ مىخانىزىمى بىتچىت بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ ئايال ئەبەدىي ھەمراھىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە يولدىشىنىڭ قۇسۇرىنى تۈزىتىشكە تىرىشىشى لازىم. بولمىسا ئۇمۇ ئۆزىنى يېرىم يالىڭاچ قىلىپ باشقىلارغا كۆرسىتىشكە ياكى سۆيدۈرۈشكە تىرىشسا ھەر جەھەتتىن زىيان تارتىدۇ. چۈنكى ھەقىقىي ساداقەتنى تاشلىغانلىقتىن، دۇنيادىمۇ جازاسىنى كۆرىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ تەبىئىتى نامەھرەملەرنىڭ نەزىرىدىن قورقىدۇ، ئىچى سىقىلىدۇ ۋە ئۆزىنى تارتىدۇ. نامەھرەم بولغان يىگىرمە ئەر كىشىنىڭ ئون سەككىزىنىڭ نەزىرىدىن بىئارام بولىدۇ. ئەر كىشى بولسا نامەھرەم يۈز ئايالدىن پەقەتلا بىرسىدىن بىئارام بولۇپ قارىشىدىن ئىچى سىقىلىدۇ. ئايال كىشى ئۇ جەھەتتە ئازاپلانغىنىدەك، ساداقەتسىز دەپ قارىلىنىشقا دۇچار بولىدۇ. زەئىپلىكى بىلەن بىللە، ھوقۇقىنى مۇھاپىزەت قىلالمايدۇ.

  خۇلاسە: خۇددى ئاياللار قەھرىمانلىقتا، ئىخلاستا شەپقەت جەھەتتىن ئەرلەرگە ئوخشىمىغىنىدەك، ئەرلەرمۇ ئۇ قەھرىمانلىقتا ئۇلارغا يېتىشەلمەيدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش ئۇ مەسۇم ئاياللارمۇ كەيپساپادا ھېچبىر جەھەتتىن ئەرلەرگە يېتىشەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تەبىئىتى ۋە زەئىپ يارىتىلىشى سەۋەبلىك نامەھرەملەردىن پەۋقۇلئاددە قورقىدۇ، ھەمدە ھىجاب ئىچىدە يوشۇرىنىشقا ئۆزلىرىنى مەجبۇر بىلىشىدۇ. چۈنكى ئەر سەككىز مىنۇتلۇق زوق ۋە لەززەت ئۈچۈن بۇزۇق كەيپكە بېرىلسە پەقەتلا سەككىز لىراچىلىك زىيان تارتىدۇ. بىراق ئايال سەككىز مىنۇتلۇق بۇزۇق كەيپتىكى زوقنىڭ جازاسى قاتارىدا دۇنيادىمۇ سەككىز ئاي ئېغىر بىر يۈكنى قورسىقىدا ئېلىپ يۈرىدۇ ۋە سەككىز يىل ئۇ ھامىيسىز بالىنى تەربىيە قىلىش مۇشەققىتىگە كىرگەنلىكى ئۈچۈن كەيپساپادا ئەرلەرگە يىتىشەلمەيدۇ، يۈز ھەسسە ئارتۇق جازاسىنى تارتىدۇ. ئاز بولمىغان بۇ خىل ھادىسىلەرمۇ كۆرسىتىدۇكى، مۇبارەك ئاياللار تائىپىسى يارىتىلىشىدىن يۈكسەك ئەخلاققا مەنبە بولغىنىدەك، گۇناھ ۋە كەيپساپادىكى دۇنياۋىي زوق ئۈچۈن قابىلىيىتى يوق ھۆكمىدىدۇر. دېمەك ئۇلار ئىسلامىي تەربىيە دائىرىسى ئىچىدە بەختلىك بىر ئائىلە ھاياتى ئۆتكۈزۈشكە لايىھەلەنگەن بىر خىل مۇبارەك مەخلۇقاتتۇر. بۇ مۇبارەكلەرنى بۇزۇقچىلىققا ئۈندىگەن كومىتېتلارغا قەھر بولسۇن! ﷲ بۇ ھەمشىرىلىرىمنىمۇ بۇ ئەخمەقلەرنىڭ شەرلىرىدىن مۇھاپىزەت قىلسۇن، ئامىن!

  ھەمشىرىلىرىم! بۇ سۆزۈمنىمۇ سىلەرگە خۇسۇسىي دەپ قويايكى، تىرىكچىلىك دەردى ئۈچۈن باشباشتاق، ئەخلاقسىز ۋە غەربپەرەس بىر ئەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا كىرگەننىڭ ئورنىغا، تەبىئىتىڭلاردىكى ئىقتىسادچىللىق ۋە قانائەتچانلىق ھېسسى بىلەن، يېزىدىكى مەسۇم ئاياللارنىڭ ئۆز نەپىقىلىرىنى ئۆزى تەمىنلەش ئۈچۈن تىرىشىشلىرىدەك ئۆزۈڭلارنى تەمىنلەشكە تىرىشىڭلار. سودا مېلى بولۇشقا تىرىشماڭلار. ناۋادا سىلەرگە مۇناسىپ بولمىغان بىر ئەر نېسىپ بولۇپ قالغان بولسا، قىسمىتىڭلارغا رازى بولۇڭلار، قانائەت قىلىڭلار. سىلەرنىڭ رازىلىقىڭلار ۋە قانائىتىڭلار بىلەن ئىنشائاللاھ ئۇمۇ ئىسلاھ بولىدۇ. بولمىسا بەزىدە ئاڭلاۋاتقىنىمدەك ئاجرىشىش ئۈچۈن سوتلارغا مۇراجىئەت قىلىپ قالىسىلەر. بۇمۇ ئىسلامىي ئارنۇمۇس ۋە مىللىي شەرىپىمىزگە ياراشمايدۇ!

  ئۈچىنچى: ئەزىز ھەمشىرىلىرىم! قەتئىييەن بىلىڭلاركى، شەرىئەت دائىرىسىنىڭ سىرتىدىكى زوق ۋە لەززەتلەردە ئۇلاردىن ئون ھەسسە تېخىمۇ زىيادە ئەلەملەر ۋە زەخمەتلەرنىڭ بار ئىكەنلىكىنى رىسائى نۇر يۈزلەرچە دەلىللەر ۋە ھادىسىلەر ئارقىلىق ئىسپات قىلغاندۇر. ئۇزۇن تەپسىلاتلىرىنى رىسالەئى نۇردىن كۆرەلەيسىلەر. جۈملىدىن:

  «كىچىك سۆزلەر»دىن ئالتىنچى، يەتتىنچى، سەككىزىنچى سۆزلەر ۋە «ياشلار رەھبىرى» مېنىڭ بەدىلىمگە سىلەرگە بۇ ھەقىقەتنى تامامەن كۆرسىتىدۇ. شۇڭلاشقا شەرىئەت دائىرىسىدىكى كەيپلەر بىلەن كۇپايىلىنىڭلار ۋە قانائەت قىلىڭلار. سىلەرنىڭ ئائىلەڭلاردىكى مەسۇم بالىلىرىڭلار بىلەن بولغان مەسۇمانە سۆھبىتىڭلار يۈزلەرچە كىنودىن تېخىمۇ زىيادە ھۇزۇرلۇقتۇر. ھەمدە قەتئىييەن بىلىڭلاركى، بۇ دۇنيا ھاياتىدا ھەقىقىي لەززەت ئىمان دائىرىسىدىدۇر ۋە ئىماندىدۇر. سالىھ ئەمەللەرنىڭ ھەر بىرسىدە مەنىۋى بىر لەززەت بار. زالالەت ۋە كەيپساپادا بولسا بۇ دۇنيادىمۇ ئىنتايىن ئاچچىق ۋە يىرگىنچلىك ئەلەملەرنىڭ بار ئىكەنلىكىنى رىسالەئى نۇر يۈزلەرچە دەلىللەر بىلەن قەتئىي ئىسپات قىلغاندۇر. ئىماندا خۇددى بىر جەننەت ئۇرىقىنىڭ، زالالەتتە ۋە كەيپساپادا بولسا بىر جەھەننەم ئۇرىقىنىڭ بارلىقىنى مەن ئۆزۈم كۆپلىگەن تەجرىبە ۋە ھادىسىلەر بىلەن ئوپئوچۇق كۆردۈم. رىسالەئى نۇردا بۇ ھەقىقەت قايتاقايتا تەكىتلىنىپ يېزىلغان. ئەڭ دەھشەتلىك دىنسىز ۋە ئېتىرازچىلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپمۇ، ھەم رەسمىي تەكشۈرگۈچىلەر ۋە سوت مەھكىمىلىرى تەرىپىدىنمۇ ئۇ ھەقىقەت رەت قىلىنالمىغان. ھازىر سىلەردەك مۇبارەك ۋە مەسۇم ھەمشىرىلىرىمگە، ھەم ئەۋلاتلىرىم ھۆكمىدىكى كىچىكلىرىڭلارغا باشتا «ھىجاب رىسالىسى»، ئاندىن «ياشلار رەھبىرى» ۋە «كىچىك سۆزلەر» مېنىڭ بەدىلىمگە دەرس بەرسۇن.

  مەن ئاڭلىدىمكى، مېنىڭ سىلەرگە مەسچىتتە دەرس بېرىشىمنى ئارزۇ قىلىپسىلەر. بىراق مېنىڭ پەرىشانلىقىم بىلەن بىللە، كېسىلىم ۋە باشقا كۆپلىگەن سەۋەبلەر ئۇنىڭغا يار بەرگۈزمەيدۇ. مەنمۇ سىلەر ئۈچۈن يازغان بۇ دەرسىمنى ئوقۇغان ۋە قوبۇل قىلغان پۈتۈن ھەمشىرىلىرىمنى بارلىق مەنىۋى ئۇتۇق ۋە دۇئالىرىمغا نۇر شاگىرتلىرىدەك داخىل قىلىشقا قارار بەردىم. ئەگەر سىلەر مېنىڭ بەدىلىمگە رىسالەئى نۇرنى مۇمكىن بولىشىچە ئوقۇساڭلار ۋە ئاڭلىساڭلار، ئۇ ۋاقىت قائىدىمىز بويىچە قېرىنداشلىرىڭلار بولغان پۈتۈن نۇر شاگىرتلىرىنىڭ مەنىۋى ئۇتۇق ۋە دۇئالىرىغىمۇ ھەسسىدار بولالايسىلەر.

  مەن ھازىر يەنە يازاي دېگەن ئىدىم، بىراق بەكمۇ بىتاپ، بەكمۇ زەئىپ، بەكمۇ قېرىپ قالغان ھالەتتە ۋە كىتاب تۈزىتىشتەك كۆپلىگەن ۋەزىپىلىرىم بولغانلىقتىن ھازىرچە بۇنىڭ بىلەن كۇپايىلەندىم.

   اَلْبَاقِى هُوَالْبَاقِى

 دۇئايىڭلارغا مۇھتاج قېرىندىشىڭلار

 سەئىد نۇرسى

——————————————————–

*زەھرا مەدرىسىسى:سەئىد نۇرسى ھەزرەتلىرى ئافرىقىدىكى«ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى»غا ماس ھالدا، ئاسىيادا دىن ۋە پەننى بىللە ئۆگىتىدىغان چوڭ مەدرىسە قۇرماقچى بولغان بولۇپ ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن قۇرۇلۇپ بولغان بۇ مەدرىسىنى«مەدرەسەتۇززەھرا»دەپ ئاتىغاندۇر.-ت

**مادەم:مادامىكى؛ سەۋەب ۋە دەلىل ئۈچۈن جۈملىنىڭ بېشىدا ئىشلىتىلىدۇ.مەسىلەن:مادەم شۇنداق، ئۇنداقتا نەتىجە بۇنداق بولىدۇ. (يەنى، شۇنداق بولغانىكەن، ئۇنداقتا نەتىجە بۇنداق بولىدۇ.)-ت

—————————————————————————————————————————————————————–

رىسالەئى نۇرنى ئوقۇيدىغان ياش قىزلارغا ئائىت مەكتۇپقا ئىلاۋە

(ئۆز ۋاقتىدا سىلەرگە ئەۋەتىلگەن مەكتۇپنىڭ بىر پارچىسىدۇر.)

بۇ شەھەردىكى رىسالەئى نۇرغا باغلانغان ياشانغان خانىملارنىڭ خىزمەتتىكى مۇستەھكەملىكى ۋە باشقىلاردەك تەۋرىنىپ قالمىغانلىقى ھەققىدە ئويلاندىم. بىردىنلا بۇ ھەدىسى شەرىف ئەسلىتىلدى:

عَلَيْكُمْ بِدِينِ الْعَجَائِزِ

«دىندار ياشانغان ئاياللارنىڭ دىنىغا ئەگىشىڭلار»

   يەنى، ئاخىرزاماندا ياشانغان ئاياللار، تەبىئىتىدىنلا ئاجىزە، سەزگۈر ۋە شەپقەتلىك بولغانلىقتىن، ھەر كىمدىن بەكرەك دىندىكى تەسەللى ۋە نۇرغا مۇھتاج بولغىنىدەك، تەبىئىتىدىكى شەپقەت تۈپەيلى، دىندىن تاپقان چەكسىز دەرىجىدە شەپقەتپەرۋەرلەرچە بىر تەسەللى نۇرىغا، ئىلتىپات، مەرھەمەت ۋە رەھمەتكە، ھەمدە تايانچ كۈچ ۋە مەدەت مەنبەسىگە ھەر كىمدىن بەكرەك ئېھتىياجى باردۇر. مۇستەھكەم تۇرۇش ئۇلارنىڭ تەبىئىتىنىڭ تەقەززاسىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ زاماندا ئۇ ئېھتىياجلارنى دەل تەمىن قىلغان رىسالەئى نۇر، ھەر نەرسىدىن بەكرەك ئۇلارنىڭ روھلىرىنى سۆيۈندۈرۈپ، قەلبلىرىدىن ئورۇن ئالماقتا.

سەئىد نۇرسى



Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.