ئاخىر زامان پىتنىسىدە يالىڭاچ ئاياللار

ئاخىر زامان پىتنىسىدە يالىڭاچ ئاياللار

ئاخىر زامان پىتنىسىدە يالىڭاچ ئاياللارنىڭ رولى!

(تۇساتتىن ئەسكەرتىلگەن بىر مۇھىم مەسىلە)

ئۇشتۇمتۇت قەلىبگە ئىلھام قىلىنغان ئەھمىيەتلىك بىر مەسىلىدۇر.

(ئاخىر زاماننىڭ پىتنىسىدە، ئەڭ دەھشەتلىك رول ئوينايدىغاننىسا تائىپىىسىئاياللار قاتلىمى ۋە ئۇلارنىڭ پىتنىسى ئىكەنلىكىنى ھەدىسنىڭ رىۋايىتىدىن چۈشىنىشكە بولىدۇ.)

  ئۇ رىۋايەتلەرنىڭ بىرى شۇدۇر: ئوسامە بىن زەيىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەبى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شۇنداق بۇيرىغانلىقى رىۋايەت قىلىنغاندۇر:

  ”مەندىن كىيىن ئەركىشىلەرگە، ئاياللاردىن تېخىمۇ زىيانلىق بىر پىتنە ۋە پاسات ئامىلىدىن باشقا بىر نەرسە قالدۇرمىدىم.“(تەجرىدى سەرىھ، سەھىھ بۇخارى، ج.11، س.267؛ ئىبنى ماجە، فىتەن، س.19)

  (شۇنداق، تارىختا بۇرۇنقى زامانلاردا) مىلادىدىن بۇرۇن ياشىغان ئىسكىتلەر دەۋرىدە(”ئامازونلار“ نامىدا غايەت جەڭگىۋار، ئاياللاردىن تەشكىل تاپقان بىر ئەسكەرلەر تائىپىسى ھەيران قالارلىق جەڭلەر ئېلىپ بارغانلىقى نەقىل قىلىنىۋاتىدۇ. دەل شۇنىڭغا ئوخشاش، بۇ زاماندا زىندىقدىنسىز ئازغۇنلار، ئىسلامىيەتكە قارشى جېڭىدە نەفسى ئەممارىنىڭ(شەيتاننىڭ ئەمىرلىرىگە قارىتا ھېچبىر قارشى چىقماستىن شەرىتسىز بويسۇنىدىغان نەپىس) پىلانى بىلەن، شەيتان كوماندىسىغا بىرىلگەن قوشۇنلىرىنىڭ ئەڭ دەھشەتلىكى يېرىم يالىڭاچ ئاياللاردۇركىيالىڭاچ پاچاقلىرى بىلەن دەھشەتلىك پىچاقلار بىلەن ئەھلى ئىمانغا دەخلى تاجاۋۇز بىلەن ھوجۇم قىلىپ ئېتىلىۋاتىدۇ.)

  ئاخىر زاماندا پۈتۈن ئىنسانلارنى ئىفساد قىلىپ بۇزىۋاتقان ۋە پۈتۈن دۇنيانى تىترىتىدىغان يوشۇرۇن بىر دىنسىز زىندىق كومىتىسىنىڭ ئىسلامىيەتكە قارشى جېڭىدە، نەپسى ئەممارىنىڭ تۈزگەن پىلانى كاتىگورىيەسى ئىچىدە، شەيتان كوماندىسىنىڭ ئەمىر ئاستىغا ئېلىنغان ئەڭ دەھشەتلىك ئەسكەرلەردىن بىر بۆلەك قوشۇن ئاياللار تائىپىسىدۇر ۋە ئۇلارنىڭ ئەڭ دەھشەتلىك قوراللىرىمۇ ئوچۇق يالىڭاچ پاچاقلىرىدۇر. ئۇ پىچاقلىق پاچاقلار، ئەھلى ئىماننىڭ بولۇپمۇ ياشلارنىڭ مەنىۋى ھاياتىنى يارىدار قىلىۋاتىدۇ ۋە ھەتتا ئۆلتۈرىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن(نىكاھ يولىنى تاقاشقا، فۇھۇشانەكەيىپ ساپا يولىنى كېڭەيتىشكە تىرىشىپ، كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ نەپىسلىرىنى تامامەن ئەسىر رام قىلىپ، قەلىپ ۋە روھلارىنى كەبائىربۈيۈك گۇناھلار بىلەن يارلاندۇرىۋاتىدۇ. بەلكى ئۇ قەلىپلەردىن بىر قىسمىنى ئۆلتۈرىۋاتىدۇ.) ئايال كىشىنىڭ ئوچۇق پاچاقلىرىنى كۆرگەن كىشىدە شەھۋانى بىر ئارزۇ مەيدانغا كىلىدۇ ۋە بۇ ئارزۇنى ئەركىن ھالدە فوھۇشبوزۇقچىلىق ۋە زىنا يولى بىلەن قاندۇرۇپ بۈيۈك بىر گۇناھ ئىشلىمەكتە ۋە بۇنداق قىلىش بىلەن ئىمان مەھەللىسى بولغان قەلىب يارالانماقتا. چۈنكى فوھۇشبوزۇقچىلىق ۋە زىنا قىلىشقا كۆنۈپ قالغان بىر كىشى، بۇ گۇناھقا ئۈلپەت پەيدا قىلىدۇ، ئادەتلىنىپ قالىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن تەرك قىلالمايدىغان بىر ھالەتكە كىرىپ قالىدۇ. راھەت گۇناھ قىلىشىى ئۈچۈن ئاللاھنى، مەلەكلەرنى، جازا مەيدانى بولغان ئاخىرەتنى ۋە ئۇ گۇناھنىڭ تا ھارام ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىشقا قەدەر كىتىدۇ. دېمەك، گۇناھلار، ئىمان مەھەللىسى بولغان قەلىپتىن ئىمان نۇرىنى چىقىرىپ تاشلايدىغان دەرىجىدە تەسىر قىلىدۇ. مۇئەللىپ بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسى(ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) بۇ ھەقىقەتنى ئەسەرلىرىنىڭ بەزى يەرلىرىدە شۇنداق ئىپادە قىلماقتا:

  شۇنداق، گۇناھ قەلبنى قارىدىتىپقارىدىتىپ تاكى ئىماننىڭ نۇرىنى چىقارغانغا قەدەر قاتتىقلاشتۇرىدۇ. ھەربىر گۇناھ ئىچىدە كۇفۇرغا ئېلىپ بارىدىغان بىر يول بار. ئەگەر ئۇ گۇناھ ئىستىغفار قىلىنىش ئارقىلىق تېز بىر تەرەپ قىلىنمىسا، قۇرۇت ئەمەس، بەلكى كىچىك بىر مەنىۋى يېلان بولۇپ قەلبنى چاقىدۇ.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.