ئارىلاشتۇرىۋېتىشكە سەۋەب بولغان بەش مەسىلە-دىققەت لازىم

ئارىلاشتۇرىۋېتىشكە سەۋەب بولغان بەش مەسىلە-دىققەت لازىم

ئون ئۈچىنچى نوتا: ئارىلاشتۇرىۋېتىشكە سەۋەب بولغان بەش مەسىلىدۇر.

  بىرىنچىسى: ھەق يولدا تېرىشقان ۋە كۆرەش قىلغانلار، پەقەت ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئويلاش لازىم تۇرسا، جانابى ھەققە (قا) ئائىت ۋەزىپىلەرنى ئويلىۋېلىپ، ھەرىكەتلىرىنى ئەشۇ پىكىرگە بىنائەن ئېلىپ بېرىپ خاتالىشىدۇ. «ئەدەبۇددىن ۋەددۇنيا» رىسالىسىدە باردۇركى، بىر چاغدا شەيتان ھەزرىتى ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئېتىراز قىلىپ دەپتۇكى: «ئەجەل ۋە ھەر ئىش ﷲنىڭ تەقدىرى بىلەن بولغان ئىكەن، ئۇنداقتا ئۆزۈڭنى بۇ ئېگىز يەردىن تاشلا، قانداق ئۆلىدىغانلىقىڭنى كۆرۈپ باقھەزرىتى ئىيسا ئەلەيھىسسالام دەپتۇكى:

اِنَّ لِلّهَ اَنْ يَخْتَبِرَ عَبْدَهُ وَ لَيْسَ لِلْعَبْدِ اَنْ يَخْتَبِرَ رَبَّهُ

يەنى، «جانابى ھەق قۇلىنى تەجرىبە قىلىدۇ (سىنايدۇ) ۋە ‹سەن مۇنداق قىلساڭ، ساڭا مۇنداق قىلىمەن. سەن بۇنى قىلالامسەن قېنى كۆرۈپ باقاي!؟› دەپ سىنايدۇ. ئەمما قۇلنىڭ جانابى ھەقنى سىناشقا ۋە ‹مەن مۇنداق قىلسام، سەن مۇنداق قىلامسەن؟› دېيىشكە ھەققى يوق ۋە ھەددى ئەمەستۇر. بۇنداق سىناش تەرىقىسىدە جانابى ھەقنىڭ رۇبۇبىيىتىگە قارىتا ئىمتىھان تەرزىدە مۇئامىلە قىلماق ئەدەپسىزلىكتۇر. ئۇبۇدىيەتكە (قۇللۇققا) زىتتۇر».

  ھەقىقەت مۇشۇنداق بولغان ئىكەن، ئىنسان ئۆز ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ، جانابى ھەقنىڭ ۋەزىپىسىگە ئارىلاشماسلىقى كېرەك.

  مەشھۇر بىر ھېكايە باركى، بىر زامانلاردا ئىسلام قەھرىمانلىرىدىن بولغان ۋە چىڭگىزخاننىڭ قوشۇنىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلغان جالالىددىن خارەزىمشاھ جەڭگە ئاتلانغان ۋاقىتتا، ۋەزىرلىرى ۋە ئەگەشكۈچىلىرى ئۇنىڭغا: «سەن زەپەر قازىنىسەن، جانابى ھەق سېنى غالىپ قىلىدۇ» دېيىشىپتۇ. ئۇ: «مەن ﷲنىڭ ئەمرى بىلەن جىھاد يولىدا ھەرىكەت قىلىشقا ۋەزىپىدارمەن، جانابى ھەقنىڭ ۋەزىپىسىگە ئارىلاشمايمەن، زەپەر قازاندۇرۇش ياكى مەغلۇپ قىلىش ئۇنىڭ ۋەزىپىسىدۇردەپتۇ. مانا بۇ زات بۇ تەسلىمىيەت سىرىنى چۈشىنىش بىلەن، ھەيران قالارلىق بىر سۈرەتتە كۆپ قېتىم زەپەر قازانغاندۇر.

  شۇنداق، ئىنسان قولىدىكى جۈزئى ئىختىيارى بىلەن قىلغان ئىشلىرىدا جانابى ھەققە ئائىت نەتىجىلەرنى ئويلىماسلىقى كېرەك. مەسىلەن: قېرىنداشلىرىمىزدىن بىر قىسىم زاتلارنىڭ خەلقلەرنىڭ رىسالەئى نۇرغا قېتىلىشلىرى بىلەن قىزغىنلىقى زىيادىلىشىۋاتىدۇ، غەيرەتكە كېلىۋاتىدۇ. قۇلاق سالمىغان ۋاقىتلاردا زەئىپلەرنىڭ مەنىۋى قۇۋۋەتلىرى ئاجىزلاۋاتىدۇ. قىزغىنلىقلىرى قىسمەن سۇسلىشىۋاتىدۇ. ھالبۇكى، مۇتلەق ئۇستاز بولغان، ھەممە ئىقتىدا قىلىشقا تېگىشلىك بولغان، ئەڭ مۇكەممەل رەھبەر بولغان رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام

﴿وَمَا عَلَى الرَّسُولِ اِلاَّ الْبَلاَغُ

(نۇر:54)

دېگەن ئىلاھىي پەرماننى ئۆزىگە مۇتلەق رەھبەر قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنى قاچۇرىشىغا ۋە قۇلاق سالماسلىقىغا قارىتا تېخىمۇ زىيادە غەيرەت ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن تەبلىغ قىلغاندۇر. چۈنكى

﴿اِنَّكَ لاَ تَهْدِى مَنْ اَحْبَبْتَ وَلكِنَّ اللّهَ يَهْدِى مَنْ يَشَاءُ﴾

(قەسەس:56)

سىرى بىلەن، ئىنسانلارغا تىڭشاتقۇزۇش ۋە ھىدايەت بېرىش جانابى ھەقنىڭ ۋەزىپىسى ئىكەنلىكىنى چۈشىنەتتى. جانابى ھەقنىڭ ۋەزىپىسىگە ئارىلاشمايتتى.

  ئۇنداقتا، ئەي قېرىنداشلىرىم! ئۆزۈڭلارغا ئائىت بولمىغان ۋەزىپىلەر بويىچە ھەرىكەت قىلىش بىلەن ﷲنىڭ ئىشىغا ئارىلاشماڭلار ۋە ئۇ زاتقا سىناش پوزىتسىيىسىدە بولماڭلار.

  ئىككىنچى مەسىلە: ئىبادەت ﷲنىڭ ئەمرىگە ۋە ﷲنىڭ رىزاسىغا قارايدۇ. ئىبادەتنىڭ سەۋەبى ﷲنىڭ ئەمرى ۋە نەتىجىسى ﷲنىڭ رىزاسىدۇر. مېۋىلىرى ۋە پايدىلىرى بولسا ئاخىرەتكە ئائىتتۇر. ئەمما بىردىنبىر غايە بولماسلىق ۋە ئاتايىتەن خالانماسلىق شەرتى بىلەن دۇنياغا ئائىت پايدىلار، ئۆزلىكىدىن كېلىدىغان ۋە تىلىمەستىن بېرىلگەن مېۋىلەر ئىبادەتكە زىت بولمايدۇ، بەلكى زەئىپلەر ئۈچۈن قىزغىنلىققا ۋە ئۈستۈن كۆرۈشكە سەۋەب بولىدۇ. ئەگەر دۇنياغا ئائىت ئۇ پايدىلار ۋە مەنپەئەتلەر ئۇ ئىبادەتكە، ئۇ دۇئاغا ۋە ياكى ئۇ زىكىرگە بىردىنبىر سەۋەب ياكى بىردىنبىر سەۋەبنىڭ بىر قىسمى بولسا، ئۇ ئىبادەتنى قىسمەن يوققا چىقىرىدۇ. ھەتتا ئۇ خاسىيەتلىك دۇئانى ئۈنۈمسىز قويىدۇ، نەتىجە بەرمەيدۇ. مانا بۇ سىرنى چۈشەنمىگەنلەر، مەسىلەن، يۈز خاسىيىتى ۋە پايدىسى بولغان شاھى نەقىشبەندىينىڭ «ئەۋرادى قۇدسىيە» نامىدىكى دۇئالىرىنى ياكى مىڭ خاسىيىتى بولغان «جەۋشەنۇل كەبىر»نى ئۇ پايدىلارنىڭ بەزىلىرىنى نىيىتىدە بىردىنبىر مەقسەت قىلىپ ئوقۇپ، پايدىسىنى كۆرەلمەيۋاتىدۇ ۋە كۆرەلمەيدۇ ۋە كۆرۈشكىمۇ ھەققى يوقتۇر. چۈنكى ئۇ پايدىلار ئۇ دۇئالارنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى بولالمايدۇ، ھەمدە ئۇنىڭدىن ئۇلار قەستەن ۋە ئاتايىن خالانمايدۇ. چۈنكى ئۇ پايدىلار ﷲنىڭ پەزلىدىن ئۇ خالىس دۇئاغا تەلەپسىز بېرىلىدۇ. ئۇلارنى نىيەت قىلسا، ئىخلاسى قىسمەن بۇزۇلىدۇ، ھەتتا ئىبادەتتىن چىقىدۇ ۋە قىممەتتىن چۈشىدۇ. بىراق شۇ يېرى باركى، بۇنداق خاسىيەتلىك دۇئالارنى ئوقۇش ئۈچۈن زەئىپ ئىنسانلار بىر قىزغىنلىققا ۋە ئۈستۈن كۆرۈشكە مۇھتاجدۇر. ئۇ پايدىلارنى ئويلاپ، قىزغىنلىقى ئېشىپ، دۇئالارنى پەقەت ﷲ رىزاسى ئۈچۈن، ئاخىرەت ئۈچۈن ئوقۇسا زەرەر بەرمەيدۇ، ھەمدە مەقبۇلدۇر. بۇ ھىكمەت چۈشىنىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، نۇرغۇن كىشىلەر ئەقتابتىن ۋە سەلەفى سالىھىندىن رىۋايەت قىلىنغان پايدىلارنى كۆرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن شۈبھىگە چۈشىدۇ، ھەتتا ئىنكارمۇ قىلىشىدۇ.

  ئۈچىنچى مەسىلە: طُوبَى لِمَنْ عَرَفَ حَدَّهُ وَلَمْ يَتَجَاوَزْ طَوْرَهُ يەنى: « ئۆزىنى بىلىپ ھەددىدىن ئاشمايدىغان ئادەم نېمە دېگەن بەختىيارئالايلۇق: بىر زەررە ئەينەكتىن، بىر قەترە(تامچە) سۇدىن، بىر كۆلچەكتىن، دېڭىزدىن، ئايدىن تارتىپ سەييارىلەرگىچە قۇياشنىڭ جىلۋىلىرى بار. ھەربىرسى قابىلىيىتىگە يارىشا قۇياشنىڭ ئەكسىنى، مىسالىنى كۆرسىتىدۇ ۋە ھەددىنى بىلىدۇ. بىر قەترە سۇ، ئۆز قابىلىيىتىگە قارىتا «قۇياشنىڭ بىر ئەكسى مەندە بار» دەيدۇ. ئەمما «مەنمۇ دېڭىزغا ئوخشاش بىر ئەينەكمەن» دېيەلمەيدۇ. شۇنىڭدەك، ﷲنىڭ ئىسىملىرىنى جىلۋىلەندۈرۈشنىڭ خىلمۇخىللىقىغا قارىتا، ئەۋلىيالىقنىڭ دەرىجىلىرىدە شۇنداق مەرتىۋىلەر بار. ﷲنىڭ ئىسىملىرىنىڭ ھەربىرىسىنىڭ بىر قۇياشقا ئوخشاش قەلبدىن ئەرشكە قەدەر جىلۋىلىرى بار. قەلبمۇ بىر ئەرشتۇر، ئەمما «مەنمۇ ئەرشكە ئوخشاشمەن» دېيەلمەيدۇ. ئىبادەتنىڭ ئاساسى بولغان ئاجىزلىق، پېقىرلىق، ھەمدە قۇسۇر ۋە نۇقسانىنى بىلىش، شۇنداقلا دۇئا بىلەن ﷲنىڭ دەرگاھىغا يۈزلىنىپ سەجدە قىلىشنىڭ ئورنىغا، ھاكاۋۇرلۇق ۋە پەخىرلىنىش سۈرىتىدە ماڭغانلار، زەررىچىلىك قەلبىنى ئەرشكە تەڭداش تۇتىدۇ. قەترىدەك دەرىجىسىنى دېڭىزغا ئوخشاش ئەۋلىيانىڭ دەرىجىسى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قويىدۇ. ئۆزىنى ئۇ بۈيۈك دەرىجىگە لايىقلاشتۇرۇش ۋە ئۇ دەرىجىدە ئۆزىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن رىياكارلىققا، ياسالمىچىلىققا، مەنىسىز مەنمەنچىلىككە ۋە بىر مۇنچە مۈشكۈلاتلارغا چۈشىدۇ.

خۇلاسە: ھەدىستە باردۇركى:

هَلَكَ النَّاسُ اِلاَّ الْعَالِمُونَ وَهَلَكَ الْعَالِمُونَ اِلاَّ الْعَامِلُونَ وَهَلَكَ الْعَامِلُونَ اِلاَّ الْمُخْلِصُونَ وَالْمُخْلِصُونَ عَلَى خَطَرٍ عَظِيمٍ

يەنى: نىجاتلىق ۋە قۇتۇلۇش ۋاستىسى، پەقەتلا ئىخلاستۇر. ئىخلاسنى قازىنىش ئىنتايىن مۇھىمدۇر. بىر زەررە ئىخلاسلىق ئەمەل، پاتمانلارچە خالىس بولمىغان ئەمەلدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. ئەمەللىرىدە ئىخلاس بولۇش ئۈچۈن، ئۇ ئىشنىڭ پەقەتلا ﷲنىڭ ئەمرى بولغاچقا قىلىنىدىغانلىقىنى ۋە نەتىجىسى ﷲنىڭ رازىلىقى ئىكەنلىكىنى ئويلاش كېرەك، ﷲنىڭ ۋەزىپىسىگە ئارىلاشماسلىق لازىم. ھەر نەرسىدە بىر ئىخلاس بار. ھەتتا مۇھەببەتنىڭمۇ ئىخلاسلىق بىر زەررىسى، پاتمانلارچە رەسمىي ۋە ھەق تەلەپ قىلىدىغان مۇھەببەتتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. شۇڭا بىر زات بۇ ئىخلاسلىق مۇھەببەتنى مۇنداق تەبىر قىلغان:

وَ مَا اَنَا بِالْبَاغِى عَلَى الْحُبِّ رِشْوَةً ضَعِيفٌ هَوًى يُبْغَى عَلَيْهِ ثَوَابٌ

يەنى: «مەن مۇھەببەت ئۈستىدىن بىر پارا، بىر ھەق، بىر جاۋاب، بىر مۇكاپات خالىمايمەن. چۈنكى قارشىسىدا بىر مۇكاپات، بىر ھەق خالانغان مۇھەببەت زەئىپتۇر، داۋامسىزدۇرھەتتا خالىس مۇھەببەت، ئىنساننىڭ تەبىئىتىدە ۋە پۈتكۈل ئانىلاردا ئورۇنلاشتۇرۇلغاندۇر. مانا بۇ ساپ مۇھەببەتنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى ئانىلارنىڭ شەپقەتلىرى كۆرسىتىدۇ. ئانىلار ئۇ شەپقەت سىرى بىلەن، ئەۋلادلىرىغا بولغان مۇھەببەتلىرىگە قارىتا بىر مۇكاپات، بىر پارا خالىمىغانلىقلىرىغا ۋە تەلەپ قىلمايدىغانلىقىغا دەلىل: روھىنى، بەلكى ئاخىرەتلىك سائادەتلىرىنىمۇ ئۇلار ئۈچۈن پىدا قىلىشلىرىدۇر. توخۇنىڭ پۈتۈن سەرمايىسى ئۆز ھاياتى تۇرۇقلۇق، چۈجىسىنى ئىتنىڭ ئاغزىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن (خۇسرەۋنىڭ كۆرۈشى بىلەن) بېشىنى ئىتقا ئالدۇرۇپ قويىدۇ.

  تۆتىنچى مەسىلە: سىرتقى سەۋەبلەرنىڭ قولى بىلەن كەلگەن نىمەتلەرنى ئۇ سەۋەبلەر نامىدىن ئالماسلىق كېرەكتۇر. ئەگەر ئۇ سەۋەب ئىختىيار ئىگىسى بولمىسا، (مەسىلەن: ھايۋان ۋە دەرەخكە ئوخشاش) توغرىدىنتوغرا جانابى ھەق نامىدىن بېرىدۇ. مادەم ئۇ، ئەھۋال تىلى بىلەن «بىسمىللاھ» دەيدۇ، ساڭا بېرىدۇ. سەنمۇ ﷲ نامىدىن «بىسمىللاھ» دە، ئال. ئەگەر ئۇ سەۋەب ئىختىيار ئىگىسى بولسا، ئۇ «بىسمىللاھ» دېيىشى كېرەك، شۇندىلا ئۇنىڭدىن ئال، بولمىسا ئالما. چۈنكى

﴿وَلاَ تَاْكُلُوا مِمَّا لَمْ يُذْكَرِ اسْمُ اللّٰهِ عَلَيْهِ

(ئەنئام:121)

ئايىتىنىڭ ئوچۇق مەنىسىدىن باشقا بىر ئىشارىي مەنىسى شۇدۇركى: «ھەقىقىي مۇنئىمنى(نىمەت بەرگۈچىنى) ئويلىماستىن ئۇنىڭ نامى بىلەن بېرىلمىگەن نىمەتنى يېمەڭلاردېگەنلىكتۇر. ئۇ ھالدا ھەم بەرگۈچى «بىسمىللاھ» دېيىشى، ھەم ئالغۇچى «بىسمىللاھ» دېيىشى لازىم. ئەگەر ئۇ «بىسمىللاھ» دېمىسە، ئەمما سەنمۇ ئۇنى ئېلىشقا مۇھتاج بولساڭ، سەن «بىسمىللاھ» دە، ئۇ نىمەتنىڭ بېشى ئۈستىدە ﷲنىڭ رەھمىتىنىڭ قولىنى كۆر، شۈكۈر بىلەن سۆي، ئۇنىڭدىن ئال. يەنى نىمەتتىن ئىنئامغا قارا، ئىنئامدىن ھەقىقىي مۇنئىمنى ئويلا. بۇ ئويلاش بىر شۈكۈردۇر. ئاندىن ئۇ سىرتقى ۋاستىغا خالىساڭ دۇئا قىل. چۈنكى ئۇ نىمەت ئۇنىڭ قولى بىلەن ساڭا ئەۋەتىلدى.

  زاھىرى سەۋەبلەرگە چوقۇنغانلارنى ئالداۋاتقان نەرسە، ئىككى نەرسىنىڭ تەڭلا كېلىشى ۋەياكى بولىشىدۇركى، «ئىقتىران» تەبىر قىلىنىدۇ، ئىككىسىنى بىربىرىگە ئىللەت(بىردىنبىر سەۋەب) دەپ قاراشلىرىدۇر. ھەم بىر نەرسىنىڭ يوقلۇقى بىر نىمەتنىڭ يوق بولىشىغا ئىللەت بولغانلىقتىن، ئۇ نەرسىنىڭ بار بولىشىمۇ ئۇ نىمەتنىڭ بار بولشىغا ئىللەتتۇر، دەپ قاراپ قالىدۇ. شۈكرىنى، مىننەتدارلىقىنى ئۇ نەرسىگە بېرىدۇ، خاتاغا چۈشىدۇ. چۈنكى ھەر نىمەتنىڭ بار بولىشى، ئۇ نىمەتنىڭ پۈتكۈل مۇقەددىمىلىرىگە ۋە شەرتلىرىگە قارايدۇ. ھالبۇكى ئۇ نىمەتنىڭ يوق بولىشى، يالغۇز بىر شەرتنىڭ يوقلىقى بىلەنمۇ بولىدۇ. مەسىلەن: بىر باغچىغا سۇ كىرىدىغان ئېچىقنىڭ ئاغزىنى ئاچمىغان ئادەم، ئۇ باغچىنىڭ قۇرۇپ كېتىشىگە ۋە ئۇ نىمەتلەرنىڭ يوق بولىشىغا سەۋەب ۋە ئىللەت بولىدۇ. ئەمما ئۇ باغچىنىڭ نىمەتلىرىنىڭ بار بولىشى، ئۇ ئادەمنىڭ خىزمىتىدىن باشقا، يۈزلەرچە شەرتلەرنىڭ بارلىقىغا باغلىق بولۇش بىلەن بىللە، ھەقىقىي ئىللىتى بولغان ﷲنىڭ قۇدرىتى ۋە ئىرادىسى بىلەن ۋۇجۇتقا چىقىدۇ. مانا بۇ ئالدىنىشنىڭ خاتاسىنىڭ نەقەدەر ئوچۇق ئىكەنلىكىنى چۈشەن ۋە سەۋەبپەرەستلەرنىڭ نەقەدەر خاتا قىلغانلىقىنى بىل!

  شۇنداق، ئىقتىران ئايرىمدۇر، ئىللەت ئايرىمدۇر. بىر نىمەت ساڭا كەلدى، ئەمما بىر ئىنساننىڭ ساڭا قارىتا ئىھسان قىلىش نىيىتى ئۇ نىمەتكە مۇقارىن(يېقىن) بولغان، ئەمما ئىللەت بولمىغاندۇر. ئىللەت، ﷲنىڭ رەھمىتىدۇر. شۇنداق، ئۇ ئادەم ئىھسان قىلىشنى نىيەت قىلمىغان بولسا، ئۇ نىمەت ساڭا كەلمەيتتى. نىمەتنىڭ يوق بولىشىغا ئىللەت بولاتتى. ئەمما مەزكۇر قائىدىگە بىنائەن، ئۇ ئىھسان مايىللىقى(نىيىتى)، ئۇ نىمەتكە ئىللەت بولالمايدۇ. پەقەتلا يۈزلەرچە شەرتلەرنىڭ بىر شەرتى بولالايدۇ. مەسىلەن: رىسالەئى نۇرنىڭ شاگىرتلىرى ئىچىدە جانابى ھەقنىڭ نىمەتلىرىگە ئىگە بولغان بەزى زاتلار (خۇسرەۋ، رەئفەتكە ئوخشاش)، ئىقتىراننى ئىللەت بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قويۇپ، ئۇستازىغا زىيادە مىننەتدارلىق كۆرسىتەتتى. ھالبۇكى، جانابى ھەق ئۇلارغا قۇرئان دەرسىدە بەرگەن پايدىلىنىش نىمىتى بىلەن، ئۇستازىغا ئىھسان قىلىنغان ئىپادە قىلىش نىمىتىنى بىللە قىلىپ مۇقارىن قىلغاندۇر. ئۇلار دەيدۇكى: «ئەگەر ئۇستازىمىز بۇ يەرگە كەلمىگەن بولسا، بىز بۇ دەسنى ئالالمايتتۇق. ئۇنداق بولسا، ئۇنىڭ ئىپادە قىلىشى پايدىلىنىشىمىزغا ئىللەتتۇرمەن دەيمەنكى: «ئەي قېرىنداشلىرىم! جانابى ھەق بەرگەن نىمەتلەر ماڭىمۇ، سىلەرگىمۇ بىللە كەپتۇ، ھەر ئىككى نىمەتنىڭ ئىللىتىمۇ ﷲنىڭ رەھمىتىدۇر. مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاش ئىقتىراننى ئىللەت بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، بىر چاغلاردا رىسالەئى نۇرنىڭ سىلەرگە ئوخشاش ئالماس قەلەملىك يۈزلەرچە شاگىرتلىرىغا ناھايىتى مىننەتدارلىق ھېس قىلاتتىم ۋە: «بۇلار بولمىغان بولسا، مەندەك يېرىم ساۋاتسىز بىر بىچارە قانداق خىزمەت قىلاتتى؟» دەيتتىم. كېيىن چۈشەندىمكى، سىلەرگە قەلەم ۋاستىسى بىلەن بولغان مۇقەددەس نىمەتتىن كېيىن، ماڭىمۇ بۇ خىزمەتكە مۇۋەپپىقىيەت ئىھسان قىپتۇ. بىربىرىگە ئىقتىران قىپتۇ، بىربىرىنىڭ ئىللىتى بولالمايدۇ. مەن سىلەرگە تەشەككۈر ئېيتىش ئەمەس، بەلكى سىلەرنى تەبرىكلەيمەن. سىلەرمۇ ماڭا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنىڭ ئورنىغا، دۇئا قىلىڭلار ۋە تەبرىكلەڭلار

  بۇ تۆتىنچى مەسىلىدە، غەپلەتنىڭ نەقەدەر دەرىجىلىرى بارلىقى چۈشىنىلىدۇ.

  بەشىنچى مەسىلە: بىر جامائەتنىڭ مېلى بىر ئادەمگە بېرىلسە زۇلۇم بولغىنىدەك، ۋەياكى جامائەتكە ئائىت ۋەقپىلەرنى بىر ئادەم ئىگىلىۋالسا، زۇلۇم سانالغىنىدەك، جامائەتنىڭ ئەمگەكلىرى بىلەن ھاسىل بولغان بىر نەتىجىنى ياكى جامائەتىنڭ ياخشىلىقلىرى بىلەن قولغا كەلگەن بىر شەرەپنى، بىر پەزىلەتنى ئۇ جامائەتنىڭ رەئىسىگە ياكى ئۇستازىغا بېرىش ھەم جامائەتكە، ھەم ئۇ ئۇستاز ياكى رەئىسكە زۇلۇمدۇر. چۈنكى مەنمەنچىلىكنى پەپىلەپ، ھاكاۋۇرلۇققا باشلايدۇ. ئىشىك باقار بولغان ئۆزىنى، پادىشاھ دەپ ئويلاتقۇزىدۇ. ھەم ئۆزى ئۆزىگە زۇلۇم قىلىدۇ. بەلكى بىر تۈرلۈك يوشۇرۇن شىرىككە يول ئاچىدۇ. شۇنداق، بىر قەلئەنى فەتىھ قىلغان بىر پولكنىڭ غەنىمىتىنى، زەپەر شەرىپىنى بىر پولكوۋنىك ئالالمايدۇ. شۇنداق، ئۇستاز ۋە مۇرشىد(ئىرشاد قىلغۇچى)، مەنبە دەپ قارالماسلىقى كېرەكتۇر. بەلكى مەزھەر(كۆرسەتكۈچى) ۋە ئەكس ئەتتۈرگۈچى ئىكەنلىكىنى بىلىش لازىمدۇر. مەسىلەن: ئىسسىقلىق ۋە يورۇقلۇق ساڭا بىر ئەينەك ۋاستىسى بىلەن كېلىدۇ. سەن قۇياشقا مىننەتدار بولۇشنىڭ ئورنىغا، ئەينەكنى مەنبە دەپ قاراپ، قۇياشنى ئۇنۇتۇپ، ئۇنىڭغا مىننەتدار بولساڭ ئەخمەقلىقتۇر. شۇنداق، ئەينەك مۇھاپىزەت قىلىنىشى كېرەك، چۈنكى كۆرسەتكۈچىدۇر. ئوخشاشلا، مۇرشىدنىڭ روھى ۋە قەلبى بىر ئەينەكتۇر. جانابى ھەقتىن كەلگەن فەيزگە ئەكس ئەتتۈرگۈچى بولىدۇ، مۇرىتىغا ئەكىس ئېتىشىگىمۇ ۋاستە بولىدۇ. فەيز نۇقتىسىدا ۋاستىلىقتىن ئارتۇق ماقام(مەرتىۋە) بېرىلمەسلىك لازىمدۇر. ھەتتا بەزەن مەنبە دەپ قارالغان بىر ئۇستاز، مەزھەرمۇ ئەمەس، مەنبەمۇ ئەمەس. بەلكى مۇرىتىنىڭ ساپ ئىخلاسى ۋە باغلىنىش قۇۋۋىتى بىلەن، ھەمدە ئۇنىڭغىلا يۈزلىنىش بىلەن ئۇ مۇرىت باشقا يولدا ئالغان فەيزلەرنى ئۇستازىنىڭ روھ ئەينىكىدىن كەلگەن دەپ بىلىدۇ. بەزى ئادەملەر مانيەتىزما(گىپنوس) ۋاستىسى بىلەن بىر ئەينەككە دىققەت قىلغانسېرى مىسال ئالىمىگە قارىتا خىيالىدا بىر پەنجىرە ئېچىلىدۇ. ئۇ ئەينەكتە نۇرغۇنلىغان ئاجايىباتلارنى كۆرىدۇ. ھالبۇكى، ئەينەك ئىچىدە ئەمەس، بەلكى ئەينەككە بولغان دىققەت نەزەر ۋاستىسى بىلەن، ئەينەكنىڭ سىرتىدا خىيالىغا مىسال ئالىمىگە قارىغان بىر پەنجىرە ئېچىلغاندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، بەزەن قۇسۇرلۇق بىر شەيخنىڭ خالىس مۇرىتى، شەيخىدىن تېخىمۇ زىيادە كامىل بولالايدۇ ۋە كېلىپ شەيخىنى ئىرشاد قىلىدۇ(يېتەكلەيدۇ) ۋە شەيخىنىڭ شەيخى بولىدۇ.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.