ئاۋازىڭلارنى پەيغەمبەرنىڭ ئاۋازىدىن ئۈستۈن قلماڭلار

ئاۋازىڭلارنى پەيغەمبەرنىڭ ئاۋازىدىن ئۈستۈن قلماڭلار

يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَرْفَعُوا أَصْوَاتَكُمْ فَوْقَ صَوْتِ النَّبِيِّ وَلَا تَجْهَرُوا لَهُ بِالْقَوْلِ كَجَهْرِ بَعْضِكُمْ لِبَعْضٍ أَن تَحْبَطَ أَعْمَالُكُمْ وَأَنتُمْ لَا تَشْعُرُونَ﴿٢﴾

(ھۇجۇرات سۈرىسى،49:2)

  ئەي مۇئمىنلەر! ئاۋازىڭلارنى پەيغەمبەرنىڭ ئاۋازىدىن ئۈستۈن قلماڭلار، رەسۇلۇللاھقا سۆز سۆزلىگەندە بەزىڭلار بەزىڭلارغا سۆزلىگەندەك قاتتىق سۆزلىمەڭلاركى ئەمەللىرىڭلار باتىل بولۇپ قالمىسۇن. قاتتىق سۆزلىگەن تەقدىردە ئەمىلىڭلار باتىل بولىدۇ. ھالبۇكى سىز باتىل بولغانلىقىنى بىلەلمەيسىلەر. بۇ ئايەتتە جانابى ھەق رەسۇلىنىڭ سۆھبىتىگە كامالى تازىمھۆرمەتكە ۋە ھۆسنى ئەدەپكە رىئايەت قىلىشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ۋە تەۋسىيە قىلغاندۇر. رەسۇلۇللاھقا ھايات چېغىدا نە قەدەر تازىم ھۆرمەت لازىم بولغان بولسا، ۋاپات قىلغاندىن كېيىنمۇ ئۇ قەدەر تازىم ھۆرمەت لازىم بولىدىغانلىقىغا ئوخشاش، ھايات چېغىدا پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىشتا نە قەدەر ئىتائەتچانلىق لازىم بولغان بولسا، ۋاپاتىدىن كېيىنمۇ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسلىرىگىمۇ قۇلاق سېلىشتىمۇ ھەم شۇنداق مۇكەممەل بۇيسۇنۇش بولىشى لازىم بولىدىغانلىقىنى قادى ئىياز ھەزرەتلىرى شىفايى شەرىف كىتابىدا بايان بۇيىرغانلىقىغا ئوخشاش، بەزى مۇپەسسىرلەرمۇ بۇ ئايەت بىلەن يولغا چىقىپ دەلىل كەلتۈرگەن.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.