ئوھۇد غازىتىنىڭ ئاخىرىدا ۋە ھۈنەين غازىتىنىڭ بېشىدا ساھابىلەر نىمىشقا مەغلۇپ بولىدۇ؟

ئوھۇد غازىتىنىڭ ئاخىرىدا ۋە ھۈنەين غازىتىنىڭ بېشىدا ساھابىلەر نىمىشقا مەغلۇپ بولىدۇ؟

  ئەگەر دېيىلسە: رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام مادەم ھەبىبى رەببىلئالەمىيندۇر. ھەم قولىدىكىسى ھەق، تىلىدىكىسى ھەقىقەتتۇر ۋە قوشۇنىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ بىر قىسمى مالائىكىلەردۇر. ھەم بىر ئوچۇم سۇ بىلەن بىر قوشۇننى تەمىنلەيدۇ، تۆت چاڭگال بۇغداي ۋە بىر ئوغلاقنىڭ گۆشى بىلەن مىڭ ئادەمنى تويغۇزىدىغان زىياپەت بېرىدۇ. ھەمدە كۇففار قوشۇنىنىڭ كۆزلىرىگە بىر چاڭگال توپا چېچىش بىلەن، ئۇ بىر چاڭگال توپىدىن ھەر كۇففارنىڭ كۆزىگە بىر چاڭگالدىن توپا كىرىپ ئۇلارنى قاچۇرىدۇۋە بۇنىڭغا ئوخشايدىغان مىڭلارچە مۆجىزىنىڭ ساھىبى بولغان بۇ رەببانىي قۇماندان قانداقلارچە ئوھۇد غازىتىنىڭ ئاخىرىدا ۋە ھۈنەين غازىتىنىڭ بېشىدا مەغلۇپ بولىدۇ؟

  جاۋاب: رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ئىنسانىيەتكە مۇقتەدا(ئىقتىدا قىلىنىدىغان)، ئىمام ۋە رەھبەر قىلىپ ئەۋەتىلىشى بولسا، ئىنسانىيەتنىڭ ئىجتىمائىي ۋە شەخسىي ھاياتقا دائىر دەستۇرلارنى ئۇنىڭدىن ئۈگىنىشى ۋە ھەكىمى زۇلجالالنىڭ فىترىي قانۇنلىرىغا ئىتائەت قىلىشقا كۆنىشى، ھەمدە ھىكمەت دەستۇرلىرىغا ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلىشى ئۈچۈن ئىدى. ئەگەر رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ئىجتىمائىي ۋە شەخسىي ھاياتىدا ھەر دائىم ھەيران قالارلىق ئىشلارغا ۋە مۆجىزىلەرگە تايانغان بولسا، مۇتلەق ئىمام ۋە ئەڭ چوڭ رەھبەر بولالمايتتى.

  مانا بۇ سىر ئۈچۈندۇركى، پەقەتلا دەۋاسىنى تەستىق قىلغۇزۇش ئۈچۈن ئانچەمۇنچە ئېھتىياجلىق ۋاقىتلاردا ئەھلى ئىنكارنىڭ ئىنكارىنى جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن مۆجىزىلەرنى كۆرسىتەتتى. باشقا ۋاقىتلاردا بولسا ﷲنىڭ ئەمىرپەرمانلىرىغا ھەركىمدىن كۆپرەك ئىتائەت قىلغىنىدەك، ئىلاھىي ھىكمەت ۋە سۇبھانىي ئىرادە بىلەن تەسىس قىلىنغان ئادەتۇللاھ قانۇنلىرىغىمۇ ھەركىمدىن كۆپرەك رىئايە ۋە ئىتائەت قىلاتتى. دۈشمەنگە قارشى ساۋۇت(جەڭ كىيىمى) كىيەتتى، «قالقان تۇتۇڭلاردەپ ئەمىر قىلاتتى. يارىلىناتتى، ئازاپ چېكەتتى. چۈنكى ﷲنىڭ ھىكمەت قانۇنىغا ۋە كائىناتتىكى شەرىئەتى فىترىيەئى كۇبراغا (ﷲنىڭ تەبىئەتكە قويغان بۈيۈك قانۇنىيەتلىرىگە) تامامەن رىئايە قىلىشى ۋە ئىتائەت كۆرسىتىشى كېرەكتى.

——————————————————

*ئادەتۇللاھ: تەبىئەت دۇنياسىدا ﷲ ئىرادىسى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇپ كونترول قىلماقتا بولغان فىترىي قانۇنىيەتلەر. («تەبىئىي قانۇنىيەتلەر» دېيىش خاتادۇر.)


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.