ئەلھەمدۇلىللاھ، ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇق. ئەمدى ئۆلۈم يوق

ئەلھەمدۇلىللاھ، ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇق. ئەمدى ئۆلۈم يوق

سوئال: ئاخىرەتتە زەررىلەرنىڭ ئۆلمەي باقى قېلىشىنى قانداق ئىزاھ قىلىمىز؟

  ئەلجاۋاپ: ئاللاھۇ ئەزىممۇششان، قىيامەتتىن كېيىن ھەشىر مەيدانىدا پۈتۈن ئالەمنىڭ ھۇزۇرىدا «ئۆلۈم»نى قوچقار سۇرىتىدە ئېلىپ كىلىدۇ ۋە كېسىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ئالەمدىكى زەررىلەرنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرىدۇ. ئەھلى جەننەتنىڭ ئەڭ خۇشاللىققا چۈمگەن كۈنى، ئەنە شۇ كۈندۇر. چۈنكى، ئەھلى جەننەت، ئۇ پەيىتتە: «ئەلھەمدۇلىللاھ، ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇق. ئەمدى ئۆلۈم يوق» دېيىشىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئەجەل ئىدى، ھەركىشىگە مۇساللات يەنى ھوجۇم قىلاتتى، پۈتۈن دۇنيا ئۇنىڭ بىلەن بىر باشقا چىقالمىغان ئىدى، ھەر كىشىنى مەغلۇپ قىلغانتى. ئالەملەرنىڭ خالىقى، پۈتۈن ئالەملەرنىڭ بېشىغا ئۆلۈم دېيىلگەن بىر مەنىۋى شەخىسنى مۇساللات قىلغانتى. ئۇ كۈن ئۆلۈمنى كېسىش بىلەن ئۇلارغا خوشاللىق بەخىش ئىتىدۇ. ھەم ئۆلۈمنى بوغۇزلاش ئەمرى بېرىلگەندىن كېيىن، ئەھلى جەھەننەممۇ كۆپ ھەسرەت چىكىدۇ. «ئاپلا! ئەمدى ئۆلۈم يوق بولدى. ئەبەدى جەھەننەمدە قالىدىغان بولدۇقدېيىشىدۇ ۋە ناھايتى كۆڭلى يېرىم بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن جانابى ھەق ، پۈتۈن ھايۋانلارنىڭ بىربىرىسىگە قارشى ھەقلىرىنىڭ ھېسابىنى كۆرىدۇ. ھېساپ تۈگىكەندىن كېيىن، ھايۋانلارنىڭ ئەرۋاھى جەننەتكە كىتىدۇ. ئۇ روھلار، جەننەتتە يۈكسەك بىر مەرتىۋىگە ئۇلىشىدۇ. جەسەتلىرىمۇ تۇپراققا ئايلىنىپ، زەررىلەر ھالىتىدە جەننەتكە كىتىدۇ ۋە ئۇ زەررىلەر دۇنيادىكى بىر ھايۋاندىن تېخىمۇ كۆپ لەززەتلەرگە نائىل بولۇپ تاكاممۇللىشىدۇ. دېمەك، مۇشۇنداق بىر سائادەت دىيارىغا لاياقەتلىك بولۇش ئۈچۈن، پۈتۈن ئالەمدىكى زەررىلەر، ئالىم ۋە ھەكىم بولغان ئاللاھ تەرىپىدىن بۇ دۇنيا دىيارىغا تەدرىسات ۋە تەلىمات ئېلىش ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن. بۇ سىر تۈپەيلىدىن، ئۇ زاتى زۈلجەلالى ۋەل ئىكرام، پۈتۈن ئالەملەرنى بىر ھالدىن يەنە بىر ھالغا، بىر ۋەزىيەتتىن باشقا بىر ۋەزىيەتكە ئۆرۈپچۆرۈيدۇ، ئەھۋاللىرىنى ئۆزگەرتىدۇ ۋە شەكىللىرىنى ئالماشتۇرىدۇ. ئەمما، يوق قىلىۋەتمەيدۇ. ئەبەدى بىر ئالەمگە، دائىمى بىر سائادەت مەھەللىسى بولغان جەننەتكە ئاپىرىدۇ. ئۇنداقتا، شۇ ئالەم بىر فابرىكىغا ئوخشايدۇ. ئەمىر ۋە راببانى ئىرادە بىلەن زەررىلەر، ئۇ ئالەم فابرىكىسىغا كىرىپ تەربىيە ئالىدۇ ۋە تاكاممۇللىشىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، جەننەتكە لايىق زەررىلەر ھالىتىگە كىلىدۇ. ھەم زەررىلەر جەننەتتە ئۆزگىرىش ۋە ئالمىشىشقا دۇچار بولۇش شەكلىدە تاكاممۇللاشمايدۇ. تاكاممۇللىشىش بولمىغاچقا، ئۆلۈمگە مەھكۇم بولمايدۇ. چۈنكى، جەننەتتە زەررىلەر ئەسلى ھالىتىدە سابىت قالىدۇ، ياكى بولمىسا ئاسسىمىلىياتسىيە(كىرىم) ۋە دىسسىمىلىياتسىيە(چىقىم) تەڭپۇڭلۇقتا بولىدۇ. بۇ سەۋەپتىن ئۆلۈمگە مەھكۇم بولمايدۇ.

  شۇ ئالەمدە، ھايات ساھىپلىرىنىڭ جىسمى پارچىلىنىپ تۈگەشكە ۋە ئۆلۈمگە مەھكۇم بولىشى بولسا، ئاسسىمىلىياتسىيە(كىرىم) ۋە دىسسىمىلىياتسىيە(چىقىم)نىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىدىن بولىدۇ. بۇۋاقلىقتىن سىننى كامال(پىكىر ۋە چۈشەنچە جەھەتتە كامالەتكە يىتىش يېشى، 40-ياش)غىچە، ئاسسىمىلىياتسىيە(كىرىم) كۆپ بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن دىسسىمىلىياتسىيە(چىقىم) كۆپ بولىدۇ، زىيادىلىشىدۇ. مۇۋازىنەتتەڭپۇڭلۇق بۇزىلىدۇ ۋە ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئەبەدى ئالەمدە بولسا، جىسىم زەررىلىرى سابىت قېلىپ، تەركىپ تېپىش ۋە پارچىلىنىپ كىتىشكە دۇچار بولمايدۇ، ۋەياكى مۇۋازىنەتتەڭپۇڭلۇق سابىت قالىدۇ. ۋارىدات(ئاسسىمىلىياتسىيە) ۋە سەرپىيات(دىسسىمىلىياتسىيە) تەڭپۇڭلۇقتا بولىدۇ. داۋاملىق تۈردە ئۆزگىرىشكە ئوخشاش، زىھايات جانلىقلارنىڭ جىسمى، لەززەتلىنىش ئۈچۈن، جىسمانى ھايات فابرىكىسىنىڭ ئىشلىشى بىلەن بىرلىكتە ئەبىدىيلىشىدۇ.[1]

  جەننەتتە ھەر نەرسە جانلىق بولىدۇ، جانسىز بىر نەرسە يوقتۇر. سەن جەننەتتە بىر دەرەخكە: «كەل» دېسەڭ كىلىدۇ، گەپ ئاڭلايدۇ. بۇ ئالەم، پۈتۈن مەۋجۇداتلىرى بىلەن ئەبەدى بىر ئالەمگە كېتىدۇ. گۈزەللىك ۋە خەيىرلىك ئىشلار جەننەتكە، شەر ۋە يامانلىقلار بولسا جەھەننەمگە كېتىدۇ.

[1]سۆزلەر 28-سۆز،527-بەت.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.