ئەييۇپ ئەلەيھىسسالام

ئەييۇپ ئەلەيھىسسالام

ئىككىنچى لەمئا

بِسْمِ اللّهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيمِ

﴿اِذْ نَادَى رَبَّهُ اَنِّى مَسَّنِىَ الضُّرُّ وَاَنْتَ اَرْحَمُ الرَّاحِمِينَ﴾ (ئەنبىيا:83)

 سەبىر قەھرىمانى ھەزرىتى ئەييۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇ مۇناجاتى ھەم مەقبۇل ھەم تەسىرلىك بىر دۇئادۇر. بىز شۇ ئايەتتىن پايدىلىنىپ

رَبِّ اَِنِّى مَسَّنِىَ الضُّرُّ وَاَنْتَ اَرْحَمُ الرَّاحِمِينَ

دېگەن شەكىلدە دۇئا قىلىشىمىز كېرەك. ھەزرىتى ئەييۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ مەشھۇر قىسىسىنىڭ خۇلاسىسى شۇدۇركى: ئۇزۇن ۋاقىت ناھايىتى كۆپ يارىلار ئىچىدە قالغان تۇرۇقلۇق، يەنىلا ئۇ كېسەللىكنىڭ چوڭ مۇكاپاتىنى ئويلاپ، مۇكەممەل ھالدا سەبىر قىلىدۇ. كېيىن ئۇ يارىلىرىدىن پەيدا بولغان قۇرۇتلار قەلبىگە ۋە تىلىغا ھۇجۇم قىلىشقا باشلىغاندا، ئىلاھىي مەرىپەت ۋە زىكىرنىڭ ئورنى بولغان قەلب ۋە تىل ئارقىلىق ئىبادەت قىلىشقا زىيان بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ، ئۆز راھەتلىكى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى قا ئىبادەت مەقسىتى ئۈچۈن: «يا رەببىم! ماڭا زىيان يەتتى. تىلىم بىلەن زىكىر قىلىشتىن، قەلبىم بىلەن ئىبادەت قىلىشتىن مېنى توسىۋاتىدۇ» دەپ دۇئا قىلىدۇ. جانابى ﷲمۇ ئۇ ساپ، خالىس، غەرەزسىز ۋە پەقەت ﷲ ئۈچۈن بولغان ئۇ دۇئانى ھەيران قالارلىق بىر شەكىلدە قوبۇل قىلىدۇ ۋە تولۇق سالامەتلىكنى ئېھسان قىلىپ تۈرلۈك رەھمەتلىرىنى ئاتا قىلىدۇ.

  بۇ لەمئادا «بەش نۇقتا» بار:

  بىرىنچى نۇقتا:

  ھەزرىتى ئەييۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ سىرتقى يارا كېسەللىكلىرى بولغان بولسا، بىزنىڭ ئىچكى، روھى ۋە قەلبى كېسەللىكلىرىمىز بار. ئىچىمىزنى سىرتىمىزغا، سىرتىمىزنى ئىچىمىزگە بىر ئۆرىسەك، ھەزرىتى ئەييۇب ئەلەيھىسسالامدىنمۇ زىيادە جاراھەتلىك ۋە كېسەل بولۇپ كۆرىنىمىز. چۈنكى بىز قىلغان ھەربىر گۇناھ، كاللىمىزغا كىرگەن ھەربىر شۈبھە، قەلب ۋە روھىمىزغا يارىلار ئاچىدۇ.

 ھەزرىتى ئەييۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ يارىلىرى قىسقىغىنا بولغان بۇ دۇنيالىق ھاياتىغا تەھدىت سالاتتى، بىزنىڭ مەنىۋى يارىلىرىمىز بولسا، ناھايىتى ئۇزۇن بولغان ئەبەدىي ھاياتىمىزغا تەھدىت قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا ئۇ ھەزرەتنىڭ ئۇ دۇئاسىغا ئۇنىڭدىن مىڭ ھەسسە تېخىمۇ مۇھتاجمىز. بۇلۇپمۇ ئۇ ھەزرەتنىڭ يارىلىرىدىن پەيدا بولغان قۇرۇتلار ئۇنىڭ قەلب ۋە تىلىغا زىيان سالغىنىدەك، بىزنىڭمۇ گۇناھلىرىمىزدىن كەلگەن يارىلار ۋە ئۇ يارىلاردىن ھاسىل بولغان ۋەسۋەسە، شۈبھىلەر (نەئۇزۇبىللاھ) ئىمان ئورنى بولغان قەلبنىڭ ئىچىگە زىيان بېرىپ ئىماننى زېدىلەيدۇ. ھەمدە ئىماننىڭ تەرجىمانى بولغان تىلنىڭ روھانىي لەززىتىنى قاچۇرۇپ زىكىردىن نەپرەتلىك ھالدا ئۇزاقلاشتۇرۇپ جىمىقتۇرىدۇ. شۇنداق گۇناھ قەلبنى قارىدىتىپقارىدىتىپ، تاكى ئىماننىڭ نۇرىنى چىقارغانغا قەدەر قاتتىقلاشتۇرىدۇ. ھەربىر گۇناھ ئىچىدە كۇفۇرغا ئېلىپ بارىدىغان بىر يول بار. ئەگەر ئۇ گۇناھ ئىستىغفار ئارقىلىق تېز بىر تەرەپ قىلىنمىسا، قۇرۇت ئەمەس، بەلكى كىچىك بىر مەنىۋى يېلان بولۇپ قەلبنى چاقىدۇ.

  مەسىلەن: خىجىل قىلىدىغان بىر گۇناھنى يوشۇرۇن ھالدا قىلغان بىر ئادەم، باشقا بىرىنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن بەك خىجىل بولغاندا، ئۇنىڭغا پەرىشتە ۋە روھانىيلارنىڭ بارلىقى ناھايىتى ئېغىر كېلىدۇ ۋە كىچىك بىر باھانە بىلەن ئۇلارنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلىۋېتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.

  يەنە مەسىلەن: جەھەننەم ئازابىنى نەتىجە بېرىدىغان چوڭ بىر گۇناھنى قىلغان ئادەم، جەھەننەمنىڭ تەھدىتىنى ئاڭلىغان ۋاقىتتا، ئىستىغفار ئارقىلىق گۇناھنى تاشلىمىسا، چىن دىلىدىن جەھەننەمنىڭ يوق بولىشىنى ئارزۇ قىلغانلىقتىن، باھانە بولىدىغان كىچىك بىر شۈبھە ياكى دەلىل بولۇپ قالسا، جەھەننەمنى ئىنكار قىلىشقا جاسارەت قىلىدۇ.

  يەنە بىر مىسال: ئەمەلىيەتتە كىچىك بىر ۋەزىپىسىزلىك تۈپەيلى كىچىك بىر باشلىقتىن ئازار ئاڭلىغاندا قايغۇرۇپ كېتىدىغان بىر ئادەم، ئەزەل ۋە ئەبەد سۇلتانىنىڭ ناماز ۋە باشقا ئىبادەت ۋەزىپىلىرى جەھەتتىكى ئەمىرلىرىنى ئورۇندىيالماي ھورۇنلۇق قىلىپ ئىچى ناھايىتى سىقىلىدۇ ۋە ئارزۇ قىلىدۇكى «كاشكى شۇ ئىبادەت ۋەزىپىلىرى بولمىسا ئىدى» دەيدۇ. بۇ ئارزۇدىن مەنىۋى جەھەتتىن ﷲقا ئاداۋەت قىلىۋاتقانلىقىنى پۇراتقان بىر ئىنكار ئارزۇسى ئويغىنىدۇ. ﷲنىڭ بارلىقىغا دائىر بىر شۈبھە قەلبكە كەلسە، خۇددى كەسكىن بىر دەلىلدەك ئۇنىڭغا يېپىشىشقا ئىنتىلىدۇ ۋە چوڭ بىر ھالاكەت ئىشىكى ئۇنىڭغا ئېچىلىدۇ. ئىبادەت ۋەزىپىسىدىن كەلگەن ناھايىتى كىچىك بىر قىينىلىش ئورنىغا، ئىنكار ئارقىلىق ئۇ قىينىلىشتىن مىليونلار ھەسسە تېخىمۇ دەھشەتلىك قىيىنچىلىقلارغا ئۆزىنى تۇتۇپ بېرىۋاتقانلىقىدىن ئۇ بەدبەختنىڭ خەۋىرى يوق. گويا چىۋىننىڭ چېقىشىدىن قېچىپ يېلاننىڭ چېقىشىغا ماقۇل بولىدۇ. شۇ ئۈچ مىسالغا باشقا مەسىلىلەرمۇ قىياس قىلىنسا، ﴿بَلْ رَانَ عَلَى قُلُوبِهِمْ (مۇتەففىفىن:14) سىرى چۈشىنىلىدۇ.

  ئىككىنچى نۇقتا:

  يىگىرمە ئالتىنچى سۆزدە تەقدىرگە ئائىت تېمىدا بايان قىلىنغىنىدەك بالامۇسىبەت ۋە كېسەللىكلەردە شىكايەت قىلىشقا ئىنسانلارنىڭ ئۈچ جەھەتتە ھەقلىرى يوقتۇر.

  بىرىنچى جەھەت: جانابى ﷲ ئىنسانغا كىيگۈزگەن بەدەن لىباسىغا ئۆز سەنئەتلىرىنى ئىنكاس قىلدۇرىدۇ. ئىنساننى بىر مودىل قىلىپ ئۇ بەدەن لىباسىنى ئۇ مودىل ئۈستىدە كېسىدۇ، پىچىدۇ، ئالماشتۇرىدۇ، ئۆزگەرتىدۇ. تۈرلۈك ئىسىملىرىنىڭ جىلۋىلىرىنى كۆرسىتىدۇ. شافى(شىپا بەرگۈچى) دېگەن ئىسمى كېسەللىكلەرنىڭ بار بولىشىنى تەلەپ قىلغاندەك، رەززاق(رىزىق بەرگۈچى) دېگەن ئىسمىمۇ ئاچلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. ۋەھاكازا...

مَالِكُ الْمُلْكِ يَتَصَرَّفُ فِى مُلْكِهِ كَيْفَ يَشَاءُ

  ئىككىنچى جەھەت: ھايات، بالامۇسىبەتلەر ۋە ئاغرىقسىلاقلار ئارقىلىق كامالەت تاپىدۇ، قۇۋەتلىشىدۇ، تەرەققى قىلىدۇ، نەتىجە بېرىدۇ، مۇكەممەللىشىدۇ ۋە ھاياتىنڭ ۋەزىپىسىنى ئورۇندايدۇ. راھەت كۆرپىسىدىكى بىر خىللا ھايات، مۇتلەق خەير(ياخشى) بولغان بارلىقتىن كۆپرەك مۇتلەق يامان بولغان ئەدەمگە(يوقلۇققا) يېقىندۇر، ئۇ تەرەپكە يۈزلىنىدۇ.

  ئۈچىنچى جەھەت: شۇ دۇنيا بولسا ئىمتىھان مەيدانى ۋە خىزمەت دىيارىدۇر. لەززەت، ھەق ۋە مۇكاپات ئالىدىغان ماكان ئەمەستۇر. شۇڭلاشقا يەنى خىزمەت ۋە ئىبادەت ماكانى بولغاچقا، كېسەللىكلەر، بالامۇسىبەتلەر دىنىي بولماسلىق ۋە سەبىر قىلىش شەرتى بىلەن ئۇ خىزمەت ۋە ئىبادەتكە بەكمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ ۋە قۇۋۋەت بېرىدۇ. ھەمدە ھەربىر سائىتى بىر كۈنلۈك ئىبادەت ھۆكمىگە ئۆتىدىغانلىقتىن شىكايەت ئەمەس شۈكۈر قىلىش لازىم. شۇنداق ئىبادەت ئىككى قىسىمدۇر. بىر قىسمى مۇسبەت، يەنە بىرى مەنفى. مۇسبەت قىسمى مەلۇمدۇر. مەنفى قىسمى بولسا، كېسەللىكلەر ۋە بالامۇسىبەتلەر ئارقىلىق كىشى ئاجىزلىق ۋە زەئىپلىكىنى ھېس قىلىپ ئىلتىجا بىلەن رەھىملىك رەببىگە يۈزلىنىپ ئۇنى ئويلىنىپ، ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ خالىس بىر ئىبادەت قىلىدۇ. بۇ ئىبادەتكە رىيا كىرەلمەيدۇ، خالىستۇر. ئەگەر سەبىر قىلىنسا، مۇسىبەتنىڭ مۇكاپاتى ئويلىنىپ شۈكۈر قىلىنسا، ئۇ چاغدا ھەربىر سائىتى بىر كۈنلۈك ئىبادەت بولغان بولىدۇ. قىسقىغىنا ئۆمرى ئۇزۇن بىر ئۆمۈر بولىدۇ. ھەتتا بىر قىسمى باركى، بىر مىنۇتى بىر كۈنلۈك ئىبادەت بولىدۇ. ئالايلۇق مېنىڭ بىر ئاخىرەت قېرىندىشىم مۇھاجىر ھافىز ئەھمەد ئىسىملىك بىر زاتنىڭ ئېغىر بىر كېسىلىدىن ناھايىتى ئەنسىرىدىم. قەلبىمگە ئەسكەرتىلدىكى: «ئۇنى تەبرىكلە، ھەربىر مىنۇتى بىر كۈنلۈك ئىبادەت بولىۋاتىدۇ». ئۇ زاتمۇ ھەقىقەتەن سەبىر ئىچىدە شۈكۈر قىلاتتى.

  ئۈچىنچى نۇقتا:

  بىرئىككى تېمىدا بايان قىلغىنىمىزدەك، ھەر ئىنسان ئەگەر ئۆتۈپ كەتكەن ھاياتىنى ئويلانسا، قەلبىگە ۋە تىلىغا يا «ئاھ» ۋەيا «ئۇھ» كېلىدۇ. يەنى يا ئەپسۇسلىنىپ قايغۇرىدۇ، يا شۈكۈر قىلىپ «ئەلھەمدۇلىللاھ» دەيدۇ. ئۇنى ئەپسۇسلاندۇرغان نەرسە بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىكى لەززەتنىڭ زاۋالى ۋە پىراقى نەتىجىسىدىن چىققان مەنىۋى ئەلەملەردۇر. چۈنكى لەززەتنىڭ زاۋالى ئەلەمدۇر. بەزىدە ۋاقىتلىق بىر لەززەت دائىيمىلىق ئەلەم بېرىدۇ. ئويلىنىش بولسا ئۇ ئەلەمنى تېشىپ قايغۇ ئېقىتىدۇ. بۇرۇنقى ھاياتىدا ئۆتكۈزگەن ۋاقىتلىق ئەلەملىرىنىڭ زاۋال تېپىشىدىن ھاسىل بولغان مەنىۋى ۋە دائىملىق لەززەت «ئەلھەمدۇلىللاھ» دېگۈزىدۇ. بۇ فىترىي(تەبىئىي) ھالەت بىلەن بىللە، بالامۇسىبەتلەرنىڭ نەتىجىسى بولغان ئاخىرەتلىك ساۋاپ ۋە مۇكاپاتلارنى، ھەمدە قىسقا ئۆمرى بالامۇسىبەتلەر ئارقىلىق ئۇزۇن بىر ئۆمۈر ھۆكمىگە ئۆتىدىغانلىقىنى ئويلانسا سەبىردىن كۆپرەك شۈكۈر قىلىدۇ ۋە اَلْحَمْدُ لِلّهِ عَلٰى كُلِّ حَالٍ سِوىَ اْلكُفْرِ وَ الضَّلاَلِ (كۇفۇر ۋە زالالەتتىن باشقا ھەممە ئەھۋال بويىچە قا شۈكۈر.) دېيىشى كېرەك بولىدۇ. «مۇسىبەت زامانى ئۇزۇندۇر» دېگەن مەشھۇر بىر سۆز بار. شۇنداق، مۇسىبەت زامانى ئۇزۇندۇر، بىراق كىشىلەرنىڭ ئويلاپ قالغىنىدەك، قايغۇلۇق بولغاچقا ئۇزۇن ئەمەس، بەلكى ئۇزۇن بىر ئۆمۈردەك ھاياتىي نەتىجىلەرنى بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇزۇندۇر.

  تۆتىنچى نۇقتا:

  يىگىرمە بىرىنچى سۆزنىڭ بىرىنچى ماقامىدا بايان قىلىنغىنىدەك، ئىنسان ئەگەر ﷲ بەرگەن سەبىر قۇۋۋىتىنى ئۆتكەن ۋە كېلىدىغان زامانلارغا تارقىتىۋەتسە، ھازىرقى مۇسىبەتكە يەتمەي شىكايەت قىلىشقا(ئاغرىنىشقا) باشلايدۇ. ﷲنى (ھاشا! *) ،ئىنسانلارغا شىكايەت قىلغاندەك ئەھۋال كۆرسىتىدۇ. ھەمدە بەكمۇ ھەقسىز بىر سۈرەتتە ۋە ئەخمەقلەرچە شىكايەتتە بولۇپ، سەبىرسىزلىك قىلىدۇ. چۈنكى ئۆتۈپ كەتكەن ئۇ ھەربىر كۈنلۈك بالامۇسىبەتنىڭ قىيىنچىلىقى تۈگىدى، راھىتى قالدى، ئەلىمى كەتتى، زاۋال تېپىشىدىن كەلگەن لەززەت قالدى، زەخمىتى كەتتى. شۇڭا بۇنىڭدىن شىكايەت ئەمەس، بەلكى ھۇزۇرلۇق ھالدا شۈكۈر قىلىش لازىم. ئاغرىنىش ئەمەس، سۆيمەك لازىم. ئۇنىڭ ئۆتۈپ كەتكەن فانى ئۆمرى ئۇ بالا ئارقىلىق باقى ۋە بەختلىك ئۆمۈر ھۆكمىگە ئۆتىدۇ. ئۇ زامانلاردىكى ئەلەملەرنى ۋەھىمە بىلەن ئويلىنىپ بىر قىسىم سەبرىنى ئۇنىڭغا سەرپ قىلىش ئەخمەقلىقتۇر. كېلىدىغان كۈنلەر بولسا تېخى كەلمىدى، ئۇ چاغدا تارتىلىدىغان كېسەللىك ۋە باشقا بالامۇسىبەتلەرنى ھازىردىن ئويلىنىپ سەبىرسىزلىك كۆرسىتىش ۋە شىكايەت قىلىش گالۋاڭلىقتۇر. ئەتە ۋە ئۆگۈن ئاچ ۋە ئۇسسۇز قالىمەن دەپ بۈگۈن توختىماستىن سۇ ئىچىش ۋە نان يېيىش قانچىلىك گالۋاڭلىق بولغان بولسا، شۇنىڭدەكلا كېلىدىغان كۈنلەردىكى، ھازىر يوق بولغان بالامۇسىبەت ۋە كېسەللىكلەرنى ئويلىنىپ ھازىر قايغۇرۇش، سەبىرسىزلىك قىلىش، ھېچبىر زۆرۈرىيەت بولمىسىمۇ ئۆزئۆزىگە زۇلۇم قىلىشتۇر. بۇ شۇنداق بىر ئەخمەقلىقتۇركى، ئۆزىنىڭ شەپقەت ۋە مەرھەمەتكە ئېرىشىش لاياقىتىنى يوقىتىۋالىدۇ. دېمەك، شۈكۈر نىمەتلەرنى زىيادىلەشتۈرگەندەك، شىكايەتمۇ مۇسىبەتنى زىيادىلەشتۈرىدۇ، ھەمدە مەرھەمەتكە ئېرىشىش لاياقىتىنى يوقىتىۋالىدۇ.

  بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ بىرىنچى يىلىدا، ئەرزۇرۇم شەھرىدىكى بىر زات ئېغىر بىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئىدى. يوقلاپ بارغىنىمدا ماڭا: «يۈز كېچىدىن بېرى بېشىمنى ياستۇققا قويۇپ ياتالمىدىم» دەپ ئاچچىق بىر شىكايەت قىلدى. مەن ناھايىتى ئۆكۈندۈم. بىردىنلا قەلبىمگە كېلىپ دېدىمكى: «قېرىندىشىم، قىينىلىپ ئۆتكۈزگەن يۈز كۈنۈڭ، ھازىر خۇشاللىنارلىق يۈز كۈندەكتۇر. بۇنى ئويلىنىپ شىكايەت قىلما، ئەكسىچە شۈكۈر قىل. كېلىدىغان كۈنلەر بولسا تېخى كەلمىگەنلىكتىن، رەببىڭ بولغان رەھمانىررەھىمنىڭ رەھمىتىگە ئىشەن. ئۇرۇلماستىن يىغلىما، يوقتىن قورقما، «يوقلۇق»قا «بار» رەڭگىنى بەرمە، مۇشۇ سائەتتىكى ۋاقتىڭنى ئويلان. سەندىكى سەبىر قۇۋۋىتى بۇ سائەتكە يېتەرلىكتۇر. مۇشۇ مىسالدىكى ئەخمەق قۇماندانغا ئوخشاپ قالما. يەنى دۈشمەننىڭ سول قانات قوشۇنى ئۇنىڭ ئوڭ قانات قوشۇنىغا قوشۇلۇپ، ئۇنىڭغا يېڭى بىر قۇۋۋەت قېتىلغان تۇرۇقلۇق ۋە ھەمدە دۈشمەننىڭ ئوڭ قانات قوشۇنى ئۇنىڭ سول قانىتىغا تېخى كەلمىگەن تۇرسىمۇ، ئۇ ئەخمەق مەركەز قىسىمنىڭ قۇۋۋىتىنى ئوڭغا، سولغا تارقىتىپ مەركەزنى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدۇ. دۈشمەن ئەھۋالنى چۈشىنىپ ئازغىنە بىر كۈچ بىلەن مەركەزنى تارمار قىلىدۇ. قېرىندىشىم، سەن ئۇنىڭدەك بولما. پۈتۈن قۇۋۋىتىڭنى مۇشۇ سائەتكە سەرپ قىل. ﷲنىڭ رەھمىتىنى، ئاخىرەتلىك مۇكاپاتلارنى، ھەمدە فانى ۋە قىسقا ئۆمرۈڭنى ئۇزۇن ۋە باقى سۈرەتكە ئايلاندۇرىۋاتقانلىقىڭنى ئويلان. بۇ ئاچچىق شىكايەت ئورنىغا سۆيۈنۈپ تۇرۇپ شۈكۈر قىل!»دېدىم. ئۇمۇ راھەتلىك بىلەن نەپەس ئېلىپ: «ئەلھەمدۇلىللاھ، كېسىلىم ئوندىن بىرگە چۈشتى» دېدى.

  بەشىنچى نۇقتا: ئۈچ مەسىلىدۇر:

  بىرىنچى مەسىلە: ھەقىقىي مۇسىبەت، زىيانداش مۇسىبەت دىنغا كەلگەن بالامۇسىبەتتۇر. دىنىي بولغان مۇسىبەتلەردىن ھەرۋاقىت ﷲنىڭ دەرگاھىغا ئىلتىجا قىلىپ پەرياد قىلىش لازىم. بىراق دىنىي بولمىغان بالامۇسىبەتلەر ھەقىقەت نوقتىنەزىرىدە مۇسىبەت ئەمەستۇر. بىر قىسمى ﷲنىڭ ئەسكەرتىشىدۇر. مىسال، بىر پادىچى باشقىلارنىڭ ئېتىزىغا كىرىپ كېتىۋاتقان قويلىرىنى توسۇش ئۈچۈن قويلىرىغا تاش ئاتىدۇ. بۇنىڭدىن قويلار بۇنىڭ زىيانلىق ئىشتىن چەكلەش ئۈچۈن بىر ئەسكەرتىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، مەمنۇن ھالدا قايتىشىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، كۆپلىگەن زاھىرىي بالامۇسىبەتلەر باردۇركى، ئىلاھى بىر ئەسكەرتىش ياكى ئاگاھلاندۇرۇشتۇر؛ ۋە بىر قىسمى گۇناھلارغا كەپپارەتتۇر ۋەياكى غەپلەتنى تارقىتىپ ئىنسانىي بولغان ئاجىزلىقنى ۋە زەئىپلىكنى بىلدۈرۈپ بىر خىل ھۇزۇر قازىنىش سەۋەبىدۇر. بالامۇسىبەتلەرنىڭ كېسەللىك بولغان قىسمى، يۇقىرىدا دېيىلگەندەك مۇسىبەت ئەمەس، بەلكى بىر ئىلاھى ئىلتىپات ۋە بىر خىل يۇيۇلۇشتۇر. ھەدىستە باردۇركى: «مېۋىلىرى پىشقان دەرەخنى سىلكىگەندە مېۋىلىرى تۆكۈلۈپ چۈشكىنىدەك، ئىمانلىق بىر كېسەلمەننىڭ تىترىشىمۇ، گۇناھلارنى شۇنداق سىلكىپ چۈشۈرىدۇ

  ھەزرىتى ئەييۇب ئەلەيھىسسالام ئۆز مۇناجاتىدا نەفسىنىڭ راھەتچىلىكى ئۈچۈن دۇئا قىلمىغان، بەلكى تىل بىلەن زىكىر قىلىپ، قەلبى بىلەن تەپەككۇر قىلىشقا توسالغۇ بولغان ۋاقىت، ئىبادەت ئۈچۈن شىپا تەلەپ قىلغان. بىز ئۇ دۇئا ئارقىلىق ـــ بىرىنچى مەقسىتىمىز ـــ گۇناھلاردىن كەلگەن مەنىۋى ۋە روھى يارىلىرىمىزنىڭ شىپاسىنى نىيەت قىلىشىمىز كېرەك. ماددى كېسەللىكلەر ئۈچۈن بولسا ئىبادەتكە توسالغۇ بولغان ۋاقىتتا ئىلتىجا قىلساق بولىدۇ. بىراق ئېتىراز ۋە شىكايەتنى پۇراتقان ئاساستا ئەمەس، بەلكى مۇتلەق ئاجىزلىقىمىزنى ئىپادىلەپ، ياردەم تىلەپ ئىلتىجا قىلىشىمىز كېرەك. مادەم ﷲنىڭ رۇبۇبىيىتىگە رازىمىز، ئۇنداق ئىكەن ئۇ رۇبۇبىيىتى نۇقتىسىدا بەرگەن نەرسىگىمۇ رازىلىق لازىم. قازا ۋە تەقدىرگە ئېتىرازنى پۇراتقان بىر تەرزدە «ئاھ! ئۇھدەپ شىكايەت قىلىش بىر خىل تەقدىرىنى تەنقىد قىلىشتۇر، ﷲنىڭ رەھمىتى بىلەن قارشىلىشىشتۇر. تەقدىرنى تەنقىد قىلغۇچى، بېشىنى تاشقا ئۇرۇپ يارىدۇ. رەھمەت بىلەن قارشىلاشقۇچى رەھمەتتىن مەھرۇم قالىدۇ. قولى سۇنغان بىر ئادەمنىڭ ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن يەنە شۇ سۇنغان قولىنى ئىستېمال قىلىشى يارىسىنى تېخىمۇ زىيادىلەشتۈرگەندەك، مۇسىبەتكە گېرىپتار بولغان ئادەممۇ ئېتىراز قىلىپ شىكايەت ۋە ئەنسىرەش پوزىتسىيەسىدە بولسا، مۇسىبىتىنى تېخىمۇ زىيادىلەشتۈرىۋالىدۇ.

  ئىككىنچى مەسىلە: ماددى مۇسىبەتنى چوڭ كۆرگەنسىرى چوڭىيىدۇ، كىچىك كۆرگەنسىرى كىچىكلەيدۇ. مەسىلەن، كېچىلەردە كىشىنىڭ كۆزىگە بىر خىيال يېپىشىدۇ. ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرگەنسېرى يوغىنايدۇ، ئەھمىيەت بېرىلمىسە يوقىلىدۇ. ھۇجۇم قىلغان ھەرىلەرگە چېقىلغانسىرى ھۇجۇمىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقى، كارى بولمىسا تارقىلىشلىرىدەك؛ ماددى مۇسىبەتلەرگىمۇ چوڭ كۆرۈپ ئەھمىيەت بىلەن قارىغانسىرى چوڭىيىدۇ. ھەمدە ئۇ خىل ئەنسىرەش سەۋەبلىك ئۇ بالامۇسىبەت جەسەتتىن ئۆتۈپ قەلبكىمۇ يىلتىز تارتىدۇ، بىر مەنىۋى مۇسىبەتنىمۇ نەتىجە بېرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا تايىنىپ داۋاملىشىدۇ. قاچانكى قازاغا رازىلىق ۋە تەۋەككۈل ئارقىلىق ئۇ ئەنسىرەشنى يوق قىلسا، ماددى كېسەللىك يەڭگىللەپ يىلتىزى كېسىلگەن دەرەختەك قۇرۇپ تۈگەيدۇ. بۇ ھەقىقەتنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بىر زامان شۇنداق دېگەن ئىدىم:

تاشلا ئەي بىچارە پەرياتنى، قورقما بالادىن كەل تەۋەككۈل قىل،

چۈنكى تاغدەك خاتا بولغان بۇ پەريات ھەقىقىي بالادۇر بىل.

بالا بەرگەننى تاپساڭ گەر، چوڭ بىر ئېھسان شۇ بالادۇر بىل،

گەر تاپمىساڭ پۈتۈن دۇنيا بۇ تەنگە جاپا بۇ باشقا بالادۇر بىل.

جاھان تولغۇدەك بالا بېشىڭدا تۇرسا نېمە ۋارقىرايسەن كىچىك بىر

بالادىن، تەۋەككۈل قىل.

تەۋەككۈل بىلەن بالا يۈزىگە كۈلسەڭ گەر، ئۇمۇ كۈلەردە كىچىكلەپ

يوقالغان شۇ بالادۇر بىل.

  خۇددى يامان بىر رەقىبى بىلەن بولغان جىدەلدە، كۈلۈش ئارقىلىق ئاداۋەت ئەپلىشىشكە، ئۆچلىشىش چاقچاققا ئايلىنىدۇ ۋە ئۇ دۈشمەنلىك كىچىكلەپ يوقىلىدۇ. بالامۇسىبەتلەرگە تەۋەككۈل ئارقىلىق مۇئامىلە قىلىشمۇ ئەينەن شۇنداقتۇر.

  ئۈچىنچى مەسىلە: ھەر زاماننىڭ بىر ھۆكمى بار. شۇ غەپلەت زامانىدا بالامۇسىبەتلەر شەكلىنى ئالماشتۇرغان. بەزى ۋاقىتتا ۋە بەزى شەخىسلەردە بالا، بالا ئەمەس، بەلكى ﷲ نىڭ ئىلتىپاتىدۇر. مەن شۇ ۋاقىتلاردىكى بەزى كېسەللىك ۋە بالامۇسىبەتلەرگە ئۇچرىغانلارنى(بىراق دىنى مۇسىبەت بولماسلىق شەرتى بىلەن) بەختىيار دەپ بىلگەنلىكىمدىن، قەلبىمگە ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ دۇئا قىلىش پىكرى كەلمىدى، چۈنكى قايسى بىر ياش بىمار يېنىمغا كەلگەن بولسا، باشقىلىرىغا نىسبەتەن دىنى ۋە ئاخىرەتلىك ۋەزىپىلەردە پۇختىراق ئىكەنلىكىنى كۆردۈم. بۇنىڭدىن چۈشەندىمكى، ئۇلار ئۈچۈن بۇ خىل كېسەللىكلەر مۇسىبەت ئەمەس، بەلكى بىر خىل ئىلاھى نىمەتتۇر. چۈنكى ئۇ كېسەللىك ئۇنىڭ دۇنياۋى، فانى ۋە قىسقىغىنا بولغان ھاياتىغا بىر قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلسىمۇ، بىراق ئەبەدىي ھاياتىغا مەنپەئەتى كۆپ بولغان بىر خىل ئىبادەت ھۆكمىگە ئۆتىدۇ. ئەگەر ساقىيىپ كەتسە، ياشلىق مەستلىكى ۋە زاماننىڭ كەپساپالىرى سەۋەبلىك ئەلۋەتتە كېسەل ۋاقتىدىكى ھالىتىنى مۇھاپىزەت قىلالمايدۇ، ھەتتا كەيپساپاغا ئېتىلىدۇ.

خاتىمە

  جانابى ﷲ چەكسىز قۇدرەت ۋە ھېساپسىز رەھمىتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىنساندا چەكسىز بىر ئاجىزلىق ۋە ھېساپسىز بىر پېقىرلىق(مۇھتاجلىق) قويغاندۇر. ھەمدە ئىسىملىرىنىڭ چەكسىز نەقىشلىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىنساننى شۇنداق بىر سۈرەتتە ياراتقانكى، چەكسىز جەھەتلەردە ئەلەم تارتقىنىدەك، چەكسىز جەھەتلەردە لەززەت ئالالايدىغان بىر ئاپپارات قىلغاندۇر. ئۇ ئىنسانىي ئاپپاراتتا يۈزلەرچە زاپچاس بار. ھەربىرىنىڭ ئەلىمى باشقا، لەززىتى باشقا، ۋەزىپىسى باشقا ۋە مۇكاپاتى باشقىدۇر. ھەتتا چوڭ بىر ئىنسان بولغان ئالەمدە جىلۋىلەنگەن ﷲنىڭ پۈتۈن ئىسىملىرى، كىچىك بىر ئالەم بولغان ئىنساندىمۇ جىلۋىلىنىدۇ. سالامەتلىك، خاتىرجەملىك ۋە لەززەتلەردەك پايدىلىق ئەھۋاللار شۈكۈر قىلغۇزىدۇ ۋە ئۇ ئاپپاراتنى كۆپ تەرەپلىمىلىك ۋەزىپىلىرىگە ئۈندەيدۇ. ئىنسانمۇ بىر شۈكۈر فابرىكىسى بولغان بولىدۇ. ئوخشاشلا، بالامۇسىبەتلەر، كېسەللىكلەر، ئەلەملەر ۋە باشقا شۇنىڭدەك تەسىر ۋە ھاياجان بېرىدىغان سەۋەبلەرمۇ ئۇ ئاپپاراتنىڭ باشقا چاقلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ قوزغىتىدۇ. ئىنساننىڭ ماھىيىتىدە قويۇلغان ئاجىزلىق، زەئىپلىك ۋە پېقىرلىق مەدەنلىرىنى پائالىيەتكە كەلتۈرىدۇ. بىر تىل ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ھەربىر ئەزانىڭ تىلى ئارقىلىق بىر ئىلتىجا، بىر ياردەم تىلەش ۋەزىيىتىنى ھاسىل قىلىدۇ. گوياكى ئىنسان ئۇ خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، باشقاباشقا مىڭلارچە قەلەمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرىكەتچان بىر قەلەم بولىدۇ، ھايات سەھىپىسىدە ياكى ئالەمى مىسال** لەۋھەلىرىدە ھاياتىي تەقدىرىنى يازىدۇ ۋە بۇنى ئىلاھىي ئىسىملار ئۈچۈن بىر ئېلاننامە قىلىدۇ، ھەمدە سۇبھانىي بىر قەسىدە ھۆكمىگە ئۆتۈپ، يارىتىلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلايدۇ.

————————————————

 ھاشا: قەتئىييەن بولمايدۇ، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. –ت*

**ئالەمى مىسال: دۇنيادىكى ھەر نەرسە، ھەر ئەھۋال توختىماستىن سۈرەتكە ئېلىنىپ تۇرىدىغان ئالەم.-ت


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.