ئەي ئىنسان ۋە جىنلار جامائەسى

ئەي ئىنسان ۋە جىنلار جامائەسى

جىنلاردىن پەيغەمبەر كەلگەنمۇ؟

 ئايىتى كەرىمىدە-(ئەي ئىنسان ۋە جىنلار جامائەسى! سىلەر ئۈچۈن دۇنيا شۇئۇناتىدىن(مەشغۇلىيەتلىرىدىن)پات يېقىندا پەرىغ بولىمىز.يەنى ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار جامائەسى! سىلەردىن (يەنى سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلاردىن) ھېساب ئېلىشقا يۈزلىنىمىز. راھمان سۈرىسى 31-ئايەت) ئىنسانلاردەك جىنلار تائىپىسىنىڭمۇ مۇكەللەپ ئىكەنلىكىنى ئوپئوچۇق ئىپادە قىلغاندۇر. ئۇنداق بولسا، ئىمتىھان ۋە تەجرىبە مەيدانى بولغان شۇ دۇنيادا، ئىنسانلارغا ئوخشاش جىنلارمۇ ئىمتىھانغا تۇتۇلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا، ئۇلارنىڭمۇ ساماۋىي ۋەھىي بىلەن ئىرشات قىلىنىشى ۋە مۇكەللەپ بولغان ۋەزىپىلرىنىڭمۇ ئۇلارغا بىلدۇرلىشى كېرەك بولىدۇ. ”بىز بىر پەيغەمبەر ئەۋەتمەي تۇرۇپ ھېچبىر ئادەمنى جازالىغىنىمىز يوق.(ئىسرا سۈرىسى،17:15)ئايىتى كەرىمىسى مۇكەللەپ بولۇش ۋە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش پەقەتلا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەۋەتىلىشى بىلەنلا ئەمىلىيلىشىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلماقتا.

  جىنلاردىن پەيغەمبەر كەلگەن ۋەيا كەلمىگەنلىكىگە دائىر ئىسلام ئۆلىمالىرى ئارىسىدا ئىككى خىل كۆرۈش بار:

  بىرىنچى كۆرۈش: جىنلاردىن پەيغەمبەر كەلگەندۇر. بۇ كۆرۈش ساھىپلىرىنىڭ دەلىللىرى شۇلاردۇر:

  بىرىنچى دەلىل: ”جانابى ھەق قىيامەت كۈنىدە تەۋبىھ يەنى ئەيىبلەش ئۇسۇلى بىلەن ئەمىر قىلىدۇكى: (ئەي جىن ۋە ئىنىس جامائەسى!)سىلەر دۇنيادىكى ۋاقتىڭلاردا(ئىچىڭلاردىن سىلەرگە ئايەتلىرىمنى تەبلىغ قىلغان)بايان ۋە ئىزاھ قىغان(ۋە سىلەرنى بۇ كۈنگە ئۇچىرىشىشتىن قورقۇتقان پەيغەمبەر كەلمىدىمۇ؟) نىمىشقا كۇپۇر ۋە ئىسيان بىلەن دۇنيا ھاياتىنى زايا قىلدىڭلار؟ ئۇلارمۇ مۇشۇنداق بىر ئەيىبلەشكە دۈچ كەلگەندە،(دەيدۇكى: بىز ئۆزىمىزگە قارشى ھالدا گۇۋاھلىق بىرىمىز)بىزگە پەيغەمبەر كەلگەن، بىزنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. ئەمما ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بىز ئۇلارغا قارشى ئىسيانكارلىق قىلغان بىر ۋەزىيەت ئالدۇق. مانا ھازىر ئازابنى ھەق قىلغان بولدۇق. (ۋە ئۇلارنى دۇنيا ھاياتى ئالداتتى)ئۇلار، دۇنيانىڭ ئۆتكۈنچى ۋە قىممەتسىز بارلىقىغا، لەززەتلىرىگە ئالدىنىپ قالدى. ئاخىرەتلىك نىئمەتلەرنى ۋە مۇكاپاتلارنى ئويلانمىدى. چەكسىز ئازاپقا دۇچار قىلىدىغان ئىسيانلارنى قىلىپ يۈرۈشتى ۋە ھازىر ئاخىرەت ئالىمىدە ئىختىيارسىز(ئۆزلىرىگە قارشى چىقىپ گۇۋاھلىق بەرگەندۇركى، ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ كاپىرلاردىن بولدى.)دۇنيادىكى ۋاقتىدا كۇپۇر ئىچىدە ياشىغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇنداق ئىتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.“(ئەنئام سۈرىسى،6:130)

  ئايىتى كەرىمىنىڭ زاھىر مەنىسى ھەم ئىنسانلاردىن ھەمدە جىنلاردىن پەيغەمبەرلەر كەلگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.

  ئىككىنچى دەلىل: ”ھەقىقەتەن بىز سېنى ھەق (دىن) بىلەن (مۆمىنلەرگە) خۇش خەۋەر بەرگۈچى، (كاپىرلارغا) ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق، قانداقلا بىر ئۈممەت بولمىسۇن، ئۇنىڭغا پەيغەمبەر كەلگەن.“(فاتىر سۈرىسى،35:24)ئايىتىگە قارىتا جىنلارىن پەيغەمبەر كەلگەندۇر. چۈنكى، ئۇلارمۇ بىر ئۈممەتتۇر.

  ئۈچىنچى دەلىل: ”بىز پەيغەمبەرنى پەرىشتىدىن قىلغان تەقدىردىمۇ، ئەلۋەتتە، ئۇنى ئىنسان شەكلىدە قىلاتتۇق، ئۇلارنى يەنە شۈبھىگە چۈشۈرەتتۇق (يەنى ئۇلار پەرىشتىنى ئىنسان شەكلىدە كۆرگەندە: «بۇ ئىنسان، ئەمما پەرىشتە ئەمەس» دەيتتى) “(ئەنئام سۈرىسى،6:9)ئايىتى كەرىمىسى پەيغەمبەرلەر بىلەن ئۈممەت ئارىسىدا بىر بىرىنى چۈشىنىش ھۇھىتى بولىشى لازىم ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلماقتا. بۇ مۇھىتنىڭ دەسلەپكى شەرتى، ئەۋەتكەن پەيغەمبەرنىڭ شۇ ئەۋەتىلگەن ئۈممەت جىنسىدىن بۇلىشىدۇر. بۇنىڭغا قارىتا، جىنلارنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭمۇ ئۆز جىنسىدىن بولىشى لازىم. ئەگەرچەندە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەر ئۆز جىنىسلىرىدىن بولمىسا، ھەر جەھەتتە ئۇلارغا رەھبەر ۋە مۇقتەدا قىلىپ ئەگىشەلەيدىغان بولالمايدۇ.

  ئىككىنچى كۆرۈش: جىنلاردىن پەيغەمبەر كەلمىگەندۇر.

  بۇ كۆرۈش ساھىبلىرىنىڭ دەلىللىرى شۇلاردۇر:

  بىرىنچى دەلىل: ئىسلام ئالىملىرى نەبى كەلىمىسىنى تەرىپ قىلغاندا پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەم ئەركەك ھەمدە ئىنسان بولىشى لازىم ئىكەنلىكىنى بايان قىلغاندۇر. ئۇنداق بولسا، جىنلاردىن پەيغەمبەر كەلمىگەندۇر.

  ئىككىنچى دەلىل: يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئەنئام سۈرىسى 130-ئايەت كەرىمىسى ناھايتى ئوچۇق شەكىلدە جىنلاردىن پەيغەمبەر كەلگەنلىكىنى ئىپادە قلمايدۇ دەپ ئايىتى كەرىمىنى باشقا شەكىلدە تەۋىل قىلغاندۇر.

  ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ كۆپىنچىسىگە كۆرە، جىنلاردىن پەيغەمبەر كەلمىگەندۇر. ئىنسانلارغا ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەردىن مۇراتئىنسانلارنىڭ ئىچىدىن تاللانغان پەيغەمبەرلەردۇر. جىنلارغا ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەردىن مۇرات بولسايا ئىنسانلار ئىچىدىن تاللىنىپ ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەردۇر. ياكى بولمىسا پەيغەمبەر تەرىپىدىن ئۆزىگە ئەۋەتىلگەن ۋە جىنلاردىن بولغان ئەلچىلەردۇر. ئۇ ئەلچىلەر، پەيغەمبەرنىڭ شەرىئىتىدىن ئاڭلىغانلىرىنى، رەسۇلپەيغەمبەرلەرگە ئوخشاش ئۆزىنىڭ قەۋىملىرىگە تەبلىغ قىلاتتى. ئەھقاف سۈرىسى 29-32ئايىتى كەرىمىلىرىنى ۋە جىن سۈرىسى بۇ ھەقىقەتنى ئىپادە قىلماقتىدۇر.

  ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ھەم ئىنسانلارغا ھەمدە جىنلارغا ئەۋەتىلگەن بىر پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ھەم ئىنسانلاردىن ھەم جىنلاردىن پەيغەمبەر كەلمەيدىغانلىقى ھەققىدە ئىسلام ئۆلىمالىرى ئىتتىپاق قىلغان ۋە بۇ ھەقتە ئىجما بار.

[وَإِذْ صَرَفْنَا إِلَيْكَ نَفَرًا مِّنَ الْجِنِّ يَسْتَمِعُونَ الْقُرْآنَ فَلَمَّا حَضَرُوهُ قَالُوا أَنصِتُوا ۖ فَلَمَّا قُضِيَ وَلَّوْا إِلَىٰ قَوْمِهِم مُّنذِرِينَ]

(ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا بىر تۈركۈم جىنلارنى ساڭا قۇرئان تىڭشاشقا ئەۋەتتۇق، ئۇلار قۇرئان تىلاۋىتىگە ھازىر بولغاندا (بىر بىرىگە): «جىم تۇرۇڭلار» دېيىشتى، قۇرئان تىلاۋەت قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار ئۆز قەۋمىگە ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇپ قايتىشتى.

(سۈرە ئەھقاف:30-ئايەت)

قَالُوا يَا قَوْمَنَا إِنَّا سَمِعْنَا كِتَابًا أُنزِلَ مِن بَعْدِ مُوسَىٰ مُصَدِّقًا لِّمَا بَيْنَ يَدَيْهِ يَهْدِي إِلَى الْحَقِّ وَإِلَىٰ طَرِيقٍ مُّسْتَقِيمٍ

ئۇلار ئېيتتى: «ئى قەۋمىمىز! ھەقىقەتەن بىز مۇسادىن كېيىن نازىل بولغان، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى كىتابلارغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، ھەق دىنغا ۋە توغرا يولغا باشلايدىغان كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) تىڭشىدۇق.»

(سۈرە ئەھقاف:31-ئايەت)

يَا قَوْمَنَا أَجِيبُوا دَاعِيَ اللَّهِ وَآمِنُوا بِهِ يَغْفِرْ لَكُم مِّن ذُنُوبِكُمْ وَيُجِرْكُم مِّنْ عَذَابٍ أَلِيمٍ

«ئى قەۋمىمىز! ئاللاھ قا دەۋەت قىلغۇچى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) نىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىڭلار ۋە ئاللاھ قا ئىمان ئېيتىڭلار، ئاللاھ بەزى گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، سىلەرنى قاتتىق ئازابتىن ساقلايدۇ.»

(سۈرە ئەھقاف:32-ئايەت)

وَمَن لَّا يُجِبْ دَاعِيَ اللَّهِ فَلَيْسَ بِمُعْجِزٍ فِي الْأَرْضِ وَلَيْسَ لَهُ مِن دُونِهِ أَوْلِيَاءُ ۚ أُولَٰئِكَ فِي ضَلَالٍ مُّبِينٍ

كىمكى ئاللاھ قا (ئىمان ئېيتىشقا) دەۋەت قىلغۇچىنىڭ (يەنى رەسۇلۇللاھنىڭ) دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىسا، ئازابتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، ئاللاھ تىن باشقا (ئۇنى ئاللاھ نىڭ ئازابىدىن ساقلىغۇچى) ياردەمچىلەر بولمايدۇ، ئۇلار (يەنى رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىغۇچىلار) ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتىدۇر.

(سۈرە جىن:28 ئايەت)

———————————————————————

بِسْمِ اللَّـهِ الرَّحْمَـٰنِ الرَّحِيمِ

72:1

بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ قُلْ أُوحِيَ إِلَيَّ أَنَّهُ اسْتَمَعَ نَفَرٌ مِّنَ الْجِنِّ فَقَالُوا إِنَّا سَمِعْنَا قُرْآنًا عَجَبًا

(ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭگە) ئېيتقىنكى، «بىر قانچە نەپەر جىننىڭ (قۇرئان) تىڭشاپ (ئىمان ئېيتقانلىقى) ماڭا ۋەھيى قىلىندى، ئۇلار (قەۋمىگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن) ئېيتتى: بىز توغرا يولغا باشلايدىغان ئاجايىپ قۇرئاننى ھەقىقەتەن ئاڭلىدۇق.

72:2

يَهْدِي إِلَى الرُّشْدِ فَآمَنَّا بِهِ ۖ وَلَن نُّشْرِكَ بِرَبِّنَا أَحَدًا

ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتۇق، پەرۋەردىگارىمىزغا ھېچكىمنى شېرىك كەلتۈرمەيمىز.

72:3

وَأَنَّهُ تَعَالَىٰ جَدُّ رَبِّنَا مَا اتَّخَذَ صَاحِبَةً وَلَا وَلَدًا

پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئەزىمىتى كاتتىدۇر، خوتۇنى ۋە بالىسى يوقتۇر.

72:4

وَأَنَّهُ كَانَ يَقُولُ سَفِيهُنَا عَلَى اللَّهِ شَطَطًا

بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئەخمەق (يەنى ئىبلىس) ئاللاھ قا ۋە ئۇنىڭ كاتتىلىقىغا نالايىق سۆزلەرنى قىلدى.

72:5

وَأَنَّا ظَنَنَّا أَن لَّن تَقُولَ الْإِنسُ وَالْجِنُّ عَلَى اللَّهِ كَذِبًا

بىز، ئىنسانلار ۋە جىنلار ئاللاھ قا يالغاننى چاپلىمايدۇ، دەپ ئويلىغان ئىدۇق.

72:6

وَأَنَّهُ كَانَ رِجَالٌ مِّنَ الْإِنسِ يَعُوذُونَ بِرِجَالٍ مِّنَ الْجِنِّ فَزَادُوهُمْ رَهَقًا

ئىنسانلاردىن بەزى كىشىلەر جىنلاردىن بولغان بەزى كىشىلەرگە سېغىناتتى، شۇنىڭ بىلەن جىنلار تېخىمۇ تەكەببۇرلىشىپ كەتتى.

72:7

وَأَنَّهُمْ ظَنُّوا كَمَا ظَنَنتُمْ أَن لَّن يَبْعَثَ اللَّهُ أَحَدًا

ئۇلار (يەنى ئىنساننىڭ كۇففارلىرى)، سىلەرگە ئوخشاش، ئاللاھ ھېچ ئادەمنى (ئۆلگەندىن كېيىن) تىرىلدۈرمەيدۇ، دەپ گۇمان قىلدى.»

72:8

وَأَنَّا لَمَسْنَا السَّمَاءَ فَوَجَدْنَاهَا مُلِئَتْ حَرَسًا شَدِيدًا وَشُهُبًا

(جىنلار ئېيتتى) «بىز (ئاسمان ئەھلىنىڭ سۆزلىرىنى تىڭشاش ئۈچۈن) ئاسمانغا (چىقىشنى) تىلىدۇق، ئاسماننىڭ كۈچلۈك مۇھاپىزەتچىلەر (يەنى پەرىشتىلەر) بىلەن ۋە (كۆيدۈرگۈچى) يۇلتۇزلار بىلەن تولۇپ كەتكەنلىكىنى بايقىدۇق.

72:9

وَأَنَّا كُنَّا نَقْعُدُ مِنْهَا مَقَاعِدَ لِلسَّمْعِ ۖ فَمَن يَسْتَمِعِ الْآنَ يَجِدْ لَهُ شِهَابًا رَّصَدًا

بىز ھەمىشە (ئوغرىلىقچە تىڭشاش ئۈچۈن) ئاسماننىڭ ئولتۇرۇشقا بولىدىغان جايلىرىدا ئولتۇراتتۇق، كىمكى ئەمدى (ئوغرىلىقچە) ئاڭلاشقا ئورۇنىدىكەن، ئۇنى كۆزىتىپ تۇرغان كۆيدۈرگۈچى يۇلتۇزلارنى بايقايدۇ.

72:10

وَأَنَّا لَا نَدْرِي أَشَرٌّ أُرِيدَ بِمَن فِي الْأَرْضِ أَمْ أَرَادَ بِهِمْ رَبُّهُمْ رَشَدًا

بىز (جىنلار جامائەسى) زېمىندىكىلەرگە يامانلىق ئىرادە قىلىندىمۇ ياكى پەرۋەردىگارى ئۇلارغا ياخشىلىق ئىرادە قىلدىمۇ؟ بىلمەيمىز.

72:11

وَأَنَّا مِنَّا الصَّالِحُونَ وَمِنَّا دُونَ ذَٰلِكَ ۖ كُنَّا طَرَائِقَ قِدَدًا

بىزنىڭ ئىچىمىزدە ياخشىلارمۇ ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن تۇرىدىغانلارمۇ بار، بىز تۈرلۈك يوللارغا بۆلۈندۇق.

72:12

وَأَنَّا ظَنَنَّا أَن لَّن نُّعْجِزَ اللَّهَ فِي الْأَرْضِ وَلَن نُّعْجِزَهُ هَرَبًا

بىز جەزمەن ئىشەندۇقكى، ئاللاھ نى (ئۆز ئىرادىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن) ھەرگىز ئاجىز قىلالمايمىز، ئۇنىڭ (ئازابى) دىنمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايمىز.

72:13

وَأَنَّا لَمَّا سَمِعْنَا الْهُدَىٰ آمَنَّا بِهِ ۖ فَمَن يُؤْمِن بِرَبِّهِ فَلَا يَخَافُ بَخْسًا وَلَا رَهَقًا

بىز ھىدايەتنى (يەنى قۇرئاننى) ئاڭلىغان چېغىمىزدا ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈردۇق، كىمكى پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتىدىكەن، (ياخشىلىقلىرىنىڭ) كېمىيىپ كېتىشىدىن ۋە (يامانلىقلىرىنىڭ ئارتتۇرۇلۇپ) زۇلۇم قىلىنىشتىن قورقمايدۇ.

72:14

وَأَنَّا مِنَّا الْمُسْلِمُونَ وَمِنَّا الْقَاسِطُونَ ۖ فَمَنْ أَسْلَمَ فَأُولَٰئِكَ تَحَرَّوْا رَشَدًا

بىزدىن مۇسۇلمانلار ۋە ھەق يولدىن چىققۇچىلارمۇ بار، مۇسۇلمان بولغانلار توغرا يولنى ئىزدىگەن بولىدۇ.

72:15

وَأَمَّا الْقَاسِطُونَ فَكَانُوا لِجَهَنَّمَ حَطَبًا

توغرا يولدىن چىققۇچىلار جەھەننەمگە ئوتۇن بولىدۇ.»

72:16

وَأَن لَّوِ اسْتَقَامُوا عَلَى الطَّرِيقَةِ لَأَسْقَيْنَاهُم مَّاءً غَدَقًا

ئەگەر ئۇلار (يەنى مەككە كۇففارلىرى) توغرا يولدا بولسا ئىدى، ئۇلارنى سىناش ئۈچۈن مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرەتتۇق (يەنى رىزقىنى كەڭ قىلىپ بېرەتتۇق)، كىمكى پەرۋەردىگارىنىڭ زىكرىدىن (يەنى ئاللاھ نىڭ تائەت ئىبادىتىدىن) يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئاللاھ ئۇنى قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلىدۇ.

72:17

لِّنَفْتِنَهُمْ فِيهِ ۚ وَمَن يُعْرِضْ عَن ذِكْرِ رَبِّهِ يَسْلُكْهُ عَذَابًا صَعَدًا

ئەگەر ئۇلار (يەنى مەككە كۇففارلىرى) توغرا يولدا بولسا ئىدى، ئۇلارنى سىناش ئۈچۈن مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرەتتۇق (يەنى رىزقىنى كەڭ قىلىپ بېرەتتۇق)، كىمكى پەرۋەردىگارىنىڭ زىكرىدىن (يەنى ئاللاھ نىڭ تائەت ئىبادىتىدىن) يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئاللاھ ئۇنى قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلىدۇ.

72:18

وَأَنَّ الْمَسَاجِدَ لِلَّهِ فَلَا تَدْعُوا مَعَ اللَّهِ أَحَدًا

مەسجىدلەر ئاللاھ قا خاستۇر، ئاللاھ قا قوشۇپ ھېچكىمگە ئىبادەت قىلماڭلار.

72:19

وَأَنَّهُ لَمَّا قَامَ عَبْدُ اللَّهِ يَدْعُوهُ كَادُوا يَكُونُونَ عَلَيْهِ لِبَدًا

ئاللاھ نىڭ بەندىسى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ئاللاھ قا ئىبادەت قىلىشقا تۇرغاندا، (قۇرئان تىڭشاش ئۈچۈن) جىنلار (ئولىشىپ) ئۇنى بېسىۋىلىشقا تاس قالىدۇ.

72:20

قُلْ إِنَّمَا أَدْعُو رَبِّي وَلَا أُشْرِكُ بِهِ أَحَدًا

(ئى مۇھەممەد! دىنىڭدىن يېنىپ كېتىشىڭنى تەلەپ قىلغان بۇ كۇففارلارغا) ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىمغا ئىبادەت قىلىمەن، ئۇنىڭغا ھېچ ئەھەدىنى شېرىك كەلتۈرمەيمەن.»

72:21

قُلْ إِنِّي لَا أَمْلِكُ لَكُمْ ضَرًّا وَلَا رَشَدًا

ئېيتقىنكى، «مەن سىلەرگە پايدا زىيان يەتكۈزۈشكە قادىر بولالمايمەن (بۇنىڭغا پەقەت ئاللاھ قادىر بولالايدۇ.

72:22

قُلْ إِنِّي لَن يُجِيرَنِي مِنَ اللَّهِ أَحَدٌ وَلَنْ أَجِدَ مِن دُونِهِ مُلْتَحَدًا

ئېيتقىنكى، «(ئەگەر مەن ئاللاھ قا ئاسىي بولسام) مېنى ئاللاھ نىڭ ئازابىدىن ھېچ كىشى قۇتقۇزالمايدۇ، ئاللاھ تىن باشقا ھېچ پاناھگاھمۇ تاپالمايمەن (شۇنداق تۇرۇقلۇق، مەن سىلەرنىڭ تەلىپىڭلارنى قانداق قوبۇل قىلالايمەن.)

72:23

إِلَّا بَلَاغًا مِّنَ اللَّهِ وَرِسَالَاتِهِ ۚ وَمَن يَعْصِ اللَّهَ وَرَسُولَهُ فَإِنَّ لَهُ نَارَ جَهَنَّمَ خَالِدِينَ فِيهَا أَبَدًا

مەن پەقەت (سىلەرگە) ئاللاھ نىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزۈشكە قادىرمەن، كىمكى ئاللاھ قا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلىدىكەن (يەنى كىمكى ئاللاھ نى ۋە ئاللاھ نىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلىدىكەن، ئاللاھ قا مۇلاقات بولۇشقا ئىشەنمەيدىكەن، ئاللاھ نىڭ ئايەتلىرىگە قۇلاق سېلىشتىن يۈز ئۆرۈيدىكەن)، ئۇ دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ.

72:24

حَتَّىٰ إِذَا رَأَوْا مَا يُوعَدُونَ فَسَيَعْلَمُونَ مَنْ أَضْعَفُ نَاصِرًا وَأَقَلُّ عَدَدًا

ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازابنى كۆرگەن چاغدا كىمنىڭ ياردەمچىسى ئاجىز ۋە سانى ئاز ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.»

72:25

قُلْ إِنْ أَدْرِي أَقَرِيبٌ مَّا تُوعَدُونَ أَمْ يَجْعَلُ لَهُ رَبِّي أَمَدًا

(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەرگە ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازاب يېقىنمۇ؟ ياكى پەرۋەردىگارىم ئۇنىڭغا (ئۇزاق) ۋاقىت تەيىن قىلامدۇ؟ ئۇقمايمەن.

72:26

عَالِمُ الْغَيْبِ فَلَا يُظْهِرُ عَلَىٰ غَيْبِهِ أَحَدًا

ئاللاھ غەيبنى بىلگۈچىدۇر، ئۆزىنىڭ غەيبىدىن ھېچبىر ئادەمنى خەۋەردار قىلمايدۇ.

72:27

إِلَّا مَنِ ارْتَضَىٰ مِن رَّسُولٍ فَإِنَّهُ يَسْلُكُ مِن بَيْنِ يَدَيْهِ وَمِنْ خَلْفِهِ رَصَدًا

پەقەت ئاللاھ ئۆزى مەمنۇن بولغان پەيغەمبىرىگىلا (بەزى غەيبنى بىلدۈرىدۇ)، ئۇنىڭ ئالدىغا ۋە ئارقىسىغا كۆزەتچى (پەرىشتە) سېلىپ قويىدۇ.

72:28

لِّيَعْلَمَ أَن قَدْ أَبْلَغُوا رِسَالَاتِ رَبِّهِمْ وَأَحَاطَ بِمَا لَدَيْهِمْ وَأَحْصَىٰ كُلَّ شَيْءٍ عَدَدًا

(بۇ ئاللاھ نىڭ) ئۇنىڭ (يەنى پەيغەمبەرنىڭ) ئاللاھ نىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزگەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇشى ئۈچۈندۇر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۆز ھەرىكەتلىرىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر، ھەر شەيئىنىڭ سانىنى تولۇق ئىگەللىگۈچىدۇر.»


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.