!ئەي شىكايەتچى بىتاپ

!ئەي شىكايەتچى بىتاپ

تۆتىنچى داۋا:

  ئەي شىكايەتچى بىتاپ! سېنىڭ ھەققىڭ شىكايەت ئەمەس، بەلكى شۈكۈردۇر، سەبىردۇر. چۈنكى سېنىڭ تېنىڭ، ئەزا ۋە تۇيغۇلىرىڭ سېنىڭ مۈلكۈڭ ئەمەس، ئۇلارنى سەن ياسىمىغان ياكى ماگىزىندىن سېتىۋالمىغان، دېمەك باشقىسىنىڭ مۈلكىدۇر. ئۇلارنىڭ ئىگىسى ئۆز مۈلكىدە خالىغىنىدەك ئىجرائىيەت يۈرگۈزىدۇ. يىگىرمە ئالتىنچى سۆزدە دېيىلگىنىدەك، مەسىلەن: ناھايىتى باي ۋە بەكمۇ ماھىر بىر سەنئەتكار گۈزەل ھۈنەرسەنئەتلىرىنى ۋە قىممەتلىك بايلىقلىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن مودىل بولۇپ بېرىشكە مىسكىن بىر كىشىنى مەلۇم ھەق بىلەن ياللاپ تەيىنلەيدۇ. يەنى بىر سائەت ۋاقىتتا ئىنتايىن گۈزەل ۋە پەۋقۇلئاددە ماھارەت بىلەن تىككەن بىر كۆينەكنى، بىر لىباسنى ئۇ مىسكىنگە كىيگۈزۈپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە خىلمۇخىل شەكىل ۋە كۆرىنىشلەرنى كۆرسىتىپ، ھەيران قالارلىق ماھارەتلىرىنى ئېلان قىلىش ئۈچۈن كېسىدۇ، ئۆزگەرتىدۇ، ئۇزارتىدۇ، قىسقارتىدۇ. ئەمدى شۇ خىزمىتى ئۈچۈن ھەققىنى ئالىدىغان مىسكىننىڭ ئۇ زاتقا: «مېنى قىيناۋاتىسەن، ئىگىلدۈرۈپ، تۇرغۇزۇپ مېنى مۇشەققەتكە سېلىۋاتىسەن، مېنى گۈزەللەشتۈرگەن بۇ كۆينەكنى كېسىپ ۋە قىسقارتىپ، چىرايلىق ھالىتىمنى بۇزىۋاتىسەندېيىشكە بىر ھەققى بارمۇ؟ «مەرھەمەتسىزلىك ۋە ئىنساپسىزلىق قىلىۋاتىسەندېيەلەمدۇ؟ دەل مانا مۇشۇ مىسالدەك، ئەي بىمار! ئۇلۇغ سەنئەتكار بولغان ﷲ، ساڭا كۆز، قۇلاق، ئەقىل قەلبكە ئوخشىغان نۇرانىي تۇيغۇلار بىلەن ھەيران قالارلىق قىلىپ كىيگۈزگەن جىسىم كۆينىكىڭنى گۈزەل ئىسىملىرىنىڭ نەقىشلىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن كۆپلىگەن ھالەتلەر ئىچىدە ئۆزگەرتىدۇ ۋە باشقاباشقا شەكىللەر بېرىدۇ. سەن ئاچلىق بىلەن ئۇنىڭ «رەززاق» (رىزىق بەرگۈچى) ئىسمىنى تۇنۇغاندەك، «شافى» (شىپالىق بەرگۈچى) ئىسمىنىمۇ كېسەللىك ئارقىلىق بىل. قايغۇھەسرەتلەر، مۇسىبەتلەر بىر قىسىم ئىسىملىرىنىڭ ھۆكۈملىرىنى كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇلاردا ھىكمەتتىن نۇرلار، رەھمەتتىن زىيالار (يورۇقلۇق) ۋە ئۇ زىيالار ئىچىدە ئىنتايىن كۆپ گۈزەللىكلەر بار. ئەگەر پەردە ئېچىلسا، سەن قورقۇپ نەپرەت قىلغان كېسەللىك پەردىسى ئارقىسىدا كۆپلىگەن ياخشى ۋە گۈزەل مەنىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلەتتىڭ.

—————————————————-

*ھىكمەت: سىر؛ يارىتىلىشتىكى ئىلاھىي غايە؛ دانىشمەنلىك، مەقسەت قىلىنغان يوشۇرۇن پايدىلار.-ت


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.