ئەي مۇسۇلمانلارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن دۇنياغا تەشۋىق قىلغان بەدبەخت تۆھپىكار! دىققەت قىل

ئەي مۇسۇلمانلارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن دۇنياغا تەشۋىق قىلغان  بەدبەخت تۆھپىكار! دىققەت قىل

  يەتتىنچى نوتا: ئەي مۇسۇلمانلارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن دۇنياغا تەشۋىق قىلغان ۋە ئەجنەبىيلەرنىڭ مەدەنىيەت ۋە تەرەققىياتىغا مەجبۇرىي ھەيدەكچىلىك قىلىۋاتقان بەدبەخت تۆھپىكار! دىققەت قىل، بۇ مىللەتنىڭ بەزىلىرىنىڭ دىن بىلەن باغلانغان باغلىرى ئۈزۈلمىسۇن! ئەگەر مۇشۇنداق ئەخمەقلەرچە، قارىغۇلارچە، توقماقلار ئاستىدا بەزىلەرنىڭ دىندىن باغلىرى ئۈزۈلسە، ئۇ چاغدا ئۇ دىنسىزلار ئىجتىمائىي ھاياتقا بىر ئۆلتۈرگۈچى زەھەر ھۆكمىدە زىيان بېرىدۇ. چۈنكى مۇرتەدنىڭ ۋىجدانى تامامەن بۇزۇلغانلىقى ئۈچۈن، ئىجتىمائىي ھاياتقا زەھەر بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئىلمى ئۇسۇلىددىندا «مۇرتەدنىڭ(ئىسلامدىن چىققاننىڭ) ياشاشقا ھەققى يوقتۇر. كافىر ئەگەر زىممىي(مۇسۇلمان دۆلىتى ئىگىدارچىلىقىدا) بولسا ياكى سۈلھى قىلسا، ياشاش ھەققى بار» دەپ شەرىئەت ئاساسلىرىغا ئائىت بىر دەستۇر بار. ھەم ھەنەفى مەزھىبىدە، ئەھلى زىممىيدىن بولغان بىر كافىرنىڭ گۇۋاھلىقى مەقبۇلدۇر. ئەمما فاسىقنىڭ شاھىتلىقى مەقبۇل ئەمەستۇر، چۈنكى ئۇ خائىندۇر.

  ئەي بەدبەخت فاسىق ئادەم! فاسىقلارنىڭ كۆپلىكىگە قاراپ ئالدانما، ۋە «كۆپچىلىكنىڭ پىكرى مېنىڭكى بىلەن ئوخشاش» دېمە! چۈنكى فاسىق ئادەم، گۇناھقا خالاپ ۋە تەلەپ قىلىپ تۇرۇپ كىرمىگەندۇر؛ بەلكى ئىچىگە چۈشۈپ چىقالمايۋاتىدۇ. سالىھ بولۇشنى ئارزۇ قىلمايدىغان، ھەمدە باشلىقلىرىنى ۋە رەئىسىنى دىندار كۆرۈشنى خالىمايدىغان ھېچبىر فاسىق يوق. ئەگەر ئۇ، نەئۇزۇبىللاھ* مۇرتەدلىك بىلەن ۋىجدانى چىرىپ، يىلانغا ئوخشاش زەھەرلەشتىن لەززەت ئالمايدىغانلا بولسا.

  ئەي ئەخمەق باش ۋە بۇزۇق قەلب! «مۇسۇلمانلار دۇنيانى سۆيمىگەنلىكتىن ياكى ئويلىمىغانلىقتىن فەقىر ھالغا چۈشكەن، شۇڭا دۇنيادىن نېسىۋىسىنى ئۇنۇتماسلىقى ئۈچۈن ئويغىتىشقا مۇھتاج» دەپ قارامسەن!؟ قارىشىڭ خاتا، پەرىزىڭ توغرا ئەمەس. بەلكى ھېرىس(ئاچكۆزلۈك) شىددەتلەنگەن بولغاچقا فەقىر ھالغا چۈشىۋاتىدۇ. چۈنكى مۆئمىندە ھېرىس ھەسرەتكە ۋە يوقسۇللۇققا سەۋەبتۇر. شۇڭا اَلْحَرِيصُ خَائِبٌ خَاسِرٌ ماقالتەمسىلگە ئايلانغاندۇر. شۇنداق، ئىنساننى دۇنياغا چاقىرىدىغان ۋە باشلايدىغان سەۋەبلەر كۆپتۇر. باشتا ھاۋايى نەفسى، ئىھتىياج ۋە تۇيغۇلىرى، شەيتىنى ۋە دۇنيانىڭ كۆرۈنۈشتىكى تاتلىقلىقى، ھەمدە سەندەك يامان دوستلىرىغا ئوخشاش نۇرغۇن سەۋەبلەر بار. ھالبۇكى، باقىي بولغان ئاخىرەتكە ۋە ئۇزۇن ئەبەدىي ھاياتقا دەۋەت قىلىدىغانلار ئازدۇر. ئەگەر سەندە بۇ بىچارە مىللەتكە قارىتا زەررىچىلىك ھامىيەت (تۆھپىكارلىق) بولسا ۋە ئالىيجاناپلىقتىن لاپ ئۇرغانلىقىڭ يالغان بولمىسا، باقىي ھاياتقا ياردەم قىلغان ئازلارغا ياردەم قىلىش لازىم كېلىدۇ. بولمىسا ئۇ ئاز سەۋەبلەرنى جىمىقتۇرۇپ، كۆپلەرگە ياردەم قىلساڭ شەيتانغا دوست بولىسەن.

  ئەجەبا بۇ مىللەتنىڭ فەقىر ھالى، دىندىن كەلگەن بىر زاھىتلىق ۋە دۇنيانى تەرك قىلىشتىن كەلگەن بىر ھورۇنلۇقتىن كېلىپ چىقىۋاتىدۇ، دەپ قارامسەن!؟ بۇ قاراشتا خاتالىشىۋاتىسەن. ئەجەبا كۆرمەيۋاتامسەن، جۇڭگو ۋە ھىندىستاندىكى مەجۇسىي ۋە براخمانلار، ھەمدە ئافرىقىدىكى نىگىرلارغا ئوخشاش ياۋرۇپانىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىغا كىرگەن مىللەتلەر بىزدىن تېخىمۇ كەمبەغەلدۇر. ھەم كۆرمەيۋاتامسەنكى، زۆرۈرىي يىمەكلىك ئىھتىياجىدىن باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدا قالمايۋاتىدۇ. يا ياۋرۇپا كافىر زالىملىرى، ۋەيا ئاسىيا مۇناپىقلىرى ھىيلەمىكىرلىرى بىلەن يا ئوغرىلايدۇ ۋەيا بۇلايدۇ. سىلەرنىڭ بۇنداق زورلۇق بىلەن ئەھلى ئىماننى «مىم»سىز مەدەنىيەتكە** باشلاشتىكى مەقسىتىڭلار، ئەگەر مەملىكەتتە ئاسايىش(تىنچلىق) ۋە ئامانلىقنى بەرپا قىلىش ۋە ئاسان ئىدارە قىلىش بولسا، قەتئىييەن بىلىڭلاركى، خاتا قىلىۋاتىسىلەر، خاتا يولغا باشلاۋاتىسىلەر. چۈنكى، ئىتىقادى تەۋرەنگەن، ئەخلاقى بۇزۇلغان يۈز فاسىقنى ئىدارە قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدە تىنچلىق ئورنىتىش، مىڭلارچە ئەھلى تەقۋا ئىنسانلارنى ئىدارە قىلىشتىن تېخىمۇ مۈشكۈلدۇر. مانا بۇ ئاساسلارغا بىنائەن، ئەھلى ئىسلام، دۇنياغا ۋە ئاچ كۆزلۈككە باشلاشقا ۋە تەشۋىقاتقا مۇھتاج ئەمەس. تەرەققىيات ۋە ئاسايىشلار بۇنىڭ بىلەن ئورنىتىلمايدۇ. بەلكى، ئىشلارنىڭ ئىنتىزامغا سېلىنىشىغا، ئارىلىرىدىكى ئەمنىيەتنىڭ(ئىشەنچنىڭ) تەسىس قىلىنىشىغا ۋە ھەمكارلىشىش دەستۇرىنىڭ ئاسانلاشتۇرۇلىشىغا مۇھتاجدۇر. بۇ ئىھتىياجمۇ دىننىڭ مۇقەددەس ئەمىرلىرى بىلەن، ھەمدە تەقۋالىق ۋە دىنىي مۇستەھكەملىك بىلەن بولىدۇ.

——————————————————

*نەئۇزۇبىللاھ: «ﷲتىن پاناھ تىلەيمىز».ت

**«مىم»سىز مەدەنىيەت: پەس مەدەنىيەت، ئەرەپچە «مىم» ھەرىپىنى مەدەنىيەتتىن چىقارغاندا «دەنىيەت»(پەس) قالىدۇ.ت


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.