بارات كېچىسى شام ۋە خۇپتەن نامىزى ئارلىقىدا ئۈچ قېتىم ياسىن شەرىپ ئوقۇلىدۇ

بارات كېچىسى شام ۋە خۇپتەن نامىزى ئارلىقىدا ئۈچ قېتىم ياسىن شەرىپ ئوقۇلىدۇ

بارات كېچىسى شام ۋە خۇپتەن نامىزى ئارلىقىدا ئۈچ قېتىم ياسىن شەرىپ ئوقۇلىدۇ. نىيىتى تۆۋەندىكىچە:

  بارات كېچىسى شام نامىزىدىن كېيىن، ئۈچ قېتىم ياسىن شەرىپ ئوقۇلىدۇ، ھەربىر ياسىندىن كېيىن بىر قېتىم بارات دۇئاسى ئوقۇلىدۇ.

  تۇنجى قېتىمدا، جانابى ھەقتىن خەيىرلىك ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر خالاش، قازا ۋە بالالاردىن ئەمىنئىسەن بولۇش؛

  ئىككىنچىسىدە، ھالال رىزىق تەمەننى قىلىش؛

  ئۈچىنچىسىدە بولسا، ئەڭ ئاخىرقى تىنىقىمىزدا ھۆسنى خاتىمە، كامىل ئىمان بىلەن ئۆلۈش نىيىتى بىلەن ئوقۇلىدۇ.

بارات دۇئاسى شۇدۇر:


بِسْمِ اللهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ
اَللَّهُمَّ يَا ذَا الْمَنِّ وَلاَ يُمَنُّ عَلَيْهِ يَا ذَا الْجَلاَلِ وَالاِكْرَامِ يَا ذَا الْطَوْلِ وَالاِنْعَامِ لاَ اِلَهَ اِلاَّ اَنْتَ ظَهْرَ اللاَّجِئِينَ وَجَارَ الْمُسْتَجِيرِينَ وَاَمَانَ الْخَائِفِينَ اَللَّهُمَّ اِنْ كُنْتَ كَتَبْتَنِي عِنْدَكَ فِى اُمِّ الْكِتَابِ شَقِيًّا اَوْ مَحْرُومًا اَوْ مَطْرُودًا اَوْ مُقَتَّرًا عَلَيَّ فِى الرِّزْقِ فَامْحُ اللَّهُمَّ بِفَضْلِكَ شَقَاوَتِى وَحِرْمَانِى وَطَرْدِى وَاِقْتَارَ رِزْقِى وَاَثْبِتْنِى عِنْدَكَ فِى اُمِّ الْكِتَابِ سَعِيدًا وَمَرْزُوقًا وَمُوَفَّقًا لِلْخَيْرَاتِ فَاِنَّكَ قُلْتَ وَقَوْلُكَ الْحَقُّ فِى كِتَابِكَ الْمُنْـزَلِ عَلَى لِسَانِ نَبِيِّكَ الْمُرْسَلِ (يَمْحُوا اللهُ مَا يَشَاءُ وَيُثْبِتُ وَعِنْدَهُ اُمُّ الْكِتَابِ) اِلَهِى بِالتَّجَلِىِّ الاَعْظَمِ فِى لَيْلَةِ النِّصْفِ مِنْ شَعْبَانَ الْمُكَرَّمِ الَّتِى (فِيهَا يُفْرَقُ كُلُّ اَمْرٍ حَكِيمٍ) وَيُبْرَمُ اَنْ تَكْشِفَ عَنَّا مِنَ الْبَلاَءِ مَا نَعْلَمُ وَمَا لاَ نَعْلَمُ وَمَا أَنْتَ بِهِ أَعْلَمُ اِنَّكَ اَنْتَ الاَعَزُّ الاَكْرَمُ وَصَلَّى اللهُ عَلَى سَيِّدِنَا مُحَمَّدٍ وَعَلَي آلِهِ وَأَصْحَابِهِ وَأَوْلاَدِهِ وَأَزْوَاجِهِ وَسَلَّمَ.

بارات دۇئاسى شۇدۇر:

  راھمان ۋە رەھىم بولغان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن….

  ئەي ئېھسانى مول بولغان، ئۆزىگە ئېھسان قىلىنمايدىغان، ھەردائىم ئۆزىلا ئېھساندا بولىنىدىغان، ئەي ئەزىمەت ۋە ئىكرام ساھىبى، ياخشىلىق ۋە نىئمەت بېرىش ساھىبى ئاللاھىم! ئەي سېغىنغانلارنىڭ تايانچىسى، ھىمايە قىلىشنى تەلەپ قىلغانلارنىڭ مۇھاپىزەتچىسى ۋە قورىققانلارنىڭ ئىشەنچىسى ئاللاھىم! سەندى باشقا ئىلاھ يوقتۇر. ئەي ئاللاھىم! ئەگەر سېنىڭ قېتىڭدىكى ئانا كىتاپتا مېنى شاكىھالاك بولغۇچى، بەخىتسىز ۋەياكى مەھرۇم بولغۇچى ۋەياكى قوغلاندى بولغۇچى ۋەياكى رىزىقى تۈگىكەن ھالەتتە يازغان بولساڭ، ئەي ئاللاھىم! مېنىڭ بەخىتسىزلىكىمنى، مەھرۇم قېلىشىمنى، قوغلاندى قىلىنىشىمنى ۋە رىزقىمنىڭ كەمتۈك بولۇپ قېلىشىنى پەزلى كەرىمىڭ بىلەن ئۆچۈرىۋەت. ۋە مېنى قېتىڭدىكى ئانا كىتاپتا سەئىد، پىشانىسى ئوچۇق، بەخىتلىك، رىزىقى مول ۋە خەيىرلەرگە ئېرىشىدىغان قىلىپ سابىت قىل. چۈنكى سەن، سېنىڭ تەرىپىڭدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبىرىڭنىڭ تىلىدا چۈشۈرۈلگەن كىتابىڭدا: « ئاللاھ خالىغىنىنى ئۈچۈرىۋىتىدۇ، خالىغىنىنى سابىت قىلىدۇ، كىتاپنىڭ ئەسلى بولغان لەۋھى مەھپۇز ئۇنىڭ يېنىدىدۇر. »[راد سۈرىسى:39] بۇيرىغان ئىدىڭ ۋە بۇ سېنىڭ سۆزۈڭ ھەقتۇر، ھەقىقەتتۇر. ئەي ئاللاھىم! ھەر ھېكمەتلىك ئىشلارنىڭ ئېنىق ئايرىلىدىغان ۋە كەسكىن بولىدىغان، دەل جايىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدىغان ناھايتى قىممەتلىك شابان ئېيىنىڭ يېرىمى، بارات كېچىسىدىكى ئەڭ چوڭ تەجەللى بىلەن دۇئا قلىمىزكى: بىز بىلىدىغان ۋە بىلمەيدىغان، سەن ئەڭ ياخشى بىلىپ تۇرىدىغان پۈتۈن بالالارنى بىزدىن ئۇزاق قىل، كۆتۈرىۋەت. ھەقىقەتەن سەن، پەقەتلا سەن ئەڭ ئەزىزدۇرسەن، ئەڭ كۆپ ئىكرام ساھىبىدۇرسەن. ئاللاھنىڭ سالات ۋە سالامى ھەزىرىتى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەپەندىمىزگە، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا، ساھابىلىرىگە، ئەۋلادلىرىغا ۋە خانىملىرىغا بولسۇن.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.