بىر قانچە مەيۈسلەنگەن ياشلارغا ئاگاھ

بىر قانچە مەيۈسلەنگەن ياشلارغا ئاگاھ

بىر قانچە مەيۈس ياشقا بېرىلگەن بىر ئاگاھ، بىر دەرس، بىر ئەسكەرتىشتۇر

   بىر كۈنى بىر قانچە ياش بالىلار كېلىشتى. ھايات، ياشلىق ۋە ھەۋەسلەردىن كەلگەن خەتەرلىك ئەھۋاللاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تەسىرلىك بىر دەرس ئېلىشنى خالىغان ئۇ ياشلارغا مەنمۇ بۇرۇن رىسالەئى نۇردىن ياردەم سورىغان ياشلارغا دېگىنىمدەك دېدىمكى:

   سىلەردىكى ياشلىق قەتئىييەن كېتىدۇ. ئەگەر سىلەر ھالال دائىرە ئىچىدە بولمىساڭلار، ئۇ ياشلىق زايا بولۇپ، ھەم دۇنيادا، ھەم ئاخىرەتتە ھازىر بەرگەن لەززەتلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ بالالارنى، ئەلەملەرنى بېشىڭلارغا كەلتۈرىدۇ. ئەگەر ئىسلام تەربىيىسى ئارقىلىق ئۇ ياشلىق نىمىتىگە بىر شۈكۈر تۈرىدە ئۇنى گۇناھلاردىن پاك بولۇپ، ئارنۇمۇس ۋە تائەتئىبادەتكە سەرپ قىلساڭلار، ئۇ ياشلىق مەنىۋى جەھەتتىن باقىي قالىدۇ، ھەمدە ئەبەدىي بىر ياشلىققا ئېرىشىشكە سەۋەب بولىدۇ.

  ھايات ئەگەر ئىمان بولمىسا ياكى ئىسيانى سەۋەبلىك ئىمان تەسىر قىلمىسا، ھايات قىسقىغىنا بىر راھەت ۋە لەززەت بىلەن بىرگە، مىڭلىغان ھەسسە ئۇنىڭدىن كۆپرەك ئەلەملەر، غەملەر ۋە قايغۇلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. چۈنكى ئىنساندا ئەقىل ۋە پىكىر بولغانلىقى ئۈچۈن، ھايۋاننىڭ ئەكسىچە، ھازىرقى زامان بىلەن بىللە ئۆتكەن ۋە كېلەچەك زامانلار بىلەنمۇ يارىتىلىشىدىن ئالاقىداردۇر. ئۇ زامانلاردىنمۇ ھەم ئەلەم ھەم لەززەت ئېلىشى مۇمكىن. ھايۋان بولسا، ئەقلى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ھازىرقى لەززىتىنى ئۆتكەن زاماندىن كەلگەن قايغۇلار ۋە كېلەچەكتىن كەلگەن قورقۇنچ ۋە ئەندىشىلەر بۇزمايدۇ. ئىنسان بولسا، ئەگەر زالالەت ۋە غەپلەتكە چۈشكەن بولسا ھازىرقى لەززەتكە ئۆتكەن زاماندىكى قايغۇئەلەملەر ۋە كېلەچەكتىن كەلگەن ئەندىشىلەر قېتىلىپ ئۇ كىچىككىنە لەززەتنى ھەقىقەتەن ئاچچىقلاشتۇرىدۇ، بۇزىدۇ. بولۇپمۇ ھارام لەززەت بولسا، پۈتۈنلەي زەھەرلىك بىر ھەسەلدەك بولىدۇ. دېمەك ھايات لەززىتى نۇقتىئىنەزىرىدە ھايۋاندىن يۈز ھەسسە تۆۋەن چۈشىدۇ. زالالەت ۋە غەپلەت ئەھلىنىڭ ھاياتى، بەلكى بارلىقى، بەلكى كائىناتى ئۆزى ياشاۋاتقان كۈندۇر. پۈتۈن ئۆتكەن كۈنلەر ۋە كائىناتلار ئۇنىڭ زالالىتى بويىچە يوقتۇر، ئۆلۈكتۇر. ئەقىل ئالاقىدارلىقى بىلەن ئۇنىڭ بېشىغا زۇلمەتلەر، قاراڭغۇلۇقلارنى ياغدۇرىدۇ. كېلەچەك بولسا ئېتىقادسىزلىقى بويىچە يەنە يوقتۇر. ھەمدە ئۇ يوقلۇق كۆز قارىشىدىن چىققان ئەبەدىي ئايرىلىشلار داۋاملىق ئۇنىڭ پىكىر يولى ئارقىلىق ھاياتىغا زۇلمەتلىك ۋەھىمىلەرنى قاتىدۇ.

  ئەگەر ئىمان ھاياتىغا ھايات بولسا، ئۇ ۋاقىت ھەم ئۆتكەن، ھەم كېلەچەك زامانلار ئىمان نۇرى بىلەن نۇرلىنىدۇ ۋە بارلىققا ئېرىشىدۇ. ئىمانىي نەزەر بويىچە روھ ۋە قەلبىگە ھازىرقى زاماندەكلا يۈكسەك مەنىۋى لەززەتلەرنى ۋە بارلىق نۇرلىرىنى بېرىدۇ. بۇ ھەقىقەتنىڭ «ياشانغانلار رىسالىسى»دە يەتتىنچى رىجادا ئىزاھاتى بار. ئۇنىڭغا قارىساڭلار بولىدۇ.

   ھەقىقەت مانا شۇنداقتۇر. ھاياتنىڭ لەززىتى ۋە راھىتىنى خالىساڭلار، ھاياتىڭلارنى ئىمان ئارقىلىق ھاياتلاندۇرۇڭلار، پەرزلەر ئارقىلق زىننەتلەندۈرۈڭلار، گۇناھلاردىن قېچىش ئارقىلىق مۇھاپىزەت قىلىڭلار.

   ھەر كۈن، ھەر يەردە، ھەر ۋاقىت ئۆلۈشلەر كۆرسەتكەن دەھشەتلىك ئۆلۈم ھەقىقىتى بولسا، سىلەرگە باشقا ياشلارغا دېگىنىمدەك بايان قىلىمەن:

   مەسىلەن: بۇ يەردە كۆزۈڭلارنىڭ ئالدىدا بىر دار تىكىلگەن. ئۇنىڭ يېنىدا ناھايىتى چوڭ ھەدىيە بېلىتى بەرگەن لاتارىيە مەيدانى بار. بۇ يەردىكى بىز ئون كىشى بەرىبىر خالايلى، خالىمايلى، ھېچ باشقا چارە يوق، ئۇ يەرگە چاقىرىلىمىز. چاقىرىلىش ۋاقتى يوشۇرۇن بولغانلىقتىن ھەر مىنۇتتا يا «كەل، ئېسىلىپ ئۆلتۈرۈلۈش بېلىتىڭنى ئال، دارغا چىق» ياكى « كەل، مىليونلىغان ئالتۇن قازاندۇرىدىغان بىر ھەدىيە بېلىتى ساڭا چىقتى، قېنى ئېلىۋالدېيىلىشى مۇمكىن. بۇ چاقىرىقنى كۈتۈپ تۇرغاندا بىردىنلا ئىشىكتىن ئىككى كىشى كىرىپ كەلدى. بىرى يېرىم يالىڭاچ گۈزەل ۋە ئالدامچى بىر ئايال، قولىدا كۆرىنىشتە ناھايىتى شېرىن، لېكىن زەھەرلىك بولغان ھەسەلنى ئېلىپ كېلىپ يىگۈزمەكچى بولدى. يەنە بىرى بولسا ئالدىماس ۋە ئالدانماس تەمكىن بىر كىشى بولۇپ، ئۇ ئايالنىڭ ئارقىسىدىن كىرىپ كەلدى. دېدىكى:

  «سىلەرگە بىر تىلسىم، بىر دەرس ئېلىپ كەلدىم. ئۇ ھەسەلنى يېمەستىن، بۇنى ئوقۇساڭلار، ئۇ دارغا ئېسىلىشتىن قۇتۇلىسىلەر، بۇ تىلسىم بىلەن ئۇ مىسىلسىز ھەدىيە بېلىتىنى ئالالايسىلەر. مانا ئۆزۈڭلارمۇ كۆرىۋاتىسىلەر، ھەسەل يېگەنلەر دار تەرەپكە كېتىۋاتىدۇ، ھەمدە بارغۇچە ئۇ ھەسەلنىڭ زەھىرىدىن دەھشەتلىك قورساق سانجىقى تارتىشىۋاتىدۇ. ئۇ قىممەتلىك ھەدىيە بېلىتى ئالغانلار بولسا، گەرچە كۆرۈنمەيۋاتىدۇ ۋە ئۇلارمۇ ئۇ دارغا چىقىۋاتقاندەك كۆرىنىۋاتىدۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ئېسىلمايۋاتقانلىقىنى، بەلكى دارنى قولاي ھالدا ھەدىيەلەر دائىرىسىگە كىرىش ئۈچۈن بىر شوتا قىلىۋاتقانلىقىنى مىليونلارچە گۇۋاھچىلار خەۋەر قىلىشىۋاتىدۇ. مانا شۇ دەرىزىدىن قاراپ بېقىڭلار، ئەڭ بۈيۈك خادىملار ۋە بۇ ئىش بىلەن ئالاقىدار بولغان چوڭ زاتلار يۇقىرى ئاۋازلىرى بىلەن ئېلان قىلىپ خەۋەر بېرىشىۋاتىدۇكى، ئۇ دارغا قاراپ ماڭغانلارنى ئەينەليەقىن*كۆزۈڭلار بىلەن كۆرگىنىڭلاردەك، بۇ ھەدىيە بېلىتىنى، تىلسىم ئىگىلىرىنىڭ ئېلىشىۋاتقانلىقىغا ھېچ شەكشۈبھىسىز، كۈندۈزدەك قەتئىي ھالدا ئىشىنىڭلار!» دېدى.

   مانا مۇشۇ مىسالدەك، زەھەرلىك بىر ھەسەل ھۆكمىدە بولغان ھارام دائىرىدىكى ياشلىقنىڭ كەيپساپا لەززەتلىرىگە مۇپتىلا بولغانلار، ئەبەدىي خەزىنە ۋە بەختسائادەتنىڭ بېلىتى ۋە كىنىشكىسى بولغان ئىماننى يوقاتقانلىقى ئۈچۈن، دار ھۆكمىدە بولغان ئۆلۈم، ھەمدە مەڭگۈلۈك قاراڭغۇلۇق ئىشىكى بولغان قەبىر مۇسىبىتىگە ۋە بالاسىغا (كۆرۈنۈشتە ئەينەن كۆرۈنگىنىدەك) دۇچ كېلىدۇ. شۇنداقلا ئەجەل يوشۇرۇن بولغانلىقتىن ياشقېرى دېمەستىن، ھەر ۋاقىت ئەجەل جاللاتى باشنى كېسىش ئۈچۈن كېلىشى مۇمكىن. ئەگەر زەھەرلىك ھەسەل ھۆكمىدىكى ھارام ھەۋەسلەرنى تاشلاپ، قۇرئان تىلسىمى بولغان ئىمان ۋە پەرزلەرنى ئادا قىلسا، ئۇ ئاجايىپ ئىنسانىيەت تەقدىرى «لاتارىيسىدىن» چىققان ئەبەدىي بەختسائادەت خەزىنىسىنىڭ بېلىتىنى ئالىدىغانلىقىنى يۈز يىگىرمە تۆت مىڭ پەيغەمبەر بىلەن بىللە، سانساناقسىز ئەۋلىيالار ۋە ھەقىقەتپەرۋەرلەر خەۋەر قىلىپ دەلىل ۋە پاكىتلىرىنى كۆرسىتىشىۋاتىدۇ.

  قىسقىسى، ياشلىق كېتىدۇ گۇناھلار بىلەن كەتكەن بولسا، ھەم دۇنيادا، ھەم ئاخىرەتتە مىڭلارچە بالا ۋە ئەلەملەرنى نەتىجە بېرىدىغانلىقىنى، ھەمدە ئۇنداق ياشلار كۆپىنچە ياشلىقنى زىيانلىق ئىشلارغا سەرپ قىلىپ سۈيئىستېمال قىلىشتىن كەلگەن ۋەھىمىلىك كېسەللىكلەر سەۋەبلىك دوختۇرخانىلارغا، ھەددىدىن ئېشىش نەتىجىسىدە تۈرمىلەرگە ياكى بۇزۇقچىلىق ئورۇنلىرىغا، شۇنداقلا مەنىۋى ئەلەملەردىن كەلگەن روھانى بېسىملار تۈپەيلىدىن مەيخانىلارغا چۈشۈپ قالىدىغانلىقىنى بىلگىڭلار كەلسە، دوختۇرخانىلاردىن، تۈرمىلەردىن ۋە قەبرىستانلىقتىن سوراپ بېقىڭلار. ئەلۋەتتە، دوختۇرخانىلارنىڭ ئەھۋال تىلىدىن كۆپىنچە ياشلارنىڭ ھەۋايى ھەۋىسى سەۋەبلىك ياشلىقىنى زىيانلىق ئىشلار بىلەن مەشغۇل قىلىپ، سۈيئىستېمال قىلىشتىن كەلگەن كېسەللىكلەر دېگۈزگەن «ئاھ، ئۇھ»لارنى ئاڭلىغىنىڭلاردەك، تۈرمىلەردىنمۇ كۆپىنچە، ياشلىق ھېسلىرىنىڭ ھەددىدىن ئېشىشى نەتىجىسدە ھارام دائىرىدە ھەرىكەتلىنىشنىڭ كاچاتلىرىنى يېگەن بەختسىز ياشلارنىڭ قايغۇرۇشلىرىنى ئاڭلايسىلەر. قەبرىستاندىكى ۋە ئۇ يەرگە كىرگەنلەر ئۈچۈن ئىشىكلىرى ئېچىلىپ يېپىلىپ تۇرغان ئۇ بەرزەخ**ئالىمىدىكى (ئەۋلىيالارنىڭ كۆرۈشلىرى ۋە پۈتۈن ھەقىقەتپەرۋەرلەرنىڭ تەستىق ۋە شاھادىتى بىلەن) ئازاپلارنىڭ كۆپىنچىسى، ياشلىق سۇيئىستېماللىرىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر.

  شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلغان ياشانغانلار ۋە كېسەللەردىن سوراڭلار. ئەلۋەتتە، كۆپىنچىلىرى قايغۇ ۋە ھەسرەتلەر بىلەن: «ھەي ئىسىت! ياشلىقىمىزنى بىكارغىلا، بەلكى زىيانلىق بىر تۈردە زايا قىلدۇق. دىققەت قىلىڭلار، سىلەرمۇ بىزدەك بولماڭلاردېيىشىدۇ. دەرۋەقە، بەشئون يىللىق ياشلىقنىڭ ھارام لەززىتىنى دەپ، دۇنيادا كۆپ يىللار غەم ۋە قايغۇ، بەرزەختا ئازاپ ۋە زىيان، ئاخىرەتتە جەھەننەم ۋە ئوت بالاسىنى تارتقان كىشى ئەڭ ئىچ ئاغرىتقىدەك بىر ھالەتتە بولسىمۇ،

اَلرَّاضِى بِالضَّرَرِ لاَ يُنْظَرُ لَهُ سىرى بويىچە ئىچ ئاغرىتىشقا ھېچ لايىق بولالمايدۇ. چۈنكى زىيانغا رازىلىقى بىلەن كىرسە مەرھەمەت قىلىش توغرا-لايىق ئەمەس. جانابى ﷲ بىزنى، سىلەرنى بۇ زاماننىڭ جەزبىلىك فىتنىسىدىن قۇتقازسۇن ۋە مۇھاپىزەت ئەيلىسۇن. ئامىن!

————————————–

*بەرزەخ: دۇنيا بىلەن ئاخىرەت ئارىسى، قەبىر ئالەمى.-ت

**ئەينەليەقىن: كۆز بىلەن كۆرۈش دەرىجىسىدە بىلمەك.-ت


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.