تۈرمە ۋە ياشلىق

تۈرمە ۋە ياشلىق

بِاسْمِهِ سُبْحَانَهُ

(ئون ئۈچىنچى سۆزنىڭ ئىككىنچى ماقامىنىڭ ئەسكەرتىشىدۇر)

  رىسالەئى نۇردىن ھەقىقىي تەسەللىگە، تۈرمىگە چۈشۈپ قالغان مەھبۇسلار ناھايىتى مۇھتاجدۇر. بولۇپمۇ ياشلىق زەربىسىنى يەپ، گۈزەل ۋە شېرىن ئۆمرىنى تۈرمىدە ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ «نۇرلار»غا ناندەك ئېھتىياجى بار. شۇنداق، ياشلىق سېزىملىرى ئەقىلدىن كۆپرەك ھېسھەۋەسلىرىنى ئاڭلايدۇ. ھېس ۋە ھەۋەس بولسا كور بولۇپ، ئاقىۋەتنى كۆرمەيدۇ. بىر گرام ھازىرقى لەززەتنى كېلەچەكتىكى كۆپلىگەن لەززەتلەردىن ئۈستۈن كۆرىدۇ. بىر مىنۇتلۇق ئىنتىقام لەززىتى بىلەن ئادەم ئۆلتۈرىدۇ ۋە سەكسەن مىڭ سائەت تۈرمە ئەلىمىنى تارتىدۇ. ھەمدە بىر سائەت ئويۇن كەيپى سەۋەبلىك بىر نۇمۇس مەسىلىسىدە، مىڭلارچە كۈن ھەم تۈرمىدىن، ھەم دۈشمىنىدىن كەلگەن ئەندىشىلەر نەتىجىسىدە قىينىلىپ ئۆمرىنىڭ بەختسائادىتى بىتچىت بولىدۇ. بىچارە ياشلارنىڭ شۇنىڭغا ئوخشاش كۆپلىگەن خەتەرلىك ئەھۋاللىرى بار بولۇپ، ئەڭ تاتلىق بولغان ھاياتىنى ئەڭ ئاچچىق بولغان ۋە ئېچىنىشلىق بىر ھاياتقا ئايلاندۇرىدۇپ قويىدۇ. بولۇپمۇ شىمالدىكى چوڭ بىر دۆلەت، ياشلىق ھەۋەسلىرىدىن پايدىلىنىپ مەنىۋى بورانچاپقۇن بىلەن بۇ ئەسىرنى تىترەتمەكتە. چۈنكى ئاقىۋەتنى كۆرمىگەن كور ھېسلار بىلەن ھەرىكەت قىلغان ياشلار ئۈچۈن، شەرەپلىك كىشىلەرنىڭ گۈزەل قىزلىرىنى ۋە ئاياللىرىنى ھارام ۋە نامەھرەم بولۇشتىن چىقىرىشقان. ھەتتا مۇنچىلارغا ئەرئايال بىللە يالىڭاچ كىرىشلىرى ۋە بۇنىڭغا رۇخسەت قىلىشلىرى بۇ پاھىشەلەرنى ئەۋج ئالدۇرىدۇ. ھەمدە دۆت ۋىجدانسىزلار ۋە كەمبەغەللەر ئۈچۈن بايلارنىڭ ماللىرىنى ھالال قىلىشقان بولۇپ، پۈتۈن ئىنسانىيەت بۇ بالامۇسىبەتكە قارىتا تىترىمەكتە.

  بۇ ئەسىردە ئىسلام ۋە تۈرك ياشلىرى، ئىككى تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىۋاتقان بۇ خەتەرگە قارشى، رىسالەئى نۇرنىڭ «مېۋە» ۋە «ياشلىق رەھبىرى»دەك كەسكىن قىلىچلىرى بىلەن قەھرىمانلارچە تاقابىل تۇرۇشى كېرەكتۇر. بولمىسا ئۇ بىچارە ياش ھەم دۇنيا ئىستىقبالىنى، بەختلىك ھاياتىنى، ھەم ئاخىرەتتىكى سائادىتى ۋە ئەبەدىي ھاياتىنى ئازاپلىق ۋە ئەلەملىك بىر ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ بىتچىت قىلىدۇ. شۇنداقلا سۈيئىستېمال ۋە كەيپ–ساپاچىلىق بىلەن دوختۇرخانىلارغا، چېكىدىن ئېشىش بىلەن تۈرمىلەرگە چۈشۈپ قالىدۇ، پۇشايمانلار ۋە ھەسرەت بىلەن قېرىغاندا كۆپ يىغلاپ قالىدۇ.

  ئەگەر قۇرئان تەربىيىسى ۋە نۇر ھەقىقەتلىرى بىلەن ئۆزىنى مۇھاپىزەت قىلسا، ھەقىقىي بىر قەھرىمان ياش، مۇكەممەل بىر ئىنسان ۋە بەختلىك بىر مۇسۇلمان، ھەمدە باشقا جانلىقلارغا ۋە ھايۋانلارغا بىر سۇلتان دەرىجىسىگە كۆتۈرىلىدۇ.

  شۇنداق، بىر ياش تۈرمىدە يىگىرمە تۆت سائەت ھەر كۈنلۈك ئۆمرىنىڭ بىرلا سائىتىنى بەش پەرز ناماز ئۈچۈن سەرپ قىلسا، كۆپلىگەن گۇناھلارغا تۈرمە توسقۇن بولغىنىدەك، ئۇ تۈرمىگە چۈشۈشكە سەۋەب بولغان خاتالىقلاردىن تۆۋبە قىلىپ، باشقا زىيانلىق، ئەلەملىك گۇناھلاردىن ئۆزىنى تارتسا، ھەم ھاياتىغا، ھەم ئىستىقبالىغا، ھەم ۋەتىنىگە، ھەم خەلقىگە، ھەم تۇغقانلىرىغا چوڭ بىر مەنپەئەت بولغىنىدەك، ئۇ ئونئون بەش يىللىق فانىي ياشلىق ئارقىلىق ئەبەدىي پارلاق بىر ياشلىقنى قازىنىدىغانلىقىنى باشتا قۇرئانى مۆجىزۇلبايان ۋە بارلىق ساماۋى كىتابلار قەتئىي ھالدا خۇشخەۋەر بېرىدۇ.

  شۇنداق ئۇ شېرىن، گۈزەل ياشلىق نىمىتىگە، ئىستىقامەت ۋە تائەتئىبادەت ئارقىلىق شۈكۈر قىلسا، ھەم ئۇ نىمەت ئارتىدۇ، ھەم ئەبەدىيلىشىدۇ، ھەم تېخىمۇ لەززەتلىك بولىدۇ. بولمىسا ھەم بالالىق، ھەم قايغۇلۇق، غەملىك،قورقۇنچلۇق بولىدۇ، يوقىلىدۇ. ھەم تۇغقانلىرىغا، ھەم ۋەتىنىگە، ھەم خەلقىگە زىيانداش بولغان ھۇشسىز بىر ئەخمەق بولۇپ قېلىشقا سەۋەب بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر تۈرمىدىكى مەھبۇس زۇلۇمغا ئۇچراپ كىرىپ قالغان بولسا، پەرز نامازلىرىنى ئوقۇش شەرتى بىلەن ھەربىر سائىتى بىر كۈنلۈك ئىبادەت بولغىنىدەك، ئۇ تۈرمە ئۇنىڭ ئۈچۈن يالغۇز كىشىلىك بىر ئىبادەتخانا بولۇپ، بۇرۇنقى زامانلاردا ئۆڭكۈرلەرگە كىرىپ، ھېچكىم بىلەن كۆرۈشمەستىن ئىبادەت قىلغان تەقۋا دىندارلاردىن بولالايدۇ. ئەگەر يوقسۇل، ياشانغان، كېسەلچان ۋە ئىمان ھەقىقەتلىرىگە قىزىققان بىرى بولسا، پەرزلىرىنى ئادا قىلىش ۋە تۆۋبە قىلىش شەرتى بىلەن ھەربىر سائىتى يىگىرمە سائەت بولۇپ، تۈرمە ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر تەنەپپۇس يېرى بولىدۇ. دوستلىرى شەپقەت بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ، كۆرىشىپ تۇرسا ئۇ تۈرمە ئۇلار ئۈچۈن بىر ھوزۇرلۇق سۆھبەتخانا، بىر تەربىيەخانا ۋە بىر دەرسخانا ھۆكمىگە ئۆتىدۇ. تۈرمىدە بولۇش ئارقىلىق سىرتتىكى قالايمىقان ۋە ھەر تەرەپلىمە گۇناھلارنىڭ ھۇجۇمىغا دۇچار بولىدىغان ئەركىنلىك ئىچىدىكى راھىتىدىن تېخىمۇ كۆپرەك راھەتكە ئېرىشىدۇ، تۈرمىدىن ھەقىقىي تەربىيە ئالىدۇ. چىققان ۋاقىتتا بىر قاتىل، بىر ئىنتىقامچى سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى تۆھپىكار، تەجرىبىلىك، تەربىيە ئالغان، خەلققە مەنپەئەتلىك بىر كىشى بولۇپ چىقىدۇ. ھەتتا «دېڭىزلى» تۈرمىسىدىكى زاتلارنىڭ «نۇرلار»دىن ئاز بىر ۋاقىتتا پەۋقۇلئاددە گۈزەل ئەخلاق دەرسىنى ئالغانلارنى كۆرگەن بەزى ئالاقىدار كىشىلەر: «تەربىيە ئۈچۈن ئون بەش يىل تۈرمىدە يېتىشقا قارىغاندا ئون بەش ھەپتە رىسالەئى نۇر دەرسىنى ئالسا ئۇلارنى تېخىمۇ كۆپ ئۆزگەرتىدۇدېيىشكەنىدى.

  شۇنداق، ئۆلۈم ئۆلمەيدۇ ۋە ئەجەل يوشۇرۇندۇر. ھەر ۋاقىت كېلىشى مۇمكىن، ھەمدە قەبىر ئىشىكى تاقالمايدۇ. توپتوپ بولۇپ بىربىرى ئارقىسىدىن كەلگەنلەر ئۇ يەرگە كىرىپ يوق بولىۋاتىدۇ. شۇنداقلا ئۆلۈم مۆئمىنلەر ئۈچۈن مەڭگۈلۈك يوق بولۇش ئەمەس، بۇ ھايات ۋەزىپىسىدىن بوشىنىش كىنىشكىسى ئىكەنلىكى قۇرئان ھەقىقەتلىرى بىلەن كۆرسىتىلدى. زالالەت ۋە كەيپساپاچىلىق يولىدا يۈرگەنلەر ئۈچۈن بولسا، كۆز بىلەن كۆرۈنگىنىدەك، ئۆلۈم بىر ئەبەدىي ھالاك بولۇشتۇر. سۆيگەن بارلىق نەرسىلەردىن ۋە پۈتۈن مەۋجۇداتلاردىن بىر مەڭگۈلۈك ئايرىلىشتۇر. ئەلۋەتتە ۋە ئەلۋەتتە، ھېچ شۈبھىسىزكى، ئەڭ بەختىيار بولۇشنى خالىغانلارنىڭ ئىشى بۇدۇركى، سەبىر ئىچىدە شۈكۈر قىلىش ۋە تۈرمە مۇددىتىدىن ھەقىقىي تۈردە پايدىلىنىپ «نۇر» دەرسى ئېلىپ، ئىستىقامەت دائىرىسىدە ئىمانغا ۋە قۇرئانغا خىزمەت ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشتۇر.

  ئەي راھەت ۋە لەززەتكە مۇپتىلا ئىنسان! مەن ھازىر يەتمىش بەش ياشتا، مىڭلارچە تەجرىبىلەر، دەلىللەر ۋە ھادىسىلەر بىلەن ئەينەليەقىن ھالدا بىلدىمكى، ھەقىقىي راھەت، ئەلەمسىز لەززەت، قايغۇسىز سۆيۈنچ ۋە ھاياتتىكى سائادەت پەقەتلا ئىماندىدۇر ۋە ئىمان ھەقىقەتلىرى دائىرىسىدىدۇر. بولمىسا، دۇنيالىق بىر لەززەتتە كۆپلىگەن قايغۇلار بار. بىر دانە ئۈزۈم يېگۈزۈپ ئون كاچات ئۇرغاندەك ھاياتنىڭ لەززىتىنى قاچۇرىدۇ.

  ئەي تۈرمە پالاكەتچىلىكىگە چۈشكەن بىچارىلەر! دۇنيارىڭلار يىغلىدى ۋە ھاياتىڭلار ئاچچىقلاشتى، تىرىشىڭلار ئاخىرىتىڭلارمۇ يىغلاپ قالمىسۇن. مەڭگۈلۈك ھاياتىڭلار كۈلسۇن، تاتلىق بولسۇن، بۇ تۈرمىدىن پايدىلىنىۋېلىڭلار. بەزىدە ئېغىر شارائىت ئاستىدا، دۈشمەن قارشىسىدا بىر سائەت قاراۋۇلچىلىق بىر يىللىق ئىبادەت بولغىنىدەك، سىلەرنىڭ بۇ ئېغىر شارائىت ئاستىدىكى ھەربىر سائەت ئىبادەت قىيىنچىلىقى كۆپلىگەن سائەت ئىبادەت ھۆكمىگە ئۆتۈپ، ئۇ قىيىنچىلىقلارنى ساۋاپلارغا ئايلاندۇرىدۇ.

اَلسَّلاَمُ عَلَيْكُمْ وَ رَحْمَةُ اللّهِ وَ بَرَكَاتُهُ اَبَدًا دَائِمًا

ئەزىز، سىددىق قېرىنداشلىرىم!

  تۈرمە پالاكەتچىلىكىگە چۈشۈپ قالغانلارغا، ھەمدە ئۇلارغا مەرھەمەتكارانە ساداقەتلىك ھالدا ياردەم بىلەن ئالاقىدار بولغانلارغا ۋە ئۇلارنىڭ رىزىقلىرىنى ئېلىپ كەلگەنلەرگە قۇۋۋەتلىك بىر تەسەللىنى «ئۈچ نۇقتا» بىلەن بايان قىلىمەن:

  بىرىنچى نۇقتا: تۈرمىدە ئۆتكەن ئۆمۈرنىڭ ھەربىر كۈنى ئون كۈنچىلىك بىر ئىبادەت ساۋابىغا ئېرىشتۈرەلەيدۇ ۋە فانىي سائەتلەرنى بەرگەن مېۋىسى ئېتىبارى بويىچە، مەنىۋى جەھەتتىن باقىي سائەتلەرگە ئۆزگەرتەلەيدۇ. شۇڭا بەشئون يىللىق جازا مۇددىتى مىليونلارچە يىللىق ئەبەدىي تۈرمىدىن قۇتۇلۇشقا سەۋەب بولالايدۇ. مۆئمىنلەر ئۈچۈن بۇ ناھايىتى چوڭ ۋە بەكمۇ قىممەتلىك بولغان بۇ ئۇتۇققا ئىگە بولۇشنىڭ شەرتى، پەرز نامازلىرىنى ئادا قىلىش، تۈرمىگە سەۋەب بولغان گۇناھلاردىن تۆۋبە قىلىش ۋە سەبىر ئىچىدە شۈكۈر قىلىشتۇر. ھېلىمۇ تۈرمە كۆپلىگەن گۇناھلارغا توسالغۇ بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىمكان بەرمەيدۇ.

  ئىككىنچى نۇقتا: لەززەتنىڭ يوقىلىشى ئەلەم بولغىنىدەك، ئەلەمنىڭ يوقىلىشىمۇ لەززەتتۇر. شۇنداق، ھەركىم ئۆتكەن لەززەتلىك، راھەت كۈنلىرىنى ئويلىسا، ھەسرەتلىك ھالدا مەنىۋى ئەلەملەرنى ھېس قىلىپ «ۋاي ئىسىتدەيدۇ. ئۆتكەن بالامۇسىبەتلىك ۋە ئەلەملىك كۈنلىرىنى ئەسلىسە، يوقىلىشتىن كەلگەن بىر مەنىۋى لەززەتنى ھېس قىلىپ «ئەلھەمدۇلىللاھ شۈكۈر، بۇ بالامۇسىبەتلەر ساۋابىنى قويۇپ ئۆزى كەتتى» دەيدۇ. بىر خىل سۆيۈنچ بىلەن راھەت نەپەس ئالىدۇ. دېمەك، بىر سائەتلىك ۋاقىتلىق ئەلەم، روھتا بىر مەنىۋى لەززەت قويۇپ قويىدۇ. لەززەتلىك سائەتلەر بولسا، ئەكسىچە ئەلەم قويۇپ قويىدۇ. شۇنداق، ئۆتكەن بالامۇسىبەت سائەتلىرى، ئەلەملىرى بىلەن بىللە يوق ۋە يوقالدى. كېلەچەكتىكى بالامۇسىبەت كۈنلىرى ھازىر تېخى يوقتۇر. يوقتىن ئەلەم يوق. يوقلۇقتىن ئەلەم كەلمەس. مەسىلەن: بىر قانچە كۈندىن كېيىن ئاچ قېلىش ياكى ئۇسساپ قېلىش ئېھتىمالى سەۋەبلىك داۋاملىق نان يەپ، سۇ ئىچىش نەقەدەر ئەخمەقلىق بولسا، شۇنىڭغا ئوخشاشلا، ئۆتكەن ۋە كېلەچەك زامانلاردىكى يوق بولغان ئەلەملىك سائەتلەرنى ھازىر ئويلىنىپ سەبىرسىزلىك قىلىش، ھەمدە قۇسۇرلۇق بولغان نەفسىدىن ئەمەس، بەلكى ﷲدىن شىكايەت قىلىپ «ئۇف، ئۇف…» دېيىش ئەخمەقلىقتۇر. ئەگەر ئۇ سەبىر قۇۋۋىتىنى ئوڭغا ۋە سولغا، يەنى ئۆتكەن ۋە كېلەچەك زامانلارغا تارقاتماستىن، ھازىرقى سائەت ۋە بۈگۈنكى كۈنگىلا قارىتا سەرپ قىلسا، ئۇ سەبىر قۇۋۋىتى دەل يېتەرلىك بولىدۇ. قىيىنچىلىق ئوندىن بىرگە چۈشىدۇ.

   ھەتتا شىكايەت بولمىسۇن، مەن بۇ ئۈچىنچى مەدرەسەئى يۇسۇفىيەدە بىر قانچە كۈن ئىچىدە ئۆمرۈمدە ھېچ كۆرمىگەن ماددىمەنىۋى قىيىنچىلىقلارغا ۋە كېسەللەرگە دۇچار بولغان پەيتتە، بولۇپمۇ «نۇر»غا خىزمەت قىلشتىن مەھرۇم بولۇپ قىلىشتىن كەلگەن مەيۈسلۈك، ھەمدە قەلبىي ۋە روھىي سىقىلىشلار مېنى ئەزگەن پەيتتە، ﷲنىڭ ئىنايىتى يۇقىرىدىكى ھەقىقەتنى ماڭا كۆرسەتتى. مەنمۇ بۇ ئېغىر كېسىلىمدىن ۋە تۈرمىدىن رازى بولدۇم. چۈنكى «مەندەك بىر قەبىر ئىشىكىدىكى بىچارە ئۈچۈن غەپلەتتە ئۆتۈشىمۇ مۇمكىن بولغان بىر سائەتنى ئون سائەت ئىبادەتكە ئايلاندۇرۇش تولىمۇ چوڭ پايدىدۇردەپ شۈكۈر قىلدىم.

  ئۈچىنچى نۇقتا: تۈرمىدىكى مەھبۇسلارغا شەپقەتكارانە خىزمەت بىلەن ياردەم قىلىش ۋە مۇھتاج بولغان رىزىقلىرى بىلەن تەمىنلەش، ھەمدە مەنىۋى يارىلىرىغا تەسەللى بېرىش ئارقىلىق كۆڭۈلنى ئېلىشتا، ئاز بىر ئەمەل بىلەن قولغا كېلىدىغان چوڭ بىر ئۇتۇق بار. شۇنداقلا سىرتتىن كەلگەن تاماقلارنى ئۇلارغا ئېلىپ كەلگەن تۈرمە خىزمەتچىلىرى ۋە ئۇ خىزمەتچىلەر بىلەن بىللە ئىچ ۋە سىرتتا خىزمەت قىلغانلارنىڭ ساۋاپ دەپتىرىگىمۇ (سەدىقە بېرىش ھۆكمىدە) شۇنچىلىك تاماق ساۋابى يېزىلىدۇ.

   بولۇپمۇ ئۇ مەھبۇس قېرىپ قالغان، ياكى ئاغرىق، ياكى كەمبەغەل ۋە ياكى يالغۇز بولسا ئۇ مەنىۋى سەدىقىنىڭ ساۋابى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ. ئۇ خىزمىتىنىڭ ﷲ ئۈچۈن بولىشى ئۈچۈن ئەنە شۇ قىممەتلىك ئۇتۇقنىڭ شەرتى پەرز نامازلىرىنى ئادا قىلىشتۇر. شۇنداقلا ساداقەت، شەپقەت ۋە سۆيۈنچ بىلەن، ھەمدە مىننەت قىلمىغان ئاساستا قولىدىن كەلگىنىچە ياردەمدە بولۇشتۇر.

بِاسْمِهِ سُبْحَانَهُ وَاِنْ مِنْ شَيْءٍ اِلاَّ يُسَبِّحُ بِحَمْدِهِ

اَلسَّلاَمُ عَلَيْكُمْ وَ رَحْمَةُ اللّهِ وَ بَرَكَاتُهُ اَبَدًا دَائِمًا

ئەي تۈرمىدىكى دوستلىرىم ۋە دىن قېرىنداشلىرىم!

   سىلەرنى ھەم دۇنيا ئازابىدىن، ھەم ئاخىرەت ئازابىدىن قۇتقۇزىدىغان تۆۋەندىكى ھەقىقەتنى بايان قىلىش قەلبىمگە ئەسكەرتىلدى:

  ئالايلۇق، بىرى بىرسىنىڭ قېرىندىشىنى ياكى تۇغقىنىنى ئۆلتۈرگەن بولسا، بەلكىم بىر مىنۇتلۇق ئىنتىقام لەززىتى نەتىجىسىدە بولغان ئۇ قاتىللىق، مىليونلارچە مىنۇت ھەم قەلبىي ئازاپ، ھەم تۈرمە ئازابىنى تارتقۇزىدۇ. ئۆلگۈچىنىڭ تۇغقانلىرىمۇ ئىنتىقام پىكىرلىرى بىلەن ۋە قارشىسىدىكى دۈشمىنىنى ئويلىنىش بىلەن ھاياتىنىڭ لەززىتىنى ۋە ئۆمرىنىڭ راھىتىنى قاچۇرىدۇ. ھەم قورقۇنچ ھەم غەزەپ ئازابىنى چېكىدۇ. ئۇنى يوقىتىشنىڭ پەقەت بىرلا چارىسى بار. يەنى قۇرئاننىڭ ئەمرى، ھەمدە ھەق، ھەقىقەت، ھىكمەت، ئىنسانىيەت ۋە ئىسلامىيەتنىڭ تەلىپى بولغان ئىتتىپاقلىشىش ۋە ئەپلىشىشتۇر.

  شۇنداق، ئەڭ توغرا ۋە مۇناسىپ يول ئەپلىشىشتۇر. چۈنكى ئەجەل بىردۇر، ئۆزگەرمەيدۇ. ئۇ ئۆلگۈچى ئەلۋەتتە ئەجىلى كەلگەنلىكتىن يەنە ئوشۇق ياشاپ قالالمايتتى. ئۇ قاتىل بولسا، ﷲنىڭ تەقدىرىگە سەۋەب بوپتۇ. ئەگەر ئەپلىشىش بولمىسا، ھەر ئىككى تەرەپ دائىم قورقۇنچ ۋە ئىنتىقام ئازابىنى تارتىشىدۇ. شۇڭلاشقا «بىر مۆئمىن ئۈچ كۈندىن ئارتۇق باشقا بىر مۆئمىنگە ئاغرىنماسلىق»نى ئىسلامىيەت ئەمىر قىلىدۇ. ئەگەر ئۇ قاتىللىق بىر دۈشمەنلىكتىن ياكى بىر ئاداۋەت غەرىزىدىن كەلمىگەن بولسا ياكى بىر مۇناپىق ئۇ فىتنىگە سەۋەب بولغان بولسا، تېز ئىتتىپاقلىشىش كېرەك. بولمىسا ئۇ كىچىك مۇسىبەت چوڭىيىدۇ ۋە داۋاملىشىدۇ. ئەگەر ئەپلەشسە، ئۆلتۈرگەن كىشى تۆۋبە قىلسا ۋە ئۆلگۈچىگە ھەر ۋاقىت دۇئا قىلسا، ئۇ ھالدا ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن كۆپ پايدىلىق بولىدۇ ۋە تۇغقانلاردەك بولۇپ قېلىشىدۇ. بىر كەتكەن تۇغقان ئورنىغا بىر قانچە دىندار تۇغقانلارنى تېپىۋالىدۇ. دۈشمىنىنى كەچۈرۈپ ﷲنىڭ قازا ۋە تەقدىرىگە تەسلىم بولغان بولىدۇ.بولۇپمۇ رىسالەئى نۇر دەرسلىرىنى ئاڭلىغان بولسا ئەلۋەتتە ئارىلىرىدىكى پۈتۈن ئاغرىنىشلارنى تاشلاشنى ھەم ھىكمەت، ھەم شەخسىي ۋە ئومۇمى خاتىرجەملىك، ھەم نۇر دائىرىسىدىكى قېرىنداشلىق تەلەپ قىلىدۇ.

  «دېڭىزلى» تۈرمىسىدىكى بىربىرىگە دۈشمەن بولغان پۈتۈن مەھبۇسلار نۇر دەرسلىرى ئارقىلىق بىربىرى بىلەن قېرىنداش بولۇشتى. ھەمدە بىزنىڭ ئاقلىنىپ چىقىشىمىزغا سەۋەب بولۇپ، (ھەتتا دىنسىزلار ۋە ئازغۇنلارنىمۇ) «ماشائاللاھ، بارەكەللاھ» دېگۈزدى. ئۇ مەھبۇسلارمۇ راھەت ھالدا تەنەپپۇسقا چىقىشالايتتى. مەن بۇ يەردە كۆردۈمكى، يالغۇز بىر كىشى يۈزىدىن، يۈز كىشى راھەتسىزلىنىپ بىللە تەنەپپۇسقا چىقىشالمىدى. ئۇلارغىمۇ زۇلۇم بولغان بولدى. جاسارەتلىك ۋە ۋىجدانلىق بىر مۆئمىن كىچىككىنە ۋە ئازغىنە بىر خاتالىق ياكى شەخسىي مەنپەئەت سەۋەبىدىن، يۈزلىگەن زىياننى باشقا مۆئمىنلەرگە تارتقۇزماسلىقى كېرەك. ئەگەر خاتالىق سادىر قىلغان بولسا، تېز تۆۋبە قىلىش كېرەك.

بِاسْمِهِ سُبْحَانَهُ ﴿وَاِنْ مِنْ شَيْءٍ اِلاَّ يُسَبِّحُ بِحَمْدِهِ﴾

اَلسَّلاَمُ عَلَيْكُمْ وَ رَحْمَةُ اللّهِ وَ بَرَكَاتُهُ اَبَدًا دَائِمًا

ئەزىز يېڭى قېرىنداشلىرىم ۋە كونا مەھبۇسلار!

  مېنىڭ ئېنىق قانائىتىم كەلدىكى، ﷲنىڭ ئىنايىتى بويىچە بۇ يەرگە كىرىشىمىزنىڭ مۇھىم بىر سەۋەبى، سىلەرنىڭ ئېغىر شارائىتىڭلار ۋە مۇھتاجلىقىڭلاردۇر. چۈنكى، «نۇرلار»دىكى تەسەللىلەر ۋە ئىمان ھەقىقەتلىرى سىلەرنى بۇ تۈرمە پالاكەتچىلىكىنىڭ قىيىنچىلىقىدىن، دۇنيالىق كۆپلىگەن زىيانلاردىن، بىكارغىلا غەم قايغۇ بىلەن ئۆتۈپ كېتىدىغان ھاياتىڭلارنى پايدىسىزلىقتىن ۋە بىھۇدە زايا بولۇشتىن، ھەمدە دۇنيايىڭلارنىڭ يىغلىغىنىدەك ئاخىرىتىڭلارنىڭمۇ يىغلاپ قېلىشىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، سىلەرگە ھەقىقىي بىر تەسەللى بېرىدۇ.

  ھەقىقەت ئەنە شۇنداق ئىكەن، ئەلۋەتتە سىلەرمۇ دېڭىزلى مەھبۇسلىرى ۋە نۇر شاگىرتلىرىدەك، بىربىرىڭلارغا قېرىنداش بولىشڭلار كېرەك. كۆرىۋاتىسىلەركى، بىر پىچاقنىڭ سىلەرگە ئەۋەتىلىپ، بىربىرىڭلار بىلەن چېپىشىپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن، سىرتتىن كەلگەن كىيىملىرىڭلارنى، تامىقىڭلارنى، نېنىڭلارنى ئاختۇرۇپ ئىزدىشىۋاتىدۇ، سىلەرگە ساداقەت بىلەن خىزمەت قىلغان تۈرمە خىزمەتچىلىرى كۆپ ھېرىپ چارچاۋاتىدۇ.

  ھەمدە سىلەر خۇددى يىرتقۇچ ۋە ياۋايىلارغا ئوخشاش بىربىرىڭلارغا ئېتىلىپ جىدەل چىقىرىدىغاندەك بىللە تەنەپپۇسقا چىقالمايۋاتىسىلەر. مانا ئەمدى ئەي فىترىي(تەبىئىي) قەھرىمانلىق مىجەزىگە ئىگە بولغان يېڭى دوستلىرىم، بۇ زاماندا بەكمۇ يۈكسەك بولغان مەنىۋى بىر قەھرىمانلىق بىلەن باشلىقلارغا دەڭلاركى:

  «قولىمىزدا پىچاق بولۇپ قېلىش ئەمەس، بەلكى مىلتىقتاپانچا بېرىلسە، ھەمدە ئېتىش ئەمرى بېرىلسىمۇ، بىز بۇ بىچارە ۋە بىزدەك پالاكەتچىلىككە يولۇققان دوستلىرىمىزغا چېقىلمايمىز. بۇرۇن ئارىمىزدا يۈزلىگەن دۈشمەنلىكىمىز ۋە ئاداۋىتىمىز بولسىمۇ، ھەممىنى كەچۈرۈپ، كۆڭلىنى رەنجىتمەسلىك ئۈچۈن تىرىشىشقا، قۇرئاننىڭ، ئىماننىڭ ۋە ئىسلامى قېرىنداشلىقنىڭ ئەمرى ۋە رەھبەرلىكى بىلەن قارار بەردۇقدەپ، بۇ تۈرمىنى مۇبارەك بىر مەدرىسىگە ئايلاندۇرۇڭلار.

ئون ئۈچىنچى سۆزنىڭ ئىككىنچى ماقامىنىڭ قوشۇمچىسى

قەدىر كېچىسىدە ئەسكەرتىلگەن مۇھىم بىر مەسىلە

  قەدىر كېچىسىدە قەلبكە كەلگەن ناھايىتى كەڭ ۋە ئۇزۇن بىر ھەقىقەتكە، ناھايىتى قىسقا بىر ئىشارەت قىلماقچىمىز. يەنى:

  ئىنسانىيەت، بۇ ئاخىرقى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئەشەددى زۇلۇمى، ئەشەددى ئىستىبداتى، مەرھەمەتسىز بۇزغۇنچىلىقى بىلەن؛ بىر دۈشمەن يۈزىدىن يۈزلىگەن مەسۇم، گۇناھسىزلارنى پەرىشانلىققا چۈشۈرىشى بىلەن؛ مەغلۇپ بولغانلارنىڭ مەيۈسلىكى ۋە غالىپ كەلگەنلەرنىڭ بولسا ھاكىمىيەتلىرىنى مۇھاپىزەت قىلالماسلىقىدىن ۋە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان نەرسىلىرىنى تۈزىتىپ بولالماسلىقىدىن كەلگەن دەھشەتلىك ۋىجدان ئازاپلىرىنى تارتىشى بىلەن؛ دۇنيا ھاياتىنىڭ تامامەن فانىي ۋە ۋاقىتلىق بولىشى، ھەمدە مەدەنىيەت فانتازىيىلىرىنىڭ ساختىلىقى ۋە ھىيلەمىكرى ھەممىگە كۆرىنىشى بىلەن؛ ئىنساننىڭ يارىتىلىشىدىكى يۈكسەك قابىلىيىتىنىڭ ۋە ئىنسان ماھىيىتىنىڭ ئومۇمىي بىر سۈرەتتە دەھشەتلىك يارىلىنىشى بىلەن؛ شۇنداقلا غەپلەت ۋە زالالەتنىڭ، زۇلمەتلىك ۋە گاس بولغان تەبىئەتنىڭ، قۇرئاننىڭ ئالماس قىلىچى ئارقىلىق پاچاقلىنىشى بىلەن؛ ھەمدە غەپلەت زالالىتىنىڭ ئەڭ خەتەرلىك، ئالدامچى، ئەڭ كەڭرى پەردىسى بولغان دۇنيا سىياسىتىنىڭ بەكمۇ يىرگىنچلىك، بەكمۇ مەرھەمەتسىز ھەقىقىي ماھىيىتىنىڭ كۆرىنىشى بىلەنئەلۋەتتە ۋە ئەلۋەتتە، ھېچ شۈبھىسىزكى، شىمالدا، غەرپتە، ئامېرىكىدا ئالامەتلىرى كۆرۈنگىنىدەك، ئىنسانىيەتنىڭ ساختا مەشۇقى بولغان دۇنيا ھاياتى ئەنە شۇنداق يىرگىنچلىك ۋە زاۋاللىققا مەھكۇم بولغانلىقىدىن، ئىنساننىڭ تەبىئىتى ھەقىقىي سۆيگەن ۋە ئىزدىگەن ئەبەدىي ھاياتنى بۇ ئىنسانىيەت پۈتۈن قۇۋۋىتى بىلەن ئىزدەيدىغانلىقى ئېنىقتۇر. ۋە يەنە ئەلۋەتتە شۈبھە يوقكى، بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئاتمىش يىلدا ھەر ئەسىردە ئۈچ يۈز ئەللىك مىليون شاگىرتى بولغان، ھەر ھۆكمىگە ۋە دەۋاسىغا مىليونلارچە ئەھلى ھەقىقەت بولغانلار تەستىق بىلەن قول قويۇشقان، ھەر مىنۇت مىليونلارچە قارىلارنىڭ قەلبىدە مۇقەددەس ھالدا ئورۇن ئېلىپ، ئۇلارنىڭ تىللىرى ئارقىلىق ئىنسانلارغا دەرس بەرگەن، ھېچبىر كىتابتا كۆرۈلمىگەن بىر شەكىلدە، ئىنسان ئۈچۈن باقىي ۋە ئەبەدىي بەختسائادەتتىن خۇشخەۋەر بەرگەن، ھەمدە پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ يارىلىرىنى ساقايتقان قۇرئانى مۆجىزۇلباياننىڭ شىددەتلىك، قۇۋۋەتلىك ۋە تەكرارتەكرار ئېيتىلغان مىڭلارچە ئايەتلىرى ئارقىلىق، بەلكى ئون مىڭلارچە قېتىم دەۋا قىلىپ، ئوچۇق ۋە ئىشارەتلىك ھالدا، ئۆچمەس قەتئىي ۋە شۈبھە كەلتۈرمەس چەكسىز دەلىللىرى ئارقىلىق ئاخىرەت ھاياتىدىن ئوچۇق خۇشخەۋەر بېرىشى ۋە ئەبەدىي سائادەتتىن دەرس بېرىشى نەتىجىسىدە، ئەلۋەتتە ئىنسانىيەت تامامەن ئەقلىنى يوقىتىپ قويمىسا، ماددى ۋە مەنىۋى بىر قىيامەت بولمىسىلا، شىۋىتسىيە، نورۋېگىيە، فىنلاندىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ قۇرئاننى قوبۇل قىلىشقا ھەرىكەت قىلىشقان مەشھۇر زاتلىرىدەك ۋە ئامېرىكىنىڭ ھەق دىن ئىزدىگەن مۇھىم جەمئىيەتلىرىدەك، دۇنيانىڭ چوڭ قىتئەلىرى ۋە چوڭ ھۆكۈمەتلىرى قۇرئانى مۆجىزۇلباياننى ئىزدىشىدۇ ۋە ھەقىقەتلىرىنى چۈشەنگەندىن كېيىن جان دىلى بىلەن ئۇنىڭغا ئېسىلىدۇ. چۈنكى بۇ ھەقىقەت بويىچە قۇرئاننىڭ مىسلى، تەڭدىشى يوقتۇر ۋە بولالماس. ھەمدە ھېچبىر نەرسە بۇ مۆجىزەئى ئەكبەر (ئەڭ چوڭ مۆجىزە) بىلەن تەڭ بولالمايدۇ.

  ئىككىنچىدىن: رىسالەئى نۇر بولسا، بۇ ئەڭ چوڭ مۆجىزە بولغان قۇرئاننىڭ قولىدىكى بىر ئالماس قىلىچتەك، ئۆز خىزمىتىنى كۆرسەتتى ۋە دۈشمەن كاپىرلارنى تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر قىلدى. ھەم قەلب، ھەم روھ، ھەم ھېسلارنى ھەقىقىي تۈردە نۇرلاندۇرىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ دورىلىرىنى بېرىدىغان شەكىلدە، قۇرئان خەزىنىسىنىڭ دەۋەتچىلىكىنى ئۈستىگە ئالغان ۋە ئۇنىڭدىن باشقا خەزىنىسى ۋە مەنبەسى بولمىغان، ھەمدە ئۇنىڭ مەنىۋى مۆجىزىسى بولغان رىسالەئى نۇر، ئۇ ۋەزىپىسىنى ھەقىقىي ھالدا ئورۇنلىماقتا. ئۇنىڭغا قارشى بولغان تۆھمەت ئېلانلىرىنى ۋە تەكەببۇر كاپىرلارنى تامامەن يېڭىپ، زالالەتنىڭ ئەڭ قۇۋۋەتلىك قەلئەسى بولغان تەبىئەتنى، «تەبىئەت رىسالىسى» ئارقىلىق يەر بىلەن يەكسان قىلدى. غەپلەتنىڭ ئەڭ قېلىن، ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ كەڭ دائىرىلىرىدە، پەننىڭ ئەڭ كەڭرى پەردىلىرى ئىچىدىمۇ «ئاسايى مۇسا» دىكى «مېۋە»نىڭ ئالتىنچى مەسىلىسى ۋە بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى، سەككىزىنچى دەلىللىرى ئارقىلىق ئىنتايىن پارلاق ھالدا غەپلەتنى تارىتىپ تەۋھىد نۇرىنى كۆرسەتتى.

  ئەلۋەتتە بىزگە ۋە بۇ خەلققە كېرەكتۇركى، ھازىر دىن دەرسلىرى ئۈچۈن خۇسۇسىي دەرسخانىلار ئېچىلىشىغا قانۇن بويىچە رۇخسەت بېرىلىشىگە بىنائەن، نۇر شاگىرتلىرى مۇمكىن بولغىنىچە ھەر يەردە بىردىن كىچىك نۇر دەرسخانىلىرى ئېچىشى كېرەك. گەرچە ھەركىم ئۆز قابىلىيىتىگە يارىشا، نۇر ھەقىقەتلىرىنى ئالالايدۇ. بىراق ھەركىم ھەر مەسىلىنى تامامەن چۈشىنەلمەيدۇ. ئىمان ھەقىقەتلىرىنىڭ ئىزاھلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ھەم ئىلىم، مەرىفەتۇللاھ، ھەم ھوزۇر، ھەم ئىبادەتتۇر.

  بۇرۇنقى مەدرىسىلەر بەرگەن بەشئون يىللىق نەتىجە ئورنىغا، ئىنشائاللاھ نۇر مەدرىسىلىرى بەشئون ھەپتىدە ئوخشاش نەتىجە بىلەن تەمىنلەيدۇ ۋە يىگىرمە يىلدىن بىرى تەمىنلەۋاتىدۇ. ھەمدە ھۆكۈمەت بۇ خەلق ۋە ۋەتەننىڭ دۇنياۋىي، سىياسىي، ئاخىرەتلىك ھاياتى ئۈچۈن كۆپ پايدىسى بولغان بۇ قۇرئان شولىلىرىغا ۋە قۇرئان دەۋەتچىسى بولغان رىسالەئى نۇرغا چېقىلىش ئەمەس، بەلكى تولۇق راۋاج تېپىشى ۋە نەشىر قىلىنىشىغا كۈچ سەرپ قىلىشى لازىمدۇر. شۇندىلا ئۆتكەن دەھشەتلىك گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈلىشىگە سەۋەب، ھەمدە كېلەچەكتىكى شىددەتلىك بالايىئاپەتلەرگە ۋە تىنچسىزلىققا تاقابىل تۇرىدىغان بىر سېپىل بولالايدۇ.

سەئىد نۇرسى

———————————-

*مەدرەسەئى يۇسۇفىيە: يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆھمەت ۋە زۇلۇم بىلەن تۈرمىگە كىرىپ قىلىشىغا ئوخشاش، كىشى ئىمان ۋە قۇرئانغا خىزمەت قىلىشى سەۋەبلىك سولىنىپ، يەنە ئىلىم ۋە تەبلىغ بىلەن مەشغۇل بولغان تۈرمە «مەدرەسەئى يۇسۇفىيە» (يەنى«يۇسۇف مەدرىسىسى») دەپمۇ ئاتىلىدۇ.-ت


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.