تەۋەككۇل قىلىش

تەۋەككۇل قىلىش

ئۈچىنچى نۇقتا:

  ئىمان ھەم نۇردۇر، ھەم قۇۋۋەتتۇر. شۇنداق، ھەقىقىي ئىماننى قولىغا ئالالىغان كىشى كائىناتتىكى ھەممە نەرسىگە قارشى چىقالايدۇ ۋە ئىماننىڭ قۇۋۋىتىگە قارىتا ھادىسىلەرنىڭ بېسىملىرىدىن قۇتۇلالايدۇ. «تەۋەككەلتۇ ئەلاللاھ» (ﷲغا تەۋەككۇل قىلدىم) دەپ ھايات كېمىسىدە مۇستەھكەم ئىشەنچ بىلەن ھادىسىلەرنىڭ تاغدەك دولقۇنلىرى ئىچىدە سەيلە قىلىدۇ. بارلىق ئېغىرلىقلىرىنى چەكسىز قۇدرەت ئىگىسى بولغان ﷲنىڭ قۇدرەت قولىغا ئامانەت قىلىدۇ. راھەت بىلەن دۇنيادىن ئۆتىدۇ. قەبىر ئالىمىدە ئارام ئالىدۇ. كېيىن ئەبەدىي سائادەتكە كىرىش ئۈچۈن جەننەتكە ئۇچالايدۇ. ئەگەردە تەۋەككۈل قىلمىسا، دۇنيانىڭ ئېغىرچىلىقلىرى ئۇچۇشقا ئەمەس، بەلكى ئەسفەلى سافىلىنگە تارتىدۇ.

  دېمەك ئىمان تەۋھىدنى، تەۋھىد تەسلىمنى، تەسلىم تەۋەككۈلنى، تەۋەككۈل ئىككى دۇنيا سائادىتىنى نەتىجە بېرىدۇ. لېكىن خاتا چۈشەنمە. تەۋەككۈل سەۋەبلەرنى پۈتۈنلەي تەرك قىلىش دېگەنلىك ئەمەس. بەلكى سەۋەبلەرنى قۇدرەت قولىنىڭ پەردىسى دەپ بىلىپ ئۇنىڭغا رىئايە قىلىش، سەۋەبلەرنى ئورۇنلاشنى بولسا بىر خىل ھەرىكەت دۇئاسى دەپ قوبۇل قىلىپ، نەتىجىنى پەقەت جانابى ﷲدىن تىلەش ۋە ئۇنىڭدىن دەپ بىلىش، ھەمدە ئۇنىڭغا مىننەتدار بولۇشتىن ئىبارەتتۇر.

  تەۋەككۈل قىلغان ۋە قىلمىغاننىڭ مىساللىرى شۇ ھېكايىگە ئوخشايدۇ:

  بىر ۋاقىتتا ئىككى كىشى ھەم بەللىرىگە، ھەم باشلىرىغا ئېغىر يۈكلەرنى يۈكلەپ، چوڭ بىر كېمىگە بىلەت ئېلىپ چىقىشىدۇ. بىرىسى چىقىپچىقمايلا يۈكىنى كېمىگە تاشلاپ، ئۈستىدە ئولتۇرۇپ مېلىغا قارايدۇ. يەنە بىرى ھەم ئەخمەق، ھەم تەكەببۇر بولغانلىقىدىن يۈكىنى يەرگە قويمايدۇ. ئۇنىڭغا ئېيتىشتى:

ــ ئېغىر يۈكۈڭنى كېمىگە قويۇپ راھەتلەن!

ئۇ دېدى:

ــ ياق، مەن قويمايمەن، بەلكىم يوقىلىپ كېتىدۇ. مەن كۈچلۈك، مېلىمنى بېلىمدە ۋە بېشىمدا مۇھاپىزەت قىلىمەن.

يەنە ئۇنىڭغا ئېيتىشتى:

ــ بىزنى ۋە سېنى كۆتۈرگەن سۇلتاننىڭ شۇ ئىشەنچلىك كېمىسى تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ ياخشى مۇھاپىزەت قىلىدۇ. بەلكىم بېشىڭ قېيىپ يۈكۈڭ بىلەن بىللە دېڭىزغا چۈشۈپ كېتىشىڭ مۇمكىن. ھەمدە بارغانسېرى قۇۋۋىتىڭدىن كېتىسەن، شۇ پۈكۈلگەن بېلىڭ، شۇ ئەقىلسىز بېشىڭ بارغانسېرى ئېغىرلاشقان شۇ يۈكلەرگە تاقەت قىلالمايدۇ. كاپىتانمۇ ئەگەر سېنى بۇ ھالدا كۆرسە، يا سېنى «ساراڭ ئىكەن» دەپ ھەيدەيدۇ، يا «خائىن ئىكەن، كېمىمىزنى پەس كۆرۈپ بىزنى ھاقارەتلەۋاتىدۇ، تۈرمىگە تاشلانسۇندەپ ئەمىر قىلىشى مۇمكىن. ھەمدە ھەممىنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچرايسەن. چۈنكى ساڭا دىققەت بىلەن قارىغانلارنىڭ نەزىرىدە زەئىپلىكىڭنى كۆرسەتكەن تەكەببۇرلۇقۇڭ، ئاجىزلىقىڭنى كۆرسەتكەن غۇرۇرۇڭ، رىيانى ۋە پەسلىكنى كۆرسەتكەن ياسالما ھەرىكىتىڭ بىلەن ئۆزۈڭنى قىزىقارلىق ئەخمەققە ئوخشىتىپ قويدۇڭ. شۇڭا ھەممە ساڭا قاراپ كۈلۈشىۋاتىدۇ،دېيىلگەندىن كېيىن ئۇ بىچارىنىڭ ئەقلى بېشىغا كەلدى. يۈكىنى يەردە قويۇپ ئۈستىدە ئولتۇردى.

ــ ئۇھ! ﷲ سەندىن رازى بولسۇن. زەخمەتتىن، تۈرمىدىن، مەسخىرىلەردىن قۇتۇلدۇردۇڭ،دېدى.

  ئەي تەۋەككۈلسىز ئىنسان! مانا سەنمۇ بۇ ئادەمگە ئوخشاش ئەقلىڭنى بېشىڭغا ئال. تەۋەككۈل قىل، شۇندىلا پۈتۈن كائىناتتىكى ھەممە نەرسىگە تىلەمچىلىك قىلىشتىن، ھەر ھادىسىنىڭ قارشىسىدا تىترەشتىن، ماختانچاقلىقتىن، مەسخىرىدىن، ئاخىرەت ئازابىدىن ۋە دۇنيادىكى قىيىنچىلىق تۈرمىسىدىن قۇتۇلىسەن.

ئىنسان


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.