جاھان تولغىدەك بالا بېشىڭدا بار

جاھان تولغىدەك بالا بېشىڭدا بار

  دېمەك، پىشىن نامىزىنى ئوقۇۋاتقان بىر كىشى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا، ئاجىزلىق ۋە پېقىرلىقىنى شاپائەتچى قىلىپ، رەھمىتى ۋە سەرۋىتى چەكسىز بولغان رەببىگە ئىھتىياجلىرىنى ئېيتىدۇ، ھەم چەكسىز بالا ۋە دۈشمەنلەرگە قارشى پۈتمەس تۈگىمەس كۈچ ۋە قۇدرەت ساھىبى ۋە مەئبۇدى بولغان ئاللاھۇ تائالاغا ئىلتىجا قىلىدۇ.

  قارا! غەيبى ئالەمدىن ئەجەل جاللىتى قولىغا قىلچىنى ئېلىپ كىلىۋاتىدۇ. ئىنساننىڭ ۋە پۈتكۈل مەۋجۇداتنىڭ بېشىنى كىسىدۇ. مۇشۇنىڭدەك جاھان تولغىدەك بالا بېشىڭدا بار تۇرسا، كىچىك بىر بالادىن ۋاقىراپ جاقىرىما! يەنى شۇ كۈننىڭ، شۇ يىلنىڭ، شۇ ئىنساننىڭ ۋە شۇ ئالەمنىڭ زاۋاللىققا تېپىشى ۋە يوقىلىشقا مەھكۇم بولدىغانلىقىنى كۆز ئالدىڭدا كۆرۈپ تۇرۇپ، بۈيۈك بۇ بالانى دەپئى قىلالمىغان بولساڭ ۋە بۇ پەلەكنىڭ چاقىنى تۇختىتالمىغان بولساڭ، كىچىككىنە بىر بالادىن پەرياد قىلىپ ۋاقىراپ جاقىرىما! چۈنكى ئۇ كىچىك بالا بۇ چوڭ بالا دىيىلگەن پەلەكنىڭ چاقىنىڭ چۆگىلىشى بىلەن بارلىققا كىلىدۇ. ئۇنداق بولسا، بۇ چاقىنى چۆگىلەتكەن زاتنى تاپ، ئۇنىڭ ھېكمىتىگە ۋە رەھمىتىگە ئىشەن ۋە تەۋەككۈل قىل(ئەنئام سۈرىسى،75-79). مەسىلەن: جانابى ھەق ئىمتىھان سىرىنىڭ داۋام قىلىشى ئۈچۈن شۇ ئەسىردە كاپىرلارغا غەلبىنى بەردى ۋە مۇئمىنلەرنى بولسا مەغلۇپ قىلدى. كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما! زاماننى(پەلەكنى) چۆگىلەتكەن زاتنى تاپ! ھەر بىر كىچىدىن كېيىن كۈندۈزنى كىم كەلتۈرىۋاتقان بولسا، بۇ كۇپۇرلۇق كىچىسىدىن كېيىنمۇ قۇرئان نۇرىنى ئالەمدە ھاكىم قىلىدىغان زاتمۇ ئۇدۇر. لىكىن بىز كۆزىمىزنى سىياسەت دۇنياسىغا قارىتىۋېلىپ، ئۇ يەردىن چارە ئىزدەۋاتىمىز. بۇ خاتادۇر. بۈگۈنكى سىياسەتتىن ھېچ بىر نەرسە چىقمايدۇ. پارتىيچىلىق بىلەن (پارتىيە قۇرۇش بىلەن) بۇ ئىش ئاقمايدۇ. ئىسلامنىڭ ئۆزىگە مەخسۇس بىر سىياسىتى باردۇر. بۇ سىياسەت، ھەزرىتى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن باشلانغان، سائادەت ئەسرىدە بولسا كامالىغا يەتكەن، ئاخىر زاماندا ھەزرىتى ئىيسا ئەلەيھىسسالام ۋە ھەزرىتى مەھدى دۋرىدە ئىسلام دىنى پۈتۈن جاھانغا ھاكىم بولىدۇ ۋە بۇ ئىش كامالىتىنى تاپىدۇ. مۇئەللىپ بەدىئۇززامان(ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) شام خۇتبىسى ”خۇتبەئى شامىيە“ ناملىق ئەسىرىدە شۇنداق ئىزاھ قىلغان ۋە بۇ ئەسىردىكى مۇسۇلمانلارغا شۇنداق خوش خەۋەر بەرگەندۇر:

  ”مادەم تەكەممۇللىشىش مايىللىقى كائىناتتا ئىنسان فىترىتىدا ئورنىتىلغاندۇر. ئەلۋەتتە، ئىنساننىڭ زۈلۈم ۋە خاتالىقى بىلەن بېشىغا تىز قىيامەت قوپمىسا، ئىسلام ئالىمىدىكى ئىنسانلارنىڭ كونا خاتالىقىغا كەپارەت بولىدىغان ھەق ۋە ھەقىقەت ئىستىقبالدا بىر دۇنيا سائادىتىنىمۇ كۆرسىتىدۇ، ئىنشائاللاھ.“

  ”شۇنداق، قاراڭلار، زامان تۈز سىزىقنى بويلاپ ھەركەت قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشش بىر بىرىدىن ئۇزاقلاپ كەتمەيدۇ. ئەلۋەتتە يەرشارىنىڭ ھەركىتىگە ئوخشاش بىر دائىرە ئىچىدە چۆگىلەيدۇ. بەزىدە تەرەققى قىلىش ئىچىدە ياز ۋە باھار مەۋسىمىنى كۆرسىتىدۇ.  بەزىدە چىكىنىش ئىچىدە قىش ۋە جۇدۇن مەۋسىمىنى كۆرسىتىدۇ. “

  ” ھەر بىر قىشتىن كېيىن بىر باھار، ھەر بىر كىچىدىن كېيىن بىر ساباھ بولغىنىدەك، ئىنسانىيەت تۈرىنىڭمۇ بىر ساباھى بىر باھارى كىلىدۇ، ئىنشائاللاھ. ئىسلامىيەت ھەقىقىتىنىڭ قوياشى بىلەن ئۇمۇمىي تىنچىلىق بەرپا قىلىنىپ ھەقىقى مەدىنىيەتنى كۆرۈشنى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن كۈتسەڭلار بولىدۇ.“


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.