روزىنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائى ھاياتىغا قارىغان كۆپلىگەن ھىكمەتلىرىدىن بىر ھىكمىتى

روزىنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائى ھاياتىغا قارىغان كۆپلىگەن ھىكمەتلىرىدىن بىر ھىكمىتى

  ئۈچىنچى نۇقتا: روزىنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائى ھاياتىغا قارىغان كۆپلىگەن ھىكمەتلىرىدىن بىر ھىكمىتى شۇدۇركى: ئىنسانلار تېرىكچىلىك جەھەتتە تۈرلۈك شەكىللەردە يارىتىلغاندۇر. جانابى ﷲ ئۇ خىلمۇ خىللىققا بىنائەن بايلارنى پېقىرلارغا ياردەمدە بولۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. ھالبۇكى بايلار پېقىرلارنىڭ ئىچ ئاغرىتىشقا تېگىشلىك ئاچچىق ھاللىرىنى ۋە ئاچلىقلىرىنى روزىدىكى ئاچلىق ئارقىلىقلا دەل ھېس قىلالايدۇ. ئەگەر روزا بولمىسا نەفسپەرەست كۆپلىگەن بايلاردەك، ئاچلىقنىڭ ۋە پېقىرلىقنىڭ نەقەدەر ئەلەملىك ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ نەقەدەر شەپقەتكە مۇھتاجلىقىنى چۈشىنىپ يېتەلمەيدۇ. بۇ جەھەتتە ئىنسانلارنىڭ باشقىلارغا شەپقەت قىلىشى بولسا، ھەقىقى شۈكۈرنىڭ بىر ئاساسىدۇر. كىم بولىشىدىن قەتئىنەزەر بىر جەھەتتە ئۆزىدىنمۇ پېقىر بولغاننى تاپالايدۇ ۋە ئۇنىڭغا شەپقەت قىلىشقا ۋەزىپىداردۇر. ئەگەر ئۆزىنى ئاچ قويۇش مەجبۇرىيىتى بولمىسا، شەپقەت ۋاستىسى ئارقىلىق ياردەم قولىنى سوزۇشقا تېگىشلىك بولغان ياخشىلىق ۋە ياردىمىنى قىلالمايدۇ، قىلسىمۇ دەل لايىقىدا بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ ھالەتنى ئۆزىدە ھەقىقى تۈردە ھېس قىلمىغان.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.