سۈننەتى سەنىييەنىڭ ھەربىر تۈرىگە تامامەن ئەگىشىش لازىممۇ؟

سۈننەتى سەنىييەنىڭ ھەربىر تۈرىگە تامامەن ئەگىشىش لازىممۇ؟

  توققۇزىنچى نۇكتە: سۈننەتى سەنىييەنىڭ ھەربىر تۈرىگە تامامەن ھەرىكىتى بىلەن ئەگىشىش پەقەت مۆئمىنلەرنىڭ ئەڭ ئۈستۈن خاسلىرى مۇيەسسەر بولىدىغان ئىش. ئەمما ھەرىكىتى بىلەن بولمىسىمۇ، نىيىتى بىلەن، مەقسەت قىلىپ، تەرەپدار ھالدا، قوبۇل كۆرگەن ئاساستا ئۇنى قىلىشنى خالاش ھەركىمنىڭ قولىدىن كىلىدۇ. پەرز ۋە ۋاجىپ قىسىملىرىغا ئەگىشىشتە ئەسلىدىنلا مەجبۇرىيەت بار. ۋە ئىبادەتتىكى مۇستەھەب بولغان سۈننەتى سەنىييەلەرنى تەرك قىلىش گۇناھ بولمىسىمۇ، چوڭ ساۋاپتىن مەھرۇمىيەت بار. ئۆزگەرتىش بولسا، چوڭ خاتالىقتۇر. ئادەتلەر ۋە مۇئامىلىلەردىكى سۈننەتى سەنىييە بولسا، ئۇنىڭغا ئەگەشكەنسىرى ئۇ ئادەتلەر ئىبادەت بولىدۇ. ئەگەشمىسە جازا يوق. ئەمما ھەبىبۇللاھنىڭ ھاياتىي ئەدەپلىرىنىڭ نۇرىدىن كېلىدىغان فەيىز ئازىيىدۇ. ئىبادەت ئەھكاملىرىدا يېڭى نەرسىلەرنى ئىجاد(پەيدا) قىلىش بىدئەتتۇر. بىدئەتلەر ﴿اَلْيَوْمَ اَكْمَلْتُ لَكُمْ دِينَكُمْ﴾ سىرىغا زىت بولغانلىقى ئۈچۈن قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەمما تەرىقەتتە دۇئالار، زىكىرلەر ۋە خۇسۇسىي يوللار تۈرىدىن بولسا ئاساسلىرى كىتاب ۋە سۈننەتتىن ئېلىنىش شەرتى بىلەن ئايرىمئايرىم تەرزدە، ئايرىمئايرىم سۈرەتتە بولۇش بىلەن بىللە، مۇقەررەر بولغان ئۇسۇل ۋە سۈننەتى سەنىييەنىڭ ئاساسلىرىغا مۇخالىپ بولماسلىق ۋە ئۆزگەرتمەسلىك شەرتى بىلەن بىدئەت ئەمەستۇر. لېكىن بىر قىسىم ئەھلى ئىلىم بۇلارنى بىدئەتكە كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭغا «ياخشى بىدئەت» دەپ نام بەرگەندۇر.

  ئىمامى رەببانى مۇجەددىدى ئەلفىسانى(ر.ئە) دېگەنكى: «مەن رۇھانىي ساياھىتىمدە كۆرەتتىمكى، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامدىن رىۋايەت قىلىنغان سۆزلەر نۇرلۇق ئىدى. سۈننەتى سەنىييە نۇرى بىلەن پارلايتتى. ئۇنىڭدىن رىۋايەت قىلىنمىغان پارلاق ۋە قۇۋۋەتلىك دۇئالارنى ۋە ھاللارنى كۆرگەن ۋاقتىمدا، ئۈستىدە ئۇ نۇر يوق ئىدى. بۇ قىسىمنىڭ ئەڭ پارلىقى، ئاۋۋالقىنىڭ ئەڭ ئېزىغىمۇ تەڭ كەلمەيتتى. بۇنىڭدىن چۈشەندىمكى، سۈننەتى سەنىييەنىڭ نۇرى بىر ئىكسىردۇر(تەسىرى كۈچلۈك دورا). ھەم سۈننەت نۇر خالىغانلارغا يېتەرلىكتۇر. ئۇنىڭ سىرتىدا نۇر ئىزدەشكە ئېھتىياج يوق

  ھەقىقەت ۋە شەرىئەتنىڭ بىر قەھرىمانى بولغان بۇ زاتنىڭ بۇ ھۆكۈمى كۆرسىتىدۇكى، سۈننەتى سەنىييە ئىككى دۇنيا سائادىتىنىڭ ئۇل تېشى ۋە كامالەتنىڭ مەدەنى ۋە مەنبەسىدۇر.

اَللّٰهُمَّ ارْزُقْنَا اِتِّبَاعَ السُّنَّةِ السَّنِيَّةِ

﴿رَبَّنَا آمَنَّا بِمَا اَنْزَلْتَ وَاتَّبَعْنَا الرَّسُولَ فَاكْتُبْنَا مَعَ لشَّاهِدِينَ﴾

(ئالى ئىمران:53)


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.