شەرىئەت تەبىرى

شەرىئەت تەبىرى

شەرىئەت تەبىرى قانداق مەنىلەرنى ئىپادە قىلىدۇ؟

  ”شەرىئەت“ تەبىرى، قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ پۈتۈن ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنىلىرىنى ئىپادە قىلىدۇ. ئىنساننىڭ ئىشلىگەن ئەڭ كىچىك بىر ئەمەللىرىدىن تارتىپ، رىۋايەت قىلىنغان ئەڭ كىچىك بىر ئەدەپنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغىنىدەك، ئەڭ كەڭرى دائىرىدىكى تەكۋىنى ئايەتلەرنى(يارىتىلىش دەلىللىرىنى)، كائىناتنىڭ ھەقىقىتى بولغانئىلاھىي پىئللارنى ۋە ئىسىملارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنداق بولسا، كىتاپ ۋە سۈننەتتە تىلغا ئېلىنغان ھەرقانداق نەرسە، شەرىئەتنىڭ جۈزئىي بىر پارچىسى ۋە مەسىلىسىدۇر. قۇرئاننىڭ مەنىۋى تەپسىرى بولغان «رىسالەئى نۇر» نىڭ «مەكتۇبات» ئىسىملىق ئەسىرىدە، بۇ ئۇسلۇب بىلەن ئالاقىدار بولغان تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلار يۇرۇتۇپ بىرىلگەن:

  ”شەرىئەتتوپتوغرا ۋە بىۋاستە، كۆلەڭگىسىز ۋە پەردىسىز ھالدا، ئەھەدىيەت سىررى بىلەن جانابى ھەقنىڭ مۇتلەق رۇبۇبىيىتى نوقتىسىدا، ئىلاھىي خىتاپنىڭ نەتىجىسىدۇر.“ تەرىقەتنىڭ ۋە ھەقىقەتنىڭ ئەڭ يۈكسەك مەرتىۋىلىرى، شەرىئەتنىڭ جۈزلىرى يەنى پارچىسى ھۆكمىگە ئۆتىدۇ. بولمىسا، دائىم ۋەسىلە، مۇقەددىمە ۋە خادىمى ھۆكمىدە بولىدۇ. نەتىجىلىرىشەرىئەتنىڭ مۇھكەماتلرى بولىدۇ، يەنى شەرىئەت ھەقىقەتلىرىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، تەرىقەت ۋە ھەقىقەت يوللىرىۋەسىلە ۋە خادىم ۋە شۇتىلار ھۆكمىدە بولىدۇ. بارغانسىرى ئەڭ يۈكسەك مەرتىۋىدە، شەرىئەتنىڭ ئۆزىدە مەۋجۇت بولغان ھەقىقەت مەنىسىگە ۋە تەرىقەت سىىرىغا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا، شەرىئەتى كۇبرانىڭ بىر جۈزئىي پارچىسى بولىدۇ. ئۇنداق بولمىسا، بەزى ئەھلى تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ ھۆكۈم چىقىرىشلىرىغا ئوخشاش، شەرىئەتنىكۆرىنىشتە بىر پوست دەپ ئويلاپ، ھەقىقىتىنى بولسائۇنىڭ ئىچى ۋە نەتىجىسى ۋە غايىسى دەپ تەسەۋۋۇر قىلىش توغرا ئەمەستۇر. شۇنداق، شەرىئەتكىشىلەرنىڭ تەبىقىلىرىگە قارىتا ئېچىلىشى پەرىقلىق ۋە ئايرىمئايرىم بولىدۇ.ئاۋام تەبىقىسىگە قارىتا، شەرىئەتنىڭ زاھىرى قىسمىنى شەرىئەتنىڭ ھەقىقىتى دەپ قاراپ، يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرىگە مۇۋاپىق كىلىدىغان شەرىئەتنىڭ مەرتىۋىسىگە ھەقىقەت ۋە تەرىقەت نامى بىرىش خاتالىقتۇر. شەرىئەتنىڭ ئۇمۇمى تەبىقىلىرىگە قارايدىغان مەرتىۋىلىرى بار. ”دېمەك، بۇ سىرغا بىنائەن، ئەھلى تەرىقەت ۋە ئەھلى ھەقىقەت تەرەققى قىلغانسىرى، شەرىئەت ھەقىقىتىگە قارشى ھەۋەسلىرى، ئىشتىياقلىرى، بۇيسۇنۇشلىرى كۈچىيىپ كېتىدۇ ۋە زىيادىلىشىدۇ.“ ئەڭ كىچىك سۈننەتى سەنىييەنىمۇ، ئەڭ چوڭ بىر مەقسەت دەپ كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىشگە تىرىشىدۇ، ئۇنى تەقلىت قىلىدۇ. چۈنكى ۋەھىي نە قەدەر ئىلھامدىن يۈكسەك بولسا، ۋەھىينىڭ مىۋىسى بولغان شەرئىي ئەدەپلەر، ئۇ دەرىجە ئىلھام مىۋىسى بولغان تەرىقەت ئەدەپلىرىدىن يۈكسەك ۋە ئەھمىيەتلىك بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، تەرىقەتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاساسى، سۈننەتى سەنىييەگە ئەگىشىشتۇر. “


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.