شەيتاندىن پاناھ تىلەش ھەققىدە

شەيتاندىن پاناھ تىلەش ھەققىدە

اَعُوذُ بِاللّٰهِ مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجٖيمِ

(قوغلاندى قىلىنغان  شەيتاننىڭ شەررىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن)

بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيم

(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اﷲ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)

﴾وَقُلْ رَبِّ اَعُوذُ بِكَ مِنْ هَمَزَاتِ الشَّيَاطِينِ ❀ وَاَعُوذُ بِكَ رَبِّ اَنْ يَحْضُرُونِ﴿

(مۇئمىنۇن:97-98)

ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىمساڭا سېغىنىپ شەيتانلارنىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن پاناھ تىلەيمەن [97]. پەرۋەردىگارىمساڭا سېغىنىپ شەيتانلارنىڭ ماڭا ھەمراھ بولۇشىدىن پاناھ تىلەيمەن» [98]

  (شەيتاندىن ئىستىئازە* سىرىغا دائىردۇر. «ئون ئۈچ ئىشارەت» يېزىلىدۇ. ئۇ ئىشارەتلەرنىڭ بىر قىسىمى ئايرىمئايرىم ھالدا يىگىرمە ئالتىنچى سۆزگە ئوخشاش بىر قىسىم رىسالىلەردە بايان ۋە ئىسپات قىلىنغانلىقى ئۈچۈن بۇ يەردە قىسقىچىلا سۆزلىنىدۇ.)

  بىرىنچى ئىشارەت: سوئال: شەيتانلارنىڭ كائىناتتا يارىتىش جەھەتتە ھېچبىر تەسىرلىرى بولمىغانلىقى، ھەم جانابى ھەق() رەھمەت ۋە ئىنايىتى بىلەن ئەھلى ھەققە تەرەپدار ئىكەنلىكى، ھەمدە ھەق ۋە ھەقىقەتنىڭ جەزبىدار گۈزەللىك ۋە خاسىيەتلىرى ئەھلى ھەققە مەدەت بېرىپ ئۇلارنى ئۆزىگە قىزىقتۇرىدىغانلىقى؛ ھەمدە زالالەتنىڭ يىرگىنچ چىركىنلىكلىرى ئەھلى زالالەتنى نەپرەتلەندۈرىدىغانلىقى ئېنىق تۇرسا، ھىزبۇششەيتاننىڭ (شەيتان يولىدىكىلەرنىڭ) كۆپ قېتىم غەلىبە قىلىشىنىڭ ھىكمىتى نېمە؟ ۋە ئەھلى ھەقنىڭ ھەر ۋاقىت شەيتاننىڭ شەررىدىن(يامانلىقىدىن) جانابى ھەققە سېغىنىشىنىڭ سىرى نېمە؟

  جاۋاب: ھىكمىتى ۋە سىرى شۇدۇركى: مۇتلەق كۆپ ساندىكى زالالەت ۋە شەر ـــ مەنفىيدۇر، بۇزغۇنچىلىقتۇر، ئەدەمىيدۇر (يوقىتىشتۇر) ۋە بۇزۇشتۇر. مۇتلەق كۆپ ساندىكى ھىدايەت ۋە خەير بولسا مۇسبەتتۇر، ۋۇجۇدىيدۇر(بارلىقتۇر)، قۇرۇشتۇر ۋە ئوڭشاشتۇر. ھەممەيلەنگە مەلۇمدۇركى، يىگىرمە ئادەم يىگىرمە كۈندە ياسىغان بىنانى بىر ئادەم بىر كۈندە بۇزالايدۇ. شۇنداق، پۈتۈن ئاساسىي ئەزالارنىڭ ۋە ھايات شارائىتلىرىنىڭ بار بولۇشى بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ئىنسان ھاياتى، خالىقى زۇلجالالنىڭ قۇدرىتىگە مەخسۇس بولسىمۇ، بىر زالىم، بىر ئەزانى كېسىش بىلەنلا، ھاياتقا نىسبەتەن يوقىلىش بولغان ئۆلۈمگە ئۇ ئىنساننى دۇچار قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن «ئەتتەخرىبۇ ئەسھەل» (بۇزۇش ئاسان) دېگەن سۆز ماقالتەمسىل ئورنىغا ئۆتكەندۇر.

  بۇ سىرغا بىنائەن، ئەھلى زالالەت تولىمۇ زەئىپ بولغان بىر قۇۋۋەت بىلەنمۇ بەزىدە ناھايىتى قۇۋۋەتلىك بولغان ئەھلى ھەق ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ. ئەمما ئەھلى ھەقنىڭ شۇنداق مەھكەم بىر قەلئەسى باردۇركى، ئۇنىڭغا سېغىنغان ۋاقىتلىرىدا، ئۇ مۇدھىش دۈشمەنلەر يېقىن كېلەلمەيدۇ، ھەم ھېچنېمە قىلالمايدۇ. ئەگەر ۋاقىتلىق بىر زىيان بەرگەن تەقدىردىمۇ 

﴿ وَالْعَاقِبَةُ لِلْمُتَّقٖينَ

(ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپ، سۇرە ئەئراف:128)  

 سىرى بىلەن ئەبەدىي بىر ساۋاپ ۋە مەنپەئەت بىلەن ئۇ زىياننىڭ ئورنى تولدۇرىلىدۇ. ئۇ مۇستەھكەم قەلئە بولسا، شەرىئەت ۋە سۈننەتى مۇھەممەدىيەدۇر (ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام-ئە.س. ۋ).

  ئىككىنچى ئىشارەت: سوئال: پۈتۈنلەي شەر(يامان) بولغان شەيتانلارنىڭ يارىتىلىشى، ئەھلى ئىمانغا بولغان ھۇجۇملىرى ۋە ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئىنسانلارنىڭ كۇفۇرغا كىرىپ، جەھەننەمگە كېتىشلىرى ناھايىتى مۇدھىش ۋە چىركىن كۆرۈنىۋاتىدۇ. ئەجەبا جەمىلىي ئالەل ئىتلاق ۋە رەھىمىي مۇتلەق ۋە رەھمانى بىلھەقنىڭ(مۇتلەق گۈزەل ۋە شەپقەتلىك ﷲنىڭ) رەھمەت ۋە جامالى، بۇ چەكسىز چىركىنلىكنىڭ ۋە دەھشەتلىك بالامۇسىبەتنىڭ مەيدانغا چىقىشىغا قانداق يول قويىدۇ ۋە قانداق رۇخسەت قىلىدۇ؟

  (شۇ مەسىلە كۆپ ئادەم تەرىپىدىن سورالغان ۋە كۆپلىرىنىڭ خىيالىغا كېلىدۇ.)

  جاۋاب: شەيتاننىڭ بار بولىشىدا جۈزئىي(قىسمەن) شەرلەر بىلەن بىللە نۇرغۇنلىغان كۈللىي(ئومۇمىي) خەيرلىك مەقسەتلەر ۋە ئىنسانىي كامالەتلەر باردۇر. شۇنداق، بىر ئۇرۇقتىن چوڭ بىر دەرەخقىچە نەقەدەر دەرىجىلەر بار بولسا، ئىنساننىڭ ماھىيىتىدىكى قابىلىيىتىدىمۇ ئۇنىڭدىن تېخىمۇ كۆپ مەرتىبىلەر(دەرىجىلەر) بار. بەلكى زەررىدىن قۇياشقا قەدەر دەرىجىلىرى بار. بۇ قابىلىيەتلەرنىڭ ئىنكىشافى (ئېچىلىشى)، ئەلۋەتتە بىر ھەرىكەت خالايدۇ ۋە بىر مۇئامىلە ئىقتىزا(تەلەپ) قىلىدۇ. ھەمدە ئۇ مۇئامىلىدىكى تەرەققىيات مىخانىزىمىنىڭ ھەرىكىتى كۈرەش ئارقىلىق بولىدۇ. ئۇ كۈرەش بولسا، شەيتانلارنىڭ ۋە زىيانداش نەرسىلەرنىڭ بار بولۇشى بىلەن بولىدۇ. بولمىسا مالائىكىلەرگە ئوخشاش ئىنسانلارنىڭمۇ دەرىجىسى تۇراقلىق بولۇپ قالاتتى. ئۇ ھالدا ئىنسان تۈرىدە مىڭلارچە تۈرلەر ھۆكمىدە سىنىپلار بولمايتتى. بىر جۈزئىي شەرنىڭ كەلمەسلىكى ئۈچۈن مىڭ خەيرنى تەرك قىلىش ھىكمەت ۋە ئادالەتكە زىتتۇر. گەرچە شەيتان سەۋەبىدىن كۆپىنچە ئىنسانلار زالالەتكە كېرىپ كېتىدۇ. ئەمما ئەھمىيەت ۋە قىممەت كۆپىنچە سۈپەتكە قارايدۇ، سانغا ئاز قارايدۇ ياكى قارىمايدۇ. مەسىلەن: بىرمىڭ ئون تال ئۇرۇقى بولغان بىر كىشى ئۇ ئۇرۇقلارنى تۇپراق ئاستىدا بىر خېمىيىۋى رېئاكسىيەگە ئىگە قىلسا، ئۇنىڭدىن ئون دانىسى دەرەخ بولۇپ، مىڭى بۇزۇلغان بولسا؛ دەرەخ بولغان ئۇ ئون ئۇرۇقنىڭ ئۇ ئادەمگە بەرگەن مەنپەئەتى ئەلۋەتتە بۇزۇلغان مىڭ دانە ئۇرۇقنىڭ زىيىنىنى يوققا چىقىرىدۇ.

  شۇنىڭدەكلا نەفىس ۋە شەيتانلارغا قارشى كۆرەش قىلىش ئارقىلىق، ئىنسانىيەتنى شەرەپلەندۈرگەن ۋە نۇرلاندۇرغان يۇلتۇزلاردەك بولغان ئون كامىل ئىنسان سەۋەبىدىن ئىنسانىيەت تۈرىگە كەلگەن مەنپەئەت، شەرەپ ۋە قىممەت، ئەلۋەتتە ھاشارەت تۈرىدىن سانىلىدىغان دەرىجىدىكى پەس ئەھلى زالالەتنىڭ كۇفۇرغا كىرىپ كېتىشى نەتىجىسىدە ئىنسان تۈرىگە بېرىدىغان زىيىنىنى يوققا چىقىرىپ كۆزگە كۆرسەتمىگەنلىكى ئۈچۈن ﷲنىڭ رەھمەت، ھىكمەت ۋە ئادالىتى شەيتاننىڭ بولىشىغا رۇخسەت قىلىپ، ھۇجۇملىرىغا يول قويغاندۇر.

  ئەي ئەھلى ئىمان! بۇ مۇدھىش دۈشمەنلىرىڭلارغا قارشى ساۋۇتىڭلار قۇرئان دەستىگاھىدا ياسالغان تەقۋالىقتۇر. قالقىنىڭلار رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ سۇننەتى سەنىييەسىدۇر** ۋە قورالىڭلار ئستىئازە ۋە ئىستىغپار ۋە ﷲنىڭ مۇھاپىزىتىگە ئىلتىجادۇر.

  ئۈچىنچى ئىشارەت: سوئال: قۇرئانى ھەكىمنىڭ ئەھلى زالالەتكە قارشى بۈيۈك غەزەپلىرى، كۆپلىگەن قارشىلىقلىرى ۋە شىددەتلىك تەھدىتلىرى ئەقىلنىڭ زاھىرى قارىشى بويىچە مۇۋازىنەتلىك ۋە ماس بولغان بالاغىتىگە ۋە ئۇسلۇبىدىكى يۈكسەك ئۇيغۇنلۇق ۋە ئىستىقامىتىگە(توغرىلىقىغا) مۇناسىپ كەلمەيدۇ. خۇددى بىر ئادەمگە قوشۇنلارنى قارشى چىقارغاندەك، ئۇنىڭ(ئازغۇنلارنىڭ) جۈزئىي بىر ھەرىكىتى ئۈچۈن مىڭلارچە جىنايەت ئۆتكۈزگەندەك تەھدىت قىلىدۇ. ھېچ نەرسىسى يوق ۋە ھۆكۈمرانلىقتا ھېچبىر جەھەتتە ئۈلۈشى بولمىسىمۇ تاجاۋۇز قىلغۇچى بىر شېرىككە ئوخشاش تۇتۇپ، ئۇنىڭغا غەزەپلىنىدۇ. بۇنىڭ سىرى ۋە ھىكمىتى نېمىدۇر؟

  جاۋاب: ئۇنىڭ سىر ۋە ھىكمىتى شۇدۇركى، شەيتانلار ۋە شەيتانلارغا ئەگەشكەنلەر زالالەت يولىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، كىچىك بىر ھەرىكەت بىلەن نۇرغۇن بۇزغۇنچىلىقلارنى قىلالايدۇ. ھەمدە نۇرغۇن مەخلۇقاتلارنىڭ ھوقۇقىغا ئاز بىر ھەرىكەت بىلەن كۆپ زىيانلارنى سېلىشىدۇ.

  مەسىلەن: بىر سۇلتاننىڭ چوڭ بىر تىجارەت كېمىسىدە بىر ئادەم ئاز بىر ھەرىكەت بىلەن، بەلكى كىچىك بىر ۋەزىپىنى تەرك قىلىش بىلەن ئۇ كېمە بىلەن ئالاقىدار بارلىق ۋەزىپىدارلارنىڭ ئەمگەك مېۋىلىرىنىڭ ۋە خىزمەت نەتىجىلىرىنىڭ يوقىلىشىغا ۋە بۇزىلىشىغا سەۋەب بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ كېمىنىڭ شانلىق سۇلتانى ئۇ ئاسىيدىن ئۇ كېمە بىلەن ئالاقىدار بولغان بارلىق پۇقرالىرى نامىدىن ئېغىر دەرىجىدە ئاغرىنىپ دەھشەتلىك تەھدىت قىلىدۇ. ھەمدە ئۇنىڭ ئۇ جۈزئىي ھەرىكىتىنى ئەمەس، بەلكى ئۇ ھەرىكەتنىڭ مۇدھىش نەتىجىلىرىنى نەزەرگە ئېلىپ تۇرۇپ ۋە ئۆزىنىڭ شەرىپىنى دەپ ئەمەس، بەلكى پۇقرالىرىنىڭ ھوقۇقى نامىدىن دەھشەتلىك بىر جازا بىرىدۇ.

  شۇنىڭدەكلا، سۇلتانى ئەزەل ۋە ئەبەدمۇ(ﷲمۇ) يەرشارى كېمىسىدە ئەھلى ھىدايەت بىلەن بىللە تۇرىدىغان، ئەھلى زالالەت بولغان ھىزبۇششەيتاننىڭ كۆرۈنۈشتىكى جۈزئىي خاتالىرى ۋە ئىسيانلىرى ئارقىلىق ناھايىتى نۇرغۇن مەخلۇقاتلارنىڭ ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغانلىقى ۋە مەۋجۇداتنىڭ ئالىي ۋەزىپىلىرىنىڭ ۋە خىزمەت نەتىجىلىرىنىڭ يوقىلىشىغا سەۋەب بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا بۈيۈك غەزەپ ۋە دەھشەتلىك تەھدىت كۆرسىتىش ۋە بۇزغۇنچىلىقلىرىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بىلەن قارشى چىقىش دەل بالاغەت ئىچىدىكى ھەقىقىي ھىكمەتتۇر ۋە غايەت مۇناسىپ ۋە مۇۋاپىقتۇر. ھەمدە بالاغەتنىڭ تەرىپى ۋە ئاساسى بولغان «ھالنىڭ تەلىپىگە دەل ئۇيغۇنلۇقتۇر». بۇ جەھەتتىمۇ (قۇرئان) سۆز ئىسىراپچىلىقى بولغان مۇبالىغىدىن پاكتۇر. مەلۇمدۇركى بۇ خىل ئاز بىر ھەرىكەت بىلەن كۆپ بۇزغۇنچىلىقلارنى قىلغان دەھشەتلىك دۈشمەنگە قارشى غايەت مۇستەھكەم قەلئەگە ئىلتىجا قىلمىغان ئادەم كۆپ پەرىشان بولىدۇ.

  ئەي ئەھلى ئىمان! ئۇ پولات قەلئە ۋە ساماۋىي قورغان قۇرئاندۇر. ئىچىگە كىرىڭلار، قۇتۇلۇڭلار...

  تۆتىنچى ئىشارەت: ئەدەمنىڭ (يوقلۇقنىڭ) دەل(ھەقىقىي) شەر ۋە ۋۇجۇدنىڭ(بارلىقنىڭ) دەل خەير بولغانلىقى توغرىسىدا ئەھلى تەھقىق ۋە ئەسھابى كەشىف(ئالىملار) بىرلىككە كەلگەندۇر. شۇنداق، مۇتلەق كۆپ سانلىق خەير ۋە گۈزەللىكلەر ۋە كامالەت ۋۇجۇدقا تايىنىدۇ ۋە ئۇنىڭغا يۈزلىنىدۇ. كۆرىنىشتە مەنفىي ۋە ئەدەمىي بولسىمۇ، ئاساسى مۇسبەت ۋە ۋۇجۇدىيدۇر. زالالەت ۋە شەر بالامۇسىيبەتلەر ۋە گۇناھلارغا ئوخشاش پۈتۈن چىركىنلىكلەرنىڭ ئاساسى، مەنبەسى ئەدەمدۇر، مەنفىيدۇر. ئۇلاردىكى يامانلىق ۋە چىركىنلىك ئەدەمدىن كېلىدۇ. گەرچە سىرتقى كۆرۈنىشتە مۇسبەت ۋە ۋۇجۇدىي كۆرۈنسىمۇ ئاساسى ئەدەمدۇر، مەنفىيدۇر. ھەم بىلمۇشاھەدە (كۆرۈلگىنىدەك) ئېنىقتۇركى، بىناغا ئوخشاش بىر نەرسىنىڭ ۋۇجۇدى پۈتۈن بۆلەكلەرنىڭ مەۋجۇتلىقى بىلەن بار بولىدۇ. ھالبۇكى ئۇنىڭ خاراپ بولىشى ۋە يوقىلىشى بىر ئاساسىنىڭ يوق بولۇشى بىلەنلا ھاسىل بولىدۇ. ھەم ۋۇجۇد ئەلبەتتە مەۋجۇت بىر ئىللەت(سەۋەب) خالايدۇ، مۇھەققەق بىر سەۋەبكە تايىنىدۇ. ئەدەم بولسا، ئەدەمىي نەرسىلەرگە تايىنىۋېرىدۇ. ئەدەمىي بىر نەرسە يوقلۇققا ھەقىقىي سەۋەب بولىدۇ.

   مانا بۇ ئىككى قائىدىگە بىنائەن: ئىنسىي ۋە جننىي شەيتانلارنىڭ كائىناتتىكى مۇدھىش بۇزغۇنچىلىقلارنى ۋە خىلمۇخىل كۇفۇر، زالالەت، شەر ۋە ھالاكەتلەرنى پەيدا قىلسىمۇ، يارىتىشقا زەررىچىلىك ئارىلىشىشى بولالمايدىغىنىدەك، ئىلاھىي ھۆكۈمرانلىقتىمۇ ھېچبىر ئىشتىراك ئورنى يوقتۇر. ھەمدە ئۇ ئىشلارنى بىر ئىقتىدار ۋە قۇدرەت بىلەن قىلمايدۇ، بەلكى نۇرغۇن ئىشلىرىنىڭ ئاساسى ئىقتىدار ۋە ھەرىكەت ئەمەس، بەلكى تەرك قىلىش ۋە يوقلۇقتۇر. خەيرنى(ياخشىلىقنى) قىلغۇزماسلىق بىلەن شەرلەرنى قىلىدۇ. يەنى شەرلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. چۈنكى زىيانلار ۋە شەرلەر بۇزغۇنچىلىق تۈرىدىن بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىللەتلىرى(سەۋەبلىرى) مەۋجۇت بىر ئىقتىدار ۋە ۋۇجۇتقا چىقارغۇچى بىر قۇۋۋەت بولۇشى لازىم بولمايدۇ. بەلكى بىر ئەدەمىي ئىش بىلەن ۋە بىر شەرتنىڭ بۇزۇلىشى بىلەن چوڭ بىر بۇزغۇنچىلىق پەيدا بولىدۇ.

  مانا بۇ سىر مەجۇسىيلارغا مەلۇم بولمىغانلىقى ئۈچۈن، كائىناتتا «يەزدان» ئىسىملىك بىر ياخشىلىق ئىلاھى ۋە «ئەھرىمەن» ئىسملىك بىر يامانلىق(شەر) ئىلاھى بار دەپ ئېتىقاد قىلغاندۇر. ھالبۇكى ئۇلارنىڭ «ئەھرىمەن» دەۋالغان مەۋھۇم يامانلىق ئىلاھى، بىر جۇزئىي ئىختىيارى** بىلەن ۋە ئىجادسىز بىر كەسب**** بىلەن يامانلىقلارغا سەۋەب بولغان مەلۇم شەيتاندۇر.

  ئەي ئەھلى ئىمان! شەيتانلارنىڭ بۇ مۇدھىش بۇزغۇنچىلىقلىرىغا قارشى ئەڭ مۇھىم قورالىڭلار ۋە تۈزىتىش ئەسلىھەلىرىڭلار ئىستىغپار قىلىش ۋە «ئەئۇزۇبىللاھ» دېيىش بىلەن جانابى ھەققە ئىلتىجا قىلىشتۇر. قەلئەيىڭلار بولسا سۈننەتى سەنىييەدۇر.

  بەشىنچى ئىشارەت: جانابى ھەق ساماۋىي كىتابلاردا ئىنسانلارغا جەننەتكە ئوخشاش بۈيۈك مۇكاپات ۋە جەھەننەمگە ئوخشاش دەھشەتلىك جازالارنى كۆرسىتىش بىلەن بىللە، نۇرغۇنلىغان ئىرشاد، ئاگاھ، ئەسكەرتىش، تەھدىت ۋە بىشارەتلەرنى قىلغان تۇرسا، ئەھلى ئىماننىڭ بۇ قەدەر ھىدايەت ۋە ئىستىقامەت سەۋەبلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ھىزبۇششەيتاننىڭ مۇكاپاتسىز، چىركىن، زەئىپ ھىيلىلىرىگە قارشى مەغلۇپ بولۇشلىرى بىر چاغلاردا مېنى كۆپ ئويلاندۇردى. ئەجەبا ئىمانى بار تۇرۇپ جانابى ھەقنىڭ ئۇ قەدەر شىددەتلىك تەھدىتلىرىگە ئەھمىيەت بەرمىسە قانداق بولىدۇ؟ ئىمان قانداق ساقلىنىپ قالىدۇ؟ ﴿اِنَّ كَيْدَ الشَّيْطَانِ كَانَ ضَعِيفًا(نىسا:76) سىرى بىلەن شەيتاننىڭ غايەت زەئىپ ھىيلىلىرىگە ئالدىنىپ، ﷲقا ئىسىيان قىلىنامدۇ؟ (دەپ ئويلايتتىم.) ھەتتا مېنىڭ يولداشلىرىمدىن بەزىلىرى يۈز ھەقىقەت دەرسىنى قەلبەن تەستىق قىلىش بىلەن بىللە مەندىن ئاڭلىغان ۋە ماڭا قارىتا زىيادە ھۆسنى زەننى(ئۈستۈن قارىشى) ۋە ئالاقىدارلىقى تۇرۇقلۇق، قەلبسىز ۋە بۇزۇق بىر ئادەمنىڭ ئەھمىيەتسىز ۋە رىياكارانە ئىلتىپاتىغا ئالداندى، ئۇنىڭغا بولىشىپ ماڭا قارشى تۇرىدىغان بىر ۋەزىيەتكە كىردى. فەسسۇبھاناللاھ! دېدىم. ئىنساندا بۇ قەدەر چۆكۈش بولامدۇ؟ نېمىدىگەن ھەققانىيەتسىز ئىنسان ئىكەن دەپ ئۇ بىچارىنىڭ غەيۋىتىنى قىلدىم، گۇناھكار بولدۇم. كېيىن ئالدىنقى ئىشارەتلەردىكى ھەقىقەت ئېچىلدى، نۇرغۇن قاراڭغۇلۇقلارنى يورۇتتى. ﷲقا شۈكۈر، ئۇ نۇر ئارقىلىق ھەم قۇرئانى ھەكىمنىڭ بۈيۈك تەرغىبات ۋە بىشارەتلىرىنىڭ تامامەن ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى، ھەمدە ئەھلى ئىماننىڭ بەزىدە شەيتاننىڭ ھىيلىلىرىگە ئالدىنىشلىرىنىڭ ئىمانسىزلىقتىن ۋە ئىماننىڭ زەئىپلىكىدىن ئەمەسلىكىنى ۋە چوڭ گۇناھلارنى قىلغان ئادەمنىڭ كۇفۇرغا كىرمەيدىغانلىقىنى، ھەمدە مۇئتەزىلە مەزھىبى ۋە بىر قىسىم خاۋارىج مەزھىبى**** «چوڭ گۇناھلارنى قىلغان ئادەم كاپىر بولىدۇ ياكى ئىمان بىلەن كۇفۇرنىڭ ئوتتۇرىسىدا قالىدۇ» دېگەن ھۆكۈملىرىدە خاتالاشقانلىقلىرىنى، شۇنداقلا مېنىڭ ئۇ بىچارە يولدىشىمنىڭمۇ يۈز ھەقىقەت دەرسىنى بىر ئەخمەقنىڭ ئىلتىپاتى ئۈچۈن پىدا قىلىۋېتىشى ئويلىغىنىمدەك ئېغىر بىر چۆكۈش ۋە دەھشەتلىك بىر پەسلىك ئەمەسلىكىنى چۈشەندىم، جانابى ھەققە شۈكۈر قىلدىم، ئۇ خەتەردىن قۇتۇلدىم. چۈنكى، يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك، شەيتان جۈزئىي بىر ئەدەمىي ئىش بىلەن ئىنساننى چوڭ ھالاكەتلەرگە دۇچار قىلىدۇ. ھەم ئىنساندىكى نەفىس بولسا شەيتاننىڭ گېپىنى ھەر ۋاقىت ئاڭلايدۇ. قۇۋۋەئى شەھەۋىيەيە***** ۋە قۇۋۋەئى غەزەبىيەيە******* بولسا شەيتاننىڭ ھىيلىلىرىنى ھەم قوبۇل قىلغۇچى ھەم يەتكۈزگۈچى بولغان ئىككى ھېس ھۆكمىدىدۇر.

   مانا بۇنىڭ ئۈچۈندۇركى جانابى ھەقنىڭ «غەفۇر»(كەچۈرگۈچى)، «رەھىم»(مېھرىبان)غا ئوخشاش ئىككى ئىسمى بۈيۈك جىلۋىسى بىلەن ئەھلى ئىمانغا قارايدۇ. ھەمدە قۇرئانى ھەكىمدە پەيغەمبەرلەرگە بولغان ئەڭ مۇھىم ئىھسانىنىڭ مەغفىرەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ ۋە ئۇلارنى ئىستىغفار ئېيتىشقا دەۋەت قىلىدۇ. بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيم مۇقەددەس كەلىمىسىنى ھەر سۈرىنىڭ بېشىدا تەكرارلاش بىلەن ۋە ھەر مۇبارەك ئىشلاردا زىكىر قىلىشقا ئەمر قىلىش ئارقىلىق، كائىناتنى قورشىغان چەكسىز رەھمىتىنى سېغىنىلىدىغان پاناگاھ قىلىپ كۆرسىتىدۇ ۋە فَاسْتَعِذْ ئەمرى بىلەن اَعُوذُ بِاللّٰهِ مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيمِ كەلىمىسىنى قالقان قىلىپ بېرىدۇ.

———————————————-

*ئىستىئازە: ﷲقا سېغىنىش، پاناھلىق تىلەشت.

 سۈننەتى سەنىييە: پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئالى ۋە يۈكسەك ھايات يولى.-ت**

*** جۈزئى ئىختىيارى: تاللاش ئەركىنلىكى، خالىغىنىچە ھەرىكەت قىلىش ئىختىيارىدىن بىر پارچە.

****كەسب: ئىنساننىڭ كۈچ ۋە ئىقتىدارىنى بىر ئىشقا سەرپ قىلىشى.

*****مۇئتەزىلە ۋە خاۋارىج: ئىككى ئازغۇن مەزھەب.

******قۇۋۋەئى شەھەۋىييە: پايدا، لەززەت ۋە راھەتچىلىكلەرگە ئىنتىلىدىغان ھېس

*******قۇۋۋەئى غەزەبىييە: زىيان، يامانلىق ۋە قىيىنچىلىقلارغا قارشىلىق كۆرسىتىش ھېسسى.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.