! شەيتاننىڭ ئەڭ خەتەرلىك بىر ھىيلىسى- دىققەت قىلىڭ

! شەيتاننىڭ ئەڭ خەتەرلىك بىر ھىيلىسى- دىققەت قىلىڭ

   ئالتىنچى ئىشارەت: شەيتاننىڭ ئەڭ خەتەرلىك بىر ھىيلىسى شۇدۇركى، بەزى سەزگۈر ۋە قەلبى ساپ ئىنسانلارغا كۇفۇرنى(كاپىرلىقنى) خىيال قىلىشنى كۇفۇرنى تەستىق قىلىش قاتارىدا كۆرسىتىپ قايمۇقتۇرىدۇ. زالالەتنى تەسەۋۋۇر قىلىشنى زالالەتنى تەستىق قىلىش سۈرىتىدە كۆرسىتىدۇ. ھەمدە مۇقەددەس زاتلار ۋە پاك نەرسىلەر ھەققىدە غايەت چىركىن ئەسلىمىلەرنى خىيالىغا سۇنىدۇ. شۇنداقلا زاتىي (خاس) ئىمكاننى ئەقلىي ئىمكان شەكلىدە كۆرسىتىپ ئىماندىكى شەكسىز ئېتىقادىغا زىت بولغان بىر شۈبھە شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇ ۋاقىت ئۇ بىچارە سەزگۈر ئادەم، ئۆزىنىڭ زالالەت ۋە كۇفۇر ئىچىگە چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى خىيال قىلىپ ئىمانىدىكى شەكسىز ئېتىقادىنى يوقىدى دەپ قارايدۇ، ئۈمىدسىزلىككە چۈشىدۇ. ئۇ ئۈمىدسىزلىك بىلەن شەيتانغا مەسخىرە بولىدۇ. شەيتان ھەم ئۇنىڭ ئۈمىدسىزلىكىنى، ھەم ئۇ زەئىپ ھېسسىنى، ھەم ئۇ قايمۇقۇشنى كۆپ ئىشقا سالىدۇ. نەتىجىدە ئۇ ئادەم يا كاللىسىدىن كېتىدۇ ۋە ياكى «نېمە بولسا بولمامدۇ» دەيدۇ، زالالەتكە چۈشىدۇ.

شەيتاننىڭ بۇ ھىيلىسىنىڭ ماھىيىتىنىڭ نەقەدەر ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى بەزى رىسالىلەردە بايان قىلغىنىمىزدەك بۇ يەردىمۇ قىسقىچە توختىلىمىز. مەسىلەن: ئەينەكتىكى يىلاننىڭ سۈرىتى چاقمايدۇ؛ رەسىمدىكى ئوت كۆيدۈرمەيدۇ؛ كىرنىڭ ئەكسى كىر قىلمايدۇ. شۇنىڭدەكلا، خىيال ياكى پىكىر ئەينىكىدە، كۇفۇرلارنىڭ ۋە شېرىكلەرنىڭ ئەكىسلىرى، زالالەتنىڭ كۆلەڭگىلىرى ۋە تىللاش خاراكتىرلىك چىركىن سۆزلەرنىڭ خىيال قىلىنىشى ئېتىقادنى بۇزمايدۇ، ئىمانغا دەخلىسى بولمايدۇ، ھۆرمەت ۋە ئەدەپكە زىيىنى يوق. چۈنكى مەشھۇر بىر قائىدە باركى، تىللاشنى خىيال قىلىش تىللاش بولمىغىنىدەك، كۇفۇرنى خىيال قىلىشمۇ كۇفۇر ئەمەس، ھەمدە زالالەتنى تەسەۋۋۇر قىلىشمۇ زالالەت ئەمەس.

ئىماندىكى شۈبھە مەسىلىسى بولسا، زاتىي ئىمكاندىن كەلگەن ئېھتىماللار، ئۇ شەكسىز ئېتىقادقا زىت ئەمەس ۋە ئۇ ئېتىقادنى بۇزمايدۇ. ئۇسۇلىددىن ئىلىمىدە بىر مۇقەررەر قائىدە بولۇپ، اِنَّ اْلاِمْكَانَ الذَّاتِىَّ لاَ يُنَافِى الْيَقِينَ اْلعِلْمِىَّ (زاتىي ئىمكان ئىلمىي ئېتىقادقا زىت ئەمەس.)

  مەسىلەن: بارلا دېڭىزىنىڭ سۇ بار ھالەتتە ئۆز ئورنىدا ئىكەنلىكىگە شۈبھىمىز يوق، ھالبۇكى زاتىدا (ئۆزى) ئۇ دېڭىز، ھازىرنىڭ ئۆزىدە قۇرۇپ كېتىش ئىمكانىيىتى باردۇر ۋە قۇرۇپ كېتىشى مۇمكىنچىلىكتىندۇر. بۇ زاتىي ئىمكانىيەت مادەم بىر ئالامەتتىن ئوتتۇرىغا چىقمىغان ئىكەن، ئۇنداقتا ئەقلىي بىر ئىمكان بولالمايدۇ. شۇڭا شەكمۇ بولمايدۇ، چۈنكى، ئۇسۇلىددىن ئىلىمىدە بىر مۇقىم قائىدە باركى، لاَ عِبْرَةَ ِلْلاِحْتِمَالِ الْغَيْرِ النَّاشِىءِ عَنْ دَلِيلٍ يەنى «بىر ئالامەتتىن(دەلىلدىن) ئوتتۇرىغا چىقمىغان زاتىي ئېھتىمال زېھنى ئىمكان بولمايدۇ. شۇڭلاشقا شۈبھىگە سەۋەب بولغىدەك ئەھمىيىتى يوقتۇرمانا بۇ شەيتاننىڭ ھىيلىسىگە دۇچار بولغان بىچارە ئادەم ئىمان ھەقىقەتلىرىگە ئائىت ئىشەنچىسىنى بۇنداق زاتىي ئىمكانلارنىڭ تەسىرىدە، يوقىتىۋېتىپ بارىمەن دەپ قارايدۇ. مەسىلەن: ھەزرىتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ھەققىدە ئىنسانلىق ئېتىبارى بىلەن نۇرغۇن زاتىي ئىمكانىيەتلەر ئەسكە كېلىدۇكى، ئىماننىڭ جەزىم ۋە شۈبھىسىزلىكىگە زىيان بەرمەيدۇ. ئەمما ئۇ ئادەم زىيان بەردى دەپ قاراپ زىيان تارتىدۇ.

  ھەم بەزەن شەيتان، قەلب ئۇستىدىكى لۈممەسى(ۋەسۋەسە ئورنى) جەھەتىدە جانابى ھەق ھەققىدە يامان سۆزلەر سۆزلەيدۇ. ئۇ ئادەم بولسا ئۆزىنىڭ قەلبى بۇزۇلغاچقا مۇشۇنداق سۆزلەۋاتىدۇ، دەپ ئويلاپ قالىدۇ ۋە قورققىنىدىن تىتىرەيدۇ. ھالبۇكى ئۇنىڭ تىترىشى، قورقۇشى ۋە رازى ئەمەسلىكى دەلىلدۇركى، ئۇ سۆزلەر ئۇنىڭ قەلبىدىن كەلمەيۋاتىدۇ، بەلكى شەيتاننىڭ لۈممەسىدىن كېلىۋاتىدۇ ياكى شەيتان تەرىپىدىن بولغان ئەسلىتىش ۋە خىيال قىلغۇزۇشتۇر.

  ھەم ئىنساننىڭ تۇيغۇلىرى ئىچىدە مەن ئېنىقلىما بېرەلمىگەن بىر ئىككى تۇيغۇ باركى، ئىختىيار ۋە ئىرادىنى تىڭشىمايدۇ، ھەتتا مەسئۇلىيەتنىمۇ ئۇستىگە ئالمايدۇ. بەزەن ئۇ تۇيغۇلار ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ، ھەقنى تىڭشىمايدۇ، خاتا ئىشلارغا كىرىدۇ. ئۇ ۋاقىت شەيتان ئۇ ئادەمگە تەلقىن قىلىپ: «سېنىڭ قابىلىيىتىڭ ھەققە ۋە ئىمانغا مۇۋاپىق بولمىغاچقا شۇنداق ئىختىيارسىز ھالدا باتىل ئىشلارغا كىرىۋاتىسەن. دېمەك سېنىڭ تەقدىرىڭ، سېنى ھالاكەتكە مەھكۇم قىلىۋەتكەن» دەيدۇ. ئۇ بىچارە ئادەم ئۈمىدسىزلىككە چۈشۈپ، ھەقىقەتەن ھالاكەتكە كېتىدۇ.

  شەيتاننىڭ ئاۋۋالقى ھىيلىلىرىگە قارشى مۆئمىننىڭ پاناگاھى مۇھەققىق ئەسفىيالارنىڭ(تەھقىقچى بۈيۈك ئالىملار) دەستۇرلىرى بىلەن، چەكچىگىرىلىرى ئېنىق كۆرسىتىلگەن ئىمانىي ھەقىقەتلەر ۋە قۇرئانىي مۇھكەماتلاردۇر(ئېنىق ئايەتلەردۇر). ئاخىرىدىكى ھىيلىلىرىگە قارشى بولسا ئىستىئازە قىلىش ۋە ئەھمىيەت بەرمەسلىكتۇر. چۈنكى، ئەھمىيەت بەرگەنسىرى دىققەت نەزىرىنى جەلپ قىلىپ چوڭايتىدۇ. مۆئمىننىڭ بۇنداق مەنىۋى يارىلىرىغا تىرياق ۋە دورا سۇننەتى سەنىييەدۇر.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.