قارا ئۈژمىنىڭ بىر مېۋىسى

قارا ئۈژمىنىڭ بىر مېۋىسى

قارا ئۈژمىنىڭ بىر مېۋىسى

(ئۇ مۇبارەك ئۈژمە دەرىخى بېشىدا كونا سەئىد، يېڭى سەئىد

تىلى بىلەن سۆزلىگەندۇر)

بۇ خىتابىم زىيا پاشاغا ئەمەس، ياۋرۇپاغا مەپتۇن بولغانلارغا،

سۆزلەۋاتقىنى نەفسىم ئەمەس، قەلبىمدۇر قۇرئان شاگىرتى نامىغا.

***

بۇ سۆزلەر ھەقىقەتتۇر، غەلىتە كۆرمە، ھەددىڭدىن ئاشما،

ئەجنەبى پىكرىگە پاتما، ئازغۇنلۇقتۇر تىڭشىما، بېرىدۇ نادامەت ساڭا.

***

نەزەر سالساڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئاقىلىغا، ئەقىلدە بايراقدارىغا،

ئۇ ھەيرانلىقتىن دەيدۇ دائىم: «قىلاي كىمدىن كىمگە شىكايەت،

گاڭگىرىدىم ئاپلا

***

قۇرئان دېگۈزەر مەنمۇ دەيمەن، ئەسلا يانمايمەن.

ئۇنىڭدىن كەلگەن بالالار بويىچە ئۇنىڭغا دەرت تۆكىمەن، سەندەك

ئازمايمەن.

***

ھەقنىڭ ئىمتىھانى ئۈچۈن ھەققە پەرياد قىلىمەن، سەندەك

چەكتىن ئاشمايمەن.

يەردىن كۆككىچە دەۋا كۆتۈرىمەن، سەندەك قاچمايمەن.

***

قۇرئاندا پۈتۈن دەۋا نۇردىن نۇرغا چىقىرىش، سەندەك مەھرۇم بولمايمەن.

قۇرئاندىدۇر ھەق ھىكمەت، ئىسپات قىلىمەن، زىت پەلسەپىنى بەش پۇڭغا

ئالمايمەن.

***

فۇرقاندىدۇر ئالماس ھەقىقەت، يۈرەككە تاڭىمەن، سەندەك ساتمايمەن.

مەخلۇقاتتىن تەپەككۇر بىلەن ھەققە سەيران قىلىمەن، سەندەك

ئاداشمايمەن.

***

تىكەنلىك يولدا ئۇچىمەن، سەندەك ماڭمايمەن.

يەردىن ئەرشكىچە شۈكۈرلەر قىلىمەن، سەندەك تانمايمەن.

***

ئۆلۈمگە، ئەجەلگە دوست قارايمەن، سەندەك قورقمايمەن

قەبىرگە كۈلۈپ تۇرۇپ كىرىمەن، سەندەك ئۈركىمەيمەن.

***

ئەجدىھا ئاغزى، ۋەھىمە ياتىقى، يوقلۇق بوغىزى؛ سەندەك كۆرمەيمەن.

دوستلارغا ئاپىرار مېنى، قەبىردىن چۆچىمەيمەن، سەندەك پەريات

چەكمەيمەن.

***

رەھمەت ئىشىكى، نۇر ئىشىكى، ھەقنىڭ ئىشىكى؛ قايغۇرۇپ ئۇنىڭدىن

چېكىنمەيمەن.

***

بىسمىللاھ دەپ قاقىمەن، ئاپلا دەپ قاچمايمەن، ئارقامغا قارىمايمەن،

دەھشەت ئالمايمەن.

ئەلھەمدۇلىللاھ دەپ راھەت ياتىمەن، سىقىلمايمەن، قورقۇنچتا

قالمايمەن.

***

ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ ھەشىر ئەزانىنى ئاڭلاپ قوپىمەن، (ھاشىيە) بۈيۈك مەھشەردىن چېكىنمەيمەن، بۈيۈك مەسچىتتىن ئۆزۈمنى تارتمايمەن.

***

لۇتفى رەھمان، نۇرى قۇرئان، فەيزى ئىمان سايىسىدە ئۈمىدسىزلىككە

چۈشمەيمەن.

توختىماي يۈگىرىمەن، ئەرشى رەھمان ھىمايىسىگە ئۇچىمەن، سەندەك

ئازمايمەن، ئىنشائاللاھ.

(ھاشىيە): ئىسرافىلنىڭ ئەزانىنى ھەشىر تاڭىدا ئاڭلاپ ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ قوپىمەن. چوڭ نامازدىن قاچمايمەن، زور جامائەتتىن قاچمايمەن…-ئا


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.