قۇرئان ۋە ھەدىسنى چۈشۈنمىگەنلىگىمىز ئۈچۈن ئوقۇمايمىز دېيىش توغرىمۇ؟

قۇرئان ۋە ھەدىسنى چۈشۈنمىگەنلىگىمىز ئۈچۈن ئوقۇمايمىز دېيىش توغرىمۇ؟

  قۇرئان ۋە ھەدىسنى چۈشۈنمىگەنلىگىمىز ئۈچۈن ئوقۇمايىز! رىسالەئى نۇر ھەر تەرەپتىن يىتەرلىكتۇر دېگەنلىك كۈپۈرنى ئىپادە قىلامدۇ؟

  “بىز قۇرئان ۋە ھەدىسنى چۈشۈنمىگەنلىگىمىز ئۈچۈن، قۇرئان ۋە ھەدىسنى ئوقۇمايمىزدىېگەنلىك ناھايىتى چوڭ بىر خاتالىق ھىسابلىىندۇ. چۈنكى ئىسلام ئۆلىمالىرى قۇرئاننىڭ مەنىسنى چۈشەنگىلى بولمايدۇدېگەن بىر سۆزنى قوللىنىشنىڭ ناھايىتى خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، ھەتتا بەزى ئۆلىمالار بۇنداق دېيىشنىڭ كۈپۈر لافىزى دەپ قارىغان. چۈنىكى بۇ سۆز« وَهَـذَا لِسَانٌ عَرَبِيٌّ مُّبِينٌ»بۇ (قۇرئان) بولسا روشەن ئەرەب تىلىدۇرغا ئوخشاش ناھايىتى كۆپ ئوپئوچوق ئايەتلەرگە، قۇرئاننىڭ ئەڭ بۈيۈك مۇئجىزىسى بولغان بالاغىتگە ۋە پاساھەتىگە زىتتىتۇر.

  فەخرى رازى تەپسىرىدە ۋە بەدىئۇززامانمۇ ( ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) كۆپلىگەن ئەسەرلىرىدە بولۇپمۇ 25.سۆزدە قۇرئاننىڭ پۈتۈن ئىنسانىيەتكە خىتاپ قىلدىغانلىقىنى، ھەتتا ئەڭ بەدەۋى بىر ئادەمنىڭمۇ ئىبنى سىنادەك زېرەك بىر ئالىم بىلەن بىرلىكتە قۇرئاندىن ئوخشاش بىر دەرىسنى ئالىدىغانلىقىنى ۋە ئىستىفادە قىلىپ پايدا ئالالايدىغانلىقىنى ئىسپات قىلغان. ئۇ ئەسەرلەرگە مۇراجات قىلىنسا بولىدۇ.

  شۇنداق، ئىنسان ئىلىمسىز ھالدا دۇنياغا كېلىدۇ. كېىيىن، ئىلىم ۋاستىسى بىلەن مۇكەممەللىشىدۇ. ئىلىمنىڭ بېشى، ئاساسى مەرفەتۇللاھ (اللە نى ئىسىمسۈپەتلىرى بىلەن تونۇش ) ۋە مۇھەببەتۇللاھ ( اللە نى سۆيۈش ) تۇر. بۇ بولسا ئىمان ۋە ئۇبۇدىيەت (اللە قا قۇللۇق ۋە ئىبادەت قىلىش) ئارقىلىق قولغا كېلىدۇ. ئىمان ۋە ئۇبۇدىيەتنى بىزگە دەرىس بىرىپ ئۈگەتكەن ئەسلى مەنبە قۇرئان ۋە ھەدىستۇر. قۇرئان ۋە ھەدىسلەرنى چۈشۈنۈش ئۈچۈنمۇ، بەزى ئىلىملەرنى ئۆگىنىش ۋە بۇ جەھەتتە تىرشچانلىق كۆرسىتىش لازىم.

  دۇنيالىق بىر مەنپەئەت ئۈچۈن ھەر كۈندە چەتئەل تىلىدىن ئەللىك خام سۆزنى ئۈگەنگەن ۋە بىر مالنى تېخمۇ ئەرزان باھادا سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئەللىك يەردىن سۈرۈشتە قىلغان بىر ئىنساننىڭ، ئىككى دۇنيا بەخىتسائادەتىنىڭ ئاچقۇچى بولغان قۇرئان ۋە ھەدىسنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن نە قەدەر تېرىشىچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك ئىكەنلىكىنى قىياس قىلىۋالسا بولىدۇ.

  قۇرئان ۋە ھەدىس دۇنيادا ئەڭ قولاي چۈشۈنىلىدىغان بىر كىتاپ بولۇش بىلەن بىرگە، سرلىرى پۈتمەستۈگمەس چەكسىزدۇر.

  ھەزرىتى پەيغەمبەر ئەلەيھسسالاتۇ ۋەسسالامدىن باشقا قۇرئاننىڭ ئەسىلى سىرلىرىنى باشقىلار بىلىشكە قادىر بولالمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھسسالاتۇ ۋەسسالامدىن كېىن كەلگەن بىر شەخىس ئۆزى يالغۇز قۇرئاننىڭ مەنىسىنى پۈتۈنلەي چۈشۈنەلمەيدۇ. پەقەت ۋە پەقەت ئەسىرى سائادەتتىن تاكى قىيامەتكىچە بولغان ئۈممەتنىڭ پۈتۈن ئۆلىمالىرى بىرلەشكەندىلا ئاندىن قۇرئاننىڭ ئەسىلى سىرلىرىنى چۈشىنەلەيدۇ. چۈنكى قۇرئان ھەر ئەسىرنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى ئىھتىياجلىرىنى قامدايدىغان مۇقەددەس بىر كىتاپتۇر. ئىسلام ئۆلىمالىرى بولسا، قۇرئاننىڭ شۇ ئەسىرگە قارىغان جەھەتىنى مەنبەسىدىن چىقىرىپ شۇ ئەسىرنىڭ چۈشىنىشىگە قارىتا ئېلىپ دەرىس بىرىپ كەلمەكتە.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.