قەلبنىڭ ۋەسۋەسە كېسىلىگە مەنىۋى داۋا

قەلبنىڭ ۋەسۋەسە كېسىلىگە مەنىۋى داۋا

بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيم

﴿رَبِّ اَعُوذُ بِكَ مِنْ هَمَزَاتِ الشَّيَاطِينِ

وَاَعُوذُ بِكَ رَبِّ اَنْ يَحْضُرُون﴾

ئەي ۋەسۋەسە كېسىلىگە مۇپتىلا بولغان! ۋەسۋەسەڭ نېمىگە ئوخشايدۇ بىلەمسەن؟ بالامۇسىبەتكە ئوخشايدۇ. ئەھمىيەت بەرگەنسېرى يوغىنايدۇ. ئەھمىيەت بەرمىسەڭ ئۆچىدۇ، ئۇنىڭغا چوڭ دەپ قارىساڭ چوڭىيىدۇ، كىچىك دەپ قارىساڭ كىچىكلەيدۇ. قورقساڭ ئېغىرلىشىدۇ، كېسەل قىلىدۇ، قورقمىساڭ يىنىكلەيدۇ، يوشۇرۇن  قالىدۇماھىيىتىنى بىلمىسەڭ داۋاملىشىدۇ، ماكانلىشىدۇ. ماھىيىتىنى بىلسەڭ، ئۇنى تونىساڭ كېتىدۇ. ئۇنداقتا شۇ بالالىق ۋەسۋەسىنىڭ كۆپلىگەن قىسىملىردىن كۆپ ئۇچرايدىغان پەقەت بەش تەرىپىنى بايان قىلىمەن، بەلكى ساڭا ۋە ماڭا شىپا بولۇر. چۈنكى شۇ ۋەسۋەسە شۇنداق نەرسىدۇركى، ئىلىمسىزلىك ئۇنى دەۋەت قىلىدۇ. ئىلىم ئۇنى قوغلايدۇ. تونىمىساڭ كېلىدۇ، تونۇساڭ كېتىدۇ.

بىرىنچى تەرەپ، بىرىنچى يارا: شەيتان ئاۋۋال (ئىنكارغا ئائىت) شۈبھىنى قەلبكە تاشلاپ باقىدۇ. ئەگەر قەلب قوبۇل قىلمىسا، ئۇ شۈبھىدىن ئەدەپسىز ياكى خاتا پىكىرگە ئۆتىدۇ. يەنى، خىيالغا قارىتا شۇ خىل بەزى نىجىس ئويلارنى ۋە ئەدەپكە زىت يىرگىنچ ھاللارنى سۈرەتلەپ بېرىدۇ. قەلبنى قورقۇتۇپ «ۋايدېگۈزىدۇ. ئۈمىدسىزلىككە چۈشۈرىدۇ. ۋەسۋەسىلىك ئادەم ئۆزىنىڭ قەلبىنىڭ رەببىگە قارشى ئەدەپسىزلىك قىلىۋاتقانلىقىنى ئويلاپ قالىدۇ، دەھشەتلىك بىر ھاياجانلىنىشقا ۋە جىددىيلىشىشكە باشلايدۇ. بۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھوزۇرلۇق ئىبادەتتىن قېچىپ، غەپلەتكە شۇڭغۇشنى خالايدۇ. بۇ خىل يارىنىڭ دورىسى بۇدۇر:

قارا، ئەي بىچارە ۋەسۋەسىلىك ئادەم! جىددىيلەشمە! چۈنكى سېنىڭ خىيالىڭغا كەلگەن (ھۆكۈملىك) ئەدەپسىزلىك(شەتم) ئەمەس. بەلكى ئويلىنىشتۇر، كۇپۇرلۇقنى ئويلىنىش كۇپۇر بولمىغىنىدەك، ئەدەپسىزلىكنى ئويلىنىشمۇ ئەدەپسىزلىك ئەمەس. چۈنكى مەنتىق بويىچە ئويلىنىش ھۆكۈم ئەمەستۇر. ئەدەپسىزلىكنىڭ ئۆزى بولسا ھۆكۈمدۇر. ھەم بۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ يىرگىنچلىك سۆزلەر سېنىڭ قەلبىڭنىڭ سۆزلىرى ئەمەس. چۈنكى سېنىڭ قەلبىڭ ئۇنىڭدىن ئەپسۇسلىنىۋاتىدۇ ۋە قايغۇرىۋاتىدۇ. ئەكسىچە ئۇلار قەلبكە يېقىن بولغان بىر شەيتانىي لۈممەدىن* كېلىۋاتىدۇ. ۋەسۋەسىنىڭ زىيىنى، زىيان بار دەپ قېلىشتۇر. يەنى، ئۇنى زىيانلىق دەپ قەلبىي جەھەتتىن زىيانغا ئۇچراشتۇر. چۈنكى ھۆكۈمسىز بىر ئويخىيالنى ھەقىقەت دەپ چۈشىنىپ قالىدۇ، ھەمدە شەيتاننىڭ ئىشىنى قەلبىمنىڭ ئىشى دەپ ئويلاپ قالىدۇ، ئۇنىڭ سۆزىنى ئۆزىدىن دەپ قاراپ زىيانغا ئۇچرايدۇ. ھېلىمۇ شەيتاننڭ خالىغىنىمۇ بۇدۇر.

ئىككىنچى تەرەپ شۇدۇركى: مەنالار قەلبدىن چىققان ۋاقىتتا، سۈرەتلەردىن يالىڭاچ شەكىلدە خىيالغا كىرىدۇ، ئۇ يەردە سۈرەتلەرنى كىيىدۇ. خىيال بولسا، ھەر ۋاقىت بىر سەۋەب ئاستىدا بىر تۈرلۈك سۈرەتلەرنى توقۇيدۇ. ئەھمىيەت بەرگەن نەرسىنىڭ سۈرەتلىرىنى يول ئۈستىدە تاشلاپ قويىدۇ. قايسى مەنە ئۆتسە يا ئۇنىڭغا كىيدۈرىدۇ، يا تاقايدۇ، يا يۇقتۇرىدۇ، يا پەردە قىلىدۇ. ئەگەر مەنىلەر يۈكسەك ۋە پاك بولسا، سۈرەتلەر كىر ۋە رەزىل بولسا كىيىش يوقتۇر، بىراق تىگىش بار. ۋەسۋەسىلىك ئادەم تىگىشىشنى كىيىش بىلەن ئالماشتۇرۇپ قويىدۇ. «ۋاي ئىسىتقەلبىم نەقەدەر بۇزۇلغان. بۇ پەسلىك، بۇ نەفىسنىڭ رەزىللىكى مېنى تۈگەشتۈرىۋېتىشى مۇمكىن» دەيدۇ. شەيتان ئۇنىڭ بۇ ھېسسىدىن كۆپ پايدىلىنىدۇ. شۇ يارىنىڭ مەلھىمى (دورىسى) شۇدۇر:

 ئاڭلا ئەي بىچارە! مەسىلەن، سېنىڭ نامىزىڭنىڭ پاكىزلىققا ئائىت ئەدىپىنىڭ ۋاستىسى بولغان سىرتقى تاھارەتكە، قورسىقىڭنىڭ ئىچىدىكى نىجاسەت تەسىر قىلمايدۇ، بۇزمايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش: مۇقەددەس مەنىلەرنىڭ چىركىن سۈرەتلەرگە يېقىن بولىشى زىيان بەرمەيدۇ. مەسىلەن سەن ﷲنىڭ ئايەتلىرىنى تەپەككۈر قىلىۋاتقان ۋاقتىڭدا، بىردىنلا بىر كېسەللىك، يا بىر ئىشتىھا، يا كىچىك تەرەتكە ئوخشاش جىددىي ئىھتىياج سېنىڭ ھېسسىڭنى قوزغايدۇ. ئەلۋەتتە سېنىڭ خىيالىڭ، ئۇ كېسەللىكنىڭ داۋاسىنى ياكى تەرەت سۇندۇرۇشنىڭ لازىمەتلىكلىرىنى كۆرىدۇ، قارايدۇ ۋە ئۇلارغا مۇناسىپ پەس سۈرەتلەرنى توقۇيدۇ، ھەمدە كەلگەن مەنىلەر ئارىلىرىدىن ئۆتىدۇ. ئۆتكەنلەرگە نە زىيان، نە كىرلىنىش ۋە نە زەرەر ۋە نە خەتەر بولمايدۇ. بىراق خەتەر دىققەت نەزىرىنى بىرىۋېلىشتۇر، زىيانلىق دەپ ئويلاپ قېلىشتۇر.

ئەگەر دېسەڭ: مۆمىنلەرگە بۇ قەدەر زىيانلىق بولغان ۋە قىينايدىغان ۋەسۋەسە، قانداق بىر ھىكمەتكە بىنائەن بىزگە بالا بولغان؟

  ئەلجاۋاپ: ئاشۇرىۋەتمەسلىك، ھەمدە بەك ئۈستۈن كەلمەسلىك شەرتى بىلەن، ۋەسۋەسىنىڭ ئۆزى ئويغاقلىققا سەۋەبتۇر، ئىزدىنىشكە ئۈندەيدۇ، ئەستايىدىللىققا ۋاستىدۇر. بىپەرۋالىقنى تاشلاتقۇزىدۇ، ئەھمىيەت بەرمەسلىكنى يوق قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەكىمى مۇتلەق (مۇتلەق ھىكمەت ئىگىسى بولغان ﷲ)، شۇ ئىمتىھان مەيدانىدا، شۇ مۇسابىقە مەيدانىدا بىز ئۈچۈن بىر قىزغىنلىق قامچىسى قىلىپ، ۋەسۋەسىنى شەيتاننىڭ قولىغا بەرگەندۇر. ئىنساننىڭ بېشىغا ئۇرىدۇ. ئەگەر زىيادە قىينىۋەتسە، ھەكىمى رەھىمگە شىكايەت قىلىش كېرەك،  اَعُوذُ بِاللّٰهِ مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّج۪يمِ دېيىش لازىم.


*         *لۈممە: شەيتاننىڭ ۋەسۋەسە سالىدىغان ئورنى.-ت


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.