كۆپ ئاياللىق بولۇش ھەققىدە

كۆپ ئاياللىق بولۇش ھەققىدە

مۇنازارات» ناملىق رىسالىنىڭ بىر پارچىسى)

  سوئال: بەزى ئەجنەبىيلەر كۆپ ئاياللىق بولۇشقا ئوخشاش بەزى مەسىلىلەرنى باھانە قىلىپ، مەدەنىيەت نۇقتىئىنەزىرىدە شەرىئەت بويىچە بەزى ۋەسۋەسە ۋە شۈبھىلەرنى سېلىۋاتىدۇ.

  جاۋاب: ھازىرچە ئىخچام بىر قائىدىنى بايان قىلىمەن. تەپسىلاتىنى مۇستەقىل بىر رىسالىدە بايان قىلماقچىمەن.

  ئىسلامىيەتنىڭ ئەھكاملىرى ئىككى قىسىمدۇر:

  بىرى: شەرىئەت ئۇ مەسىلىدە تەسىس قىلغۇچىدۇر. بۇ بولسا ھەقىقىي گۈزەللىك ۋە مۇتلەق خەيرنىڭ دەل ئۆزىدۇر.

  ئىككىنچىسى: شەرىئەت مۆتىدىللەشتۈرگۈچىدۇر. يەنى، ئىنتايىن ۋەھشىي ۋە زالىم بىر سۈرەتتىن چىقىرىپ، زىيىنى ئەڭ ئاز، مۆتىدىل، ئىنسان تەبىئىتىگە تەتبىق قىلىنىشى مۇمكىن بولغان ۋە ھەقىقىي گۈزەللىككە تامامەن ئۆتەلىشى ئۈچۈن زامان ۋە زېمىننىڭ ئەھۋالىغا قارىتا بولغان بىر خىل سۇرەتكە كەلتۈرگەن. چۈنكى، ئىنسان تەبىئىتىدە ئومۇمەن ھۆكۈمران بولغان بىر نەرسىنى بىراقلا ئېلىپ تاشلاش، ئۇ ئىنساننىڭ تەبىئىتىنى بىراقلا ئۆزگەرتىشنى تەقەززا قىلىدۇ.

  بۇنىڭغا بىنائەن، شەرىئەت ئەسىرلىكنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگۈچى ئەمەستۇر. بەلكى، ئەڭ ۋەھشىي سۈرەتتىن چىقىرىپ، مۇشۇنداق ھەقىقىي ھۆررىيەتكە يول ئاچىدىغان ۋە ئەركىنلىككە چىققىلى بولىدىغان بىر سۈرەتكە چۈشۈرگەندۇر، مۆتىدىللەشتۈرگەندۇر.

  ھەمدە، تۆتكىچە ئايال ئېلىش ئىنسان تەبىئىتىگە، ئەقىلگە، ھىكمەتكە مۇۋاپىق بولۇش بىلەن بىرگە، شەرىئەت بىردىن تۆتكە چىقارغان ئەمەس، بەلكى سەككىزتوققۇزدىن تۆتكە چۈشۈرگەندۇر. بولۇپمۇ، كۆپ ئاياللىق بولۇشقا شۇنداق شەرتلەرنى قويغانكى، ئۇنىڭغا رىئايە قىلىنسا، ھېچقانداق زەرەر كېلىپ چىقمايدۇ. بەزى جەھەتتە زىيىنى بولسىمۇ، ئەھۋەنى شەردۇر (يەنى، يامان تەرىپى ئەڭ ئازدۇر). ئەھۋەنى شەر بولسا، بىر نىسپىي ئادالەتتۇر.

سەئىد نۇرسى


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.