كۆڭۈللەرنىڭ فاتىھى ھەزرىتى ئۇستازىمىزغا -ھەەمشىرىلەردىن ئوتلۇق سالام

كۆڭۈللەرنىڭ فاتىھى ھەزرىتى ئۇستازىمىزغا -ھەەمشىرىلەردىن ئوتلۇق سالام

بِاسْمِهِ سُبْحَانَهُ

كۆڭۈللەرنىڭ فاتىھى ھەزرىتى ئۇستازىمىز!

  قانداقمۇ سىزنى «ھەزرىتى ئۇستازىمىز» دەپ، رىسالەئى نۇرلارنى بولسا «نۇرلىرىمىز» دەپ پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن ئىشەنمەي تۇرالايمىز!؟ ئىشەنمەسلىكىمىز مۇمكىنمۇ؟ شۇنداق، ھەزرىتى ئۇستازىمىز، نۇرلۇق يولىڭىزنىڭ ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىز، سەييىدىمىز رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامغا تۇتىشىدىغانلىقىنى، نۇرلىرىمىزنى داۋاملىق تۈردە ئوقۇش ئارقىلىق چۈشىنىۋاتىمىز.

  رىسالەئى نۇرلارنىڭ، قۇرئانى كەرىيمىمىزنىڭ ھەق كىتاب ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن، بىزلەر چۈشىنەلەيدىغان ۋە ئاڭقىرالايدىغان ھەقىقەتلەر قۇياشىدىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىگە پۈتۈن دۇنيا شاھىتتۇر. رىسالەئى نۇرلار ئابىھايات تامچىلىرىنى ۋە نۇرلىرىنى قارايغان روھلارغا ئېقىتىش بىلەن، بىز ياشاۋاتقان بۇ ئەسىردە ۋە كەلگۈسى دەۋرلەردىكى ئىنسانىيەتكە «ۋەزىپەڭنى قىلدەپ خىتاپ قىلغان ئىلاھىي بىر مۇئەللىمدۇر.

  قۇرئانىمىزدىن ۋە ئىمانىمىزدىن بەكمۇ يىراقلاشتۇرۇلغان ئىلگىرىكى دەۋرلەردە، بىزنى زالالەت ھاڭلىرىغا يۇمىلىتىپ، بىلمەستىن ئەبەدىي تۈرمە ۋە ھالاكەتلەرگە دۇچار قىلىشقا ئۇرۇنۇلغان ئۇ زۇلمەتلىك كۈنلىرىمىزدە، قولىڭىزدىكى قۇرئاننىڭ نۇرلۇق ئالماس قىلىچى بىلەن كەلدىڭىز. بارلا تۆپىلىكىگە چۈشتىڭىز. دىنسىز پەلسەپە ۋە تەبىئەتپەرەستلەرنى بويۇن ئەگدۈردىڭىز، تىز چۆكتۈردىڭىز. بارچە قارا ئىدىيەلىكلەرنى مات قىلىپ بولشىۋىزم، سىيونىزم (يەھۇدىيپەرەسلىك) ۋە ماسونلارنىڭ بەللىرىنى، قايتا تىكلىنەلمەيدىغان دەرىجىدە سۇندۇردىڭىز.

  ئىمان ئەھلىنىڭ ئىمانىنى تەھقىقىي ئىمان دەرىجىسىگە يۈكسەلتىپ، ئەبەدىي زۇلمەت ئورنىغا ئەبەدىي سائادەتنى تەمىن قىلىش ئۈچۈن جانابى ھەقنىڭ سىزنى ۋە سىز ئارقىلىق نۇرلارنى ئېھسان قىلغانلىقىغا ھېچبىر شۈبھىمىز قالمىدى. سىزنى ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىزنىڭ (ئە.س.ۋ) يىگىرمىنچى ئەسىردىكى ۋەكىلى ۋە قۇرئان جامائىتىنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى دېيىش ئارقىلىق، توغرا بىر ھەقىقەتنى ئىپادە قىلغىنىمىزغا ئىشىنىمىز.

  قۇرئانىمىز، مەمەدان ئەقىللەرنىڭ پەلسەپىسى بىلەن تېخىچە ئىنكار قىلىنىش خالىنىلىۋاتقىنىدا، رىسالەئى نۇر قۇرئاننىڭ ئەينەكدارلىقى رولىنى ئۆتەپ، بىز ئاۋاملارغىمۇ بۇ كىتابنىڭ ﷲنىڭ قانۇنى ئىكەنلىكىنى ۋە پەقەت مۇشۇ قانۇننىڭلا ئەبەدىي سائادەتكە ئېلىپ بارغۇچى بىر رەھبەر ئىكەنلىكىنى ئوپئوچۇق كۆرسەتتى. ئىلگىرى بىلمەيتتۇق، بۈگۈنكى كۈندە چۈشىنىۋاتىمىزكى، ئۇلۇغ دىنىمىز بولغان، ساماۋىي دىنلارنىڭ جەۋھىرى ۋە پۈتۈن روھلارنىڭ غىزاسى بولغان بۇ قۇياشنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ دەۋرىدە، شۇنداق بىر ئىدىيە پەيدا قىلغانكى، بۇ پاجىئەلىك ۋە قورقۇنچلۇق ئىدىيەلەر، فىرئەۋنلەردىمۇ ۋە ئەبۇ جەھىللەردىمۇ مەۋجۇت ئەمەس ئىدى.

  بۈگۈنكى كۈنلەردە نەشىر قىلىنغان بۇ «ھايات تارىخى»ڭىزدىمۇ كۆرۈلىدۇكى، سىز ھەزرىتى ئۇستازىمىز بەدىئۇززامانغا قىلىنغان زۇلۇملار، بارلا تۆپىلىكىگە سۈرگۈن قىلىنىشىڭىزدىن باشلىنىپ، تا ئىسپارتا، ئەسكىشەھىر، قاستامونۇ، دېڭىزلى، ئەمىرداغ ۋە ئافيونلارغا سۈرگۈن قىلىنىشىڭىزدا، كۆرىنىشتە دىن دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن سۈرگۈن قىلىنغان ئىدىڭىز. ھەقىقەتتە بولسا، مىڭلارچە ئەھلى ئىماننىڭ ۋە ھەق سۆزگە تەشنا مەكتەب ئەھلىنىڭ كۆڭۈللىرىنى پەتىھ قىلىپ قۇتقۇزىدىغان رەببانىي بىر مەمۇر ئىدىڭىز. ھەمدە ئۇلارغا يول كۆرسىتىدىغان ھەقىقىي بىر ئۆرنەك ئىدىڭىز. كەلگۈسى نەسىللەرنى ئەبەدىي ھالاكەتكە مەھكۇم قىلىشنى خالىغانلار، سىز ئۇستازىمىزنى كۆپ قېتىملاپ زەھەرلىگەن بولسىمۇ، ئۇ زەھەرلەر بۇ جىنايەتنىڭ چوڭلىقىدىن ئۈركۈدى. تىرياق ھالىتىگە كېلىپ، ئەھلى كۇفۇر ۋە ئەھلى ئىمان ئۈچۈن، ئۇلارنى بىربىرىدىن ئايرىيدىغان ھۆججەت بولدى.

  سىز ھەزرىتى ئۇستازىمىز، بىزگە قۇتقازغۇچ بولۇپ تەيىن قىلىنغانلىقىڭىزدىن، ﷲنىڭ ئىزنى بىلەن دار ياغاچلىرىمۇ بىردىن ئېلاننامە ھۆكمىگە ئۆتكەن ئىدى. ئەنقەرە دەۋاسىدا، قەھرىمان مويسىپىت ۋە ياش ئاكىلىرىمىز، دەسلەپتە مىڭلارچە بولغان، بۈگۈنكى كۈندە مىليونلاردىن ئاشقان تالىپلىرىڭىزنىڭ يۈكسەك خىسلەتلىرىنى پۈتۈن ئىسلامىيەت نامىدىن ئىسپاتلىغان بىردىن ئۆرنەك بولدى.

  ئەنقەرە بىرىنچى ئېغىر جازا مەھكىمىسى ھەيئىتىنىڭ قارشىسىدا، نۇرلۇق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىرىنچى سوت مەھكىمىسىدە بىز بار ئىدۇق. كونيا شەھرىدىن  رىسالەئى نۇر ئوقۇغۇچى ئۈچ ئايال قاتناشقان ئىدۇق. يۈزلەرچە ئايال ۋە ئەر قېرىنداشلىرىمىز بىلەن، ھەقنىڭ ھەقىقىتىنى كۆردۇق ۋە شاھىد بولدۇق. بىر ئادۋۇكات ئاكىمىز، كىملىكى ۋە كەسپى ھەققىدە سورالغاندا: «رىسالەئى نۇرنىڭ خىزمەتكارىمەن» دېگەن ئىدى. رىسالەئى نۇرنى قانداق تونۇغانلىقىنى سۆزلەپ: «1952يىلىدا نۇرلار بىلەن تونۇشتۇم. 1954يىلىدا ئۇنىڭ خىزمىتىگە كىردىم. 1957يىلىدا ھوقۇق فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ ئۆزۈمنى نۇر خىزمىتىگە تاپشۇردۇمدېگەندە كۆزلىرىمىز ياشلارغا تولدى. «ئاللاھ، ئاللاھدېيىشتىن ئۆزىمىزنى توختىتالمىدۇق. سىز ھەزرىتى ئۇستازىمىزدىن ۋە نۇرلارنىڭ خىزمىتىدە بولغان ئاكىلىرىمىزدىن ﷲ رازى بولسۇن.

قەدىرلىك ئۇستازىمىز ئەپەندىم!

  سىزنىڭ مۇبارەك دۇئالىرىڭىزنىڭ ھۆرمىتى بىلەن، جانابى ئاللاھىمىزنىڭ ئېھسانئىلتىپاتلىرى بىلەن كونيادا نۇرلارنى ئوقۇيدىغانلار كۈندىنكۈنگە كۆپىيىۋاتقانلىق خۇشخەۋىرىنى سىز ھەزرىتى ئۇستازىمىزغا يەتكۈزۈش ۋە ئىماننى قۇتقۇزۇش دەۋاسىدىكى زەپىرىڭىزنىڭ شاھىدى بولۇپ، سىزنى تەبرىكلەش شەرىپىنى بىزلەرگە ئاتا قىلغان جانابى ئاللاھىمىزغا ھەرقانچە شۈكۈر قىلساق ئازدۇز. ئىلگىرىكى مەدرىسەئى يۇسۇفىيەنىڭ (يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنىڭ مەدرىسىسىنىڭ) بىر مىسالى بولغان تۈرمىلەرنىڭ تۆمۈر توسۇقلىرىنى نۇرنىڭ شولىلىرى بىلەن ئېرىتىپ، ئۇ نۇرلارنىڭ نان كەبى ئۆيلىرىمىزگە كىرىشىگە ۋاستە بولغان خىزمىتىڭىزنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ مىڭ ئەمەس، يۈز مىڭ ئەمەس، بەلكى مىليونلاردىن ئاشقانلىقىنىمۇ ھەم ئاڭلاۋاتىمىز، شاھىد بولىۋاتىمىز.

  ئۆيلىرىمىزنىڭ بىردىن نۇر مەدرىسىسى بولغانلىقىنى بۇ مەكتۇپىمىز ئارقىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە سىز ھەزرىتى ئۇستازىمىزغا دەيمىزكى: سىز مۇشرىكلارنىڭ قولىدىن بىزنى قۇتقۇزدىڭىز. قوللىرىمىزغا بىردىن نىجاتلىق نىشانىسى بولغان ئىمان كىنىشكىسىنى بەردىڭىز. سىزنىڭ خىزمىتىڭىز بىلەن، بىزلەر بۇ ياشلىق ھەۋەسلىرىمىزدىن پارىغ بولۇپ، نۇرلارغا يېپىشتۇق. يۇرتىمىزدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيادا نۇرلىرىمىز بىلەن بىرگە زەپەرلەر قۇچىدىغانلىقىمىزغا ئىشەنمەكتىمىز. بۇ زەپەر، ﷲقا يۈزلەنگەن نۇرلارنىڭ زەپىرىدۇر. بۇ زەپەر، سائادەت ئەسىرىدە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئاچقان نۇرلۇق يولىدا ماڭغانلارنىڭ زەپىرىدۇر. بۇ زەپەر، ئىمان ئەھلىنىڭ زەپىرىدۇر. غەلىبە ئىسلامنىڭدۇر. مەغلۇبىيەت بولسا، ئۆتكەنكى ۋە بۈگۈنكى دىنسىز گورۇھلارنىڭدۇر. ئىمانلىق كۆڭۈللەرنى ھېچبىر قۇۋۋەتنىڭ مەغلۇپ قىلالمايدىغانلىقىغا، پۈتۈن دۇنيا شاھىد بولماقتىدۇر. رىسالەئى نۇرنىڭ ئىمان خىزمىتىدىكى زەپىرى، بۇنى يەنە بىر قېتىم كۆرسەتتى.

  سىز بولمىغان بولسىڭىز، بىز بۇ ئەسىرنىڭ رىياكارلىقتىن ئىبارەت فانىي زىننەتلىرىنى، مەدەنىيەت ئەسىرىنىڭ تەلەپ قىلغانلىرى دەپ، ئاللىبۇرۇن قەلبلىرىمىزگە يەرلەشتۈرۈپ، روھلىرىمىزنى ئالماس سەۋىيىسىدىن پاسكىنا كۆمۈر ماھىيىتىگە چۈشۈرگەن بولاتتۇق. جانابى ھەق سىزنىڭ ۋاستىڭىز بىلەن بىزلەرگە نۇرلىرىمىزنى ئېھسان قىلغانلىقىدىن، نۇرلىرىمىزنىڭ يورۇقىدا ئۇ زۇلمەتلىك كېچىلەرنى ۋە ئۇ ھىيلىگەرلەر مەدەنىيىتىنىڭ چىركىنلىكلىرىنى ئوپئوچۇق كۆرەلەۋاتىمىز. ئاللاھىمىزنىڭ بۇ ئىنايىتىگە ھەمدۇسانالار ئېيتىمىز.

  بۇ ئەسىرنىڭ نەقەدەر قورقۇنچلۇق ۋە نەقەدەر دەھشەتلىك بىر ئەسىر ئىكەنلىكىنى كۆرەلىشىمىز ئۈچۈن، پەقەت ۋە پەقەت تەھقىقىي ئىماننىڭ دۇربۇنى بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەك ئىكەن. ئىمان دۇربۇنىنى قەلب ۋە كۆزلىرىگە تاقىمىغانلارنى، كەيپساپالارنى پەزىلەت قىلىپ كۆرسەتكەن بۇ مىمسىز مەدەنىيەتنىڭ* زالالەت پاتقاقلىقلىرى يۇتىۋېتىشى مۇمكىن دېگەن ئىدىيە بىلەن، بىز نۇر شاگىرتلىرى بەكمۇ مەيۈسلىنەتتۇق. ئەمما نۇرلارنىڭ

  ياۋروپالىقلارنىڭ روھلىرىغىمۇ كىرىپ، كۈندىنكۈنگە ئۇلارنىڭ كەيپساپالىرىنى تازىلاۋاتقانلىقىنى كەلگەن مەكتۇپلاردىن بىلىۋاتىمىز.

  بىزلەر بولساق، بۈگۈن ئىمانىمىزنىڭ نۇرى بىلەن دەيمىزكى: ئەي يىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ مەدەنىيەت ئەسرى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان دىنسىز پەلسەپە! دىنسىز، تەبىئەتپەرەس ماسونلار ۋە قىزىل بولشىۋىكلار! سىلەرگە بۇ ۋەتەننىڭ گۈزەل تۇپراقلىرىدىن ۋە ئوتتۇرا ئاناتولىيەدە ھەزرىتى مەۋلانانىڭ يۇرتىدىن ۋارقىراپ دەيمىزكى: «بىزلەر ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ (ئە.س.ۋ) ئۈممىتى، مەۋلانانىڭ نەۋرىلىرى ۋە بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسىنىڭ تالىپلىرىمىز. سىلەرمۇ بىزلەرنى ياخشى تونۇۋېلىڭلار. سېنىڭ مەدەنىيىتىڭنى ئۆتمۈش مازارىستانىغا كۆمۈۋەتتۇق. ئۇنىڭ ئورنىغا بەكمۇ يېڭى يىگىرمە بىرىنچى ئەسىرنىڭ قۇياشى تۇغۇلۇش ئالدىدا تۇرماقتا. بۇ قۇياش ئىسلامنىڭ قۇياشى، نۇرلارنىڭ قۇياشى ۋە ھەمدە رىسالەئى نۇرئوقۇغۇچىلارنىڭ قۇياشى بولۇپ تۇغۇلىدۇ، ئىنشائاللاھ

  ھەزرىتى ئۇستازىمىز! شۇ قۇسۇرلۇق تىلىمىز ئارقىلىق، سىز بىلەن بىرلىكتە ئىمان يولىدا، ﷲ يولىدا، قۇرئاننىڭ رەھبەرلىكىدە ھەقنىڭ ھەقىقىتىنى قۇبۇل قىلغانلىقىمىزنىڭ بىردىن ھۆججىتىنى بايان قىلىش بىلەن، بۇ ئەسىرنىڭ ئەڭ بەختىيار كىشىسى بولغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز. چۈنكى بۈگۈنمۇ يەنىلا بىر تالىپ نەزىرىدە قاراۋاتقان شۇ فانىي ۋۇجۇدىڭىز، ﷲنىڭ دەرگاھىدا، بىزلەرنىڭ يېنىمىزدا ئەبەدىيدۇر. چۈنكى مەرىفەتۇللاھنى كۆزلىگەن قەلبلىرىمىز ئىمان قۇۋۋىتى بىلەن سوقماقتا. بۇ قۇۋۋەت بىزلەرنى ﷲ يولىدىن، سەييىدىمىز پەيغەمبىرىمىز رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ رەھبەرلىكىدىن، نۇرلىرىمىزدىن ئايرىمايدىغان ئىلاھىي بىر قۇۋۋەتتۇر، ئىنشائاللاھ.

  ﷲنىڭ ئىزنى بىلەن، قەلبلىرىمىزگە رىسالەئى نۇر ۋە نۇرلىرىمىز بەرگەن پەيزلەر بىلەن بۇ مەكتۇپنى يازدۇق. سىز ئۇستازىمىزنى بىتاپ ھالىڭىزدا ئوشۇقچە مەشغۇل قىلغىنىمىزدىن، قۇسۇرلىرىمىزنى ئەپۇ قىلىشىڭىزنى ئايرىمئايرىم ئۈمىد قىلىپ، جانابى ﷲتىن شىپا تىلەيمىز، ھەمدە مىراج كېچىڭىزنى مۇبارەكلەيمىز.

اَلْبَاقِى هُوَ الْبَاقِى

دۇئالىرىڭىزغا تولىمۇ مۇھتاج بولغان كونيا شەھرىدىكى خانىملار نامىدىن:

گۈلسۈن، ئالماس، فىردەۋس، مەدىھە، ئائىشە،

خەدىچە، فاتىمە، سالىھە، شۈكران، مۇشەررەف،

زەھرا، ئائىشە، نۇران

————————————————–

*مىمسىز مەدەنىيەت: پەس مەدەنىيەت؛ يەنى ئەرەبچىدە مەدەنىيەت كەلىمىسى «م»سىز ئوقۇلسا پەسلىك مەنىسىدىكى «دەنىيەت» قالىدۇ.-ت


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.