مەشھۇر بىر ھەدىس-بەرىكەت مۆجىزىسى

مەشھۇر بىر ھەدىس-بەرىكەت مۆجىزىسى

  ئون ئالتىنچى مىسال: باشتا بۇخارى، سەھىھ كىتابلار (قەتئىي نەقىل بىلەن) بايان قىلىدۇكى: ھەزرەتى ئەبۇ ھۇرەيرە شۇنداق دەيدۇ: قورسىقىم ئېچىپ كەتكەنىدى. رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ ئارقىسىدىن مېڭىپ، ئۇنىڭ مۇبارەك ئۆيىگە كەلدۇق. ئۇ يەردە ھەدىيەلىك كەلتۈرۈلگەن بىر تاۋاق سۈتنىڭ بارلىقىنى كۆردۇق. رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام: «ئەھلى سۇففەنى چاقىرىپ كەلدەپ بۇيرىدى. مەن قەلبىمدە: «بۇ سۈتنىڭ ھەممىنى مەنلا ئىچىۋېتەلەيمەن. مەن تېخىمۇ مۇھتاجمەندەپ ئويلىدىم. ئەمما پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇيرۇقى ئۈچۈن ئۇلارنى يىغىپ كەلدىم. ئۇلار يۈزدىن ئارتۇق ئادەم ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ئىچۈرىشىمنى بۇيرىدى. مەنمۇ تاۋاقتىكى سۈتنى بىربىرلەپ ئۇلارغا بەردىم. ھەربىرى تويغۇچە ئىچكەندىن كېيىن باشقىسىغا بەردىم. شۇنداق قىلىپ پۈتۈن ئەھلى سۇففە ئۇ ساپ سۈتتىن ئىچتى. ئاندىن پەيغەمبىرىمىز: بَقِىَ اَنَا وَاَنْتَ فَاشْرَبْ دېدى. مەن ئىچتىم. ئۇ قايتاقايتا: «ئىچەلىگىنىڭچە ئىچدېدى. ئاخىرى مەن: «سىزنى ھەق بىلەن ئەۋەتكەن زاتى زۇلجەلالغا قەسەم قىلىمەنكى، ئىچكۈدەك يەر قالمىدىدېدىم. ئاندىن ئۆزى ئالدى ۋە «بىسمىللاھ» دەپ ھەمد ئېيتىپ قالغىنىنى ئىچتى. يۈز مىڭلارچە ئافىيەت (سىڭىشلىك) بولسۇن!

  مانا شۇ ساپ ۋە پاك سۈتتەك گۈزەل، شۈبھىسىز ۋە ئوچۇق بولغان بەرىكەت مۆجىزىسى، بەشيۈز مىڭ ھەدىسنى يادقا ئالغان ھەزرەتى بۇخارى باشتا بولۇپ، سەھىھ ئالتە كىتابنىڭ نەقىل قىلىشى بىلەن، كۆز بىلەن كۆرگەندەك قەتئىي بولۇش بىلەن بىللە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇقەددەس مەدرىسىسى بولغان سۇففەنىڭ نامدار، راستچىل، ھافىز بىر شاگىرتى بولغان ئەبۇ ھۇرەيرىنىڭ پۈتكۈل سۇففە ئەھلىنى مەنەن شاھىد كۆرسىتىپ، ھەممىسىگە ۋەكىل بولۇپ سۆزلىگەن شۇ خەۋىرىنى تەۋاتۇر دەرىجىسىدە قەتئىي دەپ قارىمىغان ئىنساننىڭ يا قەلبى بۇزۇق ۋەياكى ئەقلى يوق. ئەجەبا ھەزرەتى ئەبۇ ھۇرەيرىدەك راستچىل ۋە پۈتۈن ھاياتىنى ھەدىسكە ۋە دىنغا ئاتىۋەتكەن، وَمَنْ كَذَبَ عَلَىَّ مُتَعَمِّدًا فَلْيَتَبَوَّاْ مَقْعَدَهُ مِنَ النَّارِ ھەدىسىنى ئاڭلىغان ۋە نەقىل قىلغان بىر ئادەمنىڭ، ئېسىدىكى ھەدىسلەرنىڭ قىممىتى ۋە ساغلاملىقى ھەققىدە شۈبھە قوزغاپ، ئەھلى سۇففەنىڭ يالغانغا چىقىرىشىغا نىشان قىلىدىغان مۇخالىپ بىر سۆز ۋە ئاساسسىز بىر ۋەقە سۆزلىشى ھېچ مۇمكىنمۇ؟ ھاشا!…

يا رەب! شۇ رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ بەرىكىتى ھۆرمىتىگە، سەن بىزگە ئىھسان قىلغان ماددى ۋە مەنىۋى رىزىقىمىزغا بەرىكەت ئىھسان قىل!…

  بىر مۇھىم نوقتا: مەلۇمدۇركى، زەئىپ نەرسىلەر بىرلەشسە قۇۋۋەتلىنىدۇ. ئىنچىكە يىپلار ئېشىلسە، كۈچلۈك ئارغامچا بولىدۇ. كۈچلۈك ئارغامچىلار قوشۇلسا ھېچكىم ئۈزەلمەيدۇ. يۇقىرىدا، مۆجىزىلەرنىڭ ئون بەش تۈرىدىن پەقەتلا بەرىكەت قىسمىدىكى مۆجىزىلەرنى ۋە بۇ قىسىمنىڭمۇ ئون بەش قىسمىدىن پەقەت بىر قىسمىنى، ئون بەش مىسال بىلەن كۆرسەتتۇق. ھەربىر مىسال، يالغۇز ئۆزى، پەيغەمبەرلىكنى ئىسپات قىلغۇدەك دەرىجىدە قۇۋۋەتلىك ئىدى. خاتا بىر پەرەز بىلەن، بۇلارنىڭ بىر قىسمىنى قۇۋۋەتسىز دەپ ھېسابلىساقمۇ، يەنە قۇۋۋەتسىز دېيەلمەيمىز. چۈنكى قۇۋۋەتلىك بىلەن بىرلەشكەن قۇۋۋەتلىك بولىدۇ.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.