مەلائىكەلەر(پەرىشتىلەر)گە ئىمان

مەلائىكەلەر(پەرىشتىلەر)گە ئىمان

ئون بىرىنچى مەسىلە

  «مېۋە»نىڭ ئون بىرىنچى مەسىلىسىنىڭ بېشى، بىر مېۋىسى جەننەت، بىرى ئەبەدىي سائادەت ۋە بىرى رۇيەتۇللاھ (ﷲنى كۆرۈش) بولغان ئىماندىن ئىبارەت مۇقەددەس دەرەخنىڭ چەكسىزلىگەن چوڭكىچىك مېۋىلىرىدىن يۈزلەرچە نەمۇنىلىرى رىسالەئى نۇردا بايان ۋە ھۆججەتلەر بىلەن ئىسپات قىلىنغانلىقتىن، ئىزاھىنى «سىراجۇننۇر»غا ھاۋالە قىلىپ، كۇللىي ئاساسلىرىدىن ئەمەس، بەلكى جۈزئىي ۋە كىچىك ئاساسلىرىنىڭ جۈزئىي (پارچە) ۋە خۇسۇسىي مېۋىلىرىدىن بىر قانچە نەمۇنە بايان قىلىنىدۇ.

  بىرسى: بىر كۈنى بىر دۇئادا «يا رەببى! جەبرائىل، مىكائىل، ئىسرافىل ۋە ئەزرائىل ھۆرمەتلىرى ۋە شاپائەتلىرى ئۈچۈن، مېنى جىن ۋە ئىنسانلارنىڭ شەرلىرىدىن (يامانلىقلىرىدىن) مۇھاپىزەت قىلغىن» مەنىسىدە دۇئانى دېگەن ۋاقتىمدا، ھەر كىشىنى تىترەتكەن ۋە دەھشەت بەرگەن ئەزرائىل نامىنى سۆزلىگەن پەيتتە ناھايىتى تاتلىق، تەسەللى بەخش ئەتكەن ۋە سۆيۈلىدىغان بىر ھالەت ھېس قىلدىم. ئەلھەمدۇلىللاھ دېدىم. ئەزرائىلنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرۈشكە باشلىدىم. پەرىشتىلەرگە ئىمان ئاساسىنىڭ بۇ جۈزئىي بىر قىسمىنىڭ ناھايىتى كۆپ مېۋىلىرىدىن يالغۇز بىر جۈزئىي مېۋىسىگە ناھايىتى قىسقا بىر ئىشارەت قىلىمىز.

  بىرسى: ئىنساننىڭ ئەڭ قىممەتلىك ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن تىترىگەن مېلى ئۆزىنىڭ روھىدۇر. ئۇنى زايا بولۇشتىن، يوقىلىشتىن ۋە تاشلىنىپ كېتىشتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، قۇۋۋەتلىك ۋە ئىشەنچلىك بىر قولغا تاپشۇرۇشنىڭ چوڭقۇر بىر سۆيۈنچ بېرىدىغانلىقىنى قەتئىي ھېس قىلدىم. ئىنساننىڭ ئەمىلىنى يازغان پەرىشتىلەر ئېسىمگە كەلدى. قارىدىم، ئەينەن بۇ مېۋىدەك ناھايىتى تاتلىق مېۋىلىرى بار.

  بىرسى: ھەر ئىنسان قىممەتلىك بىر سۆزىنى ۋە ھەرىكىتىنى باقىيلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشتىياق بىلەن خاتىرلەش، شېئىر، ھەتتا فىلىم ئارقىلىق ساقلاشقا تىرىشىدۇ. بولۇپمۇ ئۇ ھەرىكەتلەرنىڭ جەننەتتە باقىي مېۋىلىرى بولسا، تېخىمۇ زىيادە قىزىقىدۇ. «كىرامەن كاتىبىن» پەرىشتىلىرىنىڭ ئىنساننىڭ مۈرىلىرىدە تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئەبەدىي مەنزىرىلەردە كۆرسىتىلىشى ۋە ئىگىلىرىگە دائىمىي مۇكاپات قازاندۇرىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى ماڭا شۇنچىلىك شېرىن كەلدىكى، تەرىپ قىلالمايمەن.

  كېيىن، ئەھلى دۇنيانىڭ مېنى ئىجتىمائىي ھاياتتىكى ھەر نەرسىدىن تامامەن ئايرىپ، پۈتۈن كىتابلىرىمدىن، دوستلىرىمدىن، خىزمەتچىلىرىمدىن ۋە تەسەللى بەرگۈچى ئىشلىرىمدىن مەھرۇم قالدۇرىشى بىلەن بىللە، غۇربەتچىلىك ئازابى مېنى قىينىغان ۋە بوش دۇنيا بېشىمغا يىقىلغان پەيتتە، پەرىشتىلەرگە ئىماننىڭ ناھايىتى كۆپ مېۋىلىرىدىن بىرسى ياردەمگە كەلدى. كائىناتىمنى ۋە دۇنيايىمنى جانلاندۇردى، پەرىشتىلەر ۋە روھانىيلار بىلەن تولدۇردى، ئالىمىمنى سۆيۈنچ بىلەن كۈلدۈردى. زالالەت ئەھلىنىڭ دۇنيالىرىنىڭ قورقۇنچ، مەنىسىزلىك ۋە قاراڭغۇلۇق بىلەن يىغلىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

  خىيالىم بۇ مېۋىنىڭ لەززىتى بىلەن سۆيىنىۋاتقىنىدا، پۈتۈن پەيغەمبەرلەرگە ئىماننىڭ ناھايىتى كۆپ مېۋىلىرىدىن بۇنىڭغا ئوخشايدىغان بىر مېۋىسىنى ئالدى، تېتىدى. بىردىنلا پۈتۈن ئۆتمۈش زامانلاردىكى پەيغەمبەرلەر بىلەن ياشىغاندەك، ئۇلارغا ئىمانىم ۋە تەستىقىم ئۇ زامانلارنى نۇرلاندۇردى ۋە ئىمانىمنى كۇللىي قىلىپ كېڭەيتتى. ئاخىرزامان پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىمانغا ئائىت بولغان دەۋالىرىغا مىڭلارچە ئىمزا باستۇردى، شەيتانلارنى جىمىقتۇردى.

  بىردىنلا «ھىكمەتۇل ئىستىئازە لەمئاسى»دا قەتئىي جاۋابى بولغان بىر سوئال قەلبىمگە كەلدىكى: «بۇ مېۋىلەردەك چەكسىز تاتلىق نەتىجىلەر، پايدىلار ۋە ياخشى ئەمەللەرنىڭ ناھايىتى گۈزەل نەتىجىلىرى، مەنپەئەتلىرى، ئەرھەمەرراھىمىن (رەھىمدىللەرنىڭمۇ ئەڭ رەھىملىكى) بولغان ﷲنىڭ غايەت مەرھەمەتكارانە ياردەملىرى ۋە ئىنايەتلىرى ئەھلى ھىدايەتكە (مۇسۇلمانلارغا) ياردەم قىلىپ قۇۋۋەت بەرگەن تۇرۇقلۇق، ئەھلى زالالەت نېمە ئۈچۈن كۆپ قېتىم غەلىبە قىلىدۇ ۋە بەزىدە يىگىرمىسى يۈز ئەھلى ھىدايەتنى پەرىشان قىلىدۇ؟» دەپ، مەنىۋى جەھەتتىن مەندىن سورالدى. بۇ تەپەككۇر ئىچىدە شەيتاننىڭ ئىنتايىن زەئىپ ھىيلەمىكىرلىرىگە قارشى قۇرئاننىڭ قاتتىق تەكىتلەشلىرى، پەرىشتىلەر ۋە جانابى ﷲنىڭ ياردەملىرىنى ئەھلى ئىمانغا ئەۋەتىشى خاتىرەمگە كەلدى. رىسالەئى نۇر ئۇنىڭ ھىكمىتىنى قەتئىي ھۆججەتلەر بىلەن ئىزاھ قىلغىنىغا بىنائەن، ئۇ سوئالنىڭ جاۋابىغا ناھايىتى قىسقا بىر ئىشارەت قىلىمىز:

  شۇنداق، بەزىدە ئەخمەق ۋە يوشۇرۇن بولغان زىيانلىق بىر ئادەمنىڭ بىر سارايغا ئوت قويۇشقا تىرىشىشى سەۋەبىدىن، خۇددى ئۇ بىرى يۈزلەرچە كىشىدەك، يۈزلەرچە ئادەمنىڭ قوغدىشى ۋە بەزىدە دۆلەتكە ۋە پادىشاھقا ئىلتىجا قىلىشى ئارقىلىق ئۇ ساراينىڭ مەۋجۇتلىقى داۋام قىلالايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقى پۈتۈن شارائىتنىڭ، ئاساسلارنىڭ ۋە سەۋەبلەرنىڭ ۋۇجۇدى (بار بولىشى) بىلەنلا بولالايدۇ. بىراق ئۇنىڭ يوقىلىشى ۋە خاراب بولىشى ئۈچۈن بىر شەرتنىڭ بولماسلىقىنىڭ يېتەرلىك بولىشى ۋە بىر ئەخمەقنىڭ بىر سەرەڭگىسى بىلەنلا كۆيۈپ يوق بولغىنىدەك، جىننىي ۋە ئىنسىي شەيتانلار ئاز بىر ئىش بىلەن چوڭ بۇزغۇنچىلىق ۋە دەھشەتلىك مەنىۋى يانغىنلار چىقىرىدۇ. شۇنداق، پۈتۈن يامانلىقلار، گۇناھلار، شەرلەرنىڭ مەنبەسى ۋە ئاساسلىرى يوقلۇقتۇر، بۇزۇشتۇر. كۆرىنىشتىكى بارلىقنىڭ ئاستىدا يوقلۇق ۋە بۇزۇش يوشۇرۇنغاندۇر.

  دېمەك، جىننىي ۋە ئىنسىي شەيتانلار ۋە زىيانداشلار بۇ نۇقتىغا ئاساسلىنىپ، ناھايىتى زەئىپ بىر قۇۋۋەت بىلەن چەكسىز بىر قۇۋۋەتكە قارشى تاقابىل تۇرۇپ، ھەق ۋە ھەقىقەت ئەھلىنى جانابى ﷲنىڭ دەرگاھىغا ئىلتىجا قىلىشقا ۋە قېچىشقا ھەر ۋاقىت مەجبۇر قىلغانلىقتىن، قۇرئان ئۇلارنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن ناھايىتى بەك تەكىتلەيدۇ. توقسان توققۇز ئىلاھىي ئىسىملارنى قوللىرىغا بېرىدۇ. ئۇ دۈشمەنلەرگە قارشى مۇستەھكەملىك كۆرسىتىشلىرىگە ناھايىتى شىددەتلىك ئەمىرلەر بېرىدۇ.

  بۇ جاۋابتىن بىردىنلا ناھايىتى بۈيۈك بىر ھەقىقەتنىڭ ئۇچى ۋە ئەزەمەتلىك (بۈيۈك)، دەھشەتلىك بىر مەسىلىنىڭ ئاساسى كۆرۈندى. شۇنداقكى:

  خۇددى جەننەت پۈتۈن بارلىق ئالەملىرىنىڭ مەھسۇلاتىنى ئېلىپ، دۇنيا يېتىشتۈرگەن ئۇرۇقلارنى باقىي شەكىلدە باشاقلاندۇرغىنىدەك، جەھەننەممۇ چەكسىز دەھشەتلىك بولغان مەنپىي ۋە يوقلۇق ئالەملىرىنىڭ ناھايىتى ئەلەملىك نەتىجىلىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئۇ يوقلۇق مەھسۇلاتلىرىنى قورۇيدۇ ۋە ئۇ دەھشەتلىك جەھەننەم فابرىكىسى باشقا ۋەزىپىلىرى ئىچىدە ۋۇجۇد (بارلىق) ئالەمى كائىناتىنى يوقلۇق ئالەمى مەينەتچىلىكىدىن پاكىزلاتقۇزىدۇ. بۇ دەھشەتلىك مەسىلىنىڭ ھازىرچە ئىشىكىنى ئاچمايمىز. ئىنشاﷲ كېيىن ئىزاھ قىلىنىدۇ.

  ھەم «پەرىشتىلەرگە ئىمان» مېۋىسىدىن بىر تارمىقى ۋە مۈنكەرنەكىرگە ئائىت بىر نەمۇنىسى شۇدۇركى: ھەر كىمگە ئوخشاش مەنمۇ قەتئىييەن كىرىمەن دەپ مازارىمغا خىيالىي جەھەتتىن كىردىم. قەبىردە يالغۇز، ھەمراھسىز، قاراڭغۇ، سوغۇق، تار بىر يالغۇز كىشىلىك تۈرمىدە، تامامەن ئايرىلىش ئىچىدە قورققان ۋە ئۈمىدسىزلىكتىن دەھشەتلەنگەن پەيتتە، بىردىنلا مۈنكەر ۋە نەكىر تائىپىسىدىن ئىككى مۇبارەك قېرىنداش چىقىپ كېلىشتى. مېنىڭ بىلەن مۇنازىرىگە باشلاشتى. قەلبىم ۋە قەبرەم كېڭەيدى، نۇرلاندى، ھارارەتلەندى؛ روھلار ئالىمىگە دېرىزىلەر ئېچىلدى. مەنمۇ ھازىر خىيالەن ۋە كەلگۈسىدە ھەقىقەتەن كىرىدىغان ئۇ ۋەزىيەتكە پۈتۈن روھىجېنىم بىلەن سۆيۈندۈم ۋە شۈكۈر قىلدىم.

  سەرف ۋە نەھۋى (مورفولوگىيە ۋە سىنتاكسىس) ئىلمىنى ئوقىغان بىر مەدرىسە تالىپى ۋاپات قىلىپ، مۇنكەر ۋە نەكىرنىڭ: «مەن رەببۇكە (سېنىڭ رەببىڭ كىمدۇر؟دېگەن سوئاللىرىغا قارشى ئۆزىنى مەدرىسىدە دەپ ئويلاپ نەھۋى ئىلمى بىلەن جاۋاب بېرىپ: «مەن» ئىگىسى، «رەببۇكە» ئۇنىڭ خەۋىرىدۇر. مەندىن قىيىنراق بىر مەسىلىنى سوراڭلار، بۇ ئاسان ئىكەندەپ ھەم ئۇ پەرىشتىلەرنى، ھەم ھازىر (شۇ مەيداندىكى) روھلارنى، ھەم ئۇ ۋەقەنى كۆرگەن ۋە ئۇ يەردە بولغان بىر كەشفەلقۇبۇر (قەبىر ئەھۋالىنى كۆرۈش) ئەۋلىياسىنى كۈلدۈردى، ﷲنىڭ رەھمىتىنى تەبەسسۈمگە كەلتۈردى، ھەمدە ئازابتىن قۇتۇلدى. شۇنىڭدەكلا رىسالەئى نۇرنىڭ بىر شېھىد قەھرىمانى بولغان مەرھۇم ھافىز ئەلى تۈرمىدە «مېۋە رىسالىسى»نى كامالى ئىشتىياق بىلەن يېزىۋاتقان ۋە ئوقۇۋاتقاندا ۋاپات قىلىپ، قەبىردە سوئال پەرىشتىلىرىگە مەھكىمىدىكىگە ئوخشاش «مېۋە» ھەقىقەتلىرى بىلەن جاۋاب بەرگىنىدەك، مەن ۋە رىسالەئى نۇر شاگىرتلىرىمۇ ئۇ سوئاللارغا قارشى رىسالەئى نۇرنىڭ پارلاق ۋە قۇۋۋەتلىك ھۆججەتلىرى بىلەن كەلگۈسىدە ھەقىقەتەن ۋە ھازىر مەنىۋى جەھەتتىن جاۋاب بېرىپ، ئۇلارنى تەستىق قىلىشقا، ئالقىشلاشقا ۋە تەبرىكلەشكە ئۈندەيدۇ ئىنشاﷲ.

  ھەم «پەرىشتىلەرگە ئىمان»نىڭ دۇنياۋىي سائادەتگە سەۋەب بولغان جۈزئىي بىر نەمۇنىسى شۇدۇركى: فىقھىي ئىلىم كىتابىدىن ئىمان دەرسىنى ئالغان بىر مەسۇم بالىنىڭ، يېنىدىكى يىغلىغان ۋە مەسۇم بىر قېرىندىشىنىڭ ۋاپاتى ئۈچۈن پەرياد چەككەن باشقا بىر بالىغا: «يىغلىما، شۈكۈر قىل، سېنىڭ قېرىندىشىڭ پەرىشتىلەر بىلەن بىرلىكتە جەننەتكە كەتتى. ئۇ يەردە كېزىدۇ، بىزدىن تېخىمۇ ياخشى كەيپ سۈرىدۇ، پەرىشتىلەردەك ئۇچىدۇ ۋە ھەر يەرنى سەير قىلالايدۇدەپ، پەرياد چەككەننىڭ يىغلىشىنى تەبەسسۇمغا ۋە سۆيۈنچكە ئايلاندۇرىشىدۇر. مەنمۇ ئەينەن بۇ يىغلىغان كىچىك بالىدەك، بۇ قايغۇلۇق قىشتا ۋە ئەلەملىك بىر ۋەزىيىتىمدە ناھايىتى ئەلەملىك ئىككى ۋاپات خەۋىرىنى ئالدىم. بىرى ھەم ئالى مەكتەپتە بىرىنچىلىكنى قازانغان، ھەم رىسالەئى نۇرنىڭ ھەقىقەتلىرىنى يايغان جىيەنىم مەرھۇم فۇئاد، ئىككىنچىسى ھەجگە كېتىپ سەكرات ئىچىدە تاۋاپ قىلىش جەريانىدا ۋاپات قىلغان ئالىمە خانىم ئىسمىدىكى مەرھۇمە سىڭلىم بولۇپ، بۇ ئىككى تۇغقىنىمنىڭ ئۆلۈملىرى ياشانغانلار رىسالىسىدە يېزىلغان مەرھۇم ئابدۇراھماننىڭ ۋاپاتىدەك مېنى يىغلاتقان ۋاقىتتا، ئىماننىڭ نۇرى بىلەن ئۇ مەسۇم فۇئاد، تەقۋادار خانىم ئىنسانلارنىڭ ئورنىغا پەرىشتىلەرگە، ھۆرىيلەرگە قېرىنداش بولغانلىقىنى، بۇ دۇنيانىڭ خەتەر ۋە گۇناھلىرىدىن قۇتۇلغانلىقلىرىنى مەنىۋىي ۋە قەلبىي جەھەتتىن كۆردۈم. ئۇ شىددەتلىك قايغۇ ئورنىغا چوڭ بىر سۆيۈنچ ھېس قىلىپ، ھەم ئۇلارنى ۋە فۇئادنىڭ دادىسى ئۇكام ئابدۇلمەجىدنى، ھەم ئۆزۈمنى تەبرىك قىلىپ ئەرھەمەرراھىمىنگە شۈكۈر قىلدىم. بۇ ئىككى مەرھۇمەگە رەھمەت دۇئاسى نىيىتى بىلەن بۇ يەرگە يېزىلدى، خاتىرلەندى.

  رىسالەئى نۇردىكى پۈتۈن مىزانلار (ئۆلچەملەر) ۋە سېلىشتۇرمىلار ئىماننىڭ ھەم دۇنياۋىي ۋە ھەم ئاخىرەتلىك سائادەتنى كۆرسىتىدىغان مېۋىلىرىنى بايان قىلىدۇ. ئۇ كۇللىي ۋە چوڭ مېۋىلەر بۇ دۇنيادا كۆرسەتكەن ھاياتىي سائادەت ۋە ئۆمۈر لەززىتى جەھەتتىن، ھەر مۆئمىننىڭ ئىمانى ئۇنىڭغا بىر ئەبەدىي سائادەتنى قازاندۇرىدۇ، بەلكى باشاق بېرىدۇ ۋە ئۇ سۈرەتتە ئېچىلىپ تەرەققى قىلىدۇ، دەپ خەۋەر بېرىدۇ. ئۇ كۇللىي ۋە ناھايىتى كۆپ مېۋىلىرىدىن بەش مېۋىسى «مىراج مېۋىسى» بولۇپ، ئوتتۇز ئىككىنچى سۆزنىڭ ئاخىرىدا ۋە يەنە بەش مېۋىسى يىگىرمە توققۇزىنچى سۆزنىڭ «بەشىنچى شېخى»دا نەمۇنە قىلىپ يېزىلغاندۇر. ئىمان ئاساسلىرىنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئايرىمئايرىم ناھايىتى كۆپ، بەلكى چەكسىز مېۋىلىرى بولغىنىدەك، ھەممىسىنىڭ ئورتاق كۆپ مېۋىلىرىدىن بىر مېۋىسى چوڭ جەننەت، بىرى ئەبەدىي سائادەت، يەنە بىرى ۋە ئەڭ تاتلىقى بولسا ﷲنى كۆرۈشتۇر، دەپ باشتا دېگەن ئىدۇق. ئوتتۇز ئىككىنچى سۆزنىڭ ئاخىرىدىكى سېلىشتۇرمىدا، ئىماننىڭ ئىككى دۇنيا سائادىتىنى كۆرسەتكەن بىر قىسىم نەتىجىلىرى ياخشى ئىزاھ قىلىنغان.

  «تەقدىرگە ئىمان» ئاساسىنىڭ بۇ دۇنيادا قىممەتلىك مېۋىلىرىنىڭ بار ئىكەنلىكىگە بىر دەلىل، ھەممىنىڭ تىلىدا مَنْ آمَنَ بِالْقَدَرِ اَمِنَ مِنَ الْكَدَرِ يەنى «تەقدىرگە ئىمان ئېيتقان غەملەردىن قۇتۇلىدۇ» سۆزى كەڭ يېيىلغان بولۇپ، تەقدىر رىسالىسىنىڭ ئاخىرىدا بۇ سۆزنى ئىزاھ قىلغان ئىككى ئادەمنىڭ شاھانە بىر ساراينىڭ باغچىسىغا كىرىشى تېما قىلىنغان گۈزەل بىر مىسال ئارقىلىق، بىر كۇللىي مېۋە بايان قىلىنغان. ھەتتا مەن ئۆز ھاياتىمدا مىڭلارچە تەجرىبىلىرىم بىلەن كۆردۈم ۋە بىلدىمكى، تەقدىرگە ئىمان بولمىسا دۇنيا ھاياتىنىڭ سائادىتى بىتچىت بولىدۇ. ئەلەملىك بالامۇسىبەتلەردە قايسى ۋاقىت تەقدىرگە ئىمان جەھەتتىن قارىسام، مۇسىبەت ناھايىتى يەڭگىللەشكەنلىكىنى كۆرەتتىم. تەقدىرگە ئىمان ئېيتمىغان قانداق ياشىيالايدۇ دەپ ھەيران قالاتتىم.

  «پەرىشتىلەرگە ئىمان» ئاساسىنىڭ كۇللىي مېۋىلىرىدىن بىرىسىگە يىگىرمىنچى سۆزنىڭ ئىككىنچى ماقامىدا شۇنداق ئىشارەت قىلىنغانكى، ئەزرائىل ئەلەيھىسسالام جانابى ﷲقا مۇناجات قىلىپ دېگەن: «روھنىڭ قەبز قىلىنىش ۋەزىپىسىدە سېنىڭ قۇللىرىڭ مەندىن رەنجىيدۇ، شىكايەت قىلىدۇئۇنىڭغا جاۋابەن دېيىلگەن: «سېنىڭ ۋەزىپەڭگە كېسەللىكلەرنى ۋە بالامۇسىبەتلەرنى پەردە قىلىمەن، نەتىجىدە قۇللىرىمنىڭ شىكايەتلىرى ئۇلارغا كېتىدۇ، ساڭا كەلمەيدۇئەينەن بۇ پەردىلەرگە ئوخشاش، ئەزرائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەزىپىسىمۇ بىر پەردىدۇر. نەتىجىدە ھەقسىز شىكايەتلەر جانابى ﷲقا كەتمەيدۇ. چۈنكى ئۆلۈمدىكى ھىكمەت، رەھمەت، گۈزەللىك ۋە مەنپەئەت جەھەتىنى ھەر كىشى كۆرەلمەيدۇ. زاھىرغا (كۆرىنىشكە) قاراپ ئېتىراز قىلىدۇ، شىكايەتكە باشلايدۇ. مانا بۇ ھەقسىز شىكايەتلەر مۇتلەق مەرھەمەت ئىگىسى بولغان ﷲقا كەتمەسلىك ھىكمىتى بىلەن ئەزرائىل ئەلەيھىسسالام پەردە بولغان.

  دەل شۇنىڭغا ئوخشاش، پۈتۈن پەرىشتىلەرنىڭ، ھەتتا پۈتۈن سىرتقى سەۋەبلەرنىڭ ۋەزىپىلىرى رۇبۇبىيەت ئىززىتىنىڭ پەردىلىرىدۇر. نەتىجىدە گۈزەللىكلىرى كۆرۈنمىگەن ۋە ھىكمەتلىرى بىلىنمىگەن ئىشلاردا ئىلاھىي قۇدرەتنىڭ ئىززىتى، مۇقەددەسلىكى ۋە رەھمىتىنىڭ ھەممىنى قورشىغانلىقى قوغدىلىدۇ، ئېتىرازغا نىشان بولمايدۇ ۋە ئۇششاق، ئەھمىيەتسىز، مەرھەمەتسىز ئىشلار بىلەن قۇدرەتنىڭ ئالاقىسى سىرتقى نەزەردەكۆرۈنمەيدۇ. ئەكسىچە، ھېچبىر سەۋەبنىڭ ھەقىقىي تەسىرى ۋە ئىجاد قىلىشقا ھېچ قابىلىيىتى يوقلىقىنى ھەر نەرسىدە تەۋھىد تامغىلىرىنى قەتئىييەن كۆرسەتكىنىنى، رىسالەئى نۇر چەكسىز دەلىللەر بىلەن ئىسپات قىلغان. يارىتىش، ئىجاد قىلىش ئۇنىڭغا خاستۇر. سەۋەبلەر پەقەت بىر پەردىدۇر. پەرىشتىلەرگە ئوخشاش ئىدراك ئىگىلىرىنىڭ جۈزئىي ئىختىيارى بىلەن ئازغىنە، ئىجادسىز، كەسب (يۈزلىنىش) دېيىلگەن بىر تۈرلۈك فىترىي خىزمىتى ۋە ئىشھەرىكەت تۈرىدىكى بىر ئىبادەتتىن باشقا قوللىرىدا يوقتۇر.

  شۇنداق، ئىززەت ۋە ئەزەمەت (بۈيۈكلۈك)، سەۋەبلەرنىڭ ئەقىل نەزىرىدە قۇدرەت قولىنىڭ پەردىلىرى بولىشىنى خالايدۇ.

  تەۋھىد ۋە ئەھەدىيەت (بىرلىك)، سەۋەبلەرنىڭ ھەقىقىي تەسىر كۈچتىن قوللىرىنى تارتىشىنى خالايدۇ.

  دېمەك، خۇددى پەرىشتىلەر ۋە خەيرلىك، ۋۇجۇدىي (بارلىققا ئائىت) بولغان ئىشلاردا خىزمەت قىلدۇرۇلغان سىرتقى سەۋەبلەر، گۈزەللىكلىرى كۆرۈنمىگەن ۋە بىلىنمىگەن ئىشلاردا رەببانىي قۇدرەتنى قۇسۇرلۇق، زۇلۇمكار كۆرۈلۈپ قېلىشتىن قوغداپ ﷲنىڭ تەقدىس ۋە تەسبىھ قىلىنىشىدا (مۇقەددەس ۋە پاك كۆرۈلىشىدە) بىردىن ۋاستە بولغىنىدەك، شۇنىڭدەكلا: جىننىي، ئىنسىي شەيتانلارنىڭ ۋە زىيانلىق ماددىلارنىڭ يامان ۋە ئەدەمىي* ئىشلاردا قوللىنىشلىرىمۇ، يەنە ﷲنىڭ پاك قۇدرىتىنى زۇلۇمدىن، ھەقسىز ئېتىرازلاردىن ۋە شىكايەتلەرگە نىشان بولۇشتىن قۇتقۇزۇش بىلەن، ﷲنى تەسبىھ ۋە تەقدىسكە، كائىناتتىكى پۈتۈن قۇسۇرلاردىن خالى ۋە پاك دەپ كۆرۈلىشىگە خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈندۇر. چۈنكى پۈتۈن قۇسۇرلار ئەدەمدىن، قابىلىيەتسىزلىكتىن، بۇزۇشتىن ۋە ۋەزىپە قىلماسلىقتىن بولۇپ، ھەممىسى ئەدەمدۇرۋە ۋۇجۇدىي** بولمىغان ئەدەمىي پېئىللاردىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇ شەيتانىي ۋە زىيانلىق پەردىلەر ئۇ قۇسۇرلارغا مەنبە بولۇپ، ئېتىراز ۋە شىكايەتلەرنى لايىق ھالدا ئۆزىگە ئېلىپ جانابى ﷲنىڭ دائىم پاك قارىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. ھېلىمۇ يامان، ئەدەمىي ۋە بۇزغۇنچى ئىشلاردا قۇۋۋەت ۋە ئىقتىدار لازىم ئەمەس. ئاز بىر پېئىل (ھەرىكەت) ۋە جۈزئىي بىر قۇۋۋەت، ھەتتا ۋەزىپىسىنى قىلماسلىق بىلەن بەزىدە چوڭ ئەدەملەر ۋە بۇزۇشلار مەيدانغا كېلىدۇ. نەتىجىدە ئۇ يامان فائىللار (قىلغۇچىلار) ئىقتىدارلىق سانىلىپ قالىدۇ. ھالبۇكى ئەدەمدىن باشقا ھېچ تەسىرلىرى ۋە جۈزئىي بىر كەسبتىن سىرت بىر قۇۋۋەتلىرى يوقتۇر. بىراق ئۇ شەرلەر (يامانلىقلار) ئەدەمدىن كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ يامانلىق قىلغۇچىلار ھەقىقى فائىل بولغان ھېساپلىنىدۇ. ھەقلىق ھالدا، ئەگەر ئىدراك ئىگىسى بولسا جازاسىنى چېكىدۇ. دېمەك، گۇناھلاردا ئۇ يامانلىق قىلغۇچىلار فائىلدۇر. بىراق ياخشىلىقلار، خەيرلەر ۋە سالىھ ئەمەللەردە ۋۇجۇد (بارلىق) بولغانلىقتىن، ئۇ ياخشىلار ھەقىقىي فائىل ۋە تەسىر ئىگىسى ئەمەستۇر، بەلكى قوبۇل قىلغۇچىدۇر، ئىلاھىي فەيزنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە مۇكاپاتلىرىنىمۇ پەقەت ﷲنىڭ بىر پەزلىكەرەمىدۇر دەپ، قۇرئانى ھەكىم ﴿مَا اَصَابَكَ مِنْ حَسَنَةٍ فَمِنَ اللّهِ وَمَا اَصَابَكَ مِنْ سَيِّئَةٍ فَمِنْ نَفْسِكَ(نىسا:79) دەپ پەرمان قىلىدۇ.

  خۇلاسە: ۋۇجۇد كائىناتلىرى ۋە چەكسىز ئەدەم ئالەملىرى بىربىرى بىلەن ئېلىشىۋاتقان، جەننەت ۋە جەھەننەمدەك مېۋىلەرنى بىرىۋاتقان، پۈتۈن ۋۇجۇد ئالەملىرى «ئەلھەمدۇلىللاھ ئەلھەمدۇلىللاھ» ۋە پۈتۈن ئەدەم ئالەملىرى «سۇبھاناللاھ سۇبھاناللاھ» دەۋاتقان، ھەممىنى قورشىغان بىر مۇبارەزە (كۆرەش) قانۇنى بىلەن پەرىشتلەر شەيتانلارغا ۋە خەيرلەر يامانلىقلارغا، ھەتتا قەلبنىڭ ئەتراپىدىكى ئىلھام ۋەسۋەسىگە قارشى كۆرەش قىلىۋاتقان ۋاقىتتا، بىردىنلا پەرىشتىلەرگە ئىماننىڭ بۇ مېۋىسى جىلۋىلىنىدۇ، مەسىلىنى ھەل قىلىپ قاراڭغۇ كائىناتنى نۇرلاندۇرىدۇ. ﴿اَللّهُ نُورُ السَّموَاتِ وَاْلاَرْضِ(نۇر:35) ئايىتىنىڭ نۇرلىرىدىن بىر نۇرىنى بىزگە كۆرسىتىدۇ ۋە بۇ مېۋىنىڭ قانچىلىك تاتلىق ئىكەنلىكىنى تونۇتتۇرىدۇ.

  ئىككىنچى بىر كۇللىي مېۋىسىگە «يىگىرمە تۆتىنچى» ۋە «ئەلىف»لەر كارامىتىنى كۆرسەتكەن «يىگىرمە توققۇزىنچى سۆز»لەر ئىشارەت قىلىپ، پارلاق بىر سۈرەتتە پەرىشتىلەرنىڭ بارلىقىنى ۋە ۋەزىپىسىنى ئىسپات قىلغاندۇر. شۇنداق، كائىناتنىڭ ھەر تەرىپىدە جۈزئىي ۋە كۇللىي ھەر نەرسىدە، ھەر تۈردە ئۆزىنى تونۇتتۇرۇش ۋە سۆيدۈرۈش ئىچىدە مەرھەمەتكارانە بىر رۇبۇبىيەت دەبدەبىسى، ئەلۋەتتە ئۇ دەبدەبىگە، ئۇ مەرھەمەتكە، ئۇ تونۇتتۇرۇشقا ۋە ئۇ سۆيدۈرۈشكە قارىتا شۈكۈر ۋە تەقدىس ئىچىدە بىر كەڭرى، ھەممىنى قورشىغان ۋە ئىدراكلىق شەكىلدىكى بىر ئىبادەت بىلەن جاۋاب قايتۇرۇلۇشنى قەتئىي خالايدۇ. ئىدراكسىز جانسىزلار ۋە كائىناتنىڭ ئاساسىي مەۋجۇداتلىرى ھېسابىغا ئۇ ۋەزىپىنى پەقەتلا پەرىشتىلەر ئورۇندىيالايدۇ، ئۇ رۇبۇبىيەت سەلتەنىتىنىڭ ھەر تەرەپتە، يەرشارىدىكى ۋە سۇرەييا يۇلتۇزلىرىدىكى، زېمىننىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھىكمەتلىك ۋە دەبدەبىلىك ئىجرائىيەتلەرنى ئۇلار مۇئەككەللىك قىلىپ كۆرسىتەلەيدۇ.

  مەسىلەن، پەلسەپىنىڭ روھسىز قانۇنلىرى ناھايىتى قاراڭغۇ ۋە قورقۇنچلۇق كۆرسەتكەن زېمىننىڭ يارىتىلىشى ۋە فىترىي (تەبىئىي) ۋەزىيەتلىرى، بۇ مېۋە ئارقىلىق نۇرلۇق، ئۈلپەتكارانە بىر تەرزدە شۇنداق چۈشىنىلىدۇ: زېمىننىڭ «سەۋر» ۋە «ھۇت» نامىدىكى ئىككى پەرىشتىنىڭ مۈرىلىرىدە، يەنى نازارەتلىرىدە ئىكەنلىكى، شۇنداقلا جەننەتتىن كەلتۈرۈلگەن، فانىي يەر شارىنىڭ باقىي بىر ئۇل تېشى بولۇشى، يەنى كەلگۈسىدە باقىي جەننەتكە بىر قىسمىنى يۆتكەشكە بىر ئىشارەت بولۇشى ئۈچۈن، «سەخرەت» نامىدىكى ئاخىرەتكە ئائىت بىر ماددا ۋە بىر ھەقىقەت ئەۋەتىلىپ، سەۋر ۋە ھۇت پەرىشتىلىرىگە بىر تايانچ نۇقتىسى قىلىنغانلىقى توغرىسىدا بەنى ئىسرائىلنىڭ بۇرۇنقى پەيغەمبەرلىرىدىن رىۋايەت بار ۋە ئىبنى ئابباستىنمۇ رىۋايەت قىلىنغاندۇر. تولىمۇ ئەپسۇس، بۇ مۇقەددەس مەنە يوشۇرۇنۇپ زاماننىڭ ئۆتىشى بىلەن، ئۇ ئوخشىتىش ئاۋامنىڭ نەزىرىدە ھەقىقەت دەپ قارىلىپ قېلىپ، ئەقىل دائىرىسىنىڭ سىرتىدا بىر سۈرەت ئېلىپ قالغان. مادەم پەرىشتىلەر ھاۋادا كەزگىنىدەك تۇپراقتا، تاشتا ۋە يەرنىڭ مەركىزىدىمۇ كېزىدۇ. ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ۋە يەر شارىنىڭ، ئۈستىدە تۇرۇش ئۈچۈن جىسمانىي تاشقا، بېلىق ۋە ئۆكۈزگە ئېھتىياجى يوقتۇر.

  ھەم مەسىلەن، يەر شارى، يەر شارىدىكى تۈرلەر سانىچە باشلار، ئۇ تۈرلەرنىڭ شەخسلىرى سانىچە تىللار، ئۇ شەخسلەرنىڭ ئەزا، يوپۇرماق ۋە مېۋىلىرى مىقدارىچە تەسبىھاتلارنى قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئەلۋەتتە ئۇ دەبدەبىلىك ۋە ئىدراكسىز بولغان فىترىي ئىبادەتنى بىلىپ تۇرۇپ، ئىدراكلىق شەكىلدە كۆرسىتىپ ﷲنىڭ دەرگاھىغا تەقدىم قىلىش ئۈچۈن قىرىق مىڭ باشلىق، ھەر بېشى قېرىق مىڭ تىل بىلەن ۋە ھەربىر تىلىدا قىرىق مىڭ تەسبىھات قىلىدىغان بىر مۇئەككەل پەرىشتە لازىمكى، سادىق خەۋەرچى (پەيغەمبىرىمىز) دەل ئەمەلىيەت بولغان بۇ ھەقىقەتنى خەۋەر بەرگەن. كائىناتنىڭ يارىتىلىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم نەتىجىسى بولغان ئىنسانلار بىلەن ﷲ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەبلىغ ۋە ئىزھار قىلغان جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام، جانلىقلار ئالىمىدە ئەڭ ھەشەمەتلىك ۋە ئەڭ دەھشەتلىك بولغان تىرىلدۈرۈش، ھايات بېرىش ۋە ئۆلۈم بىلەن ئارامغا چىقىرىشتىكى خالىققا (ياراتقۇچىغا) مەخسۇس بولغان ئىلاھىي ئىجرائىيەتنى يالغۇز تەمسىل (مۇئەككەللىك) قىلىپ، ئىبادەت شەكلىدە نازارەت قىلغان ئىسرافىل ئەلەيھىسسالام ۋە ئەزرائىل ئەلەيھىسسالام، ھەمدە ھايات دائىرىسىدە رەھمەتنىڭ ئەڭ مۇجەسسەم، ئەڭ كەڭرى ۋە ئەڭ لەززەتلىكى بولغان رىزىقتىكى رەھمانىي ئېھسانلارغا نازارەت قىلىش بىلەن بىللە، ئىدراكسىز شۈكۈرلەرنى ئىدراك بىلەن كۆرسەتكەن مىكائىل ئەلەيھىسسالامدەك پەرىشتىلەرنىڭ بەكمۇ ئاجايىپ ماھىيەتلىرى بىلەن بولىشى، مەۋجۇدىيەتلىرى ۋە پۈتۈن روھلارنىڭ باقىيلىقى رۇبۇبىيەت سەلتەنىتىنىڭ ۋە دەبدەبىسىنىڭ تەقەززاسىدۇر. ئۇلارنىڭ ۋە ھەر بىرىنىڭ مەخسۇس تائىپىلىرىنىڭ بارلىقى، كائىناتتا قۇياش كەبى كۆرۈنگەن سەلتەنەت ۋە دەبدەبىنىڭ بارلىقى دەرىجىسىدە قەتئىيدۇر ۋە شۈبھىسىزدۇر. پەرىشتىلەرگە ئائىت باشقا تېمىلار بۇلارغا قىياس قىلىنسا بولىدۇ.

  شۇنداق، يەر شارىدا تۆت يۈز مىڭ خىل تۈرلەرنى ھايات ئىگىلىرىدىن قىلىپ ياراتقان، ھەتتا ئەڭ ئاددى ۋە سېسىق ماددىلاردىن روھ ئىگىلىرىنى كۆپلەپ ئىجاد قىلغان، ھەر تەرەپنى ئۇلار بىلەن جانلاندۇرغان، سەنئەت مۆجىزىلىرىگە قارىتا ئۇلارغا تىللىرى بىلەن «ماشائاللاھ، بارەكەللاھ، سۇبھاناللاھ» دېگۈزگەن، ھەمدە رەھمەت ئېھسانلىرىغا قارىتا «ئەلھەمدۇلىللاھ، ﷲقا شۈكۈر، ﷲ ئەكبەر»لەرنى ئۇ كىچىك جانىۋارلارغا سۆزلەتكۈزگەن بىر چەكسىز جامال (گۈزەللىك) ۋە جالال (ھەيۋەت) ئىگىسى بولغان قادىر زات، ئەلۋەتتە ۋە شەكشۈبھىسىز چوڭ ئاسمانلارغا لايىق، ئىسيانسىز ۋە دائىملىق ئىبادەتتە بولغان ئاھالە ۋە روھانىيلارنى ياراتقان، ئۇ ئاسمانلارنى جانلاندۇرغان، بوش قويمىغان. ھايۋاناتلارنىڭ تائىپىلىرىدىنمۇ خېلىلا كۆپ بولغان باشقاباشقا تۈرلەرنى پەرىشتىلەردىن ئىجاد قىلغانكى، بىر قىسمى كىچىككىنە بولۇپ يامغۇر ۋە قار قەترىلىرىگە مىنىپ ئىلاھىي سەنئەت ۋە رەھمەتنى ئۆز تىللىرى بىلەن ئالقىشلايدۇ. بىر قىسمى بىردىن ھەرىكەتچان يۇلتۇزلارغا مىنىپ كائىنات بوشلىقىدا ساياھەت قىلغاچ رۇبۇبىيەتنىڭ ئەزەمىتى، ئىززىتى ۋە تەنتەنىسىگە قارىتا تەكبىر ۋە تەھلىل بىلەن ئىبادەتلىرىنى ئالەمگە ئېلان قىلىدۇ. شۇنداق، ئادەم ئەلەيھىسسالام زامانىدىن بېرى پۈتۈن ساماۋىي كىتابلار ۋە دىنلارنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ بارلىقى ۋە ئىبادەتلىرى بويىچە ئورتاق پىكىردە بولۇشلىرى؛ پۈتۈن ئەسىرلەردە پەرىشتىلەر بىلەن بولغان سۆزلىشىشلەر ۋە ئالاقىلارنىڭ، كۆپلىگەن تەۋاتۇر بىلەن ئىنسانلار ئىچىدە يۈز بەرگەنلىكىنىڭ نەقىل ۋە رىۋايەت قىلىنىشلىرى بولسا، بىز كۆرمىگەن ئامېرىكا ئىنسانلىرىنىڭ بارلىقىدەكلا، پەرىشتىلەرنىڭ بارلىقلىرىنى ۋە بىز بىلەن ئالاقىدار ئىكەنلىكىنى قەتئىييەن ئىسپات قىلىدۇ.

  مانا، ئەمدى كەل، ئىمان نۇرى بىلەن بۇ كۇللىي بولغان ئىككىنچى مېۋىگە قارا، ئىماننىڭ كائىناتنى باشتىن ئاياغقىچە قانداق شەكىلدە جانلاندۇرۇپ ۋە گۈزەللەشتۈرۈپ، بەكمۇ چوڭ بىر مەسچىت ۋە بۈيۈك بىر ئىبادەتخانىغا ئۆزگەرتىۋاتقانلىقىنى كۆرگىن. پەن ۋە پەلسەپىنىڭ سوغۇق، ھاياتسىز، زۇلمەتلىك ۋە دەھشەتلىك كۆرسىتىشلىرىگە قارشى ھاياتدار، ئىدراكلىق، نۇرلۇق، دوستانە ۋە تاتلىق بىر كائىنات كۆرسىتىپ، باقىي ھايات لەززىتىنىڭ بىر جىلۋىسىنى ئەھلى ئىمانغا دەرىجىسىگە قارىتا دۇنيادىمۇ تېتىتقۇزىۋاتقانلىقىنى تېتىغىن.

  خاتىمە: خۇددى ۋەھدەت ۋە ئەھەدىيەت (بىرلىك) سىرى ئارقىلىق، كائىناتنىڭ ھەر تەرىپىدە ئوخشاش قۇدرەت، ئوخشاش ئىسىم، ئوخشاش ھىكمەت ۋە ئوخشاش سەنئەتنىڭ بولىشى بىلەن، خالىقنىڭ بىرلىكى، تەسەررۇپى، ئىجادىيىتى، رۇبۇبىيىتى، ياراتقۇچىلىقى ۋە مۇقەددەسلىكى جۈزئىيكۇللىي ھەربىر سەنئەت ئەسىرىنىڭ ئەھۋال تىلى بىلەن ئېلان قىلىنغىنىدەك، شۇنىڭدەكلا ھەر تەرەپتە پەرىشتىلەرنى يارىتىپ، ھەر مەخلۇقنىڭ ھال تىلى بىلەن ئىدراكسىز قىلغان تەسبىھاتىنى پەرىشتىلەرنىڭ ئىبادەت خاراكتېرلىق تىللىرى بىلەن قىلدۇرىدۇ. پەرىشتىلەرنىڭ ھېچبىر جەھەتتە ئەمىرگە خىلاپ بولغان ھەرىكەتلىرى يوقتۇر. خالىس بىر قۇللۇقتىن باشقا ئىجاد جەھەتتىكى ھېچبىر تەسىرى ۋە ئەمىرسىز ھېچبىر ئارىلىشىشى، ھەتتا رۇخسەتسىز شاپائەتلىرىمۇ بولمايدۇ. دەل ﴿بَلْ عِبَادٌ مُكْرَمُونَ(ئەنبىيا:26) ﴿وَ يَفْعَلُونَ مَا يُؤْمَرُونَ(تەھرىم:6) سىرىنى كۆرسىتىدۇ.

خاتىمە

  (ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر مۆجىزە نۇكتەسىگە دائىر بىردىنلا، ئىختىيارسىز، شامدىن كېيىن قەلبكە ئەسكەرتىلگەن ۋە ﴿قُلْ اَعُوذُ بِرَبِّ الْفَلَقِ نىڭ زاھىر بولغان بىر غەيبىي مۆجىزىسىنى كۆرسەتكەن ئۇزۇن بىر ھەقىقەتكە قىسقا بىر ئىشارەتتۇر.)

————————————————-

*ئەدەمىي: يوقلۇققا ئائىت؛ ئەدەم: يوقلۇق، بولماسلىق. «-سىز»دەك بولۇشسىزلىقلار.-ت

**ۋۇجۇدى: بارلىققا دائىر، بار بولغان نەرسە بىلەن ئالاقىدار –ت.

***تەكبىر ۋە تەھلىل: تەكبىر: «ئاللاھۇ ئەكبەر» دېيىش؛ تەھلىل: «لائىلاھە ئىللەللاھ»نى قايتاقايتا زىكىر قىلىشت.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.