نۇرۇز بايرىمى كىمدىن قالغان بايرام؟

نۇرۇز بايرىمى كىمدىن قالغان بايرام؟

 

نۇرۇزنىڭ قىسقىچە تارىخى قانداق؟ بۇ بايرام كىملەردىن قېلىپ قالغان؟

  نۇرۇزنىڭ قىسقا تارىخى بولسا تۆۋەندىكىچە:

  نۇرۇزنىڭ ئەسلى ئىسمى نەۋرۇز بولۇپ، بۇرۇن ئىنسانلار، جاھىلىيەت دەۋىرىدە قوياشقا چوقىناتتى. قوياش قايتىقان ۋاقىتتا يەنى ياز ئايلىرى تۈگەپ كۈز مەۋسىمىنىڭ دەسلەپكى ئېيى بولغان سىنتەبىر ئېيى كەلگەندە كۈندۈزلەر قىسقىراپ كىچىلەر ئۇزىرىغان ۋاقىتتامەھرىجانئىسمى بىلەن بىر بايرام ئۆتكۈزىشەتتى. قوياش قايىتتى، ئۇنىڭ ۋەكىلى بولغان ئاتەش دەۋرى باشلاندى دىيىشەتتى. مارىت ئېيىدا، كىچىلەر قىسقىراپ كۈندۈزلەر ئۇزىراشقا باشلىغاچقا قوياشقا چوقۇنىشاتتى. ئەمما ئاساس مەئبۇدىچوقۇنغۇچىسى قوياشتى. ئاتەشكە قۇياشنىڭ ۋەكىلى بولغاچقا چوقىنىۋالاتتى. مانا بۇ سەۋەپ تۈپەيلىدىن مارىت ئېيى بىلەن باشلانغان باھار مەۋسىمىدە ئۆتكۈزدىغان بۇ بايرامنى ’نورۇز‘ دەپ ئاتىشىۋالغانكەن.

  دېمەك، بۇ تارىخى بىر ھادىسىدۇر، يەنى كۈنلەرنىڭ ئالمىشىش تارىخىدۇر. جاھىلىيەت دەۋىرىدە بۇ بايرامنى تەبرىكلىشەتتى. ھەر قانداق بىر قەۋىمنىڭ، ئاشىرەتنىڭ ئۆرىپئادىتى ئەمەستى. پەقەتلا ئەسلىنى سۈرۈشتە قىلساق، بۇنىڭ دەسلەپكى چىقىش يېرى فارىس(سانسانىيە ئىمپىراتورلىقى)دۆلىتىدۇر. بۇ بايرام ئۇلاردىن قالغان.

 

غەيرەت ۋە تىرشچانلىق بىزدىن ياردەم ۋە مۇۋاپىقىيەت ئاللاھتىن.

 


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.