نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئەھمىيەتسىز ئىنسانلارنىڭ ئەھمىيەتسىز ئەمەللىرى ۋە شەخسىي گۇناھلىرى كائىناتنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئەھمىيەتسىز ئىنسانلارنىڭ ئەھمىيەتسىز ئەمەللىرى ۋە شەخسىي گۇناھلىرى كائىناتنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدۇ؟

  ئون بىرىنچى ئىشارەت: قۇرئانى ھەكىم ئەھلى زالالەتنىڭ شەررىدىن كائىناتنىڭ ئاچچىقلىنىدىغانلىقىنى ۋە پۈتكۈل ئۇنسۇرلارنىڭ(ماددى ئامىللارنىڭ) غەزەپكە كېلىدىغانلىقىنى، ھەمدە ئومۇم مەۋجۇداتنىڭ ئۇلارغا قارشى غەلىيان كۆتىرىدىغانلىقىنى مۆجىزانە ئىپادە قىلىدۇ. يەنى، نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىنىڭ بېشىغا كەلگەن توپان بىلەن ساماۋات ۋە زېمىننىڭ ھۇجۇمىنى، سەمۇد ۋە ئاد قەۋمىنىڭ ئىنكارىدىن ھاۋا ئۇنسۇرىنىڭ غەزىپىنى ۋە فىرئەۋىن قەۋمىگە قارشى سۇ ئۇنسۇرىنىڭ ۋە دېڭىزنىڭ غەلىيانىنى ۋە قارۇنغا قارشى تۇپراق ئۇنسۇرىنىڭ ئاچچىغىنى، ھەمدە كۇفۇر ئەھلىگە قارشى ئاخىرەتتە ﴿تَكَادُ تَمَيَّزُ مِنَ الْغَيْظِ﴾(مۈلك:8) سىررى بىلەن جەھەننەمنىڭ غەزىپىنى ۋە ئاچچىقىنى، شۇنداقلا باشقا مەۋجۇداتنىڭ ئەھلى كۇفۇر ۋە زالالەتكە قارشى قەھرىنى كۆرسىتىپ، ئىلان قىلىش ئارقىلىق غايەت مۇدھىش ۋە مۆجىزىكار بىر شەكىلدە زالالەت ۋە ئىسيان ئەھلىگە ھەيۋىتىنى كۆرسىتىدۇ.

  سوئال: نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئەھمىيەتسىز ئىنسانلارنىڭ ئەھمىيەتسىز ئەمەللىرى ۋە شەخسىي گۇناھلىرى كائىناتنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدۇ؟

  جاۋاب: بەزى رىسالىلەردە ۋە يۇقىرىدىكى ئىشارەتلەردە ئىسپات قىلىنغىنىدەك، كۇفۇر ۋە زالالەت مۇدھىش بىر دەخلىتەرۇزدۇر ۋە پۈتكۈل مەۋجۇداتنى ئالاقىدار قىلىدىغان بىر جىنايەتتۇر. چۈنكى، ئالەمنىڭ يارىتىلىشىنىڭ بۈيۈك بىر نەتىجىسى ئىنساننىڭ ئىبادىتىدۇر ۋە ﷲنىڭ رۇبۇبىيىتىگە قارىتا ئىمان ۋە ئىتائەت بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇشتۇر. ھالبۇكى، كۇفۇر ۋە زالالەت ئەھلى بولسا، كۇفۇردىكى ئىنكارى بىلەن مەۋجۇداتنىڭ بار بولۇش غايىلىرى ۋە باقىيلىق قازىنىش سەۋەبلىرى بولغان ئۇ بۈيۈك نەتىجىلەرنى رەت قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، (بۇ رەت) پۈتكۈل مەخلۇقاتنىڭ ھوقۇقىغا بىر تۈرلۈك دەخلىتەرۇز بولغىنىدەك، پۈتۈن سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ ئەينەكلىرىدە جىلۋىلىرى كۆرۈنىۋاتقان ۋە سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ قىممەتلىرىنى ئەينەكدارلىقلىرى ئارقىلىق ئالىي قىلغان ﷲنىڭ ئىسىملىرىنىڭ جىلۋىلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، (بۇ ئىنكار) ئۇ مۇقەددەس ئىسىملارغا قارشى ھاقارەتتۇر. ھەمدە پۈتۈن سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ قىممەتلىرىنى چۈشۈرۈش بىلەن ئۇ سەنئەت ئەسەرلىرىگە قارشى بۈيۈك بىر كەمسىتىشتۇر. شۇنداقلا ئومۇم مەۋجۇداتنىڭ ھەربىرى بىردىن ئالىي ۋەزىپە بىلەن ۋەزىپىلەندۈرۈلگەن رەببانىي خىزمەتچىلەر دەرىجىسىدە بولسىمۇ، كۇفۇر ۋاستىسى بىلەن پەس كۆرۈپ، جانسىز، فانىي، مەنىسىز بىر مەخلۇق مەرتىۋىسىدە كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن پۈتۈن مەخلۇقاتنىڭ ھۇقۇقىغا قارشى بىر خىل ھاقارەتتۇر.

  مانا بۇ ھەر خىل زالالەتلەر ئۆز دەرىجىلىرىگە قارىتا ئازدۇركۆپتۇر كائىناتنىڭ يارىتىلىشىدىكى ﷲنىڭ ھىكمەتلىرىگە ۋە دۇنيانىڭ داۋاملىشىشىدىكى سۇبھانىي مەقسەتلەرگە زەرەر(زىيان) بەرگەنلىكى ئۈچۈن، ئىسيان ئەھلىگە ۋە زالالەت ئەھلىگە قارشى كائىنات غەزەپكە كېلىدۇ، مەخلۇقات ئاچچىقلىنىدۇ.

  ئەي ۋۇجۇدى ۋە جىسمى كىچىك، گۇناھى ۋە زۇلمى ئېغىر، ئەيب ۋە قاباھىتى چوڭ بولغان بىچارە ئىنسان! كائىناتنىڭ غەزىپىدىن، مەخلۇقاتنىڭ نەپرىتىدىن، مەۋجۇداتنىڭ ئاچچىقىدىن قۇتۇلۇشنى خالىساڭ، قۇتۇلۇشنىڭ چارىسى: قۇرئانى ھەكىمنىڭ مۇقەددەس دائىرىسىگە كىرىش ۋە قۇرئاننىڭ تەبلىغچىسى بولغان رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ سۈننەتى سەنىييەسىگە ئەگىشىشتۇر. كىر ۋە ئەگەش!


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.