ئىماننىڭ گۈزەللىكى – ئىمان ۋە ئىنسان

ئىماننىڭ گۈزەللىكى – ئىمان ۋە ئىنسان

يىگىرمە ئۈچىنچى سۆز

(شۇ سۆز ئىككى قىسىمدۇر)

بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ

لَقَدْ خَلَقْنَا اْلاِنْسَانَ فِى اَحْسَنِ تَقْوِيمٍ ثُمَّ رَدَدْنَاهُ اَسْفَلَ سَافِلِينَ اِلاَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَ عَمِلُوا الصَّالِحَاتِ

بىز ئىنساننى شەك ـ شۈبھىسىز ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە ياراتتۇق [4]. ئاندىن ئۇنى (چىرايلىق ياراتقانلىق نېمىتىمىزگە شۈكۈر قىلماي ئاسىيلىق قىلغانلىقتىن) دوزاخقا قايتۇردۇق [5]. پەقەت ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. بۇلارغا ئۈزۈلمەس ساۋاب بېرىلىدۇ [6]

(سۈرە تىن95: 4-6)

بىرىنچى قىسىم

ئىماننىڭ مىڭلارچە خاسىيەتلىرىدىن پەقەت بەشىنى «بەش نۇقتا» ئىچىدە بايان قىلىمىز.

بىرىنچى نۇقتا:

  ئىنسان ئىمان نۇرى ئارقىلىق ئالايى ئىللىييىنگە* چىقىدۇ، جەننەتكە لايىق بىر قىممەتكە ئىگە بولىدۇ. كۇفۇر قاراڭغۇلىقى ئارقىلىق بولسا ئەسفەلى سافىلىنگە**چۈشىدۇ، جەھەننەملىك بولىدىغان بىر ھالەتنى شەكىللەندۈرىدۇ. چۈنكى ئىمان ئىنساننى سەنئەتكارى بولغان ياراتقۇچىسىغا باغلايدۇ. ئىمان بىر باغدۇر. ئۇنداقتا، ئىنسان ئىمان ئارقىلىق ئىنساندا كۆرۈنگەن ئىلاھىي سەنئەت ۋە رەببانىي*** ئىسىملارنىڭ نەقىشلىرىنى قانچىلىك ئىپادىلەش ئېتىبارى بويىچە بىر قىممەتكە ئىگە بولىدۇ. كۇفۇر ئۇ باغنى كېسىدۇ. شۇڭا رەببانىي سەنئەت يوشۇرىنىدۇ. قىممىتىمۇ پەقەتلا ماددىسى ئېتىبارى بويىچە بولىدۇ. ماددى ھايات بولسا، ھەم فانىي، ھەم يوقىلىشقا يۈزلەنگەن، ھەم ۋاقىتلىق بىر ھايۋانىي ھايات بولغانلىقتىن ھېچبىر قەدىرقىممىتى يوقتۇر.

  بۇ سىرنى بىر مىسال بىلەن بايان قىلىمىز. مەسىلەن، ئىنسانلارنىڭ سەنئەت ئەسەرلىرى ئىچىدە ماددىنىڭ قىممىتى بىلەن سەنئەتنىڭ قىممىتى باشقاباشقا بولىدۇ. بەزىدە تەڭ قىممەت ئالسا، بەزىدە ماددا قىممەترەك ۋە بەزىدە بولسا بەش تىيىنلىق بىر ماددىدا بەش سوملۇق بىر سەنئەت كۆرىنىدۇ. ھەتتا بەزىدە ئىنتايىن ئېسىل بىر سەنئەتنىڭ بىر مىليون قىممىتى بولۇپ، ماددىسى بەش تىيىنمۇ بولالمايدۇ.

  ئەنە شۇنداق بىر قەدىمىي سەنئەت ئەسىرى، ئاسارەئەتىقە سودىگەرلىرى بازىرىغا ئېلىپ بېرىلسا، ھەيران قالارلىق ئىجادىيەتلەرنى قىلغان مەشھۇر ۋە ئۇستا ھۈنەرۋىنىگە باغلاپ، ئۇ ھۈنەرۋەننىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنىپ كۆرگەزمە قىلىنسا بىر مىليون نەرق بىلەن سېتىلىدۇ. ئەگەر ئۇ ئېسىل ئەسەر ئاددى تۆمۈرچىلەر بازىرىغا ئېلىپ بېرىلسا بەش تىيىنلىق بىر تۆمۈر باھاسىغا ئېلىنىشى مۇمكىن.

  ئىنسانمۇ جانابى ﷲنىڭ شۇنداق بىر ئېسىل سەنئەت ئەسىرىدۇر. ھەمدە ئەڭ نازۇك ۋە ئىنچىكە بىر قۇدرەت مۆجىزىسىدۇركى، ئىنساننى پۈتۈن ئىسىملىرىنىڭ جىلۋىلىرىگە ئىگە، نەقىشلىرىگە مەركەز ۋە كائىناتقا بىر كىچىك مىسال بولىدىغان بىر شەكىلدە ياراتقاندۇر.

  ئەگەر ئىمان نۇرى ئىچىگە كىرسە، ئۈستىدىكى بارلىق مەنىدار نەقىشلەر ئۇ يورۇقلۇق بىلەن ئوقۇلىدۇ. ئۇ مۆئمىن ئەقلى بىلەن ئوقۇيدۇ ۋە ئۇ باغلىنىش بىلەن ئوقۇتىدۇ. يەنى «سانىئى زۇلجالال**** بولغان ﷲنىڭ سەنئەت ئەسىرىمەن، مەخلۇقىمەن. رەھمەت ۋە ئىنايىتىنى كۆرسەتكەن بىر ئەينەكمەن» دېگەندەك مەنىلەر بىلەن ئىنساندىكى رەببانىي سەنئەت ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. دېمەك، سەنئەتكار بولغان ﷲقا باغلىنىشتىن ئىبارەت بولغان ئىمان، ئىنساندىكى بارلىق سەنئەت ئەسىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئىنساننىڭ قىممىتى ئۆزىدىكى ئۇ رەببانىي سەنئەتكە قارىتا بولىدۇ، ھەمدە ئىلاھىي ئەينەك ئېتىبارى بويىچە بولىدۇ. ئۇ ھالدا شۇ ئەھمىيەتسىز بولغان ئىنسان شۇ ئېتىبارى بىلەن پۈتۈن مەخلۇقات ئۈستىدە بىر ئىلاھىي مۇخاتاپ ۋە جەننەتكە لايىق بىر (ﷲنىڭ) مېھمىنى بولىدۇ.

  ئەگەر ئۇ باغلىنىشنىڭ كېسىلىشىدىن ئىبارەت بولغان كۇفۇر ئىنساننىڭ ئىچىگە كىرسە، ئۇ ۋاقىت بارلىق ئۇ ئىلاھىي ئىسىملارنىڭ مەنىدار نەقىشلىرى قاراڭغۇلۇققا چۈشىدۇ، ئوقۇلمايدۇ. چۈنكى سەنئەتكارى ئۇنۇتۇلسا، سەنئەتكارىغا قارىغان مەنىۋى جەھەتلەرمۇ چۈشىنىلمەيدۇ. پۈتۈنلەي ئەكسىچە مەنە بېرىش بىلەن بىرگە، ئۇ مەنىدار ئالى سەنئەتلەرنىڭ ۋە مەنىۋى ئالى نەقىشلەرنىڭ كۆپىنچىسى يوشۇرىنىدۇ. قالغان كۆز بىلەن كۆرۈنگەن بىر قىسمى بولسا مەنىسىز سەۋەبلەردىن، تەبىئەت ۋە تاسادىپىيلىقتىن دەپ بىلىنىپ، چەكسىز دەرىجىدە قىممىتىنى يوقىتىدۇ. ئەسلىدە ھەربىرى پارلاق ئالماس قىممىتىدە بولسىمۇ، غۇۋا بىر شىشە پارچىسى دەرىجىسىگە چۈشىدۇ. ئەھمىيىتى پەقەت ھايۋانىي ماددىسىغا قارىتا بولىدۇ. ماددى (ھايات)نىڭ غايىسى ۋە مېۋىسى بولسا، دېگىنىمىزدەك، قىسقا بىر ئۆمۈردە جانلىقلارنىڭ ئەڭ ئاجىزى، ئېھتىياجى ئەڭ زىيادىسى ۋە دەرتئەلىمى ئەڭ كۆپى بولۇش بىلەن بىللە، پەقەت ئازغىنە بىر ھايات كەچۈرۈشتۇر. كېيىن چىرىپ تۈگەيدۇ. دېمەك، كۇفۇر ئىنسان ماھىيىتىنى شۇنداق يىقىتىدۇ. ئالماستىن كۆمۈرگە ئايلاندۇرىدۇ.


ئالايى ئىللىييىن: ﷲنىڭ نەزىرىدە ئەڭ كامىل ئىنسانلارنىڭ دەرىجىسى، ئەڭ يۇقىرى دەرىجە. يۇقىرىنىڭ يۇقىرىسى؛ *

ئەسفەلى سافىلىن: ئەڭ تۆۋەن دەرىجە، پەسلەرنىڭ ئەڭ پېسى؛ **

رەببانىي: ﷲ نىڭ «رەب»(پەرۋەردىگار) ئىسمىغا ئائىت؛ ***

 سانىئى زۇلجالال: چەكسىز ھەيۋەت ئىگىسى ۋە مۇقەددەس سەنئەتكار بولغان ﷲ.-ت ****


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.