ھىيلە-مىكىرلىك ئەخمىقانە بىر سوئال

ھىيلە-مىكىرلىك ئەخمىقانە بىر سوئال

ئۈچىنچى ئىشارەت: ھىيلەمىكىرلىك ئەخمىقانە بىر سوئال:

  بىر قىسىم ئەھلى ھۆكۈمەت دېيىشىدۇكى: مادەم سەن بۇ مەملىكەتتە تۇرىۋاتىسەن. بۇ مەملىكەتنىڭ جۇمھۇرىيەت قانۇنلىرىغا بويسۇنۇش لازىم تۇرسا، سەن نېمە ئۈچۈن «ئۆزىنى يالغۇزلۇق ئىچىگە تارتىش» پەردىسى ئاستىدا ئۇ قانۇنلاردىن ئۆزۈڭنى قاچۇرىسەن. جۈملىدىن: ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنى بويىچە ۋەزىپە سىرتىدا بىر پەزىلەت ۋە ئارتۇقچىلىقنى ئۆزىدە كۆرسىتىپ، ئۇ ئارقىلىق بىر قىسىم خەلققە ھۆكۈم يۈرگۈزۈپ نوپۇزىنى ئىجرا قىلىش «باراۋەرلىك» ئاساسىغا تايانغان جۇمھۇرىيەتنىڭ دەستۇرىغا خىلاپتۇر. سەن نېمىشقا ۋەزىپىسىز تۇرۇقلۇق قولۇڭنى سۆيدۈرىسەن (باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىنى قوبۇل قىلىسەن)؟ خەلق مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلىسۇن، دەپ ھاكاۋۇرلارچە بىر ۋەزىيەت ئېلىپ يۈرىسەن؟

  جاۋاب: قانۇننى تەدبىق قىلغانلار ئەڭ ئاۋۋال ئۆزلىرىگە تەدبىق قىلغاندىن كېيىن باشقىلارغا تەدبىق قىلسا بولىدۇ. سىلەر ئۆزۈڭلارغا تەدبىق قىلمىغان بىر دەستۇرنى باشقىلارغا تەدبىق قىلىش ئارقىلىق ھەممىدىن بۇرۇن ئۆزۈڭلار ئۆز دەستۇرىڭلارنى ۋە قانۇنىڭلارنى بۇزىۋاتىسىلەر، قارشى چىقىۋاتىسىلەر. چۈنكى بۇ مۇتلەق باراۋەرلىك قانۇنىنىڭ ماڭا تەدبىق قىلىنىلىشىنى خالاۋاتىسىلەر. مەنمۇ دەيمەنكى، قاچانكى بىر ئەسكەر، ئەسكەر تۇرۇقلۇق بىر گېنىرالنىڭ ئىجتىمائىي مەرتىۋىسىگە چىقالىسا ۋە خەلقنىڭ ئۇ گېنىرالغا كۆرسەتكەن ھۆرمەتتىن ۋە يۈزلىنىشتىن ئۇمۇ ھەسسىدار بولسا ۋە ئۇ گېنىرالدەك ئۇ يۈزلىنىش ۋە ھۆرمەتكە ئىگە بولسا؛ ۋەياكى ئۇ گېنىرال ئۇ ئەسكەردەكلا ئاددىيلاشسا ۋە ئۇ ئەسكەرنىڭ تۆۋەن ھالەتلىرىنى ئېلىپ يۈرسە، ھەمدە ئۇ گېنىرالنىڭ ۋەزىپە سىرتىدا ھېچبىر ئەھمىيىتى قالمىسا؛ ۋەياكى ناھايىتى زېرەك ۋە بىر ئارمىيەنىڭ غالىبىيىتىگە سەۋەب بولغان بىر ھەربىي رەئىس، ئەڭ گالۋاڭ بىر ئەسكەر بىلەن باشقىلارنىڭ يۈزلىنىش، ھۆرمەت ۋە مۇھەببەتلىرىنى قازىنىشتا باراۋەر بولسا، ئۇ ۋاقىت سىلەرنىڭ بۇ باراۋەرلىك قانۇنىڭلارنىڭ ھۆكۈمى بويىچە ماڭا: «ئۆزۈڭنى ئىلىم ئىگىسى دېمە! ھۆرمەتنى قوبۇل قىلما! پەزىلىتىڭنى ئىنكار قىل! خىزمەتكارىڭغا خىزمەت قىل! تىلەمچىلەرگە ھەمرا بولدېسەڭلار بولىدۇ.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.