ھەرگىز كۆرىنشكە ئالدانماڭ

ھەرگىز كۆرىنشكە ئالدانماڭ

كاپىرلار كۆرىنىشتە كۈچلۈك كۆرۈنگەندەك قىلسىمۇ، قۇرئاننىڭ نەزىرىدە ۋە ھەقىقەتتەكۈچى يوقتۇر!

  شۇنداق، پۈتۈن كاپىرلار، ھەر ئەسىردە خۇسۇسەن ئەسىرىمىزدە، ماددى ۋە مەنىۋى پۈتۈن ئىمكانلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئىمان ۋە قۇرئان نۇرىنى ئۆچۈرۈشكە تىرىشىۋاتىدۇ. كۆرىنىشتە كۈچلۈكتەك كۆرۈنسىمۇ، ھەقىقەتتەغايەت ئاجىز ۋە زەئىپتۇر. چۈنكى، بۇ ئايىتى كەرىمە

إنا جعلنا في أعناقهم أغلالا فهي إلى الأذقان فهم مقمحون

[بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا ئېڭەكلىرىگىچە تاقاقلارنى تاقىدۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار باشلىرىنى ئىگەلمەيدۇ (يەنى ئۇلار ئىمانغا بويسۇنمايدۇ ۋە ئىمانغا باش ئەگمەيدۇ)]

  ئىشارىتى بىلەن، كۈچ ۋە قۇۋۋەتكە دەلىل بولىدىغان قوللىرى، بۇيۇنلىرىغا باغلانغان. بۇ سەۋەپ بىلەن ئۇلار مۇۋەپپىقىيەتنى قولغا كەلتۈرەلمەيدۇ، مۇرادىغا ئېرىشەلمەيدۇ، مەقسەتلىرىگە نائىل بولالمايدۇ. شۇنداق، ئەھلى شېرىك ۋە كۇپۇرلارنىڭ قۇرئان ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى تەرىتىپكە قويغان ھېچقانداق پىلانلىرى ئەمەلگە ئاشمىدى. بۇ سەۋەپ تۈپەيلى، داۋاملىق پىلان ئالماشتۇرىۋاتىدۇ. ھەتتا كەلىمە ئويۇنلىرى بىلەن مۇسۇلمانلارنى ئالدىتىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا مۇقابىل ھالدا، مۇسۇلمانلارنىڭ تايىنىۋاتقان كىتاپ ۋە سۈننەت سابىتتۇر، سۇننەتۇللاھ ئەسلا ئۆزگەرمەيدۇ.(ئەنئام:34،يۇنۇس:64، كەھىف: 27؛، رۇم:30، ئەھزاب:62، فەتىھ:23؛) بۇ، ئەھلى ئىمان ۋە ئەھلى ئىتائەتنىڭ داۋاسىنىڭ ھەققانىي ئىكەنلىكىنىڭ، ئەھلى شېرىك ۋە كۇپۇرنىڭ داۋراڭلىرىنىڭ بۇتلان يەنى باتىل ئىكەنلىكىنىڭ بىر دەلىلىدۇر.

  ئەھلى شېرىك ۋە ئەھلى كۇپۇر، بارلىق چارىلىرىنى قوللىنىپ قۇرئان نۇرىنى ئۆچۈرۈشكە تىرىشقان تەقدىردىمۇ، ئاللاھ(جەللە جەلالۇھۇ) نۇرىنى تاماملايدۇ. قۇرئاننىڭ ۋەدىسى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئۇلار، پەيغەمبەرلىكنىڭ نۇرىنىڭ قارشىسىغا چىقالمايدۇ. ھەق دىن بولغان ئىسلامپۈتۈن جاھانغا ھاكىم بولىدۇ.(تەۋبە:32-33، ساف:8-9) جانابى ھەق، ئەھلى شېرىك ۋە ئەھلى كۇپۇرغا قارشى رەسۇلىنى مۇھاپىزەت قىلغىنىدەك، كىتاپ ۋە سۈننەتكە ئەگەشكۈچىلەرنىمۇ مۇھاپىزەت قىلىدۇ.(مائىدە:67، ھىجىر:9)


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.