!ھەر ئىش ئاللاھ ئۈچۈن تولىمۇ قولاي-وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ

!ھەر ئىش ئاللاھ ئۈچۈن تولىمۇ قولاي-وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ

  ئىككىنچى سوئال: تەبىئەتتىن ۋاز كەچكەن ۋە ئىمانغا كەلگەن زات دەيدۇكى:

  ھەر مەۋجۇداتنىڭ ھەر جەھەتتە، ھەر ئىشىدا، ھەمدە ھەر نەرسىسىدە ۋە ھەر ھالىتىدە ئىلاھىي ئىرادە ۋە رەببانىي قۇدرەتكە بويسۇنۇشى بەكمۇ بۈيۈك ھەقىقەتتۇر. ئۇلۇغلىقى جەھەتتە تار زىھىنلىرىمىزگە سىغمايدۇ. ھالبۇكى، بىز بۇ ئالەمدە كۆرىۋاتقان بۇ چەكسىز دەرىجىدىكى كۆپلۈك ۋە بۇ شەيئىلەرنىڭ يارىتىلىشىدىكى چەكسىز ئوڭايلىق، ھەمدە يۇقۇرىقىدەك دەلىللىرىڭىز نەتىجىلىگەن تەۋھىد يولىدىكى شەيئىلەرنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىدا كۆرىنىدىغان چەكسىز دەرىجىدىكى ئاسانچىلىقلار، شۇنداقلا قۇرئان تىلى بىلەن بايان قىلىنغان

  ﴿مَا خَلْقُكُمْ وَلاَ بَعْثُكُمْ اِلاَّ كَنَفْسٍ وَاحِدَةٍ﴾(لوقمان: 28) ﴿وَمَا اَمْرُ السَّاعَةِ اِلاَّ كَلَمْحِ الْبَصَرِ اَوْ هُوَ اَقْرَبُ﴾(نەھل: 77) دەك ئايەتلەر بەكمۇ ئوچۇق تۈردە ئىپادىلىگەن چەكسىز دەرىجىدىكى ئوڭايلىقلار، ئۇ ئۇلۇغ ھەقىقەتنىڭ ئەڭ مەقبۇل ۋە ئەڭ ئۇيغۇن بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ قەدەر ئوڭايلىقلارنىڭ سىرى ۋە ھىكمىتى نېمە؟

  جاۋاب: يىگىرمىنچى مەكتۇپنىڭ ئونىنچى كەلىمىسى بولغان ﴿وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ﴾* بايانىدا، ئۇ سىر ئىنتايىن ئوچۇق، شۈبھىسىز ۋە قايىل قىلارلىق ھالدا بايان قىلىنغان. بولۇپمۇ ئۇ مەكتۇپنىڭ ئىلاۋەسىدە تېخىمۇ روشەن ئىسپات قىلىنغان. يەنى بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ يارىتىلىشى سانىئى ۋاھىد بولغان ﷲقا بېرىلسە، بىرلا بارلىقتەك ئوڭايلىشىدۇ. ئەگەر ۋاھىدى ئەھەد بولغان ﷲقا بېرىلمىسە، بىر مەخلۇقنىڭ يارىتىلىشى، پۈتكۈل مەۋجۇداتتەك مۈشكۇللىيشىدۇ، بىر ئۇرۇق بىر دەرەختەك قېيىنچىلىق پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر ھەقىقىي سەنئەتكارىغا بېرىلسە، كائىنات بىر دەرەختەك، دەرەخ بىر ئۇرۇقتەك، جەننەت بىر باھاردەك ۋە باھار بىر گۈلدەك قولايلىشىدۇ، ئاسانلىق پەيدا قىلىدۇ. كۆزىمىز ئالدىدىكى چەكسىز قولايلىق بىلەن ۋۇجۇتقا كېلىۋاتقان مەۋجۇداتنىڭ ئىنتايىن مەبزۇلىيەتتە(كۆپ) ئىكەنلىكىنىڭ، شۇنداقلا چەكسىز مەخلۇقاتلارنىڭ ھەر قايسى تۈرىنىڭ سان جەھەتتە بەكمۇ كۆپ بولىشى بىلەن بىرگە تەرتىپلىك، سەنئەتلىك، قىممەتلىك بولغان ئۇ مەۋجۇداتنىڭ ناھايىتى تېز ۋە ئاسان ھالدا ۋۇجۇتقا كېلىشىنىڭ سىرلىرىنى بايان قىلغان ۋە ھىكمەتلىرىنى كۆرسەتكەن يۈزلىگەن دەلىللەر ئىچىدىن باشقا رىسالىلەردە يېزىلغان بىر ئىككىسىنى يىغىنچاق ھالدا ئىزاھلايمىز:

  مەسىلەن: يۈز كىشى بىر قومانداننىڭ باشقۇرىلىشىغا بېرىلسە، بىر كىشىنىڭ يۈز قومانداننىڭ باشقۇرىلىشىغا بېرىلىشىدىن يۈز ھەسسە ئاسان بولىدۇ. پۈتۈن بىر ئارمىيىنىڭ ھەربىي قورالياراقلىرى ئەگەر بىر مەركەز، بىر قانۇن، بىر زاۋۇت ۋە بىر پادىشاھنىڭ ئەمرىگە بېرىلگەن ۋاقىتتا، بىر كىشىنىڭ قوراليارىقىدەكلا ئوڭايلىشىدۇ. ھەربىر كىشىنىڭ قوراليارىقىنىڭ تۈرلۈك مەركەزلەرگە، تۈرلۈك زاۋۇتلارغا، تۈرلۈك قوماندانلارغا بېرىلىشىمۇ، خۇددى بىر ئارمىيىنىڭ قوراليارىقىدەك سان جەھەتتىن مۈشكۈل بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئەھۋالدا بىر كىشىنىڭ قوراليارىقى ئۈچۈن، پۈتۈن ئارمىيىگە كېرەك بولغان زاۋۇتلارنىڭ بولىشى لازىم بولىدۇ.

  ھەمدە بىر دەرەخنىڭ، ھاياتىي ماددىلىرى بىرلىك سىرى جەھەتتە، بىر يىلتىزدا، بىر مەركەزدە، بىر قانۇن بىلەن بېرىلگەنلىكتىن، مىڭلىغان مېۋە بەرگەن ئۇ دەرەخنىڭ يېتىلىشى بىر مېۋىدەكلا ئاسان بولىدىغانلىقى كۆرىنىپ تۇرىدۇ. ئەگەر بىرلىكنى تاشلاپ كۆپلۈككە كەتكەندە، ھەربىر مېۋىگە كېرەكلىك ماددىلار باشقاباشقا يەردىن بېرىلسە، ھەربىر مېۋىنىڭ ئەي بولىشى بىر دەرەختەك مۈشكىلات پەيدا قىلىدۇ. بەلكى دەرەخنىڭ بىر ئۆرنىكى ۋە (خۇلاسىۋى) مۇندەرىجىسى ھۆكمىدە بولغان بىر دانە ئۇرۇقنىڭ پەيدا بولىشىمۇ ئۇ دەرەختەكلا قېيىنچىلىق تۇغدۇرىدۇ. چۈنكى بىر دەرەخنىڭ ھاياتىغا لازىم بولغان پۈتۈن ھاياتىي ماددىلار، بىر دانە ئۇرۇق ئۈچۈنمۇ لازىم بولىدۇ.

  مانا شۇ مىسالدەك يۈزلىگەن مىساللار كۆرسىتىدۇكى، بىرلىكتە ناھايىتى ئاسان ۋۇجۇتقا كەلگەن مىڭلارچە مەۋجۇداتنىڭ يارىتىلىشى، شېرىكتىكى ياكى كۆپلۈكتىكى بىرلا نەرسىنىڭ يارىتىلىشىدىن تېخىمۇ ئوڭاي بولىدۇ. باشقا رىسالىلەردە بۇ ھەقىقەت ئىككى كەررە ئىككى تۆت دەرىجىسىدە ئىسپات قىلىنغانلىقتىن ئۇلارغا ھاۋالە قىلىپ، بۇ يەردە پەقەت ئىلىم، ئىلاھىي تەقدىر ۋە رەببانىي قۇدرەت نۇقتىئىنەزىرىدە بۇ ئوڭايلىقلارنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر سىرىنى بايان قىلىمىز. يەنى:

  سەن بىر بارلىقسەن. ئەگەر قادىرى ئەزەلى بولغان ﷲقا ئۆزۈڭنىڭ يارىتىلىشىنى بەرسەڭ، بىر سەرەڭگە ياققانغا ئوخشاش يوقتىن بىر ئەمىر بىلەن ۋە چەكسىز قۇدرىتى بىلەن سېنى تېزلا يارىتىدۇ. ئەگەر يارىلىشىڭنى ئۇنىڭغا بەرمىسەڭ، بەلكى ماددى سەۋەبلەرگە ۋە تەبىئەتكە بەرسەڭ، ئۇ ۋاقىت، سەن كائىناتنىڭ مۇكەممەل خۇلاسىسى، مېۋىسى، ھەمدە كىچىك بىر پروگراممىسى ۋە مەزمۇنى بولغانلىقىڭدىن، سېنى ياساش ئۈچۈن كائىناتنى ۋە ئېلېمىنتلارنى يۇپقا ئەلگەك بىلەن تاسقاپ، سەزگۈر تارازىلار بىلەن ئالەمنىڭ ھەرقايسى تەرىپىدىن سېنىڭ تېنىڭدىكى ماددىلارنى يىغىش لازىم كېلىدۇ. چۈنكى ماددى سەۋەبلەر پەقەتلا يىغىدۇ، قۇراشتۇرىدۇ، ئۆزلىرىدە بولمىغاننى يوقتىن بار قىلالمايدىغانلىقى ھەر ئەقىل ئىگىسىگە مەلۇمدۇر. ئۇنداقتا، كىچىك بىر جانلىقنىڭ جىسمىنى ئالەمنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدىن يىغىشقا مەجبۇر بولىدۇ.

  مانا، بىرلىكتە ۋە تەۋھىدتە نەقەدەر ئوڭايلىق، ھەم شېرىك ۋە زالالەتتە نەقەدەر مۈشكىلاتلار بارلىقىنى چۈشەن!

  ئىككىنچىدىن: ئىلىم جەھەتتىنمۇ چەكسىز ئاسانلىق بولىدۇ. يەنى، تەقدىر، ئىلىمنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ھەر نەرسىنىڭ مەنىۋى بولغان مەخسۇس قېلىپى ھۆكمىدىكى ئۆلچىمىنى لايىھەلەيدۇ. تەقدىرىي ئۆلچەم ئۇ نەرسىنىڭ بارلىققا چىقىشى ئۈچۈن بىر پىلان، بىر مودىل ھۆكمىدە بولىدۇ. قۇدرەت ئىجاد قىلغان ۋاقىتتا، ناھايىتى ئوڭايلىق بىلەن ئۇ تەقدىرىي ئۆلچەمگە قارىتا ئىجاد قىلىدۇ. ئەگەر ئۇ نەرسىنىڭ بارلىققا چىقىشى ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چەكسىز ۋە ئەزەلىي بىر ئىلىمنىڭ ئىگىسى بولغان قادىرى زۇلجالالغا بېرىلمىسە (يۇقىرىدا دېيىلگەندەك)، مىڭلىغان مۈشكىلات ئەمەس، يۈزلىگەن ئىمكانسىزلىق ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. چۈنكى ئۇ تەقدىرىي ۋە ئىلمىي ئۆلچەم بولمىسا، كىچىككىنە بىر ھايۋاننىڭ ياسىلىشى ئۈچۈن، مىڭلىغان سىرتقى ۋە ماددى قېلىپلارنىڭ قوللىنىلىشى لازىم بولىدۇ.

  مانا شۇنداق، بىرلىكتە چەكسىز ئوڭايلىقنىڭ، زالالەتتە ۋە شېرىكتە چەكسىز مۈشكىلاتنىڭ بولىدىغانلىقىنىڭ سىرىنى بىل. ﴿وَمَا اَمْرُ السَّاعَةِ اِلاَّ كَلَمْحِ الْبَصَرِ اَوْ هُوَ اَقْرَبُ﴾ ئايىتىنىڭ نەقەدەر قىممەتلىك، توغرا ۋە يۈكسەك بىر ھەقىقەتنى ئىپادە قىلغىنىنى چۈشەن!

—————————————–

*«ئۇ () ھەممە نەرسىگە قادىردۇر.»-ت


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.