ھەقىقەت ئەھلىنىڭ ئىختىلاپى نامەرتلىك ۋە ھامىيەتسىزلىكلىرىدىن ئەمەس

ھەقىقەت ئەھلىنىڭ ئىختىلاپى نامەرتلىك ۋە ھامىيەتسىزلىكلىرىدىن ئەمەس

ئالتىنچى سەۋەب:

  ھەقىقەت ئەھلىنىڭ ئىختىلاپى نامەرتلىك ۋە ھامىيەتسىزلىكلىرىدىن بولمىغىنىدەك، غاپىل ئەھلى دۇنيا ۋە ئەھلى زالالەتنىڭ دۇنياۋى ھاياتقا ئائىت ئىشلاردا سەمىمى ئىتتىپاقلىشىشىمۇ ئۇلارنىڭ مەرتلىكىدىن، غەيرەتلىك ۋە ھامىيەتلىك بولغىنىدىن ئەمەستۇر. بەلكى ئەھلى ھەق كۆپىنچە ئاخىرەتكە ئائىت بولغان مەنپەئەتلەرنى ئويلاش بىلەن ئۇلارنىڭ ئۇ ئەھمىيەتلىك ۋە كۆپ مەسىلىلەرگە بولغان ھامىيىتى ۋە مەرتلىكى بۆلىنىپ كېتىدۇ. ھەقىقىي دەسمايە بولغان ۋاقتىنى بىر مەسىلىگە سەرپ قىلمىغانلىقتىن مەسلەكداشلىرى بىلەن بولغان ئىتتىپاقى مۇستەھكەملەشمەيدۇ، چۈنكى مەسىلىلەر كۆپ ۋە دائىرىمۇ كەڭدۇر.

  غاپىل ئەھلى دۇنيا بولسا، پەقەتلا دۇنيا ھاياتىنى ئويلىغانلىقلىرى ئۈچۈن پۈتۈن ھېسسىياتى بىلەن، روھى ۋە قەلبى بىلەن شىددەتلىك بىر سۈرەتتە دۇنيا ھاياتىغا ئائىت مەسىلىلەرگە باغلىنىدۇ ۋە بۇ ھەقتە ئۇنىڭغا ياريۆلەكتە بولغانلارغا مەھكەم يېپىشىدۇ. ھەمدە ھەقىقەت نۇقتىئىنەزىرىدە بەش تىيىنغا ئەرزىمەيدىغان، ھەقىقەت ئەھلى ئون تىيىنلىق ئەھمىيەت بەرمىگەن مەسىلىلەرگە كاللىسىدىن كەتكەن ئالماسچى بىر يەھۇدىنىڭ بەش تىيىنلىق ئەينەك پارچىسىغا بەش لىرا ھەق بەرگىنىدەك، بەش يۈز لىرا قىممىتىدىكى ۋاقتىنى ئۇ مەسىلىگىلا خاس قىلىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ قەدەر ھەق بېرىپ پۈتكۈل ھېسسىياتى بىلەن يېپىشىش باتىل يولدا بولسىمۇ، سەمىمى بىر ئىخلاس بولغانلىقتىن ئۇ مەسىلىدە مۇۋەپپەق بولىدۇ ۋە ئەھلى ھەق ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ غەلبىسى نەتىجىسىدە ئەھلى ھەق پەسلىككە، مەھكۇملۇققا، خوشامەتچىلىككە ۋە رىياكارلىققا چۈشۈپ قېلىپ ئىخلاسنى يوقىتىپ قويىدۇ. ئۇ نامەرت ھامىيەتسىز بىر قىسىم ئەھلى دۇنياغا تەخسىكەشلىك قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.

  ئەي ئەھلى ھەق! ئەي ھەقىقەتپەرۋەر ئەھلى شەرىئەت، ئەھلى ھەقىقەت ۋە ئەھلى تەرىقەت! بۇ دەھشەتلىك بولغان ئىختىلاپ كېسىلىگە قارشى بىرـ بىرىڭلارنىڭ كەمچىلىكىنى كۆرمەستىن قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئەيىپىگە قارىتا كۆزۈڭلارنى يۇمۇڭلار!

﴿وَاِذَا مَرُّوا بِاللَّغْوِ مَرُّوا كِرَامًا (فۇرقان: 72)

دېگەن قۇرئان ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلىنىڭلار! سىرتقى دۈشمەن ھۇجۇم قىلىۋاتقان ۋاقىتتا ئىچكى تالاشتارتىشنى تەرك قىلىش ۋە ھەقىقەت ئەھلىنى ھالاكەتتىن ۋە پەسلىكتىن قۇتقۇزۇشنى ئەڭ بىرىنچى، ئەڭ مۇھىم بىر ئاخىرەتلىك ۋەزىپە دەپ تونۇپ، يۈزلىگەن ئايەت ۋە ھەدىسلەر بەكمۇ قۇۋۋەتلىك ھالدا ئەمر قىلغان قېرىنداشلىق، مۇھەببەت ۋە ياردەملىشىشلەرنى ئەمىلىيلەشتۈرۈپ پۈتۈن ھېسسىياتىڭلار بىلەن ئەھلى دۇنيادىن تېخىمۇ مۇستەھكەم بىر سۈرەتتە مەسلەكداشلىرىڭلار ۋە دىنداشلىرىڭلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىڭلار! يەنى ئىختىلاپقا چۈشمەڭلار! «بۇ خىل كىچىك مەسىلىلەرگە قىممەتلىك ۋاقتىمنى سەرپ قىلىشنىڭ ئورنىغا ئۇ ۋاقتىمنى زىكىر ۋە پىكىردەك ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا سەرپ قىلىمەن» دەپ ئۆزۈڭلارنى تارتىپ ئىتتىپاقلىقنى زەئىپلەشتۈرمەڭلار! چۈنكى بۇ مەنىۋى جىھادتا سىلەر كىچىك دەپ ئويلىغان نەرسە بەك چوڭ بولىشى مۇمكىن. بىر ئەسكەرنىڭ مۇھىم ۋە ئالاھىدە شارائىت ئاستىدا قىلغان بىر سائەتلىك قاراۋۇللىقى بەزىدە بىر يىللىق ئىبادەت ھۆكمىدە بولغىنىدەك، ھەقىقەت ئەھلى مەغلۇپ ۋەزىيەتتە تۇرغان بۇ زاماندا، مەنىۋى جىھاد مەسىلىلىرىدە سەن كىچىك بىر مەسىلە ئۈچۈن سەرپ قىلغان قىممەتدار بىر كۈنۈڭ خۇددى ئۇ ئەسكەرنىڭ ئۇ بىر سائىتىدەك مىڭ ھەسسە قىممەتدار بولىشى مۇمكىن، بىر كۈنۈڭ مىڭ كۈن ھۆكمىگە ئۆتىشى مۇمكىن. مادەمكى پەقەتلا ﷲ رىزاسى ئۈچۈندۇر، ئۇنداقتا ئۇ ئىشنىڭ چوڭ ـ كىچىكلىكىگە، قىممەتلىك ـ قىممەتسىزلىكىگە قارالمايدۇ. ﷲ رىزاسى ۋە ئىخلاس يولىدىكى بىر زەررە، يۇلتۇز كەبى بولىدۇ. ۋاستىنىڭ ماھىيىتىگە قارالمايدۇ، بەلكى نەتىجىسىگە قارىلىدۇ. مادەمكى نەتىجىسى ﷲ رىزاسىدۇر، ئاساسى ئىخلاستۇر. ئۇنداقتا ئۇ ئىش كىچىك ئەمەس، چوڭدۇر.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.