ۋۇجۇت ھەققىدە

ۋۇجۇت ھەققىدە

ۋۇجۇتنىڭ ئۈچ قىسمىدىن ” ۋاجىبۇل ۋۇجۇت“، ”مۇمتەنىئۇل ۋۇجۇت“ ۋە ”مۇمكىنۇل ۋۇجۇت“ نىمە دىگەنلىكتۇر؟

تەقسىمى ئەقىل بىلەن ۋۇجۇت ئۈچ قىسىمغا ئايرىلىدۇ:

1. ۋاجىبۇل ۋۇجۇت: بارلىقى ئەقلى جەھەتتىن زۈرۈرىي بولغىدىنىدۇر.(ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ئوخشاش.)

2. مۇمتەنىئۇل ۋۇجۇت: يوقلىقى ئەقلى جەھەتتىن زۈرۈرىي بولغىنىدۇر.(شېرىكى بارىغا ئوخشاش.)

3. مۇمكىنۇل ۋۇجۇت: بارلىقىدا ۋە يوقلىقىدا ئەقلى جەھەتتىن زۈرۈرىيەت بولمىغىنىدۇر.(قۇدرەتنىڭ تەئەللۇقىغا مەزھەر بولغان ئەۋۋەلقى مەۋجۇداتقا ئوخشاش.)“

ۋاجىبۇل ۋۇجۇت“ بولسا ئىككىگە ئايرىلىدۇ.

1. ۋاجىبۇل ۋۇجۇت لى زاتىھى: بارلىقىدا زۈرۈرىيەت بولغىنىدۇر. بۇ ۋۇجۇت مەرتىۋىسى يالغۇز ئاللاھۇ تائالاغا مەخسۇستۇر.

2. ۋاجىبۇل ۋۇجۇت لى غەيرىھى: ئىلاھى ئىرادە ۋە قۇدرىتىنىڭ تەئەللۇقى سەۋەبى بىلەن بارلىقىدا زۈرۈرىيەت بولغىنىدۇر. بۇلار بولسا ئىلاھى قۇدرىتى بىلپىئىل تەئەللۇق قىلغان مەۋجۇداتتۇر. چۈنكى ئىلاھى ئىرادە ۋە قۇدرەت بىر نەرسىگە بىلپىئىل تەئەللۇق قىلغاندىن كېيىن، ئۇ نەرسىنىڭ ۋۇجۇدى زۈرۈرىي بولىدۇ. ئىلاھىي ئىرادە ۋە قۇدرەتنىڭ ئۇ نەرسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ بولۇپ كەينىگە قايتۇرىشى ئادىتى ئەمەستۇر. ئىلاھىي قۇدرەتنىڭ تەئەللۇقى تۈپەيلى ئەمدى ئۇ نەرسە ۋاجىبۇل ۋۇجۇت لى غەيرىھى بولىدۇ.“


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.