Etiket: رۇزا

  • رامىزانى شەرىپتىكى روزىنىڭ نەفسنى تەربىيە قىلىشقا قارىغان جەھەتتىكى كۆپ ھىكمەتلىرىدىن بىر ھىكمىتى

    رامىزانى شەرىپتىكى روزىنىڭ نەفسنى تەربىيە قىلىشقا قارىغان جەھەتتىكى كۆپ ھىكمەتلىرىدىن بىر ھىكمىتى

      تۆتىنچى نۇقتا: رامىزانى شەرىپتىكى روزىنىڭ نەفسنى تەربىيە قىلىشقا قارىغان جەھەتتىكى كۆپ ھىكمەتلىرىدىن بىر ھىكمىتى شۇدۇركى: نەفس ئۆزىنىڭ ھۆر ۋە ئەركىن بولىشىنى خالايدۇ ۋە شۇنداق ئويلايدۇ. ھەتتا مەۋھۇم بىر خۇسۇسىي رۇبۇبىيەتنى ۋە خالىغانچە ھەرىكەت قىلىشنى تەبىئى ھالدا ئارزۇ قىلىدۇ. چەكسىز نىئمەتلەر بىلەن بېقىلىۋاتقانلىقىنى ئويلىنىشنى خالىمايدۇ. بولۇپمۇ دۇنيادا بىر ئاز بايلىق ۋە ئىقتىدارى بولسا، غەپلەتمۇ ياردەم قىلسا، […]

  • رامىزانى مۇبارەكتىكى روزىنىڭ، ﷲنىڭ نىئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىشقا قارىغان جەھەتىنى بىلەمسىز؟

    رامىزانى مۇبارەكتىكى روزىنىڭ، ﷲنىڭ نىئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىشقا قارىغان جەھەتىنى بىلەمسىز؟

    ئىككىنچى نۇقتا: رامىزانى مۇبارەكتىكى روزىنىڭ، ﷲنىڭ نىئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىشقا قارىغان جەھەتتىكى كۆپ ھىكمەتلىرىدىن بىر ھىكمىتى شۇدۇركى:   بىرىنىچى سۆزدە دېيىلگەندەك، بىر پادىشاھنىڭ شاھانە ئاشخانىسىدىن بىر مۇلازىمەتچى ئېلىپ كەلگەن تائاملار بىر ھەق خالايدۇ. ئۇ مۇلازىمغا مىننەتدارلىق ھەدىيەسى بەرگەن تۇرۇغلۇق، ناھايىتى قىممەتلىك بولغان ئۇ نازۇ–نىئمەتلەرنى قىممەتسىز كۆرۈپ ئىنئام قىلغان پادىشاھنى تونىماسلىق چەكسىز دەرىجىدە بىر ئەخمەقلىق بولىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، جانابى […]

  • رامىزانى شەرىپ ھەققىدە

    رامىزانى شەرىپ ھەققىدە

    رامىزانى شەرىپ ھەققىدە   بۇ ئىككىنچى قىسىم رامىزانى شەرىپنىڭ ناھايىتى كۆپ ھىكمەتلىرىدىن توققۇز ھىكمەتنى بايان قىلغان «توققۇز نۇقتا»دۇر. بِسْمِ اللّهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيمِ ﴿شَهْرُ رَمَضَانَ الَّذِى اُنْزِلَ فِيهِ الْقُرْآنُ هُدًى لِلنَّاسِ وَ بَيِّنَاتٍ مِنَ الْهُدَى وَ الْفُرْقَانِ﴾ (بەقەرە:185)   بىرىنچى نۇقتا: رامىزانى شەرىپتىكى روزا، ئىسلامىيەتنىڭ بەش ئاساسىنىڭ ئاۋۋالقىلىرىدىندۇر. ھەمدە ئىسلام شەئائىرلىرىنىڭ چوڭلىرىدىندۇر. رامىزانى شەرىپتىكى روزىنىڭ كۆپلىگەن […]

  • روزىنىڭ نەفسنىڭ ئەخلاقىنى ياخشىلاش ۋە ئىتائەتسىزلەرچە مۇئامىلىلىرىدىن ۋاز كەچۈرۈشكە قارىغان كۆپ ھىكمەتلىرىدىن بىرىسى

    روزىنىڭ نەفسنىڭ ئەخلاقىنى ياخشىلاش ۋە ئىتائەتسىزلەرچە مۇئامىلىلىرىدىن ۋاز كەچۈرۈشكە قارىغان كۆپ ھىكمەتلىرىدىن بىرىسى

      بەشىنچى نۇقتا: رامىزانى شەرىپتىكى روزىنىڭ نەفسنىڭ ئەخلاقىنى ياخشىلاش ۋە ئىتائەتسىزلەرچە مۇئامىلىلىرىدىن ۋاز كەچۈرۈشكە قارىغان كۆپ ھىكمەتلىرىدىن بىرىسى شۇدۇركى: ئىنساننىڭ نەفسى غەپلەت بىلەن ئۆزىنى ئۇنۇتىدۇ. ماھىيىتىدىكى چەكسىز ئاجىزلىقىنى، چەكسىز پېقىرلىقىنى ۋە چەكسىز دەرىجىدىكى قۇسۇرىنى كۆرەلمەيدۇ ۋە كۆرۈشنى خالىمايدۇ. ھەمدە ئىنتايىن زەئىپ، زاۋال تېپىشقا تەييار ۋە بالا–مۇسىبەتلەرگە دۇچار ئىكەنلىكىنى، تېز بۇزۇلۇپ چىرىيدىغان گۆش ۋە سۆڭەكتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى […]

  • روزىنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائى ھاياتىغا قارىغان كۆپلىگەن ھىكمەتلىرىدىن بىر ھىكمىتى

    روزىنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائى ھاياتىغا قارىغان كۆپلىگەن ھىكمەتلىرىدىن بىر ھىكمىتى

      ئۈچىنچى نۇقتا: روزىنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائى ھاياتىغا قارىغان كۆپلىگەن ھىكمەتلىرىدىن بىر ھىكمىتى شۇدۇركى: ئىنسانلار تېرىكچىلىك جەھەتتە تۈرلۈك شەكىللەردە يارىتىلغاندۇر. جانابى ﷲ ئۇ خىلمۇ –خىللىققا بىنائەن بايلارنى پېقىرلارغا ياردەمدە بولۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. ھالبۇكى بايلار پېقىرلارنىڭ ئىچ ئاغرىتىشقا تېگىشلىك ئاچچىق ھاللىرىنى ۋە ئاچلىقلىرىنى روزىدىكى ئاچلىق ئارقىلىقلا دەل ھېس قىلالايدۇ. ئەگەر روزا بولمىسا نەفسپەرەست كۆپلىگەن بايلاردەك، ئاچلىقنىڭ ۋە پېقىرلىقنىڭ نەقەدەر […]

  • رۇزىنىڭ دەرىجىلىرى بارمۇ؟ بولسا بۇ دەرىجىلەر قايسى؟

    رۇزىنىڭ دەرىجىلىرى بارمۇ؟ بولسا بۇ دەرىجىلەر قايسى؟

    رۇزىنىڭ دەرىجىلىرى بارمۇ؟ بولسا بۇ دەرىجىلەر قايسى؟   جاۋاپ: شۇنداق، رۇزىنىڭ دەرىجىلىرى بار. بەزى ئىنسانلار پەقەتلا يىيىش ۋە ئىچىشنى تاشلاپ رۇزا تۇتىدۇ. بەزى كىشىلەر يەپ ئىچىشنى تەرك قىلىش بىلەن بىرگە، يامان ئىشلارغا ۋە يىرگىنىشلىك سۆزلەرگە قارشى رۇزا تۇتىدۇ. بۇ خىل شەكىلدە تۇتۇلغان رۇزا، ئالدىنقى رۇزىدىن تېخىمۇ ئۈستۈندۇر.   ناھايتى تاللانغان بىر گۇرۇپمۇ باردۇركى، بۇلار يىمەيدۇ–ئىچمەيدۇ، […]