Etiket: سۈننەت

  • زۇلمەتلىك يوللار ئىچىدە بىر ھەل قىلغۇچ ئاچقۇچ زادى نېمە؟

    زۇلمەتلىك يوللار ئىچىدە بىر ھەل قىلغۇچ ئاچقۇچ زادى نېمە؟

     ئۈچىنچى نۇكتە: بۇ پېقىر سائىد، كونا سائىدتىن چىقىشقا تېرىشقان ۋاقىتتا، رەھبەرسىزلىك ۋە نەفسى ئەممارىنىڭ ھاكاۋۇرلىقى تۈپەيلى، غايەت مۇدھىش ۋە مەنىۋى بىر بوران–چاپقۇن ئىچىدە ئەقىل ۋە قەلبىم ھەقىقەتلەر ئارىسىدا دومىلاندى. گاھ سۈرەييادىن سەراغا(يۇلتۇزدىن يەرگە)، گاھ سەرادىن سۈرەيياغا قەدەر چۈشۈش ۋە چىقىشلار بىلەن چايقىلىۋاتاتتى.   ئۇ زامان كۆردۈمكى، سۈننەتى سەنىييەنىڭ مەسىلىلىرىنى، ھەتتا كىچىك ئەدەپلىرىنى، كېمىلەردە يۆنىلىش كۆرسىتىدىغان […]

  • رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ مۆجىزىلىرى-دەرەخلەرنىڭ ئىنسانلارغا ئوخشاش ئەمرىنى ئاڭلىشى

    رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ مۆجىزىلىرى-دەرەخلەرنىڭ ئىنسانلارغا ئوخشاش ئەمرىنى ئاڭلىشى

    توققۇزىنچى ئىشارەت:   رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ مۆجىزىلىرىنىڭ يەنە بىر تۈرى، دەرەخلەرنىڭ ئىنسانلارغا ئوخشاش ئەمرىنى ئاڭلىشى ۋە ئورنىدىن قوزغىلىپ ئۇنىڭ يېنىغا كەلگەنلىكىدۇركى، بۇ دەرەخ مۆجىزىسى، بارماقلىرىدىن سۇنىڭ ئېقىشىغا ئوخشاشلا مەنەن مۇتەۋاتىردۇر. خىلمۇ–خىل شەكىللىرى بار ۋە نۇرغۇن يوللار بىلەن كەلگەندۇر. شۇنداق، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ ئەمرى ئۈچۈن دەرەخ ئورنىدىن قوزغىلىپ يېنىغا كېلىشىنى ئوچۇق شەكىلدە مۇتەۋاتىر دېگىلى […]

  • پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننەت يولى

    پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننەت يولى

    ئون بىرىنچى لەمئا سۈننەت دەرىجىلىرىنىڭ ئىزاھى ۋە بىدئەت كېسەللىكلىرىنىڭ تىرياقى* بِسْمِ اللّهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيمِ ﴿لَقَدْ جَاءَكُمْ رَسُولٌ مِنْ اَنْفُسِكُمْ عَزِيزٌ عَلَيْهِ مَا عَنِتُّمْ حَرِيصٌ عَلَيْكُمْ بِالْمُؤْمِنِينَ رَؤُفٌ رَحِيمٌ﴾ (تەۋبە:128) (ئى ئىنسانلار!) شۈبھىسىزكى، سىلەرگە ئۆزئارا ئاراڭلاردىن پەيغەمبەر كەلدى. سىلەرنىڭ كۈلپەت چېكىشىڭلار ئۇنىڭغا ئېغىر تۇيۇلىدۇ؛ ئۇ سىلەرنىڭ (ھىدايەت تېپىشىڭلارغا) ھېرىستۇر، مۆمىنلەرگە ئامراقتۇر، ناھايىتى كۆيۈمچاندۇر [128] (بۇ ئايەتنىڭ بىرىنچى […]

  • !بىلەمسىز-بىدئەتلەرنى پەيدا قىلىش زالالەتتۇر، ئوتتۇر

    !بىلەمسىز-بىدئەتلەرنى پەيدا قىلىش زالالەتتۇر، ئوتتۇر

      ئالتىنچى نۇكتە: رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام دېگەنكى: كُلُّ بِدْعَةٍ ضَلاَلَةٌ وَكُلُّ ضَلاَلَةٍ فِى النَّارِ يەنى: ﴿اَلْيَوْمَ اَكْمَلْتُ لَكُمْ دِينَكُمْ﴾(مائىدە:3) سىرى بىلەن پارلاق شەرىئىتىمىزنىڭ قائىدىلىرى ۋە سۈننەتى سەنىييەنىڭ دەستۇرلىرى تامامەن تولۇق ھالدا ئەڭ كامالەتتە تۇرسىمۇ، يېڭى ئىجادلار بىلەن ئۇ دەستۇرلارنى ياقتۇرماسلىق ۋەياكى ھاشا ۋە كەللا، قۇسۇرلۇق كۆرۈش ھېسسىنى بەرگەن بىدئەتلەرنى پەيدا قىلىش زالالەتتۇر، ئوتتۇر.   […]

  • توغرا پىكر ساغلام ئېتىقاد خەيىرلىك ھايات

    توغرا پىكر ساغلام ئېتىقاد خەيىرلىك ھايات

    ئىلمى مۇكاشەفە(كەشىپ ئىلمى)   رىسالەئى نۇر–ساھابىلەرنىڭ مەسلەك(يولى)ھېساپلىنىدۇ. كەشىپ ۋە كارامەتكە ئەھمىيەت بەرمەستىن، تالىپ بولغۇچىنى– توغرىدىن توغرا زاھىردىن ھەقىقەتكە يول ئاچتۇرىدۇ ۋە ئىرىشتۈرىدۇ. رىسالەئى نۇر– ساھابىلەرگە ئوخشاش چۈشىنىش شەكلى ۋە ئۇسۇلىنى جانلاندۇرىدۇ.   ساھابەئى كىرام –قۇرئانى كەرىم ئوقۇغاندا ۋە ئاڭلىغان ۋاقىتتا، قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ كىشىلەرنىڭ نەزىرىگە سۇنغان ۋە بەخىش ئەتكەن ئىلاھىي ئەسەرلەر ئۈستىدە تەپەككۇر يۈرگۈزەتتى ۋە ئىلاھىي ئىسىملار […]

  • مائارىپ،مەھكىمەۋەمىدىيا تاراتقۇلاردىكى ئەڭ ئاچقۇچلۇق مەسىلە

    مائارىپ،مەھكىمەۋەمىدىيا تاراتقۇلاردىكى ئەڭ ئاچقۇچلۇق مەسىلە

      مۇناپىقلار، مۇشرىكلەر ۋە ئەھلى كىتاپ بىلەن بولغان ئىختىلاپىمىز ۋە كۆرىشىمىز قىيامەتكە قەدەر داۋام قىلىدۇ. چۈنكى يەريۈزى ئاللاھنىڭدۇر ۋە جانابى ھەق يەر زىمىننى رەسۇلى ئەكرەمنىڭ ھۆرمىتىگە ياراتقاندۇر. ئۇنداق بولسا، پۈتۈن زىمىن رەسۇلۇللاھنىڭ ۋە ئۈممىتىنىڭ ھەققىدۇر. كاپىرلار بولسا شۇ تاپتا يەر زىمىننى بۇلاپ تارتىۋالغان. دېمەك قۇرئان– ئۇ بۇلاڭچىلارنىڭ قولىنى بۇ دۇنيادىن تارتقۇزۇشىمىزنى بىز مۇسۇلمانلارغا ئەمىر قىلغان. […]