Etiket: كېسەل

  • !ئۇنۇتقاقلىق -دىققەت

    !ئۇنۇتقاقلىق -دىققەت

    («قاستامونۇ لاھىقەسى» كىتابىدىن)    ئىككىنچى كىشى ۋە ئۇنىڭ مەسىلىسى: رىسالەئى نۇر تالىپلىرىدىن بىر ياش ھافىز(قارى) كۆپ كىشىلەرنىڭ دېگىنىدەك دېدى: «مەندە ئۇنۇتقاقلىق كېسىلى ئېغىرلىشىۋاتىدۇ. نېمە قىلىشىم كېرەك؟»    مەن دېدىم: «مۇمكىن بولىشىچە نامەھرەملەرگە قارىما. چۈنكى بۇ ھەقتە ھەدىس بار. ئىمامى شافىنىڭ دېگىنىدەك: ھارام نەزەر ئۇنۇتقاقلىق پەيدا قىلىدۇ.»    شۇنداق، مۇسۇلمانلاردا ھارام نەزەر زىيادىلەشكەنسېرى نەفسى ھەۋەسلەر ھاياجانغا […]

  • كېسەللىك بەزىلەر ئۈچۈن ﷲنىڭ بىر ئېھسانىدۇر

    كېسەللىك بەزىلەر ئۈچۈن ﷲنىڭ بىر ئېھسانىدۇر

    بەشىنچى داۋا:   ئەي كېسەلگە مۇپتىلا بىتاپ! بۇ زامانلاردا تەجرىبىلىرىم بىلەن قانائەت ھاسىل قىلدىمكى، كېسەللىك بەزىلەر ئۈچۈن ﷲنىڭ بىر ئېھسانىدۇر ۋە بىر مەرھەمەت ھەدىيەسىدۇر. بۇ سەككىز–توققۇز يىل ئىچىدە مېنىڭ بىر لاياقىتىم بولمىسىمۇ، بەزى ياشلار كېسەللىك مۇناسىۋىتى بىلەن دۇئا قىلىشىمنى ئۆتۈنۈشتى. دىققەت قىلدىمكى، قايسى كېسەلمەن ياشنى كۆرسەم، باشقا ياشلارغا نىسبەتەن ئاخىرەتنى ئويلىنىشقا باشلىغان، ياشلىق مەستلىكى يوق، […]

  • !ئەي شىكايەتچى بىتاپ

    !ئەي شىكايەتچى بىتاپ

    تۆتىنچى داۋا:   ئەي شىكايەتچى بىتاپ! سېنىڭ ھەققىڭ شىكايەت ئەمەس، بەلكى شۈكۈردۇر، سەبىردۇر. چۈنكى سېنىڭ تېنىڭ، ئەزا ۋە تۇيغۇلىرىڭ سېنىڭ مۈلكۈڭ ئەمەس، ئۇلارنى سەن ياسىمىغان ياكى ماگىزىندىن سېتىۋالمىغان، دېمەك باشقىسىنىڭ مۈلكىدۇر. ئۇلارنىڭ ئىگىسى ئۆز مۈلكىدە خالىغىنىدەك ئىجرائىيەت يۈرگۈزىدۇ. يىگىرمە ئالتىنچى سۆزدە دېيىلگىنىدەك، مەسىلەن: ناھايىتى باي ۋە بەكمۇ ماھىر بىر سەنئەتكار گۈزەل ھۈنەر–سەنئەتلىرىنى ۋە قىممەتلىك بايلىقلىرىنى […]

  • … ئەي بىچارە بىمار! كېسىلىڭنى ئويلاپ غەم قىلما

    … ئەي بىچارە بىمار! كېسىلىڭنى ئويلاپ غەم قىلما

    يىگىرمە بەشىنچى لەمئا (يىگىرمە بەش داۋادىن ئىبارەت) (بىمارلار ئۈچۈن بىر داۋا، بىر تەسەللى، بىر مەنىۋى رېتسىپ بولۇپ كېسەل سوراش ۋە ساقىيىپ كېتىشكە تىلەكداشلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن يېزىلدى.) ئەسكەرتىش:   بۇ مەنىۋىي رېتسىپ، باشقا بارلىق رىسالىلەرگە نىسبەتەن ئۆزگىچە ھالدا ناھايىتى تېزلىك بىلەن يېزىلدى. ھەمدە باشقىلىرىغا ئوخشىمىغان ئاساستا، كۆڭۈل بۆلۈپ قايتا تەكشۈرۈپ چىقىشقىمۇ ۋاقىت بولماي ناھايىتى تېز ھالدا […]

  • كېسەلچانلارغا خوش خەۋەر

    كېسەلچانلارغا خوش خەۋەر

    («بىمالار رىسالىسى»دىن) بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ اَلَّذِينَ اِذَا اَصَابَتْهُمْ مُصِيبَةٌ قَالُوا اِنَّا لِلّٰهِ وَاِنَّا اِلَيْهِ رَاجِعُونَ ٭ وَالَّذِى هُوَ يُطْعِمُنِى وَيَسْقِينِ وَاِذَا مَرِضْتُ فَهُوَ يَشْفِينِ  ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻣﯘﺳﯩﺒﻪﺕ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ، ﺋﯘﻻﺭ: «ﺑﯩﺰ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺋﯩﮕﯩﺪﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻤﯩﺰ (ﻳﻪﻧﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ)، ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﮔﺎﮬﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﻤﯩﺰ» ﺩﻩﻳﺪﯗ. سۇرە بەقەرە: 156 ﺋﯘ ﻣﯧﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﻳﺪﯗ، ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﯘﻕ […]

  • پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننەت يولى

    پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننەت يولى

    ئون بىرىنچى لەمئا سۈننەت دەرىجىلىرىنىڭ ئىزاھى ۋە بىدئەت كېسەللىكلىرىنىڭ تىرياقى* بِسْمِ اللّهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيمِ ﴿لَقَدْ جَاءَكُمْ رَسُولٌ مِنْ اَنْفُسِكُمْ عَزِيزٌ عَلَيْهِ مَا عَنِتُّمْ حَرِيصٌ عَلَيْكُمْ بِالْمُؤْمِنِينَ رَؤُفٌ رَحِيمٌ﴾ (تەۋبە:128) (ئى ئىنسانلار!) شۈبھىسىزكى، سىلەرگە ئۆزئارا ئاراڭلاردىن پەيغەمبەر كەلدى. سىلەرنىڭ كۈلپەت چېكىشىڭلار ئۇنىڭغا ئېغىر تۇيۇلىدۇ؛ ئۇ سىلەرنىڭ (ھىدايەت تېپىشىڭلارغا) ھېرىستۇر، مۆمىنلەرگە ئامراقتۇر، ناھايىتى كۆيۈمچاندۇر [128] (بۇ ئايەتنىڭ بىرىنچى […]

  • !ئەي سەبىرسىز بىمار

    !ئەي سەبىرسىز بىمار

    ئىككىنچى داۋا:   ئەي سەبىرسىز بىمار! سەبىر قىل، ھەتتا شۈكۈر قىل! سېنىڭ بۇ كېسىلىڭ، كېسەللىك مىنۇتلىرىنى، سائەتلەرچە قىلىنغان ئىبادەتلەرگە ئايلاندۇرىشى مۇمكىن. چۈنكى ئىبادەت ئىككى قىسىمدۇر. بىرى، مۇسبەت ئىبادەت بولۇپ، ناماز ۋە دۇئاغا ئوخشاش مەلۇم ئىبادەتلەردۇر. يەنە بىر قىسمى مەنفىي ئىبادەتلەر بولۇپ، كېسەللىكلەر ۋە بالالار ۋاستىسى بىلەن كىشى ئاجىزلىقىنى ۋە كۈچسىزلىكىنى ھېس قىلىدۇ. رەھىملىك بولغان ياراتقۇچىغا […]