-
بارماقلىرىدىن سۇنىڭ بۇلاقتەك ئاققانلىقىنى كۆردۈم
ئۈچىنچى مىسال: بۇۋات غازىتىدا، يەنە بۇخارى، مۇسلىم باشتا، سەھىھ كىتابلار بايان قىلىدۇكى، ھەزرەتى جابىر شۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام: «نَادِ بِالْوُضُوءِ يەنى، تاھارەت ئېلىش ئۈچۈن چاقىر» دېدى. «سۇ يوق» دېيىلدى. رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام: «ئازراق سۇ كەلتۈرۈڭلار!» دېدى. ناھايىتى ئاز سۇ كەلتۈردۇق. ئاندىن ئۇ ئاز سۇ ئۈستىگە قولىنى يېپىپ بىر نەرسىلەرنى ئوقۇدى. نېمىلىكىنى بىلمىدىم. […]