Kategori: تاللانغان ماقالىلەر

  • تەنقىتكارانە بىر سوئالغا بىر جاۋابتۇر

    تەنقىتكارانە بىر سوئالغا بىر جاۋابتۇر

    ئىككىنچى ئىشارەت: تەنقىتكارانە بىر سوئالغا بىر جاۋابتۇر…   ئەھلى دۇنيا تەرىپىدىن دېيىلىۋاتىدۇكى: سەن نېمىشقا بىزدىن ئاغرىندىڭ؟ بىر قېتىم بولسىمۇ بىزگە مۇراجىئەت قىلماي سۈكۈت قىلىۋاتىسەن، بىزدىن شىددەتلىك شىكايەت قىلىپ «ماڭا زۇلۇم قىلىۋاتىسىلەر» دەۋاتىسەن. ھالبۇكى بىزنىڭ بىر پرىنسىپىمىز بار، بۇ ئەسىرنىڭ تەلىپىگە قارىتا خۇسۇسىي دەستۇرلىرىمىز بار. بۇلارنىڭ ساڭا تەدبىق قىلىنىشىنى سەن قوبۇل قىلمايۋاتىسەن. قانۇننى ئىجرا قىلغۇچى زالىم […]

  • سەن ئەھلى دۇنيانىڭ دۇنياسىغا ئارىلاشمىغان تۇرساڭ؟

    سەن ئەھلى دۇنيانىڭ دۇنياسىغا ئارىلاشمىغان تۇرساڭ؟

    ئۈچ ئىشارەت بۇ تېما ئون يەتتىنچى لەمئانىڭ ئون يەتتىنچى نوتىسىنىڭ ئۈچىنچى مەسىلىسى ئىدى. سوئاللارنىڭ شىددەتلىك ۋە كەڭرى دائىرىلىك ئىكەنلىكىگە، ھەمدە جاۋابلارنىڭ قۇۋۋەتلىك ۋە پارلاقلىقىغا بىنائەن ئوتتۇز بىرىنچى مەكتۇبنىڭ يىگىرمە ئىككىنچى لەمئاسى بولۇپ لەمئالار ئىچىگە ئارىلاشتى. لەمئالار بۇ لەمئاغا ئورۇن بېرىشى لازىم. مەھرەمدۇر(خۇسۇسىيدۇر). ئەڭ خاس، خالىس ۋە سادىق قېرىنداشلىرىمىزغا مەخسۇستۇر. بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ وَمَنْ يَتَوَكَّلْ […]

  • بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمغا

    بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمغا خۇسۇسىي مەكتۇپتۇر   يېزىشتىن زېرىككەن ۋە ئىبادەت ئايلىرى بولغان ئۈچ ئايلاردا باشقا زىكىرلەرنى بەش جەھەتتىن ئىبادەت سانالغان (ھاشىيە) رىسالەئى نۇرنى يېزىشتىن ئۈستۈن كۆرگەن قېرىنداشلىرىمغا ئىككى ھەدىسى شەرىفنىڭ ئىككى نۇكتەسىنى سۆزلەيمەن.   بىرىنچىسى: يُوزَنُ مِدَادُ الْعُلَمَاءِ بِدِمَاءِ الشُّهَدَاءِ (ئەۋ كەما قال) يەنى: «مەھشەرگەھتا ھەقىقەت ئۆلىمالىرى سەرپ قىلغان سىياھ شېھىتلەرنىڭ قېنى بىلەن مۇۋازىنەتكە كېلىدۇ، […]

  • .قېرىندىشىڭلارنىڭ نەفىسلىرىنى نەفسىڭلاردىن ئۈستۈن بىلىڭلار

    .قېرىندىشىڭلارنىڭ نەفىسلىرىنى نەفسىڭلاردىن  ئۈستۈن بىلىڭلار

    ئۈچىنچى دەستۇر:   پۈتۈن قۇۋۋىتىڭلارنى ئىخلاستا ۋە ھەقتە بىلىشىڭلار لازىم. شۇنداق، قۇۋۋەت ھەقتىدۇر ۋە ئىخلاستىدۇر. ھەقسىزلارمۇ ھەقسىزلىقلىرى ئىچىدە كۆرسەتكەن ئىخلاس ۋە سەمىمىيەت يۈزسىدىن قۇۋۋەت قازىنىشىدۇ. قۇۋۋەتنىڭ ھەقتە ۋە ئىخلاستا ئىكەنلىكىگە بىر دەلىل بىزنىڭ شۇ خىزمىتىمىزدۇر. شۇ خىزمىتىمىزدە بىر مىقدار ئىخلاس بۇ ھەقىقەتنى ئىسپات قىلىدۇ ۋە ئۆز–ئۆزىگە دەلىل بولالايدۇ. چۈنكى يىگىرمە يىلدىن كۆپرەك ئۆز يۇرتۇمدا ۋە […]

  • قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى

    قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى

    تۆتىنچى دەستۇر:   قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ۋە پەزىلەتلىرىنى ئۆزۇڭلارنىڭكى دەپ تەسەۋۋۇر قىلىپ، ئۇلارنىڭ شەرەپلىرىدىن شۈكۈر بىلەن ئىپتىخارلانماقتۇر. تەسەۋۋۇپ ئەھلىنىڭ يولىدا «فەنا فىششەيخ، فەنا فىررەسۇل» تەبىر ۋە ئىستېماللىرى بار. مەن تەرىقەتچى ئەمەسمەن، بىراق ئۇلارنىڭ بۇ دەستۇرى بىزنىڭ مەسلەكتە «فەنا فىل ئىخۋان» مەنىسىدە يۈكسەك بىر دەستۇردۇر. قېرىنداشلار ئارىسىدا بۇنىڭغا «تەفانىي» دېيىلىدۇ. يەنى: بىر–بىرىسىدە يوق بولماقتۇر. يەنى، ئۆز نەفسانىي […]

  • ئىخلاسنى بۇزىدىغان ۋە رىياكارلىققا ئۈندەيدىغان نۇرغۇن سەۋەبلەر

    ئىخلاسنى بۇزىدىغان ۋە رىياكارلىققا ئۈندەيدىغان نۇرغۇن سەۋەبلەر

      ئەمدى ئىخلاسنى بۇزىدىغان ۋە رىياكارلىققا ئۈندەيدىغان نۇرغۇن سەۋەبلەردىن ئىككى–ئۈچىنى قىسقىچە بايان قىلىمىز:   بىرىنچىسى: ماددى مەنپەئەت جەھەتتىن كەلگەن رىقابەت ئاستا–ئاستا ئىخلاسنى بۇزىدۇ ۋە خىزمەت نەتىجىسىنىمۇ زېدىلەيدۇ، ھەمدە ئۇ ماددى مەنپەئەتنىمۇ قاچۇرىدۇ. شۇنداق، ھەقىقەت ۋە ئاخىرەت يولىدا تىرىشقانلارغا قارىتا بۇ خەلق دائىما بىر خىل ھۆرمەت ۋە ياردەم قىلىش پىكرىدە بولۇشقاندۇر. شۇنداقلا ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ […]

  • …ئاجىزلار ئىتتىپاققا مۇھتاج بولغانلىقى ئۈچۈن قۇۋۋەتلىك ئىتتىپاقلىشىدۇ

    …ئاجىزلار ئىتتىپاققا مۇھتاج بولغانلىقى ئۈچۈن قۇۋۋەتلىك ئىتتىپاقلىشىدۇ

    بەشىنچى سەۋەب:   ھىدايەت ئەھلىنىڭ ئىختىلاپ ۋە ئىتتىپاقسىزلىقى ئۇلارنىڭ ئاجىزلىقىدىن بولمىغىنىدەك، ئازغۇنلارنىڭ قۇۋۋەتلىك ئىتتىپاقلىقىمۇ ئۇلارنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن كەلگەن ئەمەستۇر. بەلكى ھىدايەت ئەھلىنىڭ ئىتتىپاقسىزلىقى كامىل ئىماندىن كەلگەن تايانچ كۈچتىن ۋە ئۇ تايانچ كۈچتىن كېلىپ چىققان قۇۋۋەتتىن كەلگەنلىكىدەك؛ ئەھلى غەپلەت ۋە ئەھلى زالالەتنىڭ ئىتتىپاقلىرى قەلبتە تايانچ نۇقتا تاپالماسلىق نەتىجىسىدىكى زەئىپلىك ۋە ئاجىزلىقلىرىدىن كەلگەندۇر. چۈنكى ئاجىزلار ئىتتىپاققا مۇھتاج بولغانلىقى ئۈچۈن قۇۋۋەتلىك […]

  • ئەلھۇببۇ فىللاھ-(ﷲ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈش) سىرى

    ئەلھۇببۇ فىللاھ-(ﷲ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈش) سىرى

    تۆتىنچى سەۋەب:   ئەھلى ھىدايەتنىڭ رىقابەتكارانە ئىختىلاپلىشىشى، ئاقىۋەتنى ئويلىماسلىقتىن ۋە نەزەر دائىرىسىنىڭ تارلىقىدىن بولمىغىنىغا ئوخشاش، ئازغۇنلارنىڭ سەمىمى ئىتتىپاقلىشىشىمۇ ئاقىۋەتنى ئويلىغانلىقتىن ۋە نەزەرلىرىنىڭ يۈكسەكلىكىدىن ئەمەستۇر.   بەلكى ئەھلى ھىدايەت ھەق ۋە ھەقىقەتنىڭ تەسىرى بىلەن نەفسنىڭ كور ھېسسىياتىغا باغلىنىپ قالماي، قەلىپ ۋە ئەقىلنىڭ يىراقنى كۆرىدىغان مايىللىقلىرىغا ئەگىشىش بىلەن بىللە، ئىستىقامەتنى ۋە ئىخلاسنى ساقلىيالمىغانلىقتىن ئۇ يۈكسەك مەرتىۋىنى مۇھاپىزەت قىلالماي ئىختىلاپقا […]

  • ئەھلى ھىدايەتنىڭ ئۆز-ئارا ئىختىلاپلىشىشىنى قانداق چۈشىنىمىز؟

    ئەھلى ھىدايەتنىڭ ئۆز-ئارا ئىختىلاپلىشىشىنى قانداق چۈشىنىمىز؟

    ئىككىنچى سەۋەب:   ئەھلى زالالەتنىڭ ئىتتىپاقلىشىشى ئۇلارنىڭ پەسلىكىدىندۇر، ئەھلى ھىدايەتنىڭ ئىختىلاپلىشىش ئۇلارنىڭ ئىززىتىدىندۇر. يەنى ئەھلى غەپلەت بولغان ئەھلى دۇنيا ۋە ئەھلى زالالەت ھەق ۋە ھەقىقەتكە تايانمىغانلىقى ئۈچۈن پەس ۋە ئاجىزدۇر. پەس بولغانلىقتىن قۇۋۋەت تېپىشقا مۇھتاجدۇر. بۇ ئېھتىياج تۈپەيلىدىن باشقىلارنىڭ ياردىمىگە ۋە ئۇلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىشقا سەمىمى ئىنتىلىدۇ. ھەتتا تۇتقان يولى ئازغۇنلۇق بولسىمۇ ئىتتىپاقلىقنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ. گويا ئۇ ھەقسىزلىكتە بىر […]

  • ھەقىقەت ئەھلىنىڭ ئىختىلاپى نامەرتلىك ۋە ھامىيەتسىزلىكلىرىدىن ئەمەس

    ھەقىقەت ئەھلىنىڭ ئىختىلاپى نامەرتلىك ۋە ھامىيەتسىزلىكلىرىدىن ئەمەس

    ئالتىنچى سەۋەب:   ھەقىقەت ئەھلىنىڭ ئىختىلاپى نامەرتلىك ۋە ھامىيەتسىزلىكلىرىدىن بولمىغىنىدەك، غاپىل ئەھلى دۇنيا ۋە ئەھلى زالالەتنىڭ دۇنياۋى ھاياتقا ئائىت ئىشلاردا سەمىمى ئىتتىپاقلىشىشىمۇ ئۇلارنىڭ مەرتلىكىدىن، غەيرەتلىك ۋە ھامىيەتلىك بولغىنىدىن ئەمەستۇر. بەلكى ئەھلى ھەق كۆپىنچە ئاخىرەتكە ئائىت بولغان مەنپەئەتلەرنى ئويلاش بىلەن ئۇلارنىڭ ئۇ ئەھمىيەتلىك ۋە كۆپ مەسىلىلەرگە بولغان ھامىيىتى ۋە مەرتلىكى بۆلىنىپ كېتىدۇ. ھەقىقىي دەسمايە بولغان ۋاقتىنى بىر مەسىلىگە […]