Kategori: لەۋھالار

  • «سېنى ئىسكەنجىگە ئالغان بۇ بىدئەتچى ۋە قىسمەن مۇناپىق بولغان باشتىكى ئىنسانلار تۇتقان سىياسەتكە قانداق قاراۋاتىسەنكى، ئۇنىڭ بىلەن كارىڭ بولمايۋاتىدۇ؟»

    «سېنى ئىسكەنجىگە ئالغان بۇ بىدئەتچى ۋە قىسمەن مۇناپىق بولغان باشتىكى ئىنسانلار تۇتقان سىياسەتكە قانداق قاراۋاتىسەنكى، ئۇنىڭ بىلەن كارىڭ بولمايۋاتىدۇ؟»

      قىزىقتۇرىدىغان ئىككىنچى سوئال: بۇ ئىككى ئايدىن بېرى ھاياجانلىق بىر سىياسىي ۋەزىيەت قارشىسىدا، قۇۋۋەتلىك بىر ئېھتىمال بىلەن ماڭا ھەم ئالاقىدار بولغان كۆپلىگەن قېرىنداشلىرىمغا سۆيۈنچ بېرىدىغان بىر تەشەببۇستا بولىشىم لازىم تۇرسىمۇ، ئۇ ۋەزىيەتكە ھېچ ئەھمىيەت بەرمەستىن، ئەكسىچە مېنى ئەزگەن ئەھلى دۇنيانىڭ تەرىپىدە تۇرىدىغان بىر پىكىردە بولدۇم. بەزى زاتلار بەكمۇ چوڭ ھەيرانلىق ئىچىدە قېلىشتى. دېيىشتىكى: «سېنى ئىسكەنجىگە […]

  • ئىقتىسادچىللىق ۋە قانائەت ھەققىدە

    ئىقتىسادچىللىق ۋە قانائەت ھەققىدە

    ئون توققۇزىنچى لەمئا (ئىقتىسادچىللىق ۋە قانائەت، ئىسراپچىلىق ۋە بۇزۇپ–چېچىشقا دائىردۇر.) بِسْمِ اللّهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيمِ ﴿كُلُوا وَ اشْرَبُوا وَ لاَ تُسْرِفُوا﴾ (ئەئراف:31) شۇ ئايەتى كەرىمە ئىقتىسادچىللىققا قەتئىي ئەمىر ۋە ئىسراپتىن قەتئىي چەكلەش سۈرىتىدە غايەت مۇھىم بىر ھىكمەت دەرسى بېرىدۇ. شۇ مەسلىدە «يەتتە نۇقتا» بار.   بىرىنچى نۇقتا: خالىقى رەھىم (رەھىملىك ياراتقۇچى) ئىنسانىيەتكە بەرگەن نىمەتلەرگە قارىتا شۈكۈر […]

  • نېمىشقا دوستلىرىڭغا ئېھتىياتنى تەۋسىيە قىلىسەن؟ بەكمۇ نۇرلۇق رىسالىلەرنىڭ خەلقلەرگە كۆرسىتىلىشىنى توسىسەن؟

    نېمىشقا دوستلىرىڭغا ئېھتىياتنى تەۋسىيە قىلىسەن؟ بەكمۇ نۇرلۇق رىسالىلەرنىڭ خەلقلەرگە كۆرسىتىلىشىنى توسىسەن؟

      قىزىقتۇرىدىغان تۆتىنچى سوئال: دېيىلىۋاتىدۇكى: مادەم سىلەرنىڭ قولۇڭلاردىكى نۇردۇر، توقماق ئەمەس؛ نۇرغا قارشى چىقىلمايدۇ، نۇردىن قېچىلمايدۇ ۋە نۇرنىڭ كۆرسىتىلىشىدىن زىيان كەلمەيدۇ. نېمىشقا دوستلىرىڭغا ئېھتىياتنى تەۋسىيە قىلىسەن؟ بەكمۇ نۇرلۇق رىسالىلەرنىڭ خەلقلەرگە كۆرسىتىلىشىنى توسىسەن؟   بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنىڭ قىسقىچە خۇلاسىسى شۇدۇركى: باش تەرەپتىكى باشلارنىڭ كۆپىنچىسى مەست، ئوقۇمايدۇ. ئوقىسىمۇ چۈشەنمەيدۇ. خاتا مەنە بېرىپ بىزگە چېقىلىدۇ. چېقىلماسلىقى ئۈچۈن ئەقلى […]

  • ئۈممىتىم ئىچىدە فىتنە-پاسات يامرىغان ۋاقىتتا، كىم مېنىڭ سۈننىتىمگەچىڭ ئېسلىسا، يۈز شېھىدنىڭ ئەجرىنى، ساۋابىنى تاپىدۇ»، قانداق چۈشىنىمىز؟»

    ئۈممىتىم ئىچىدە فىتنە-پاسات يامرىغان ۋاقىتتا، كىم مېنىڭ سۈننىتىمگەچىڭ ئېسلىسا، يۈز شېھىدنىڭ ئەجرىنى، ساۋابىنى تاپىدۇ»، قانداق چۈشىنىمىز؟»

      بىرىنچى نۇكتە: رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام دېگەنكى: مَنْ تَمَسَّكَ بِسُنَّتِى عِنْدَ فَسَادِ اُمَّتِى فَلَهُ اَجْرُ مِاَةِ شَهِيدٍ يەنى: «ئۈممىتىم ئىچىدە فىتنە–پاسات يامرىغان ۋاقىتتا، كىم مېنىڭ سۈننىتىمگەچىڭ ئېسلىسا، يۈز شېھىدنىڭ ئەجرىنى، ساۋابىنى تاپىدۇ.» سۈننەتى سەنىييەگە ئەگىشىش شۈبھىسىزكى غايەت ئەھمىيەتلىكتۇر. خۇسۇسەن، بىدئەتلەرنىڭ ئىستېلاسى زامانىدا سۈننەتى سەنىييەگە ئەگىشىش تېخىمۇ مۇھىمدۇر. خۇسۇسەن، فەسادى(بۇزغۇنچىلىق) ئۈممەت زامانىدا سۈننەتى سەنىييەنىڭ كىچىك […]

  • ئەڭ پارلاق، ئەڭ ھەشەمەتلىك، ئەڭ لاتاپەتلىك، ئەڭ ئىشەنچلىك بولغىنى سۈننەتى سەنىييەگە ئەگىشىش بولامدۇ؟

    ئەڭ پارلاق، ئەڭ ھەشەمەتلىك، ئەڭ لاتاپەتلىك، ئەڭ ئىشەنچلىك بولغىنى سۈننەتى سەنىييەگە ئەگىشىش بولامدۇ؟

      ئىككىنچى نۇكتە: ئىمامى رەببانى ئەھمەدى فارۇقى(ر.ئە) دېگەنكى: «مەن رۇھانى ساياھىتىمدە مەرتىبىلەر بۆسۈۋاتقاندا، ئەۋلىيالار تەبىقىسى ئىچىدە ئەڭ پارلاق، ئەڭ ھەشەمەتلىك، ئەڭ لاتاپەتلىك، ئەڭ ئىشەنچلىك بولغىنى سۈننەتى سەنىييەگە ئەگىشىشنى ئۆزىنىڭ تەرىقەت ئاساسى قىلغانلار ئىكەنلىكىنى كۆردۈم. ھەتتا ئۇ تەبىقىنىڭ ئەڭ ئاددى ئەۋلىيالىرى باشقا تەبىقىنىڭ ئەڭ خاس ئەۋلىيالىرىدىنمۇ بەكرەك ھەيۋەتلىك كۆرۈندى». مۇجەددىدى ئەلفىسانى ئىمامى رەببانى(ر.ئە) ھەق سۆزلەيدۇ، سۈننەتى […]

  • ئۆلۈم بىلەن باغلىنىشتىن ۋە ﴿اَلْمَوْتُ حَقٌّ﴾(ئۆلۈم ھەق) ھۆكۈمىنى تەستىق قىلىش-سۈننەت يولى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

    ئۆلۈم بىلەن باغلىنىشتىن ۋە ﴿اَلْمَوْتُ حَقٌّ﴾(ئۆلۈم ھەق) ھۆكۈمىنى تەستىق قىلىش-سۈننەت يولى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

      تۆتىنچى نۇكتە: بىر چاغلار ئۆلۈم بىلەن باغلىنىشتىن ۋە ﴿اَلْمَوْتُ حَقٌّ﴾(ئۆلۈم ھەق) ھۆكۈمىنى تەستىق قىلىشتىن ۋە ئالەمنىڭ زاۋالى ۋە يوقىلىشىدىن كەلگەن بىر روھىي ھالەتتىن ئۆزۈمنى ئاجايىپ بىر ئالەمدە كۆردۈم. ئۆزۈمنى بىر مۇردا(ئۆلۈك) ھالىتىدە ئۈچ ئالاھىدە چوڭ مىيىتنىڭ بېشىدا تۇرغاندەك ھېس قىلدىم.   بىرىسى: مېنىڭ ھاياتىم بىلەن ئالاقىدار ۋە ئۆتكەن زامان قەبرىسىگە كىرگەن بارلىق جانلىق مەخلۇقاتنىڭ […]

  • سۈننەت يولى- شەپقەت يولى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

    سۈننەت يولى- شەپقەت يولى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

      سەككىزىنچى نۇكتە: ﴿فَاِنْ تَوَلَّوْا فَقُلْ حَسْبِىَ اللّٰهُ﴾ دىن ئاۋۋالقى بولغان ﴿لَقَدْ جَاءَكُمْ رَسُولٌ﴾ (ئاخىرىغىچە) ئايىتى، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ ئۈممىتىگە قارىتا يۈكسەك شەپقەت ۋە ئالى ھېسداشلىقىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن، شۇ ﴿فَاِنْ تَوَلَّوْا﴾ ئايىتى بىلەن دەيدۇكى: «ئەي ئىنسانلار! ئەي مۇسۇلمانلار! مۇشۇنداق ھېسابسىز شەپقىتى بىلەن سىلەرنى ئىرشاد قىلغان، سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلار ئۈچۈن پۈتۈن قۇۋۋىتىنى سەرپ قىلغان ۋە مەنىۋى […]

  • ئۆلۈم دېگەن نىمە؟

    ئۆلۈم دېگەن نىمە؟

    ئۆلۈم دېگەن نىمە؟   ئۆلۈم بىر ئەمرى ئىتىبارىيدۇر. زاھىر جەھەتتىن ۋۇجۇدى كۆرۈنمەيدۇ، ئەمما ھەقىقەتتە ئەڭ كۈچلۈك ۋۇجۇت ساھىبىدۇر. مەنىۋى ئالەمدە ئۆلۈم، بىر ئارسىلان–شىر ۋەياكى بىر قوچقار شەكلىدىدۇر. پۈتۈن ئىنسانلارنى، پۈتۈن جىنلارنى، پۈتۈن زىھايات(جانلىقلار)نى، ھەتتا پۈتۈن ئالەمدىكى مەۋجۇداتلارنى، ئەجىلى كەلگەندە يەرگە يىقىتىپ ئۆلتۈرىدۇ. شۇنداق بولغاندا، ئۆلۈم باشتا ئىنسان ئاندىن پۈتۈن زىھاياتلارنى مەغلۇپ قىلىدىغان بىر كۈچتۇر. ھېچ […]

  • !ئاخىر زامان پىتنىسىدە يالىڭاچ ئاياللارنىڭ رولى

    !ئاخىر زامان پىتنىسىدە يالىڭاچ ئاياللارنىڭ رولى

    ئاخىر زامان پىتنىسىدە يالىڭاچ ئاياللارنىڭ رولى!   (تۇساتتىن ئەسكەرتىلگەن بىر مۇھىم مەسىلە) ئۇشتۇمتۇت قەلىبگە ئىلھام قىلىنغان ئەھمىيەتلىك بىر مەسىلىدۇر.   (ئاخىر زاماننىڭ پىتنىسىدە، ئەڭ دەھشەتلىك رول ئوينايدىغان– نىسا تائىپىىسى–ئاياللار قاتلىمى ۋە ئۇلارنىڭ پىتنىسى ئىكەنلىكىنى ھەدىسنىڭ رىۋايىتىدىن چۈشىنىشكە بولىدۇ.)   ئۇ رىۋايەتلەرنىڭ بىرى شۇدۇر: ئوسامە بىن زەيىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەبى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شۇنداق بۇيرىغانلىقى رىۋايەت […]

  • ئىبادەتنىڭ ئەھمىيتى ھەققىدە

    ئىبادەتنىڭ ئەھمىيتى ھەققىدە

    بۇ قەدەر ئاجىز ۋە زەئىپ، پېقىر ۋە موھتاج بولغان ئىنسان روھى ئۈچۈن تەۋھىد، تەسلىم تەۋەككۈل ۋە  ئىبادەتنىڭ نە قەدەر چوڭ بىر پايدا ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشنى خالامسىز؟ ئاخىرەت سائادىتىدەكلا، دۇنيا سائادىتىمۇ ئىبادەتتە ۋە اﷲقا ئەسكەر بولۇشتىدۇر. ئۈچىنچى سۆز بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ * يَا اَيُّهَا النَّاسُ اعْبُدُوا ( ئى ئىنسانلار!… ئىبادەت قىلىڭلار.سۇرە بەقەرە:21)   ئىبادەتنىڭ نەقەدەر بۈيۈك بىر تىجارەت ۋە […]