بىز ھەققىدە

بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ

بِاسْمِهِ سُبْحَانَهُ وَاِنْ مِنْ شَيْءٍ اِلاَّ يُسَبِّحُ بِحَمْدِهِ

اَلسَّلاَمُ عَلَيْكُمْ وَ رَحْمَةُ اللّٰهِ وَ بَرَكَاتُهُ اَبَدًا دَائِمًا

ئەزىز تورداشلار!

ئىنساننىڭ ئەڭ يۈكسەك غايىسىنىڭ نېمە بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، ئەڭ ئاۋۋال بىزنى ياراتقان زاتنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزىنى ئاڭلىشىمىز لازىم.

وَمَا خَلَقْتُ الْجِنَّ وَالْاِنْسَ اِلَّا لِيَعْبُدُونِ > زارىيات سۈرىسى ،56-ئايەت >

تەرجىمىسى: « جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم . »

بۇ ئايەتتىكى «لِيَعْبُدُونِ» كەلىمىسى نوقۇل ھالدا تار دائىرىدىكى فىزىكىلىق ئىبادەت قىلىشنى كۆرسەتمەي، بەلكى كەڭ مەنىدىكى «قۇلچىلىق قىلىش» مەنىسىنى ئىپادە قىلىدىغان بولۇپ، ئىبنى ئابباس رەزىيەنلاھۇ ئەنھۇ بۇ تەبىرنى «مەرىفەت» يەنى، ئاللاھنى تونۇش دەپ تەپسىرلىگەن. يەنە بەزى ئالىملار بولسا، ئاللاھقا قەلب بىلەن باغلىنىش دەپ چۈشەنگەن. چۈنكى، ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىشنىڭ ئاساسى بولسا، ئەڭ ئاۋۋال ئاللاھقا ئىشىنىش، ئاندىن ئاللاھنى تونۇش ۋە ئۇنىڭغا مۇھەببەت باغلاشتۇر. قۇرئانى كەرىمدە كۆپ يەردە زىكىر قىلىنغان «ئىمان ئېيتقانلار ۋە سالىھ ئەمەل قىلغانلار» تەبىرىدە، ئىمان ئېيتىشنى شەرت قىلىپ بايان قىلىشىمۇ بۇ ھەقىقەتنى نامايەت قىلىپ بەرمەكتە. ئاللاھنى ھەقىقىي تونۇغان ئەلۋەتتە ئۇنى سۆيىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ھەقىقىي قۇلچىلىق قىلىشقا تىرىشىدۇ