ئىقتىسادچىل بولغان، تىرىكچىلىكتە ئائىلە بالاسىنى تارتمايدۇ، توغرىمۇ؟

  تۆتىنچى نۇقتا: «ئىقتىسادچىل بولغان، تىرىكچىلىكتە ئائىلە بالاسىنى تارتمايدۇمەنىسىدىكى لاَ يَعُولُ مَنِ اقْتَصَدَ ھەدىسى شەرىپىنىڭ سىرى بىلەن، ئىقتىسادچىل بولغان تىرىكچىلكتە ئائىلىسىنىڭ زەخمەت ۋە مۇشەققىتىنى كۆپ تارتمايدۇ. شۇنداق، ئىقتىسادچىللىقنىڭ بەرىكەتكە ۋە تىرىكچىلىكنىڭ ياخشى بولۇشىغا قەتئىي بىر سەۋەب ئىكەنلىكىگە ئۇ قەدەر قەتئىي دەلىللەر باركى، ھەددىھېسابى يوق.

  مەسىلەن: مەن ئۆز شەخسىمدە كۆرگەن ۋە ماڭا خىزمەت قىلغان ۋە ماڭا يولداش بولغان زاتلارنىڭ شاھادىتى بىلەن دەيمەنكى، ئىقتىسادچىللىق ۋاستىسى بىلەن بەزەن بىرگە ئون بەرىكەت كۆردۈم ۋە يولداشلىرىممۇ كۆردى. ھەتتا توققۇز يىل (ھازىر ئوتتۇز يىل) ئىلگىرى مەن بىلەن بىللە بۇردۇرغا (ناھىيە ئىسمى) سۈرگۈن قىلىنغان رەئىسلەردىن بىر قىسمى، پۇلسىزلىقتىن خورلۇق ۋە پەرىشانلىققا چۈشمەسلىكىم ئۈچۈن زاكاتلىرىنى ماڭا قوبۇل قىلغۇزۇشقا كۆپ تىرىشتى. ئۇ باي رەئىسلەرگە: «گەرچە پۇلۇم ئاز، ئەمما ئىقتىسادچىللىقىم بار؛ قانائەت بىلەن ياشاشقا كۆنگەنمەن، سىلەردىن تېخىمۇ بايمەن» دېدىم. تەكرارتەكرار ۋە جاھىللىق بىلەن قىلغان تەكلىپلىرىنى رەت قىلدىم. قىزىق يېرى شۇكى، ئىككى يىلدىن كېيىن ماڭا زاكاتلىرىنى تەكلىپ قىلغانلارنىڭ بىر قىسمى ئىسراپ يۈزسىدىن قەرزگە بوغۇلدى. ﷲقا شۈكۈرلەر بولسۇنكى، ئۇلاردىن يەتتە يىل كېيىن، مەندىكى ئۇ ئاز پۇل ئىقتىسادچىللىق بەرىكىتى بىلەن ماڭا يەتتى. مېنىڭ ئابرويىمنى تۆكتۈرمىدى. مېنى خەلقلەرگە ھاجەتمەن بولۇشقا مەجبۇر قىلمىدى. ھاياتىمنىڭ بىر دەستۇرى بولغان «ئىنسانلاردىن ئىستىغنا» (باشقىلاردىن ھەدىيە ئالماسلىق) مەسلىكىمنى بۇزمىدى.

  شۇنداق، ئىقتىسادچىل بولمىغان ئادەم، خورلۇق ۋە مەنىۋى تىلەمچىلىككە ۋە پەرىشانلىققا چۈشۈشكە نامزاتتۇر. بۇ زاماندا ئىسراپخورلۇققا سەۋەب بولىدىغان پۇل ناھايىتى قىممەتتۇر. قارشىسىدا بەزىدە شەرەپ، ئىززەت پارا ئېلىنىدۇ. بەزەن دىننىڭ مۇقەددەسلىكلىرى بەدەل تۆلىنىدۇ. ئاندىن ئىپلاس بىر پۇل بېرىلىدۇ. دېمەك، مەنىۋى يۈز سوملۇق زىيان بىلەن ماددى بىر سوملۇق مال ئېلىنىدۇ. ئەگەر ئىقتىساد قىلىپ زۆرۈرى ھاجەتلىرى ئۈچۈن سەرپ قىلسا ﴿اِنَّ اللّهَ هُوَ الرَّزَّاقُ ذُو الْقُوَّةِ الْمَتِينُ(زارىيات:58) سىرى بىلەنمۇ ﴿وَمَا مِنْ دَابَّةٍ فِى اْلاَرْضِ اِلاَّ عَلَى اللّهِ ِزْقُهَ(ھۇد:6) نىڭ ئېنىق ھۆكۈمى بىلەن ئويلاپ باقمىغان شەكىلدە ياشىغۇدەك رىزقىنى تاپىدۇ. چۈنكى شۇ ئايەت ۋەدە بېرىۋاتىدۇ.

  شۇنداق، رىزىق ئىككىدۇر. بىرى، ھەقىقىي رىزىقتۇركى، ئۇنىڭ بىلەن ياشايدۇ. بۇ ئايەتنىڭ ھۆكمى بىلەن ئۇ رىزىق ﷲنىڭ ۋەدىسى ئاستىدىدۇر. ئىنسانلارنىڭ سۈئى ئىختىيارى ئارىلاشمىسا، ئۇ زۆرۈرى رىزىقنى چوقۇم تاپالايدۇ. نە دىنىنى، نە نۇمۇسىنى، نە ئىززىتىنى پىدا قىلىشقا مەجبۇر بولمايدۇ. ئىككىنچىسى، مەجازى (ھەقىقى بولمىغان) رىزىقتۇركى، غەيرى زۆرۈرى ھاجەتلەر زۆرۈرى ھاجەتلەر ھۆكمىگە ئۆتۈپ، ئادەت بالاسى بىلەن خۇمار بولۇپ تاشلىيالمايدۇ. مانا بۇ رىزىق ﷲنىڭ ۋەدىسى ئاستىدا بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ رىزىقنى قازىنىش، خۇسۇسەن بۇ زاماندا ناھايىتى قىممەتتۇر. باشتا ئىززىتىنى پىدا قىلىپ، خورلۇقنى قوبۇل قىلىش، بەزەن پەس ئىنسانلارنىڭ پۇتىنى سۆيۈش قەدەر مەنىۋى بىر تىلەمچىلىك ۋەزىيتىگە چۈشۈش، بەزەن ئەبەدىي ھاياتنىڭ نۇرى بولغان دىنىنىڭ مۇقەددەسلىكلىرىنى پىدا قىلىش سۈرىتى بىلەن ئۇ بەرىكەتسىز، ئىپلاس مالنى ئالىدۇ.

  ھەم بۇ پېقىرلىق ۋە مۇھتاجلىق زامانىدا، ئاچ ۋە مۇھتاج بولغانلارنىڭ ئەلەملىرىدىن ۋىجدان ئەھلىگە ئىنسانلارغا ئىچ ئاغرىتىش سەۋەبىدىن كەلگەن ئەلەملەر، ئۇ ھارام بىر سۈرەتتە قازانغان پۇل بىلەن ئالغان لەززەتنى، ۋىجدانى بولسا ئاچچىقلاشتۇرىدۇ. مۇشۇنداق ئاجايىپ بىر زاماندا، شۈبھىلىك ماللاردا زۆرۈرىيەت دەرىجىسىدە قانائەت قىلىش لازىمدۇر. چۈنكى اِنَّ الضَّرُورَةَ تُقَدَّرُ بِقَدْرِهَا سىرى بىلەن، ھارام مالدىن، مەجبۇرىيەت بىلەن زۆرۈرىيەت دەرىجىسىدە ئالالايدۇ، ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئالالمايدۇ. مۇزتار (مەجبۇر ھالەتتە قالغان) ئادەم ھارام گۆشتىن تويغىچە يېيەلمەيدۇ. بەلكى جان ساقلىغۇدەك يېسە بولىدۇ. ھەمدە ئاچ ھالەتتىكى يۈز ئادەمنىڭ ئالدىدا ھۇزۇر بىلەن كۆپ يېيىلمەيدۇ.

  ئىقتىسادچىللىقنىڭ ئىززەت ۋە كامالغا سەۋەب بولىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدىغان بىر ۋەقە:

  بىر زامان، دۇنيادا ساخاۋەتتە مەشھۇر بولغان ھاتەم تائى مۇھىم بىر زىياپەت بېرىپتۇ. مېھمانلىرىغا ناھايىتى كۆپ ھەدىيەلەرنى بېرىپ، ئۆزى چۆلگە سەيلىگە چىقىپتۇ. يولدا بىر كەمبەغەل بوۋاينىڭ بىر يۈدە تىكەنلىك شوخىنى يۈدىۋالغانلىقىنى ۋە تىكەنلەر بەدەنلىرىگە پېتىپ قانىتىۋەتكەنلىكىنى كۆرۈپتۇ. ھاتەم ئۇنىڭغا: «ھاتەم تائى ھەدىيەلەر بىلەن بىللە چوڭ بىر زىياپەت بېرىۋاتىدۇ. سەنمۇ ئۇ يەرگە بار، ئەللىك تىيىنلىق ئوتۇنۇڭنىڭ ئورنىغا ئەللىك سوم ئالىسەن» دەپتۇ. ئۇ ئىقتىسادچىل بوۋاي: «مەن بۇ تىكەنلىك يۈكۈمنى ئىززىتىم بىلەن كۆتۈرىمەن، ھاتەم تائىنىڭ مىننىتىنى ئالمايمەن» دەپتۇ. كېيىن باشقىلار ھاتەم تائىدىن: «سەن ئۆزۈڭدىن تېخىمۇ مەرد، تېخىمۇ ئەزىز كىمنى كۆردۈڭ؟» دەپ سورىغاندا، ئۇ: «ھېلىقى سەھرادا ئۇچراتقان ئۇ ئىقتىسادچىل بوۋاينى مەندىن تېخىمۇ ئەزىز، تېخىمۇ يۈكسەك، تېخىمۇ مەرد كۆردۈم» دەپتۇ.

579قېتىم كۆرۈلدى

Bir Cevap Yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak. Gerekli alanlar * ile işaretlenmişlerdir